مەن بۇ بىر ئاينى قانداق ئۆتكۈزدۈم
مانا بۈگۈن بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى قۇرۇلغىلى ساق بىر ئاي بولدى ،كومپيوتېربىلەن ئەمدىلا ھەپىلىشىشكە باشلىغان ماڭغا نىسبەتەن راست گەپنى قىلغاندا ھەقىقەتەن تەس كەلدى. كۈنلەپ كۈنلەپ كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھېچقانداق بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگىنىمدە ئۆز -ئۆزۈمدىن مەن نېمىشقا باشقىلار شۇنداق ئاسانلا قىلالىغان ئىشنى قىلالمايدىغاندىمەن دەپ ئۇھسىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن. لېكىن قەتئى ۋاز كەچكۈم كەلمىدى. چۈنكى مەندە تور نامى سېتۋالغاندىن تارتىپ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ساۋاقداشلىرىم ئۈچۈن قانچە جاپا تارتساممۇ چۇقۇم بۇ بلوگنى قۇرۇپ چىقىشتەك ئىرادە بار ئىدى. مەندەك بىر ستۇدېنتنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىق ئالى مەكتەپ تۇرمۇش كارتىسىنى ئاز تولا ئەكىس ئەتتۈرۈش ، شۇنداقلا ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈشى ئۈچۈن ئا ز تولا تۆھپە قۇشۇش نەچچە ئايدىن بۇيان ئويلاۋاتقان ، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەركەتكە كەلمىگەن ئارزۇ يۇم ئىدى.
بىر كۈنى تورغا چىقىۋېتىپ ئەرزان بوشلۇق دېگەن ئېلانغا كۆزۈم چۈشتى شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئايدىن بۇيانقى ئويلىرىمنىڭ تۈرتكىسىدە زىيادە ئويلىنىپ يۈرمەيلا ۋاكالەتەن تور نامى ئېلىپ بەرگۈچى بىلەن ئالاقلاشتىم ، پۇلنى توردىنلا ئۇرۇپ بەردىم ،ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تور دۇنياسىدا بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى دىن ئىبارەت بىر تور قۇشۇلدى ،تور نامى ئېلىپ بەرگۈچى ھەممە ئىشىڭىز پۇتتى ،بۇ سىزنىڭ ماتىريالىرىڭىز دەپ يوللاپ بەرگەندىن كېيىن دەرھال ئادرېس ستونىغا بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى دەپ كىرگۈزدۈم.دەرۋەقە تور بەت ئىچىلدى ئۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ،تور بەت قۇرۇش بلوگ قۇرۇش ئۇنچىلىك چوڭ بىلىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ ئەمەس ئىدى ،لېكىن نېمىشقىكىن بىر خىل ئىللىق تۇيغۇدا ئىدىم ، شۇ كۈدىن باشلاپ كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇردىغان ۋاقتىم ئۇزىراشقا باشلىدى ،بلوگ قۇرۇپلا ئەسەر يوللىغىلى بولمايدىكەن يەنە ئۆزۈم نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزسەم ئاندىن نورمال ماڭدۇرالايدىكەنمەن،ئۇ يەرنى بېسىپ بۇيەرنى بېسىپ بىر كۈن بلوگ ئارقى بېتى بىلەن تۇنۇشقاندەك بولدۇم ، قارىسام ئۇسلۇپ سېستىما تەمىنلىگەن ئۇسلۇپكەن ،بۇ نى قانداق ئۆزگەرتىغاندۇ دەپ يۈرۈپ باشقىلاردىن سوراپ ئۇسلۇپنى قاچلىدىم .ئاندىن بۇرۇن ئۆزۈم يازغان بىر قانچە پارچە ئەسىرىمنى يوللىدىم .مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىلوگىمنىڭ تۇنجى ئەسىرى ئېلان قىلندى.باشقا بلوگلارغا كىرىپ كۆزەتتىم بەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە باشقا جەھەتلەردىن شۇنداق رەتلىك شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ھەركەتكە كەلدىم ،لېكىن نۇرغۇن قوراللارنى ئىشلىتىشنى ئۇقمىغاچقا كىچىككىنە تور بېكەت تۇغ رەسمىنى لاھىلەشتىمۇ شۇنداق قىينالدىم ،ئاخىرى باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ بېكەتنىڭ تۇغىنىمۇ ھەر ھالدا ياسىۋالدىم ،باش بەتتىكى ئۇسلۇپنىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن رەسىملەرنى ئۆزگەرتىمەن دەپ ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدەپ ياخشى ماتېريال تاپالمىدىم،ئاخىرى توردىكى كونا بلوگچىلاردىن سورىدىم ،نۇرغۇن كىشى ماڭا ياردەم قىلدى ئۇلارنىڭ سەممى ياردىمىدىن دىلىم شۇنداق سۆيۈندى .يەنە بەزىدە ئاددى مەسلىلەرنىمۇ سورىغاچكىمىكىن بەزىدە قوپال مۇئا مىلىلەرگىمۇ ئۇچرىدىم .مۇشۇنداق ئاددى بىلىملەرنى بىلمەي تۇرۇپ قانداق بلوگ قۇرىمەن دەپ يۈرىسەن دېگەنلەرمۇ بولدى لېكىن مەن بۇ گە پلەرگە ئانچە پەرۋا قىلمپ كەتمىدىم ،چۈنكى ئادەم تىرىشسا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقلۇقىغا ئىشىنەتتىم .تەتىل ۋاقتىم توشۇپ باشقىلار ئالدىراش تەييارلىقىنى قىلۋاتقان ۋاقىتلاردىمۇ ئىزدەش ماتورلىرىدىن بلوگنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنى ئۆزگەرتىش بىلىملىرىنى ئۆگەندىم .بەش مىڭ كلومېتىرلىق سەپەرگە ئاتلىنىپ پويىزدا كېتىۋېتىپ ئىككى ئايلىق تەتىل ھاياتىمنى بلوگ قۇرۇش جەرياندىكى ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمنى ئويلاپ ئۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ،مانا بۈگۈن قارىسام بلوگىمغا كىرگەن ئادەم سانى مىڭدىن ئېشىپتۇ ،كۆڭلۈم بىر خىل كۆتۈرۈلۈپ قالدى ،مۇشۇ ۋاقىتقىچە تارتقان جاپالىرىمدىن بۇ ئۈنۈمگە ئېرىشكىنىمدىن خوش بولدۇم ،ئاخىردا ماڭا ياردەم بەرگەن قېرىنداشلىرىمغا ،مېنى قوللىغان ساۋاقداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.بۇنىڭدىن كېيىن بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى يەنىمۇ تەرەققى قىلىپ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگۈنۈش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنىغا ئايلانغۇسى!
Related Posts
Related Posts
ئىختىيارى يازمىلار
- تەكلىماكاندىكى «جەننەت»نىڭ ۋەيران بولۇشى(ئەسئەت سۇلايمان)
- شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى
- پىنھاندىكى سۆيگۈ
- سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات( ئېلكىتاب)
- كەلسەڭچۇ يار ...
- لېيىغان بۇلاق رومانىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
- شەھەرلىكلەر ، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار
- بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ
- مودا پەن نانوتېخنولوگىيەسى
- تورداشلىرىمىزدا بلوگقا بولغان تۇنۇش توغرا ئەمەسمۇ قانداق ؟
ئالدى بىلەن سىزنىڭ بلوگ ساھەسىگە قېتىلغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بۇلۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . سىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبى قۇرۇپ ئىش باشلىغانلىقىڭىز ئىنتايىن مەنلىك ئىش بوپتۇ بۇنڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تۈردە نادىر يازمىلىرىڭىزنى ئېلان قىلىپ تۇرۇڭ . يەنە بىر بەتنى تەۋسىيە قىلاي ، ئۇيۇلتاش ستودېنتلار ئۇيۇشمىسى مۇنبىرى قۇرۇلدى ،ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئاپتۇنوم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلرىدىكى ئالىي ئوتتۇرا تېخنىكۇم ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان . ئەگەر قىزىقسىڭىز كىرىپ زىيارەت قىلىپ كېتىڭ ، بولسا ئەزا بۇلۇپ ستودېنتلىرىمىز ئۈچۈن نادىر تېمىلىرىڭىزنى ، پىكىر – تەلەپلىرىڭىزنى قالدۇرۇڭ . ساۋاقداشلىرىڭىزغا تەشۋىق قىلىڭ . تەۋسىيە قىلىڭ . ئۇيۇلتاشنىڭ ھەممە ستودېنتلىرىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس دېگەندەك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز . ئادىرسىمىز : http://www.uyultax.com
ئالدى بىلەن سىزگە رەھمەت! مۇنداق بىر مۇنبەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن خوش بولدۇم !مۇنبىرىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق ھەمكارلىشىشقا ،ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن ئاز تولا كۈچ چىقىرىشقا مەن تەييار. بىرلىكتە تىرىشىشلا بولىدىكەن ئالى مەكتەپـتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز ! بلوگىمغا كەلگەن قەدىمىزگە مەرھابا!
مەنمۇ ئالدى بىلەن ئۇيۇلتاش ستودېنتلار ئۇيۇشمىسى مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبىركلەيمەن ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقىمىز تېخىمۇ راۋاجلانغۇسى !!! بىز ھازىر بوشلۇق كۆچتۇق . ساندان يېڭىلاش باسقۇچىدا ، مۇنبەر پات ئارىدە ئەڭ يېڭى قىياپەتتە سىز بىلەن يۈ كۆرۈشىدۇ ،ستودېنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى !