بالزاك

ۋاقتى 2012-03-02 02:47 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 1 قېتىم

فرانسىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەدەبىيات يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان بالزاكنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك. 1799-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى پارىژغا يېقىن تۇر شەھرىدە تۇغۇلغان بۇ فرانسىيەلىك يازغۇچى 1850-يىلى، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان.ھاياتىدا يازغۇچىلىق، دىرامماتورگلۇق، مۇخبىرلىق، باسمىچىلىق ۋە ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بالزاك فرانسىيە ئەدەبىياتىدا ئەڭ كۆپ رومان يازغان، ئەڭ مول-ھوسۇللۇق بىر يازغۇچى ھېساپلىنىدۇ. بارلىق رومانلىرى جەمئى 91 پارچە بولۇپ، ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نامىدا تونۇلغان.

سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي، تىنماي ئىشلەيدىغان بالزاك، سالغان مەبلەغلىرىدىن گەدەنگىچە قەرزگە بوغۇلۇپ، قەرز ئالغان ئادەملىرىدىن شەھەرمۇ-شەھەر ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن قېچىپ، نۇرغۇن ئاياللار بىلەن ئارىلىشىپ، ئاخىرى 1850-يىلى گراف ھانىسكا بىلەن توي قىلغان.

پارىژدا بالزاكنىڭ ھۆرمىتىگە قۇرۇلغان ”بالزاك ئۆيى“ مۇزىيخانىسىمۇ بار.

تەرجىمىھالى

بالزاك تۆت بالىلىق ئۆيدە بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، دادىسى بىر ساناتورىيەنىڭ مەمۇرى خادىمى ئىدى. بالىلارنىڭ ئىچىدە سىڭلىسى لور بىلەن مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يېقىن بولۇپ، لور ئۇنىڭ ئىجادى ھاياتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن. بالزاك ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، لور ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ ئېلان قىلغان.

1814-يىلىغا قەدەر، بالزاك تۇر ئەتراپىدىكى ياتاقلىق تولۇقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1815-يىلىدىن ئېتىبارەن، پارىژنىڭ مارە مەھەللىسىدىكى ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا ”شارلىمانىيە“گە ئوقۇشقا كىرگەن. بالزاكنىڭ دادىسى بەرنار فرانسوۋا بالسا پارىژدىكى بىر ھەربى مەكتەپنىڭ مەمۇرىيەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرىلىدۇ ۋە بالزاك ئائىلىسىپارىژغا كۆچۈپ كىرىپ، مارە مەھەللىسىدىكى ئىبادەتخانا كوچىسىغا ئورۇنلىشىدۇ.

1816-يىلى، 11-ئايدا، بالزاك سوربون ئۇنىۋېرسىتى قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. دادىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن، بۇ ئۈچ يىللىق تولۇق كۇرس ئوقۇشىنى ئوخشاش ۋاقىتتا بىر قانۇن مەسلىھەتچىلىكى كابىنتىدا پىراكتىكا بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

ياشلىقىدىكى ئەسەرلىرى 1822-1827

سوربوندا قانۇن ئوقۇۋاتقان بالزاك پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات دەرسىگىمۇ قاتنىشىدۇ. ۋە ئۆزىنىڭ قانۇندىن بەكرەك ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بالزاكنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى پارىژدا يېزىقچىلىقىغا قويۇپ، ئۆزلىرى ئىقتىسادى جەھەتتىن، پارىژنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرەلمىگەنلىكىدىن، پارىژ سىرتىغا كۆچۈپ كېتىدۇ.لېكىن تۇنجى يازغان شېئىرى تراگىدىيىسى ياخشى باھاغا ئېرىشمەيدۇ.

شۇندىن كىيىن، بالزاك رومانچىلىققا بېرىلىدۇ. باشتا يازغان ئىككى رومانى تازا ياخشى چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى تېزلا شۇ دەۋرگە ماس كېلىدىغان يېزىقچىلىققا ئوبدان كىرىشىدۇ ۋە بۇ چاغلاردا يوشۇرۇن ياكى ئەدەبى تەخەللۇس بىلەن خېلى كۆپ رومان ئېلان قىلىدۇ.

تارىخى رومانچى ۋالتىر سكاتنى ناھايىتى چوڭ بىلىدىغان بالزاك مەلۇم مەزگىل شۇ ئۇسلۇبتا ىرومانلار يازىدۇ. كىيىن بولسا، ياشلىقىدىكى يېزىقچىلىق ھاياتى ۋە يازغان رومانلىرىنى ئۆزى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ ۋە ”ئەدەبى ئەخلەت“ دەپ ئاتايدۇ. لېكىن كىيىنكى دەۋرلەردە، ”بالزاكنىڭ ياشلىقىدىكى ئەسەرلەر“ ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ ۋە ئۇنىڭ كىيىنكى مەزگىلدىكى ”ئىنسان كومىدىيىسى“ بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تۇنجى مەغلۇبىيەت ۋە تۇنجى غەلىبە

ياشلىقىدىكى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشى ناھايىتى تەسكە توختىغان بالزاكنى شۇ چاغلاردا بىردىبىر قوللىغان كىشى لور دۆ بەرنى ئىسىملىك، ئۆزىدىن 20 ياش چوڭ ئايال بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەم ئانىلىق ھەم ئاشنىلىق مۇھەببىتى بېرىدۇ. 1826-يىلى بىرلىشىپ ئىشلىگەن شېرىكلىرى تەرىپىدىن تاشلانغان بالزاك 16 مىڭ فرانكلىق قەرزگە بوغۇلىدۇ. بۇنىڭغا قارىماي، يەنە دەرھال باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، بىر ئەدەبى فوند قۇرىدۇ، لېكىن قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. قەرز 100 مىڭ فرانكغا يېتىدۇ.

بۇ ھالاكەتلەردىن كىيىن، بالزاك يەنە قايتىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشىدۇ. 1829-يىلى، ”توي پسخولوگىيىسى“ رومانى قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. غەلىبە ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ. بۇ پەقەت ئىشنىڭ بېشى ئىدى. بالزاك فرانسۇز ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مول-ھوسۇللۇق يازغۇچىنىڭ بىرىدۇر. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇ داڭلىق كىشىگە ئايلىنىدۇ.

رىئالىزىمچىلىقىغا قارىماي، كاستېرىس خانىشىنىڭ تەسىرى بىلەن، بالزاك شاھىزىمچى (پادىشاھلىق تۈزۈمچى)بولۇپ، 1832-يىلى، ”ئىسلاھاتچى“ ژورنىلىدا ئۆزىنىڭ شاھىزىمچى ۋە كاتولىكلىق ئىدىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئەسلىدىكى كۆز-قاراشلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، سىياسى ۋە دىندار بىر ئورگاننىڭ جەمىيەتتە ھۆكۈم سۈرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

1833-يىلى ئۇنىڭ ھەۋەسمەنلىرىدىن بولغان پولشالىق گراف خانىم ھانىسكا بىلەن تونۇشىدۇ ۋە 17 يىللىق چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ. كىيىن ئۇنىڭ ھانىسكاغا يازغان بارلىق خەتلىرى كىتاپ قىلىپ بېسىلىدۇ.

ئىنسان كومىدىيىسى

”گورىيو ئاتا“ رومانى شۈبھىسىزكى ”ئىنسان كومىدىيىسى“نىڭ ئاساسىنى سالغان ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. بۇ رومانغا كەلگەندە، بالزاك ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى تېپىۋالغان ئىدى. ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نىڭ بەدىئى ئالاھىدىلىكىدىن بىرى، پېرسوناژلارنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى ۋە ”ئارخىپقا رىقابەت“ ئېلان قىلىشتۇر. يەنى مۈمكىن قەدەر كۆپ پېرسوناژ يارىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ پۈتۈن ھايات تارىخىنى يېزىپ چىقىش ئىدى.

