ئاھ ، مىنىڭ مىللىتىم(روزى سايىت)
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-05-07 09:19 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
1
نەسەبتە كۈللى ئالەم ئىتراپىلىق مىللىتىم باردۇر ،
ئۇغۇز پۇشتى _مۇقامى كاتتىلىقتا زىننىتىم باردۇر .
يۈسۈپ ، مەخمۇت كىتابىغا يىزىلغان نىي باھادارلىق ،
يەنە تاڭ قامۇسىدا قەيىت ئەجىرلىك مېنىتىم باردۇر .
يىپەك ، قاشتاش ، گىلەم ، بۇغداي ، بېدە ، قەغەز . . . گە بىز ھەغدا ،
(بۇنى جاڭ چىيەنمۇ تەستىقلايدۇ تۆھپەم ، قىممىتىم باردۇر .)