يالغۇز ئادەم

ۋاقتى 2014-02-04 07:02 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 895 قېتىم

    

يالغۇز ئادەم

فرېدرىك نىچشېي

1. ھەقىقەتنىڭ  دۈشمىنى. چوڭقۇر ئەقىدە ھەقىقەتنىڭ يالغانچىلىقتىنمۇ كۈچلۈكرەك بولغان دۈشمىنى .
2.ئاستىن-ئۈستۈن  قىلىنغان دۇنيا. مەلۇم بىر مۇتەپەككۇرنىڭ ئەقىدىسى ئۆزىمىزنىڭكىگە ئوخشىمىغان چاغدا بىز ئۇنى بەكرەك ئەيىپلەپ كېتىمىز؛بىراق، ئۇنىڭ ئەقىدىسى  ئۆزىمىزنىڭكىگە ئوخشاپ قالغاندا ئاندىن ئۇنى ئەيىبلىسەك تېخىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن بولار ئىدى.
3.خاراكتېرى  كۈچلۈك ئادەم. بىر ئادەمنىڭ پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈشى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز مىجەزى بويىچە ئىش كۆرۈشى  ئۇ ئادەمنى ئۆزىگە خاس خاراكتېرگە ئىگىدەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ .
4.زۆرۈر  بولغان نەرسە. بىر ئادەمدە تۆۋەندىكى ئىككىسىنىڭ بىرى بولمىسا بولمايدۇ : يا بولمىسا تۇغما مۇلايىم مىجەز، يا بولمىسا سەنئەت ۋە بىلىم تەرىپىدىن مۇلايىملاشتۇرۇلغان مىجەز . 
5.نەرسىلەرگە بولغان قىزغىنلىق. ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئېلىم-پەن، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى، مەرىپەتچىلىك، سەنئەت قاتارلىق  نەرسىلەرگە بېغىشلىغان ئادەمدە باشقا ئادەملەرگە نىسبەتەن تۈزۈك قىزغىنلىق قالمايدۇ، ھەتتا بىز دەۋاتقان باشقا ئادەملەر دەل شۇ نەرسىلەرنى نامايان قىلىپ بىرىدىغان ئالىم، سىياسىئون، پەيلاسوپ ۋە سەنئەتكار بولغان تەقدىردىمۇ .
6.ھەرىكەتتىكى سالماقلىق. خۇددى شارقىراتمىنىڭ سۈيى پەسكە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن بارا-بارا ئاستىلاپ، كېڭىيىپ ئاققانغا ئوخشاش، ئۇلۇغ زاتلار ھەرىكەت قىلغاندا ، ھەرىكەتنىڭ ئالدىدىكى كۈچلۈك ئارزۇ-ھەۋەسلەر ھەرىكەتتىكى كىشى كۈتكەندىنمۇ بەكرەك كۈچلۈك بولغان سالماقلىققا يول بېرىدۇ . 
7.ھەددىدىن زىيادە چوڭقۇر ئەمەس. بىر نەرسىنى شۇ نەرسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىقىغىچە چۈشەنگەن ئادەم  ئۇ نەرسىگە داۋاملىق ساداقەت كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ نەرسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىلغان ھامان، ئۇنىڭ يامانلىق تەرەپلىرىمۇ بىللىلا يورۇقلۇققا چىقىدۇ .
8.ئىدىئالىزىمچىلارنىڭ خام خىيالى . بارلىق ئىدىئالىزىمچىلار،ئۆزىنىڭ ئىشىنىپ قىلىۋاتقان ئىشى باشقىلار قىلىۋاتقان ئىشتىن خېلىلا مۇھىم دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ؛ بىراق ئۇلار ، ئەگەردە ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشنى گۈللەپ روناق تاپقۇزىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا ئۇلارمۇ ئوخشاشلا باشقا ئش، باشقا كەسىپلەرگە كېرەك بولىدىغان سېسىق گەندە-سۈيدۈكلەرگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى خالىمايدۇ . 
9.مۇۋاپىق  كەسىپ. ئەگەردە كىشىلەر ئۆزى قىلىۋاتقان كەسىپنىڭ باشقا كەسىپلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىمراق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمىسە، ئۇ ھالدا ئۇ بۇ كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ ؛ ئاياللار ئۆزىنىڭ سۆيگىنىگە قارىتامۇ مۇشۇنداق ئويدا . 
10.ئالىيجاناپ روھ. ئومۇمەن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئالىيجاپ بولغان روھىيەتتە باشقىلارغا بولغان گۇمانخورلۇق ۋە ئىشەنچسىزلىك يوق ياكى ئاز بولىدۇ ؛ دەل مۇشۇ سەۋەپتىن،  نەپسانىيەتچىلىك بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر ئالىيجاناپ  روھنى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن پەس كۆرىدۇ .
11.مەنزىل ۋە يول. نۇرغۇن كىشىلەر، يولغا چىققاندىن كىيىن شۇ يولدا جاھىللق بىلەن چىڭ تۇرىدۇ ؛ ئەمما ئىنتايىن، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا مەنزىلگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق مۇستەھكەم .
12.شەخسىي  ھاياتنىڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان يېرى . ئۆزىگە خاس شەخسىي ئۆلچەم بويىچە ياشىغان ھەر قانداق كىشى دائىم باشقىلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئادەتتىن تاشقىرى تەلىپى ۋە مۇئامىلىسى باشقىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بەكلا ئادەتتىكى ئادەمدەك ھېس قىلىپ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .  
14. ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىمتىيازى. ئۇلۇغ كىشىلەر ئەڭ ئەرزىمەس سوۋغاتتىنمۇ چەكسىز خۇشاللىق تاپالايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئىمتىيازى .
15. ئۇقۇشماسلىقتىن ئېسىل بولۇپ قىلىش . ئەگەردە بىر كىشى ھە دېسىلا باشقىلاردىن بىر  نەرسە ئۈندۈرۈۋېلىشقا ئەمەس، باشقىلارغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا كۆنۈپ قالغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ كىشى ئۆزىمۇ ئۇقماستىن ئېسىل بولۇپ قالىدۇ . 
16. قەھرىمان بولۇشنىڭ شەرتى .  ئەگەردە بىر كىشى قەھرىمان بولىمەن ، دەيدىكەن ، ئۇنداقتا ئاۋال ئۇنىڭ رەقىبى بولمىش يىلان ئەجدەرھاغا ئايلىنىشى كېرەك؛ ئۇنداق بولمايدىكەن،ئۇنى قەھرىمان قىلىدىغان تۈزۈكرەك رەقىب كەمچىل بولۇپ قالىدۇ .
17. دوستلۇق. بىرلىكتە بەھىرلىنىلگەن ھېسداشلىق ۋە ئېچىنىش ئەمەس ، بەلكى بىرلىكتە بەھىرلىنىلگەن خۇشاللىقلا دوستلارنى دوست قىلىدۇ .
18. كۆتۈرۈلگەن ۋە پەسەيگەن ئېقىمدىن پايدىلىنىش. ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا كۆتۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى مەلۇم بىر نەرسىگە باشلىغان ئېقىمدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك ؛ ئوخشاشلا، مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلگەندە ئۇلارنى شۇ نەرسىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان پەسەيگەن ئېقىمدىنمۇ پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك .
19. ئۆز-ئۆزىدىن خۇشاللىق تېپىش. «كەسپىڭدىن خۇشاللىق تاپ » دەيدۇ ئۇلار . بىراق راستىنى ئېيتقاندا، ئۇلار «كەسىپنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈڭدىن خۇشاللىق تاپ » دېسە بولاتتى .
20. كەمتەر ئادەم . باشقا كىشىلەرگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم ، ھامىنى باشقا نەرسىلەر (دۆلەت ، جەمئىيەت ، ئىنسانىيەت ياكى دەۋر ) گە تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ئۆچ ئېلىشى . 
21. ھەسەتخورلۇق . ھەسەتخورلۇق بولسا ئىنسان روھىنىڭ ئەۋرىتى. بۇنداق ئوخشىتىشنى يەنىمۇ بەكرەك « ئوخشىتىش » مۇمكىن .
22. بىزارلىق. بىزارلىق بولسا بەدەندىكى بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بىزنى بىزار قىلغان نەرسىنى مەنبەسىدىن يوق قىلغان تەقدىردىمۇ ، بىزارلىقنىڭ ئۆزى شۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ .
23. ئەڭ ياخشى نىقابلانغان ساختىپەزلىك . ئۆزى توغرىسىدا زىنھار سۆز ئاچماسلىق بولسا ناھايىتىمۇ ياخشى نىقابلانغان ساختىپەزلىك  .
24. ھەقىقەتنىڭ ۋەكىلى. ھەقىقەتنى سۆزلەش خەتەرلىك بولغان چاغدا ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت تېتىقسىزلىشىپ مەززىسى قالمىغان چاغدا، ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسىنى تېپىش ئەڭ  تەسكە توختايدۇ .
25. دۈشمەنگە يولۇققاندىنمۇ بەكرەك ئاۋارىگەرچىلىك. مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، تايىنى يوق كىشىلەر «ھە» دەپ قويسا، بىزنىڭ «ھۇ» دەپ ئەگىشىشىمىزگە توغرا كەلگەندە، ئۇلار بىزنى دۈشمەندىنمۇ بەكرەك قىينايدۇ. 
26. تەبىئەت قوينىدا. بىز كەڭ تەبىئەتنىڭ قوينىغا كىرىپ كىلىشنى بەكمۇ خالايمىز . چۈنكى بىز توغرىسىدا تەبىئەتنىڭ ھېچقانداق كۆز قارىشى يوق .
27. ھەر بىر ئادەم بىر نەرسىدە باشقىلاردىن ئۈستۈن. مەدەنىي جەمئىيەتتە، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى كەم دېگەندە بىر ساھەدە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ ؛ مۇشۇنىڭ ئۆزى بارلىق ياخشى نىيەت ۋە ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ ئاساسى. شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ خىجىلچىلىق ھېس قىلمايدۇ؛ چۈنكى مەلۇم بىر خىل ئەھۋالدا ئۇمۇ باشقىلارغا ياردەمدە بولالىشى مۇمكىن .
28. تەسەللىگە مۇھتاج بولۇشنىڭ سەۋەبى . بىرەر يىقىنىمىز ئالەمدىن ئۆتكەندە، بىز ھە دېگەندىلا باشقىلارنىڭ تەسەللىسىگە مۇھتاج بولىمىز؛ تەسەللىگە مۇھتاج بولۇشىمىز قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قايغۇ-ھەسرىتىمىزنىڭ شۇنچىۋالا ئاسان ۋە تېز يەڭگىللەپ قالغانلىقىغا باھانە-سەۋەپ تېپىش ئۈچۈن . 
29.ئۆز  ئەقىدىسىگە ساداقەتمەن. قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشى بار ئادەم، ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمەي دېگۈدەك ياشايدۇ ؛ مەلۇم   بىر ئىددىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەر قانداق ئادەممۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن شۇ ئىدىيەنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرمەيدۇ، ئۇنداق قىلىدىغانغا ئۇنىڭ چولىسى يوق. دەرۋەقە، ھەتتا شۇ ئىدىيەنى مۇھاكىمە قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ ئۇنىڭ قىزىقىشى يوق . 
30. ئەخلاق ۋە مىقدار. بىر ئادەمنى باشقا بىر ئادەمگە نىسبەتەن بەكرەك ئەخلاقلىق  دېيىش پەقەتلا ئۇنىڭ مەقسەت نىشانىنىڭ مىقدار جەھەتتىكى بەكرەك چوڭلۇقىغا قارىتىلغان . ھېلىقى «باشقا بىر ئادەم » ئۆزىنى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا گول قىلىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈنلا تۆۋەن كۆرۈلىدۇ .
31. ھاياتلىقنىڭ مەھسۇلاتى بولغان ھايات . بىر كىشى مەيلى ئۆزىنىڭ بىلىمىنى قانچىلىك دەرىجىدە بېيىتىپ، قانچىلىك دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتۇرمىسۇن، مەيلى ئۇ ئۆزىچە ئۆزىنىڭ بىلىمىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئوبىيېكتىپ ھېس قىلمىسۇن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەتلا ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىدىن ئىبارەت .
32. پولاتتەك مۇقەررەرلىك. تارىختىن قارىغاندا، ئىنسانلار، ئاتالمىش «پولاتتەك مۇقەررەرلىك » نىڭ پولاتمۇ ئەمەس، مۇقەررەرمۇ ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتى .
33. باشتىن ئۆتكەن تەجىرىبە. بىر نەرسىنى «ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس» دېيىش ئۇنى «مەۋجۇت ئەمەس» دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ بىر شەرتى . 
34.ھەقىقەت. مۇشۇ كۈنلەردە ھېچكىم «جانغا زامىن ھەقىقەت» سەۋەبىدىن ئۆز جېنىغا زامىن بولمايدۇ، چۈنكى زەھەر قايتۇرغۇچ دېگەن جىق.
35. ئەڭ ئەقەللىي كۆزىتىش. ھەقىقەتكە يېتىش بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ بەخىت سائادىتى ئارىسىدا ھېچقانداق ئالدىن بېكىتىلگەن مۇقەررەر ماسلىشىشچانلىق يوق .
36. ئىنساننىڭ قىسمىتى . چوڭقۇرراق ئويلىغانلىكى ئادەم شۇنى بىلىپ يىتىدۇكى ، مەيلى چىقارغان ھۆكۈمدە ياكى قىلغان ئىشىدا بولسۇن، ئۇ ھەر ۋاقىت خاتا .
37. پېرىخون ھەقىقەت. بىر چاغلاردا خاتالىق ھايۋانلارنى ئىنسانلارغا ئايلاندۇرغان ؛ ھەقىقەت ئىنسانلارنى قايتىدىن ھايۋانغا ئايلاندۇرۋېتەلەرمۇ ؟
38. مەدەنىيىتىمىزنىڭ خەتىرى. مەدەنىيەتنى مەدەنىيەت يولى بىلەن ۋەيران قىلىدىغان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز . 
39.ئۇلۇغلۇق دېمەك يول كۆرسىتىش دىمەكتۇر. ھەر قانداق دەريا ئېقىنى پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن تارماق ئېقىنلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ ئالغا قاراپ ئېقىشقا تايىنىپ ئاندىن ئۇلۇغ ۋە مول بولىدۇ. ئۇلۇغ روھلارمۇ مۇشۇنداق. مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى؛ شۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارمۇ مۇشۇ يولغا قوشۇلۇپ ماڭىدۇ. ئۇ روھنىڭ تۇغما تالانتى بارمۇ-يوق، بۇ مۇھىم ئەمەس . 
40.زەئىپلەشكەن ۋىجدان. ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقى توغرىسىدا گەپ سېتىپ يۈرگەن كىشىلەر، ئادەتتىكى سودا-سېتىق، دەسمايە ئىشلىرىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇش ۋە توختامغا رىئايە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ۋىجدانى ناھايىتىمۇ زەئىپ كېلىدۇ .
41. سۆيۈلۈشنى خالاش . باشقىلاردىن ئۆزىنى سۆيۈشنى تەلەپ قىلىش ئۇچىغا چىققان ھاكاۋۇرلۇق . 
42. باشقىلارنى مەنسىتمەسلىك.  ياكى بولمىسا ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەممە كىشىگە كەڭ قورساقلىق قىلىش، ياكى بولمىسا زادىلا كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق باشقىلارنى پەس كۆرۈشنىڭ ئەڭ ئوچۇق ئىپادىسى . 
43.جىدەلخورنىڭ شاگىرتى. كىشىلەرنى ئۆز-ئۆزىدىن غەزەپلىنىپ ئۆز-ئۆزىگە ئۆچ قىلغان ھەر قانداق ئادەم دائىملا بىر توپ ئەگەشكۈچىگە ئېرىشىدۇ . 
44.ئۇنتۇغاقلىق. كۆپ تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەر ئاسانلا ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، بىراق شۇ ئىشلار پەيدا قىلغان تەپەككۇرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ . 
45. بىر پىكىردە چىڭ تۇرۇش . ياكى بولمىسا شۇ ئىدىيەنى ئۆزى ئويلاپ چىققانلىقتىن ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن ، ياكى بولمىسا شۇ ئىددىيەنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئاران دېگەندە ئۆگىنىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا، بىر كىشى شۇ ئىدىيەگە رودۇپايدەك چاپلىشىدۇ ؛ شۇنداق قىلىپ، ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇش پەقەت ۋە پەقەت شۆھرەتپەرەسلىكتىنلا ئىبارەت خالاس.
