مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرىمىز

ۋاقتى 2012-01-24 11:23 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 1 قېتىم

مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى

مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1011-يىلى ئوپالدا تۇغۇلغان . دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن .
ئالىم 11- ئەسىرنىڭ80- يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن . ئوپالدا مەدرىسە مەھمۇدىيە ناملىق بىر مەدرىسىنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان . 96-97 يېشىدا ئوپالدا ۋاپات بولغان . ئالىمنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسىرى باغداتتا مىلادىيە 1072-يىلدىن 1074-يىلغىچە يېزىپ تاماملانغان . 1076-يىلى ئالىم ئۇنى قايتا تۈزىتىپ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ 27- خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان

يۈسۈپ خاس ھاجىپ

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى بولغان تالانتلىق ئالىم ، مۇتەپەككۇر ، ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1019-يىلى بالاساغۇندا تۇغۇلغان. ياش مەزگىللىرىدە قەشقەرگە كەلگەن ھەمدە كېيىنكى ئۆمرىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن . ئەدىب ئۆزىنىڭ قۇتادغۇ بىلىك ناملىق بەدىئىي قامۇسىنى ھىجىرىيە 462- يىلى ( مىلادىيە 1069-يىلى ) قەشقەردە يېزىپ ، ئۇنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان . قاراخانىيلار خانى بۇ ئەسەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇئەللىپكەخاس ھاجىپلىق ئۈنۋانى بېرىپ ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچى ھاكىمىيەت تايانچىسى قىلغان . ئەدىب مىلادىيە 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان

ئەلىشىرنەۋائى

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەخرى بولغان تالانتلىق ئەدىب ۋە پەيلاسوپ ئەلىشىر نەۋائى 1441-يىلى 9-فېۋرالدا ھېراتتا غىياسىدىن باخشى ئىسىملىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 12 يېشىدا دادىسىدىن يېتىم قالغان . 13 – 14 ياشلاردا ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان . 15 يېشىدىن باشلاپ شېئىرىيەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن . 1469-يىلى ھۈسەيىن بايقارا تەختكە چىققاندىن كېيىن ئوردا ئەمەلدارى ، ۋەزىر قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن . ئەمما يامان نىيەتلىك ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە ۋەزىرلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغان . 1501-يىلى 3-يانۋاردا ھېراتتا ۋاپات بولغان . ئەدىب ئۆز ھاياتىدا چاھار دىۋاندىۋانى فانى خەمسە ھەيرەتۇل فەرھاد – شېرىن سەددى ئىسكەندەر سىراجىل مۇسلىمىن لىسانۇتتەير ھەسبى ھالمەجالىسۇن نەفائىسمۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين مەھبۇبۇل قۇلۇپ نەسائىمۇل مۇھەببەت تارىخى ھۆكىما ۋە ئەنبىيا مۇنشەئات تارىخى مۈلكى ئەجەم ۋەففىيە مىزانۇل ئەۋزان مۇناجەتنامە تۆھفەتۇل ئەفكار ھالەتى سەئىد ھەسەن ئەردەشىر ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان .

فارابى

ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى ئەبۇ ناسىر مۇھەممەد ئىبىن ئۇزلۇق ئىبىن تارخان ئەل فارابى 870-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فاراب شەھىرىگە قاراشلىق ۋاسىچ ھەربى قەلئەسىدە بىر ھەربى قوماندان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، 950-يىلى سۈرىيەنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئۆز ھاياتىدا پەلسەپە، لوگىكا، گېئومېتېرىيە، ئاستىرونومىيە، فىزىكا، خىمىيە، تەبىئەت، سىياسەت، ئىجتىمائىيەت، جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، فىلولوگىيە، ھەربى ئىشلار، دىن، تەسەۋۋۇپ، ئىلاھىيەتشۇناسلىق، كاتىباتلىق، نۇتۇق، تىل، تىلشۇناسلىق، شېئېرىيەت، مۇزىكا، ئەخلاق، مېتودىكا، پەنلەرنى تۈرلەرگە ئايرىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 160پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ، ئىنسانىيەت مەنىۋىي كامالىتى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپە قوشقان. فارابى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى بۈيۈك نامايەندە بولۇپلا قالماستىن، پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈنمۇ بىر يورۇق يۇلتۇز. شۇڭا ئۇ پۈتۈن دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ، ئارىستوتىلدىن كېيىنكى «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ تەرىپلەنگەنھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئېنگېلىز، نېمىس، فىرانسۇز، رۇس، لاتىن، تۈرك، ياپون قاتارلىق كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. تەلىماتلىرى ئوتتورا ئەسىردە شەرق دۇنياسىنىڭ ئىلىم – پەن تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي ، بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىلىم – پەن تەرەققىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن. فارابى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ئەينى چاغدىكى سۈرىيە ھۆكۈمرانى سەيفەددەۋلە ئۆزى بىۋاستە ئوقۇغان.

