بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى

ۋاقتى 2012-06-22 03:36 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 652 قېتىم

بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى=北京大学=Beijing University
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى- جوڭگۇ يېڭى مەدىنىيەت ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى
كىشىلەر ئەنگىلىيە مائارىپى تىلغا ئېلىنسىلا كامبىرىج ۋە ئوكىسفوردنى، ئامېرىكا مائارىپى تىلغا ئېلىنسا ھارۋاردنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندەك جۇڭگۇ ئالى مائارىپى تىلغا ئېلىنسىلا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ.

بېيجىڭ ئۇۋېرسىتىتى

بېيجىڭ شەھرى خەيدىيەن رايونىدا ئاجايىپ ئاۋات بىر جاي بار، ئۇ بولسىمۇ بېيجىڭ شەھرىنىڭ ئېلىكترون مەركىزى، داڭلىق ئېلىكترۇن سودا -سارايلىرى جايلاشقان ئورۇن جوڭگۇەنسۇن(中关村)، بۇ جاي ئۆزىنىڭ ئېلىكتىر تاۋارلىرى بىلەنلا ھەممىگە تونۇش بولۇپ قالماي، يەنە ئۆزىگە جايلاشقان ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭى مەدىنىيەت ھەرىكىتى ۋە 4-ماي ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى، ھازىرقى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان داڭلىق ئۇنۋېرسىت بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى بىلەنمۇ نام چىقارغان.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى دۆلەت باشقۇرۇشۇدىكى ئۇنۋېرسال ئۇنۋېرسىت بولۇپ ئىزچىل جۇڭگۇدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئون ئالى مەكتەپنىڭ بىرى ، شۇنداقلا دۇنيادىكى يۈز مەشھۇر ئالى مەكتەپنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتى دۆلەت ”211″قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ئورۇن. ئىجتىمائىي پەندە جوڭگۇ بويىچە بىرىنجى ئورۇندا. 2000-يىلى سابىق“بېيجىڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتى“ بىلەن بىرلەشكەن، ئىككى مەكتەپ رايونى بار. بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى قەدىمكى تۈسنى ساقلاپ قالغان، مەكتەپ كۈتۈپخانىسى(340مىڭدىن كۆپرەك كىتاپ ساقلانغان)، ”يۈز يىللىق چوڭ زال“قاتارلىقلاربىلەن داڭلىق. ھازىرقى زامان تىپىدىكى قۇرۇلۇشىدىن ”گۇاڭخۇا ئېنىستۇتى“ ئوقۇتۇش بېناسى بار، مەنزىرىسى ”نامسىز كۆل“ بىلەن ئالاھىدە.

ئۇنىۋېرسىتنىڭ تارىخى:
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى 1896-يىلى قۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەتلىك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ ئورگىنى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ھازىرقى نامى بارلىققا كەلگەن.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى ئەڭ بۇرۇن دېمۇكراتىك ئىدىيىنى جۇڭگودا تارقاتقان ئورۇن، جوڭگۇ كوممىتىستىك پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى پائالىيەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى، قەمئىيەتنىڭ مەدىنىيەت ئىلگىرلىشىدە ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئالغائىلگىرلەش، دېمۇكراتىيە، ئىلىم پەن-ئۇنۋېرسىتائەزەلدىن تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدىيە.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىدا تەربىيىلەنگەن تارىخىي شەخىسلەردىن:
جوڭگۇھازىرقى زامان يازغۇچىسى، جەمئىيەتشۇناس ماۋدۇن(茅盾)، جوڭگۇ يېقىنقى زامان دېمۇكراتىك ئىنقىلابچسى، مائارىپشۇناس، ئالىم سەي يۇئەن پېي( 蔡元培)، جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى دەسلەپكى رەھبەرلىرىدىن بىرى: چىن دۇ شىيۇ( 陈独秀)، جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدىب، تارىخشۇناس، پەيلاسۇپى: خۇشى(胡适) ھازىرقى ئۇنۋېرسىت مۇدىرى ئاكادىمىك شۈي جى خوڭ.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ كەسىپ ۋە ئۇنۋان
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ كەسىپلىرى ھەرخىل، شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن يەرشارى فىزىكىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، تارىخ قاتارلىق كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنىدۇ.
پەلسەپە تىپىدىكىلەر: پەلسەپە، دىنشۇناسلىق
ئىقتىساد تىپىدىكىلەر: ئىقتىساد كەسپى، خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا، مالىيە، پۇل-مۇئامىلە كەسىپلىرى.
قانۇن تىپىدىكىلەر: قانۇن كەسپى.
جەمئىيەت تىپىدىكىلەر: جەمئىيەتشۇناسلىق.
سىياسەت تىپىدىكىلەر: سىياسەت ۋە مەمۇرىي ئىلىم، خەلقئارا سىياسەت، تاشقى ئالاقەۋە تاشقى ئىشلارنى باشقۇرۇش، خەلقئارا سىياسى ئىقتىساد جوڭگۇ تىل -ئەدىبىياتى تىپىدىكىلەر: خەنزۇتىلى ئەدىبىياتى، كىلاسسىك ئەدىبىيات، جوڭگۇ ئەدىبىياتى، قوللىنىشچان تىلشۇناسلىق. ئاخبارات ئۇچۇر ئىلمى : ئۇچۇر ۋە تارقىتىش كەسپى، رادىئۇ-تېلىۋېيە ئۇچۇر كەسپى، ئېلان كەسپى، تەھرىرلەش ۋە نەشرىيات ئىلمى، تارقىتىش ئىلمى.
سەنئەت تىپىدىكىلەر: رادىئو-تېلىۋېزىيە رېژىسۇرلۇقى.
تارىخ تىپىدىكىلەر: جوڭگۇ تارىخى، دۇنيا تارىخى، ئارخۇلوگىيە، مۇزىيشۇناسلىق، ئىجتىمائىي پەن تەجرىبە سىنىپلىرى(يۇەن پېي تەجرىبە سىنىپى)، مەدىنىي بۇيۇنلارنى قوغداش تېخىنىكىسى.
تەبىئىي پەن تىپىدىكىلەر: تەبىئىي پەن تەجرىبە سىنىپلىرى(ماتىماتىكا، يۇەن پېي تەجرىبە سىنىپى)، ماتىماتىكا، فىزىكا. خېمىيە، ئاسترونۇمىيە، گېئولوگىيە، يەرشارى خېمىيىسى، يەرشارى فىزىكىسى، قوللىنىشچان كۈچ ئىلمى ۋە نەزەرىيىسى، ئېلىكترۇن ئۇچۇر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، مىكرۇ ئېلىكترۇن ئىلمى، ئۇچۇر ئىلمى تېخنىكىسى ، سېستىما ئىلمى، بوشلۇق ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى.
بېئولوگىيە تىپىدىكىلەر: بىئو خېمىيە، بېئولوگىيە ئىلمى، بېئولوگىيە تېخنىكىسى.
جۇغراپىيە تىپىدىكىلەر: جۇغراپىيە ئىلمى، جۇغراپىيە ئۇچۇر سېستىمىسى، ئىلىم پەن قۇرۇلۇشى ھېسابلاش سېستىمىسى.
ئاتمۇسفىرا تىپىدىكىلەر: ئاتمۇسفىرا ئىلمى.
ماتىرىيال ئىلمى تىپىدىكىلەر: ماتىرىيال خېمىيىسى. مۇھىت قۇرۇلۇشى: مۇھىت ئىلمى، ئېكولوگىيە
پىسخۇلۇگىيە ئىلمى: پىسخۇلۇگىيە
ئېلىكترۇن گاز ئىلمى: كومپيۇتېر ئىلمى تېخنىكىسى، ئىقتىدارئىلمى تېخنىكىسى،
قۇرۇلۇش كۈچ ئىلمى: قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ئانالىز ئىلمى.
مېدىتسىنا تىپىدىكىلەر: تىبابەت سېستىمىسى كەسىپلىرى(ئايرىم چۈشەنچە بېرىلىدۇ)
باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش تىپىدىكىلەر: ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سېستىمىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، بازار مۇلازىمىتى، بوغالتىرلىق، ئادەم كۈچى مەنبەسىنى باشقۇرۇش.
ئاممىۋې باشقۇرۇش تىپىدىكىلەر: ئاممىۋې پىرىنسىپ باشقۇرۇش، شەھەر باشقۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە ماتىماتىكا كەسپى. كۈتۈپخانا ئارخىپ ئىلمى: كۈتۈپخانا ئىلمى، ئۇچۇر مەنبەسىنى باشقۇرۇش.
چەتئەل تىلى ئەدىبىياتى تىپىدىكىلەر: ئىنگىلىزتىلى، رۇس تىلى، چاۋشىيەن تىلى، ئەرەب تىلى، ياپون تىلى، ئىسپان تىلى، گىرمان تىلى، فىرانسۇز تىلى.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىدا ھازىر 16مىڭ73 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خزمەتچى. 29مىڭ617ئوقۇغۇچى بار. دوكتۇر تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 199ى، ئاسپرانت تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن 211ى، تولۇق كۇرس كەسپىدىن100ى بار. 139 كەسىپتىن 35 دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش ئورنىغا ئىگە.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى پروففىسۇر، دوكتۇر تەربىيىچىسى، جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئاكادىمىكى ۋە دۆلەتلىك نۇقتىلىق پەن، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا سانى جەھەتتە دۆلىتىمىز بويىچە بىرىنجى ئورۇندا.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى تىلغا ئېلىنسىلا ”گۇاڭخۇا“باشقۇرۇش ئېنىستۇتى ئەسكە كەلمەي قالمايدۇ. بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شىركەتلەرگە باشقۇرغۇچى تەربىيىلەشنى مەقسەد قىلغان بۇ ئېنىستۇتتا 10 فاكۇلتىت بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا: قوللىنىشچان ئىقتىساد ئىلمى فاكۇلتىتى، پۇل-مۇئامىلە فاكۇلتىتى، ئۇيۇشما باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتىتى، بازار مۇلازىمىتى فاكۇلتىتى، سىتىراتىگىيە باشقۇرۇش فاكۇلتىتى، بوغالتىرلىق فاكۇلتىتى، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى فاكۇلتىتى، تازىلىق ئىقتىسادى ۋە باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتىتى، تاۋار سىتاتسىتىكىسى ۋە ئىقتىساد مىقدارى فاكۇلتىتى، ئۇچۇر سېستىمىسى ۋە تاۋار ئاقما باشقۇرۇش فاكۇلتىتى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى مېدىتسىنا بۆلىمى بولۇپ ئايرىم چۈشەنچە بېرىلىدۇ.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار:
ھەريىلى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىغا قوبۇل قىلىنىدىغان شىنجاڭلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بەكلا چەكلىك-تۆت نەپەر، مېدىتسىنا بۆلىمى 12 نەپەر. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن خەنزۇتىلىدا ئوقۇغان، ئۇيغۇر يېزىقى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر يېزىقى ئۆزگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەشكىللەپ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش سىنىپى ئاچقان، ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى كۆرىنەرلىك بولغان.
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىغا يۇقىرى نۇمۇر بىلەن تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە، جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىكىغا ئىمتىھانسىز ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان ساناقلىق مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ئارىسىدائۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بار.

خۇلاسە
بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق داڭلىق ئۇنۋېرسىت، مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىغىچە كىشىنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەركىن پىكىرلىك، قويۇق دېمۇكراتىك ئىدىيە ئەينى دەۋردىكى ياشلاردىكى قىزغىنلىقنى ئەسلىتىدۇ.

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئەمدى 1 ئىنكاس چۈشۈپتۇ

  1. تەشنايى مۇنداق دىدى:

    بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى ھەقىقەتەن ئىسىل، مەنمۇ دەم ئېلىش كۈنلىرى شۇيەرگە بېرىپ ئۈگىنىش قىلىمەن. ئەتراپقا قارىسىڭىزتوختىماي ئۈگىنىۋاتقانلارنى كۆرىسىز، كىشىگە ئىلھام بوپ قالىسىكەن… :oops:

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap