سۈبھى تور ژۇرنىلى 3-سان

ۋاقتى 2013-06-16 08:48 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 1,404 قېتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۈبھى ژۇرنىلىنڭ كونا-يېڭى ئوقۇرمەنلىرى،ژۇرنىلىمىزنىڭ 3-سانى كېچىكىپ بولسىمۇ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، ۋاقتىدا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنالمىغانلىقىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز.سۈبھى ژۇرنىلى تۇنجى سان چىققاندىن باشلاپ، ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشى،سۈبھى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاپ مىننەتسىز خىزمەت قىلىۋاتقان گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا،بارغانسىرى مۇكەممەللىككە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، سۈپەت جەھەتتىن ئاز بولمىغان يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈردى، گەرچە قىلغانلىرىمىز ئەلنىڭ ھەقىقىي رازىلىقىدىن تېخى يىراق بولسىمۇ، لېكىن بىز تىرىشىۋاتىمىز ھەم ئاللاھ خالىسا داۋاملىق تىرىشىمىز. بىز يېقىندا سۈبھى گۇرۇپپىسى قارمىقىدا يەنە ئۈچ تارماق گۇرۇپپا تەسىس قىلدۇق.
بىرىنچى گۇرۇپپا سۈبھى تەرجىمە گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپىدا ھازىر تۆت ئادەم بار، كېيىن داۋاملىق ئەزا قوبۇل قىلىمىز،ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ،ئەمما ئەزا بولغۇچىدىن مەسئۇلىيەتچانلىق، مىننەت قىلماسلىق، ئەستايىدىللىق ۋە قىزىقىش روھى تەلەپ قىلىمىز، نىشانىمىز ھەمكارلىشىپ ئەلگە نەپ تەگكۈدەك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش.قالغان تەپسىلاتلار يەنە بىر مەخسۇس يازمىدا بايان قىلىندى.بۇ توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىمىز.
سۈبھى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكى ئۈلگىلىك شەخس ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ياكى ئەدەبىي ئاخبارات تەييارلاپ، ئەلنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، ئاز-تولا نەپكە ئېرىشتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ شۇ شەخسلەردىن ئۈلگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش. بۇ گۇرۇپپىغىمۇ ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ، لېكىن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى، بايقاش ۋە تىل ئىقتىدارى تەلەپ قىلىمىز. بۇ گۇرۇپپىغا ئىمكانقەدەر شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردىن ئاز دېگەندە بىردىن ئەزا قوبۇل قىلىنىدۇ.
سۈبھى تېخنىكا گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپا ئەسەر قوبۇل قىلىش، ژۇرنالنى بەتكە تىزىش،تارقىتىش،مالىيە، تەشۋىقات قاتارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، بەلكىم كېيىنچە ھەرخىل كومپىيۇتېر بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەش، دەرسلىك ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، بۇ جەھەتتە، بىز مەلۇم تېخنىكا ئىگىلىرىنىڭ قوللىشى، ئۆز ئىقتىدارى ئارقىلىق باشقىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىشىگە موھتاجمىز، ئوخشاشلا تەكلىپ-پىكىر، تېخنىكا ياردەملىرىنى قوبۇل قىلىمىز.
ئەگەر يۇقارقى گۇرۇپپىلارنىڭ خالىغان بىرىگە ئەزا بولماقچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قېرىنداشلار، قەلبىمىزدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش نىيتىمىز بار-يۇ،لېكىن ئىقتىدارىمىز، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى قاتارلىقلارنىڭ كەمچىللىكى، پىلانلاش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق جەھەتتە يېتەرسىزلىكلىرىمىزنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولالمىدۇق، ياكى سۈپەتلىك قىلىپ بولالمىدۇق. شۇڭا ھەر ساندا تەكرارلاۋاتىمىز، بىز قوللاشقا،تەكلىپ-پىكىر، خالىس ياردەمگە موھتاج. ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئىشىڭلارغا ئۇتۇق، ھاياتىڭلارغا سائادەت تىلەيمىز. بىلنۇر بلوگى: www.bilnur.comئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرى:www.uystudent.com

 سۈبھى ئېلخەت ئادرىسى:svbhii@163.com

بۇ سان مۇھەررىرلىرى : ئابدۇسەمەد ئابدۇخالىق، ئابلىز ئەخمەت، مىنەۋەر تۇرسۇن.

كامالىي ئېھتىرام بىلەن: سۈبھى گۇرۇپپىسى

بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان5 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. دوغاپ مۇنداق دىدى:

    مۇبارەك بولسۇن بىلنۇر!

  2. bilnur مۇنداق دىدى:

    رەھمەت ئىنشائاللاھ

  3. ئۆزقان مۇنداق دىدى:

    «بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى» غا يېڭىدىن يېڭى يۈكسىلىشلەر تىلەيمەن! سىلەرنىڭ ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇرغان ياشلىق جاسارىتىڭلار بىزنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنى، مىخ مەتبەئەدە گېزىت چىقىرىپ، ئەدەبىيات ئىشقىدا يانغان جۇشقۇن روھىي كەيپىياتىمىزنى ئەسكە سالدى. سىلەردە ئۈمىد زور، ئۇكىلىرىم! ئىرادە بولسىلا نى-نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىمكانىيەتلەر تولۇپ ياتقان دەۋر بۇ. سىلەرنىڭ ئىپتخارلىق قەدەملىرىڭلارغا بەرىكەت تىلەيمەن! سىلەر بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەيدىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!

  4. بىلنۇر مۇنداق دىدى:

    كەلگەن قەدىمىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن، رەھمەت، سىزدەك چوڭلىرىمىزنىڭ ئانچە-مۇنچە ئىلھاملىرى ، مەدەتلىرى، تەكلىپ پىكىرلىرى نەتىجىسىدە، تور ژۇرنىلىمىزنىىڭ 3سانىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنالىدۇق .

  5. ئۇيغۇر ئوغلان مۇنداق دىدى:

    ئىنشائاللا، كېيىنكى سانلىرى تېخىمۇ رەڭدار بولۇپ كەتكۈسى!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap