بىر لىدېردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت
ئەركىن سىدىق
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، لىدېرلىقنىڭ مۇنداق ئىككى تەرىپى بار. ئۇنىڭ بىرى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە قارىتىلغان لىدېرلىق ئىقتىدارى. يەنە بىرى بولسا باشقىلارغا قارىتىلغان لىدېرلىق ئىقتىدارى.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان ساندىكى گۈزەل ئارزۇلىرى، نىشانلىرى ۋە غايىلىرى بار بولىدۇ. شۇنداقلاكۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەپەككۈر دۇنياسىدا ئاشۇ گۈزەل ئارزۇ، نىشان ۋە غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋاقىتتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇشقا، ئاشۇ چاغدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا خىيال قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئۆزىڭىز بىلەن سىزنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرغان نەرسەنېمە بىلەمسىز؟ ئۇ سىزنىڭ لىدېرلىق ئىقتىدارىڭىز. لىدېرلىق ئىقتىدارى سىزنىڭ باشقىلارنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ مېڭىشىڭىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.