بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ
ھايا نۇرى پارلىسا ،ھەر بېقىشتا يۈزىدىن ،
ساداقەتتىن باشقىسى ،كۈرۈنمىسە كۈزىدىن ،
سايىم بولسام مەيلىتى،چىقماس ئىدىم سۈزىدىن ،
شۇنداق قىزنى سۈيەتتىم ،بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ ؟
ئىللىق گەپ سۆز ھەركىتى ،ياقسا كىشنىڭ قەلبىگە ،
ئالدامچىنىڭ قەلبىمۇ ،كەلسە ئۇندىن لەرزىگە ،
شۇنداق قىزلار تەڭ ئەمەس ،مەن ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ،
ئۆل دىسىمۇ ئۆلەتتىم ،لېكىن شۇنداق قىز بارمۇ ؟
ئىلمى گەپ سۆز ھەركەتتە ،ئۇتالىسا كۈڭۆلنى ،
شەيتان گىرە سالغاندا ،تۇتالىسا كۆڭۈلنى ،
چىن ساداقەت سۆيگۈدە يۇتالىسا كۆڭۈلنى ،
ئاڭا گۈللەر تىرەتتىم ،ئەپسۇس ،شۇنداق قىز بارمۇ ؟
بولسا ئەگەر دىلىدا ئانچە مۇنچە ئىمانى ،
مىللەت ئەخلاق ئالدىدا ،يۈرىكىدە پىغانى ،
سۆيگۈنىنىڭ ئالدىدا ،تىك تۇرغۇدەك ۋىجدانى ،
قۇلىغا سۇ بىرەتتىم ،ئەمما شۇنداق قىز بارمۇ ؟
گەر جىسمىغا شاللاقلىق ،چۈمپەردىسى ئارتمىسا ،
خۇلقى ئەركە نايناقلىق ،غىلجىڭلىقنى تارتمىسا ،
گېزى كەلسە ئۆلسىمۇ ،ئىپپىتىنى ساتمىسا
ئاڭا كۆڭۈل بىرەتتىم ،ھەي……شۇنداق قىز بارمۇ ؟
كۆڭۈل خۇشى تاپمىسا ،تانسا-پانسا ،چايلاردىن ،
تارتالىسا مىھرىنىى ،سىمىز گەدەن بايلاردىن ،
ئەڭ شاللاە ۋە تېتىقسىز ، مۇزىكىلىق جايلاردىن ،
ئاھ ئىشقىدا كۈيۈتتىم ،تاڭەي بىزدە قىز بارمۇ ؟!
مەن سۇنغان چىن سۆيگۈدىن ئۇنىڭ دىلى سۈيۈنسە،
مىللەت ئۈچۈن تەر تۆكسەم ،ئاڭا گۈلدەك كۈرۈنسە ،
جىمى ئىسپات ئەمەللەر ،ئىسلام ئۈچۈن تۆلەنسە ،
ھەي! ئەمرىمگە ئالاتتىم ،ئىسىت شۇنداق قىز بارمۇ ؟
ياشلىقىمدا تېخى بىر يېزىلماستا گۇناھىم ،
بىر ياخشى قىز تاپماقچى مىنىڭ سۆيگۈ دۇنيارىم ،
ئوڭلۇق قىزدىن بىرىنى ماڭا بەرسە خۇدايىم ،
ئۆمۈرلۈككە يۈرەتتىم ،ئەمدى-شۇنداق قىز بارمۇ ؟
پات ئارىدا ھاياتىم 23 كە يەتمەكچى ،
چىقىپ قالسا ياخشى مەڭگۈ بىرگە ئۆتمەكچى ،
زەرەپشاندىن شۇ قىزنى سەۋەپ بىلەن تاپماقچى ،
ماڭا لايىق كەلگۈدەك ئۇيغۇردا ھە قىز بارمۇ ؟
بۇ شئىر تور تەخەللۇسى قۇملۇق بۆرىسى توردىشىمنىڭ ئەسىرى ئىكەن مەن
بەك ياقتۇردۇم شۇڭا يوللىدىم ئەسلى ئاپتورنىڭ ۋە باشقا تورداشلارنىڭ
مىنى خاتا چۇشەنمەسلىكىنى ئوموت قىلىمەن.
مەن جېنىمنى تاپتىم،بەك بەخىتلىكمەن!
بۇنداق قىز بار ، ئەمما كۆرىدىغان كۆز ۋە قەلىب ئىگىلىرى ئۈچۈن ……
ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن. مۇشۇنداق تىمىلاردىن مۇنبەرگىمۇ يوللاپ تۇرۇڭ.
بولىدۇ ، يوللاپ تۇرىمەن!
مەزمۇنلۇق ساز شىئىر ئىكەن…..