سۇلتان سەئىدخان

    سۇلتان سەئىدخان 1490-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. 12ياش ۋاقتىدا شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى -ئاتىسى ئەھمەدخان بىلەن  ئۆزبېك شەيبانىخانغا قارشى جەڭگە قاتنىشىپ ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان. بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان سەئىدخاننى قويۇپ بېرىپ بەزى ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان، كېيىن سەئىدخان  شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان ۋە ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرۇپ مەھمۇدخاننىڭ قېشىدا تۇرسا چوڭ ئىش تەۋرەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىنى ئېلىپ كابۇلدىكى تاغىسى بابۇر شاھنىڭ يېنىغا كەتكەن. بابۇرخان سەئىدخاننى ئىززەت ئىكرام بىلەن كۈتىۋالغان ۋە زور قوشۇن بېرىپ ئۆزبېكلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن. سەئىدخان بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېيىن بابۇرخاندىن رۇخسەت ئېلىپ 4مىڭ 700كىشىلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا كېلىپ شۇ چاغدا تەكلىماكان ئەتراپىغا مۇستەبىت بولۇۋالغان مىرزا ئەبۇبەكرىگە جەڭ ئېلان قىلغان. سەئىدخان تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە خىزىرخان خوجىنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى شۇنداقلا ئەبۇبەكرى مىرزا خەلققە زۇلۇم سېلىپ ئاۋامنىڭ رايىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىن ئۈچۈن ئەسكەرلەر ئاساسەن ئۇرۇش قىلماي دىگۈدەك سەئىدخان تەرپكە ئۆتۈپ كەتكەن. يېڭىسار يەكەن، قەشقەردىكى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئادەملىرى قوۋۇقنى ئېچىپ سەئىدخاننى قارشى ئالغان. مىرزا ئەبۇبەكرى ئىشنىڭ چاتاقلىغىنى سېزىپ لاداقنىڭ يولى بىلەن قاچقان، سەئىدخاننىڭ ئادەملىرى ئارقىدىن قوغلاپ كېلىپ مىرزا ئەبۇبەكرىنى لاداقتا قەتلى قىلغان.

1514-يىلى سۇلتان سەئىدخان يەكەندە ئاق كىگىزدە ئولتۇرۇپ خانلىق تەختىگە چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. سەئىدىيە خانلىقى رەسمى قۇرۇلغان.    سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ خەزىنسىنى دۆلەتكە ئالدۇرۇپ ئوردىنى قامدىغان، ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ خەلقتىن 10يىلغىچە ئالۋاڭ ياساقنى كۆتۈرىۋەتكەن. ئەتراپتىكى تارقاق بەگلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ چېگرانى شەرقتە جايۈيگۇەنگىچە، غەرپتە بەدەخشانغىچە، شىمالدا يەتتە سۇ رايونىغىچە، جەنۇپتا قۇرۇم ۋە كۇئېنلۇن تاغلىرىغىچە كېڭەيتكەن ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان زىمىننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەتتە بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.  سۇلتان سەئىدخاننىڭ دانا سىياسىتى ۋە ئادىللىقى بىلەن يۇرت خاتىرجەم بولۇپ ئىگىلىك گۈللەنگەن.   

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap