تەكلىماكاندىكى «جەننەت»نىڭ ۋەيران بولۇشى(ئەسئەت سۇلايمان)
قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلىنىڭ بايقىلىشى ۋە بەربات بۇلۇشى توغرىسىدا
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 يىل ئىلگىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرىۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىدا ئاھالىلەرنىڭ نىسبىتى بىلەن بوستانلىقلار سىغىمچانلىقى ئوتتۇرسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەنىدى، بۇنىڭ بىلەن بىرقىسىم ئاھالىلەر يېڭى ھاياتلىق ماكانى ئىزدەپ كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ.
قۇرۇم تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىن باشلىنىپ كېرىيە بوستانلىقى ئارقىلىق تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسگە قاراپ تىنماي ئاقىدىغان كېرىيە دەرياسى بۇ قۇرغاق ماكاننىڭ كېلىماتىنى ھەرۋاقىت تەڭشەپ تۇراتتى.
كېرىيە بوستانلىقى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇق ئوتتۇرسىدىكى دېئالېكتىك بىرلىكنىڭ تىپىك كۆرۈنۈشى ئىدى.
كېرىيىلىكلەر ئەلمىساقتىن بۇيان يىراقتىكى قارلىق تاغلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان دەريا سۈيىنى قەدىرلەپ كەلگەنىدى.
ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ماكاننىڭ بىرخىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇق ھالىتىدە ئىكەنلىلىكىنى، بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇقلارنىڭ بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دەريا سۈيىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى.