چىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ خىيانەت
رەسىمىڭگە قارىسام سېنىڭ،
كۆرۈنىسەن شۇنچە سۆيۈملۈك.
بەختىم دەپلا ئويلىغانىدىم،
بىر سېنىلا جېنىم ئۆمۈرلۈك.
رەسىمىڭگە قارىسام سېنىڭ،
كۆرۈنىسەن شۇنچە سۆيۈملۈك.
بەختىم دەپلا ئويلىغانىدىم،
بىر سېنىلا جېنىم ئۆمۈرلۈك.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى تۈركىيىدىكى زىيالىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىدى. بىر قىسىم شېئىرلىرى تۈرك ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت كىتاپلارغا كىرگۈزۈلدى. بەزى ئەسەرلىرى ئۈستىدە ماقالىلار يېزىلدى ۋە مەخسۇس دىسسىرتاتسىيەلەر ياقلاندى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ھۈليا كاساپئوغلۇ چەنگەل تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلىرى 2000- يىلى «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرى»(Ⅰ) دېگەن نام بىلەن مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىكى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان «ئىز» ناملىق رومانىمۇ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.
«ئىز» رومانى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، تارىخىي بىر رومان بولۇپ، ھەر بىر بۆلەكلىرىگە ئىچكىرلەپ كىرگىنىمىزدە ئۇنىڭدا «ھۆججەتلىك» ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. رومان بىرىنجى شەخسنىڭ تىلىدىن بايان قىلىش شەكلى ۋە ھەم زامان، ھەم ماكان، ھەم ۋەقەلەرگە سادىق بولۇش يولى بىلەن يېزىلغان. ئاپتور رومانغا تېما قىلغان ۋەقە ۋە شەخسلەرنى شۇ دەۋردىكى ئاشۇ ۋەقەلەرگە قاتناشقان ھەققىي كىشىلەر ئارقىلىق ياراتقان. ئاپتورنىڭ روماننىڭ كىرىش سۆزىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىش داۋامىدا ئۆزىگە ياردەم قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىشى ئۇنىڭ ئەسىرىنى يېزىۋاتقاندا ئارخىپ بىلىملىرىدىن، شۇ دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ شاھىتلىق سۆزلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشقان قوشاقلارنىڭ ئەسەرنىڭ ۋۇجۇدقا كىلىشىدە تەسىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز.
ئىز رومانىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئىستىداتلىق يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ‹جاللات خېنىم رومانى ›ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا سۈيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان رومانلارنىڭ بىرى.
كىتابنى چۈشۈرۈش
ئاۋازلىق نۇسخىسنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى:
1-باب
2-باب
3-باب
مەرھۇم يازغۇچىمىز زودۇن زابىرنىڭ خەلقىزمىزنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخى رومانلىرىمىزنىڭ سەركىسى بولغان ئانا يۇرت رومانىنڭ ئېلكىتابىدىن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يوللاپ قويدۇم .ئاخىردا بۇ كىتابنىڭ ئېلكىتابىنى تۈزگەن مېھنەتكىشىمىزگىمۇ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمز.
1-قىسىم چۈشۈرۈش
2-قىسىم چۈشۈرۈش
3-قىسىم چۈشۈرۈش
ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ،شۇنداقلا بىزنىڭ يۈرگۈنىمىزگە دەلمۇ-دەل بىر يىل بولغان كۈن.دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقامىكىن ۋاققىچىلىك ئورنۇمدىن تۇرمىدىم.خىيال قۇشلىرىم ئىككەيلەن بىرگە ئۆتكەن ئاشۇ گۈزەل دەقىقىلەرگە قايتقانىدى،نېمىشقا كىن سەن كۆز ئالدىمدىن كەتمەيۋاتاتتڭ،كەلگۈسىمىز ،مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى توغرىسىدا قىلىشقان بەس مۇنازىرىلىرىمىنى ئويلاپ كۆڭلۈم تەسۋىرلىگۈچىسىز شادلىققا تولدى.نېمىدىگەن ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن كۈنلەر ھە!
مول ھوسۇللۇق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ لېيىغان بۇلاق رومانى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ياخشى يېزىلغان رومانلارنىڭ بىرى تور ئارلاپ كېتىۋېتىپ بۇ كىتابنىڭ ئېلكىتابىنى ئۇچرىتىپ قالدىم .ئالدى بىلەن بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى جالالىدىن بەھرام ئاكىنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تېلەيمەن ،تېنى سالامەت تۇرغاي،ئاخىردا بۇ ئېلىكىتابنى روياپقا چىقارغۇچىغىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن !كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق بەھرىمان بولۇشى ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يوللاپ قويدۇم.
قارچۇقتا قاتقان قان
يۈگەنسىز ئۆتمىگەن يىللار
ئاخىرقى دوقال
مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى
مەشھۇر ئېنىسكلوپېدىك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى مىلادىيە 1011-يىلى ئوپالدا تۇغۇلغان . دادىسى ھۈسەيىن بىننى مۇھەممەد قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ،بارسقان شەھىرىنىڭ ھاكىمى بولغان . ئەمما مىلادىيە 1058-يىلى ئوردىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سىياسى مالىمانچىلىقتا دادىسى ئۆلتۈرۈلگەن .
ئۇنۋېرىستىىتقا كىرگەندىن بۇيان ،
نى گۈزەل ئازۇلىرىم يوقالدى قايان.
ۋاقتىمنى ئۆتكۈزدۈم ئەزمىلىك بىلەن،
ئەمەسمىدى ئوقۇشۇم گۈزەل بىر جەريان.
كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ چىقمىسام تورغا،
چىقتىممۇ ئۆتىدۇ ۋاقتىم بىكارغا.
شۇ كوت-كوتتا كوت-كوت قىلىشىپ،
يېتىمەن دېيىش مۇمكىنمۇ بۈيۈك ئارزۇغا.
قانداق يەركىن دەپتىمەن ktvدېسە،
ھەيرانلىقتا ئويناپتىمەن پۈتۈن بىر كېچە.
ۋقتىمنى تېگىشىپ ۋال_ۋۇل چىراغقا،
ياشلىقىم خازان بولمامدۇ مۇشۇنداق ئۆتسە.
ئۈچ-تۆتەيلەن بىر بۇلۇپ قۇرۇپ بەزمىنى ،
بىلمەيلا ئىچىپتىمەن ئۈچ-تۆت روكىنى .
ۋىجدانىمنى سېسىتپ ئاشۇ ھاراقتا،
بۇلغاپتىمەن ئوقۇغۇچىلىق نامىمنى.
Copyright © 2007-2008 بىلنۇر ستۇدېنتلار كولۇبى and WPYOU All rights reserved
بلوگ سۇپىسى WordPress ئۇسلۇب ئاپتورى WPYOU ئۇسلۇب تەرجىمە قىلغۇچى : ئەلشات تارقاتقان ئورۇن: ئۇسلۇبلار بلوگى
ئۈستىگە قايتىش