46. يورۇقلۇقتىن قېچىش. ياخشىلىق قىلغانلار بىلەن يامانلىق قىلغانلار ئوخشاشلا جىددىيچىلىك ئىچىدە يورۇقلۇقتىن قاچىدۇ : يامانلىق قىلغانلار، يامانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن جازالىنىپ ئازاپ-ئوقۇبەت تارتىشىدىن قورقىدۇ؛ ياخشىلىق قىلغانلار بولسا، ياخشىلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ياخشىلىق قىلىشتىن تاپقان خۇشاللىقىنىڭ شۇنىڭلىق بىلەن تۈگىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . چۈنكى ،  ياخشىلىقنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن كەلگەن شۆھرەتپەرەسلىك بىلەن بۇ خىل خۇشاللىق بىر بىرى بىلەن ئەسلا چىقىشالمايدۇ . 
47.بىر كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى. ئەگەردە بىر ئادەمنىڭ سىغدۇرۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىش-كۈشلىرى بار بولسا، ئۇنداقتا بىر كۈننىڭمۇ يۈزلىگەن يانچۇقى بار، ھەممىنى سىغدۇرىۋېتەلەيدۇ .
48. تالانتلىق زالىم. ئەگەر روھ بىر خىل باشقۇرغىلى بولمايدىغان ئارزۇ ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە توختىماستىن ئۆزىنى زالىملىققا ئۈندىسە ھەمدە بۇ خىل ئوتتەك قىزغىنلىق داۋاملاشسا، ئۇنداقتا، سەنئەت ۋە سىياسەتتىكى ئانچېكىم تالانتلىقلارمۇ ئاخىرىغا كېلىپ توسالغۇسىز بىر تەبئىي كۈچكە ئايلىنىدۇ . 
49. دۈشمەننىڭ ھاياتى. دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈنلا ياشايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۈشمەننىڭ ھايات تۇرۇشى ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق .
50. تېخىمۇ مۇھىم . چۈشەندۈرۈلۈشكە ئامالسىز، مۈجمەل مەسىلىلەر چۈشەندۈرۈلگەن، ئېنىق مەسىلىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ . 
51. مۇلازىمەتنى باھالاش. باشقىلار تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى بىزگە قانچىلىق قىممىتى بارلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ مۇلازىمەتكە ئۇلارنىڭ قانچىلىك باھا چاپلىغانلىقى بىلەن باھالايدىكەنمىز .
52. بەخىتسىزلىك. بەخىتسىزلىكنى شۇ قەدەر شەرەپلىك ھېس قىلىمىزكى، بىرەرسى بىزگە «سىز نېمىدىگەن بەخىتلىك » دېگەن ھامان رەددىيە بېرىمىز؛ خۇددى بىر بەخىت ۋە خۇشاللىق بولسا يۈزەكىيلىك، ئىرادىسىزلىك ۋە پەسكەشلىكنىڭ ئالامىتىدەك .
53. قورقۇنچنىڭ خىيالى ئوبرازى. قورقۇنچنىڭ خىيالى ئوبرازى بولسا مۇنداق:بىر ئادەم ھاسىراپ-ھۆمۈدىگەن ھالدا چىداشلىق بېرەلمەي  دېگەندە، زەھەرخەندە ئادەمسىمان جىنلار ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە مىنىۋالدى .
54. كىشىنى بىزار قىلىدىغان رەقىبنىڭ پايدىسى. بەزىدە بىزنىڭ مەلۇم بىر ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇشىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى شۇكى ، ئۇ ئىدىيىنىڭ رەقىبى توختىماستىن بىزنى بىزار قىلىدۇ .
55.كەسىپنىڭ پايدىسى. بىر خىل كەسىپ بىزنى ھېچنىمىنى ئويلىماس قىلىۋېتىدۇ ، مانا بۇ ئۇنىڭ ئەڭ زور پايدىسى. چۈنكى كەسىپ دېگەن بىر قورغان بولۇپ، دۇنيانىڭ تەشۋىش ۋە غەم ئەندىشىسى دېگەنلەر بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا، بىز شۇ قورغاننىڭ كەينىگە چىكىنەلەيمىز .
    56. تالانت . بەزى كىشىلەر دائىم ئۆزىگە بەك چوڭ نىشانلارنى بېكىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تالانتى ئەسلى بار بولغىنىدىن كىچىكرەك كۆرۈنىدۇ .
57.ياشلىق. ياشلىقتىكى چاغلار كىشىنى يىرگەندۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغلاردا بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش  مۇمكىن بولمايلا قالماستىن، ئەقىلغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس .  
      

گېرمانىيە پەيلاسوپى  فرېدرىك نىچشېينىڭ «يالغۇز ئادەم» ناملىق ئەسىرىدىن  ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى.

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap