ئاھ ، مىنىڭ مىللىتىم(روزى سايىت)
1
نەسەبتە كۈللى ئالەم ئىتراپىلىق مىللىتىم باردۇر ،
ئۇغۇز پۇشتى _مۇقامى كاتتىلىقتا زىننىتىم باردۇر .
يۈسۈپ ، مەخمۇت كىتابىغا يىزىلغان نىي باھادارلىق ،
يەنە تاڭ قامۇسىدا قەيىت ئەجىرلىك مېنىتىم باردۇر .
يىپەك ، قاشتاش ، گىلەم ، بۇغداي ، بېدە ، قەغەز . . . گە بىز ھەغدا ،
(بۇنى جاڭ چىيەنمۇ تەستىقلايدۇ تۆھپەم ، قىممىتىم باردۇر .)
قەدىم تۆھپە _ يىراق ئۆتمۈشكە تالىق ، ماختىناي قانداق ،
قۇياشلىق تاڭدا يۈكسەلمەككە تاغدەك ھىممىتىم باردۇر .
مىنىڭ بۇ مىللىتىم شۇنداق ” قېرى” ، ياق ،نەۋجىۋان مىللەت ،
بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈن ، ياق ، ئەتىسىدە تەم _ تېتىم باردۇر .
مىنىڭ بۇ مىللىتىم ” پەگاغا ” چۈشكەن ، <>گىمۇ چىققان ،
بۇ ھەقتە سۆزلىسەم شان شەۋكىتىم گاھ ئىللىتىم باردۇر .
ئۆزىنىڭ مىللتىنى يەرگە ئۇرماس ھىچ كىشى زىنھار ،
مېنىڭ بۇ ”تىللىشىم”دا تەكتى ھۆرمەت ، خىزمىتىم باردۇر . . .
2
بۇ مىللەت شەنىنى يايغان جاھانغا ئۆم ئۇيۇشقاقلىق ،
ھالا ئەمدى چېچىلدى قۇم كەبى ، تەستەك قۇيۇشماقلىق .(1)
ھەسەتلىك دىل ، ھەسەتلىك گەپ ، ھەسەتلىك كۆز . . . شۇڭا دائىم ،
ئارام تاپمايدۇ ”كولاش” تا ، تېخى كۆپ تويۇشماقلىق .
خىيالىدا ئىلىم _ئىرپان ئەمەس جاڭجال ، رىيا ، پىتنە . . .
ئەدەپ ئەخلاقنى يەم قىلدى قىزىل كۆزلۈك ئۇرۇشقاقلىق .
كىچىكلەر چوڭلارغا بىھۆرمەت ، ئەپۇنى خالىماس چوڭلار ،
ئۇدۇم بوپ قالدىغۇ چۈجە _ خۇرازدەك تەڭ تۇرۇشماقلىق .
” مۇھەببەت سۆيگۈدە گۈللەيدۇ ئالەم ، زىتلىشىش نەسلىك ،
بۇ نەسلىك يولنى تار قىلغاي ” نى ھېچ ئويلاپ قۇيۇشماقلىق .
كىشىنىڭ چىن ۋاپا ، ئىخلاستىن ئارتۇق غەمخۇرى نەدە ،
بۇ مىللەت ئۇشبۇ غەمخورلۇق بىلەن سۆھبەت قۇرۇشماقلىق .
ئىلىم _ پەن راك بىلەن ئەيدىزگە تاپتى _ تاپقۇسى مەلھەم ،
بۇ مىللەت خەۋپى راك يەڭلىغ مىجەزىنى تۇنۇشماغلىق .
3
بۇ مىللەتتە ” ساقاللىقلار ” ناماز خانلىققا يۈزلەندى ،
” ساقالسىزلار ” لاغايلاشقا ، مەمەدانلققا يۈزلەندى .
ئۇيۇنپەزلەر سوقۇپ تاش بىرلە تاشنى كۆڭىلىنى ئاچسا ،
”كارا OK” ، ” تانسىكەش” نىڭ ۋاقتى بىزمانلىققا(2)يۈزلەندى .
جاھان نەدە ، ئۆزى نەدە ؟ بۇنى ئويلايدىغانلار ئاز ،
ئەجەپ ئىش ، پەيلى خۇيىدا بەخىرامانلىققا كۆندى .
پاسۇن – مودا كىيىم ، چاچ نۇسخىسى سۆھبەتتكى ماۋزۇ ،
ياسانماقنىڭ غېمى ھالى پەرىشانلققا يۈزلەندى .
”يېرى كەڭ ، بايلىقى مول ، خەلقى ئەمگەكچان” ئاتالغان يۇرت ،
ھۇرۇنلىقتا كۈنى ، ئىسىت ، خەيرى – ئېھسانلىققا يۈزلەندى .
بۇ مىللەت ئىلمۇ…ئىرپان ، كەشىپ ئىجادتا تۆھپىكار مىللەت ،
نېمىشقا ئەمدى ”ئەقلى كالتە ئىنسان” لىققا يۈزلەندى ؟
بۇ مىللەتنىڭ غېمىدە تۇرسا دەۋران ، يۆلىسە ھەدەپ ،
نېمىشقا يۆلىگەنچە سالپۇ سەرسانلىققا يۈزلەندى ؟ . . .
Related Posts
Related Posts
ئىختىيارى يازمىلار
- ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن
- چىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ خىيانەت
- ياپونىيىدە ئوقۇش
- ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا
- چىنگىزخاننىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى
- دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ
- ھېيتگاھ جامەسى
- خارۋاردنىڭ ئوچۇق دەرسى (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان)
- مەن بۇ بىر ئاينى قانداق ئۆتكۈزدۈم
- ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىقنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(ئېلكىتاب)
ئەمما دەھشەت ياخشى شىئىر ئىكەن، مەزمۇنى بەك ياخشى……بۇنىمۇ شىئىر خاتىرەمگە يىزىۋالسام بولغۇدەك…ياخشى شىئىر بىلەن يۈزلىشىشىمگە سەۋەب بولغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت