چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتى
چىڭخۇا ئۇۋېرىستىتى (بۇرۇن چىڭخۇا شۆتاڭسى ئىدى)1911-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان 101 يىللىق مۈشكۈل تارىخى مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ ،ئۆزىگە خاس ئالاھىدە سېھرى كۈچ ۋە چوڭقۇر مەدىنىيەت ئاساسىنى شەكىللەندۈردى .«ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى كۈچەيتىش »نى مەكتەپ تەلىمى،«ھەركەت سۆزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»نى مەكتەپ ئىستىلى قىلىپ ،ئېھتىياتچانلىق ،تىرىشچانلىق شۇنداقلا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئۆگۈنۈش ئىستىلىنى يادرولۇق مۇھىم مەسلىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى. ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىر ئەۋلاد چىڭخۇا ئوغلانلىرى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.
ئىلغار ئوقۇتۇش مۇھىتى :چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ مەركىزى مەكتىپى چىڭخۇا باغچىسى بېيجىڭ غەربى شىمال ساياھەت رايونىغا جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئايرىم شەخىسنىڭ باغچىسى ،چىڭ سۇلالىسى كاڭشى دەۋرىدە يۇەنمىڭيۇەنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. جىيەنفېڭ يىللىرىدا چىڭخۇا باغچىسىغا ئۆزگەرگەن .