ئىز
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى تۈركىيىدىكى زىيالىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. بىر قىسىم شېئىرلىرى تۈرك ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت كىتاپلارغا كىرگۈزۈلدى. بەزى ئەسەرلىرى ئۈستىدە ماقالىلار يېزىلدى ۋە مەخسۇس دىسسىرتاتسىيەلەر ياقلاندى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھۈليا كاساپئوغلۇ چەنگەل تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرى 2000- يىلى «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى»(Ⅰ) دېگەن نام بىلەن مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان «ئىز» ناملىق رومانىمۇ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.
«ئىز» رومانى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، تارىخىي بىر رومان بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكلىرىگە ئىچكىرلەپ كىرگىنىمىزدە ئۇنىڭدا «ھۆججەتلىك» ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. رومان بىرىنجى شەخسنىڭ تىلىدىن بايان قىلىش شەكلى ۋە ھەم زامان، ھەم ماكان، ھەم ۋەقەلەرگە سادىق بولۇش يولى بىلەن يېزىلغان. ئاپتور رومانغا تېما قىلغان ۋەقە ۋە شەخسلەرنى شۇ دەۋردىكى ئاشۇ ۋەقەلەرگە قاتناشقان ھەققىي كىشىلەر ئارقىلىق ياراتقان. ئاپتورنىڭ روماننىڭ كىرىش سۆزىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىش داۋامىدا ئۆزىگە ياردەم قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىشى ئۇنىڭ ئەسىرىنى يېزىۋاتقاندا ئارخىپ بىلىملىرىدىن، شۇ دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ شاھىتلىق سۆزلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان قوشاقلارنىڭ ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشىدە تەسىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز.
ئىز رومانىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئىختىيارى يازمىلار
- ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا
- ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(ئېلكىتاب)
- ئەقىلدىن باشقا كۆز (بىر قىسمى)
- مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك( زۇلپىقار بارات ئۆزباش)
- پۇل دېگەن نەرسە ...
- پۇتبول ساداسى چاڭچۈندە
- ئانا يۇرت ئوغلى مەرھۇم زوردۇن سابىرنى ئەسلەش خاتىرىسى
- پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر(ئېلكىتاب)
- قەدىرلىگىن قەدىرلىگەننى
- ئەخلاق ھەققىدە تەرمىلەر