1837-يىلى، بارلىق ئەسەرلىرى يىغىلىپ، ”جەمىيەت تەتقىقاتلىرى“ دېگەن نامدا ئېلان قىلىنىدۇ ۋە 1841-يىلى، دانتېنىڭ ”ئىلاھى كومىدىيە“دىن ئىلھاملىنىپ، قايتىىدىن ”ئىنسان كومىدىيىسى“ نامىدا ئېلان قىلىدۇ.

بالزاك يەنە يازغۇچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ”19-ئەسىر يازغۇچىلىرىغا خەت“ ناملىق مەكتۇپىدا مۇنداق دەيدۇ: ”قانۇن يەرنى قوغدايدۇ، شەخسلەرنىڭ مۈلكىنى قوغدايدۇ. لېكىن تەپەككۈر قىلىدىغان شائىرنىڭ ئەسىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ“. 1838-يىلى، ۋىكتور ھىيوگو، ئالېكساندىر دىيۇما ۋە ژورژ سانلار بىلەن ”قەلەمكەشلەر جەمىيىتى“ نى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ئاپتورلارنىڭ ئەخلاقى ھوقۇقى، قانۇنى ۋە ئەسەر ھوقۇقى پايدىلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ.1839-يىلى جەمىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرى ۋە ئۆلۈمى

 

1847-يىلىدىن 1948-يىلىغا قەدەر، بالزاك ئوكرائىنادا، گراف ھانىسكانىڭ تۇرالغۇسىدا دەم ئالىدۇ. كېسەلدىن بارغانسېرى ئۆزىنى ئالالمايۋاتقان بالزاك، 1850-يىلى، گرافقا ئۆيلىنىدۇ ۋە ئەر-ئايال پارىژغا ئورۇنلىشىدۇ. ئۈچ ئايدىن كىيىن، 18-ئاۋغۇست، كېچە سائەت 11 يېرىمدا، قاتتىق ئىشلەش ۋە ھەددىدىن ئارتۇق قەھۋە ئىچىش بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى پارىژدىكى داڭلىق قەبرىستان ”ئورۇندۇق ئاتا (فرانسۇزچە پەخ لا شەز)“غا دەپنە قىلىنىدۇ.

يازغۇچىنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن، گراف ھانىسكا تېخى ئېلان قىلىنمىغان بىر قانچە رومانىنى ئېلان قىلدۇرىدۇ.

بالزاك ۋە ئاياللار

بالزاك ھاياتىدا نۇرغۇن ئاياللار بىلەن ئارىلاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، لور دۆ بەرنى ۋە مارى دۈ فرەسنىدىن باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاياللار بالزاكنى قوغلاشقان. بەزىلىرى ”ھەۋەس ۋە ماختاش“ شەكلىدىكى مەكتۇپلىرى بىلەن يېقىنلاشسا، يەنە بەزىلىرى توختىماي تەكلىپنامە ئەۋەتىش ئارقىلىق يازغۇچىنى ئۆزلىرىگە تارتقان.

بالزاك ”ئىنسان كومىدىيىسى“دىكى باش ئايال قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئارىلاشقان بۇ ئاياللاردىن ئالغان. بۇ ئاياللارنىڭ ئىچىدە يەنە بالزاك بىلەن دەۋرداش، داڭلىق ئايال يازغۇچى ژورژ سانمۇ بار ئىدى.

http://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%A8%D8%A7%D9%84%D8%B2%D8%A7%D9%83

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئەمدى 1 ئىنكاس چۈشۈپتۇ

  1. تەشنايى مۇنداق دىدى:

    بالزاكقا ئىنتايىن قايىلمەن. ئۇ توغرىسىدا تولۇقسىزدىكى تارىخى كىتاپتا قىسقىغىنە بىر ھىكايىنى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە. بۇ ئادەمنىڭ ھاياتى راستىنلا جاپالىق تىرىشىش بىلەن ئۆتۈپتىكەن.

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap