خام خىيال، رىۋايەت ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر
زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپرانتى. 1975- يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىدا تەرجىمان، سابىق «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ «باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.
ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىگە 1992- يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن باشلاپ كىرىشكەن بولۇپ، جۇڭگۇ ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ماھارىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. ئۇ تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئىنتايىن راۋان، يېقىشلىق، پاساھەتلىك، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئوقۇغان كىشىگە ئانا تىلدا يېزىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىنى دەسلەپتە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىن باشلىغان بولۇپ، «تۇخۇمەك دەرىخى ئاستىدا»، «سېسىق پايپاق مودا بولغان شەھەر» قاتارلىق ساتېرىك تەرجىمە ھېكايىلىرى ھەر قايسى گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.
1998- يىلىدىن باشلاپ ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان، 2001- يىلى «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» تەربىيەلەش مەركىزىنى قۇرۇپ، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان. «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» دەرسلىكى(تۆت قىسىم) ۋە «جانغا ئەسقاتىدىغان سەرخۇش ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسى» قاتارلىق بىر يۈرۈش دەرسلىكلەرنى تۈزگەن. ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتودى، ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمسى ۋە ئۆزگىچە مېتودتا تۈزۈلگەن «سەرخۇش ئىنگلىز تىلى» ناملىق دەرسلىك كىتابلىرى بىلەن كەڭ تىل ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
2007- يىلى «فورد خەلقئارالىق ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنگە قەدەر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىدە ئىشلىگەن. 2009- يىلى 12- ئايدا ئايدا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە ماگستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ھازىر ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە تولۇق سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ.
ئىختىيارى يازمىلار
- سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات( ئېلكىتاب)
- خام خىيال، رىۋايەت ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر
- ياپونىيىدە ئوقۇش
- بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ
- خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
- ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن
- تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
- ئاپپاق خوجا (ئېكىتاب سۈزۈك نۇسخىسى )
- بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى
- بېيجىڭ خان ئوردىسىنى كىم لايىھىلىگەن؟