خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى: 1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا : «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلىقئارلىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پاراڭلىشىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى،بەزى تىللارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى،بەزى تىللارنىڭ ئەركىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى خەلقئارادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا
تىلىنى قوغداش ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە“خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى“بارلىققا كەلدى.
ئاناتىلنى قوغداش ،ئاناتىلنى بىلىش ھەر بىر مىللەت ئۈچۈن بۇرۇچ ۋە قەرز، كۆپ تىل بىلىش پايدىلىق لېكىن ئاناتىلنى ئۇنتۇش بەدىلىگە باشقا تىلدا پىكىر قىلىش ئۆز تىلىغا مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆز مىللىتىگە قىلىنغان ھاقارەتتىن ئىبارەت،شۇڭا مەن شۇنى تەكىتلەيمەنكى مەيلى سىز قانچە كۆپ تىلنىڭ ئىگىسى بۇلۇڭ ھەرگىز ئاناتىلىڭىزدىن تانماڭ.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۈگۈنكىدەك ئاناتىل بايرىمىدا تورداشلارنىڭ ئانا تىلدا سۆزلىشىنى ، ئانا تىلىمىزنىىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا ئاز تولا ئويلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىختىيارى يازمىلار
- پۇل دېگەن نەرسە ...
- يالغۇز ئادەم
- ئىنگىلىزتىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىنگىلىزتلى گىراماتىكىسى(ئېلكىتاب)
- بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى
- بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ
- تەكلىماكاندىكى «جەننەت»نىڭ ۋەيران بولۇشى(ئەسئەت سۇلايمان)
- خارۋاردنىڭ ئوچۇق دەرسى (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان)
- مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دىگەن نېمە ؟
- ئىز
- ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن