بىلنۇر يوللانغان ۋاقتى 2012-02-20 04:45 كۆرۈلۈشى:7 views
ياپونىيەگە ئوقۇشقا بېرىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر دەپ 3 چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ تور بېتىمدە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەر دە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنىڭ كېرەك بولىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.
1. ئالى مەكتەپ (大学学部) (DAIGAKU GAKUBU)
ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۆۋەندىكى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.
بىلنۇر يوللانغان ۋاقتى 2012-02-20 01:48 كۆرۈلۈشى:2 views
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم
سۆھبەت خاتىرىسى
ئىلاۋە: كىتاب ئىنسانغا بىلىم بېرىدىغان، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بۈيۈك كۈچتۇر. كىتاب ئوقۇش، كىتاب يېزىش، كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش. كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى، كىتابنى قانداق ئوقۇش، قانداق كىتابلارنى ئوقۇش، كىتابقا مەبلەغ سېلىش، كىتاب ساقلاش دېگەن تېمىلار ئۈستىدە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە تارماق ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپرانتى ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىي، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، يازغۇچى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد، «مىللەتلەر نەشرىياتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى، دوكتور دولقۇن قادىر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىم. داۋامىغا قىزىقسىڭىز ئېلكتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ .ئېلكىتابىنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز رەسىمنى چېكىڭ.
ھالقىلىق سۆز:
كىتاب | تۈرى:
ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
nilufar يوللانغان ۋاقتى 2012-02-14 09:22 كۆرۈلۈشى:13 views
كۆيىمەن دىسەڭ ساڭا ئىشىنىپتىمەن توۋا،
سېنى ئۆزۈمدەك ساددا چۈشىنىپتىمەن توۋا.
ئالداپ قويساڭ شادلىنىپ مەن يۈرۈپتىمەن توۋا،
ئەمدى بىلسەم ئەسلىدە خاتا قىپتىمەن توۋا.
يۈرىكىڭدىن چىقماسمۇ ماڭا لايىق جاي توۋا؟،
قوش قوللاپ ئالارسەنمۇ تۇتسامساڭا چاي توۋا؟.
ئەس قاتارمۇ ئېيتقىنا ساڭا تۇلۇنئاي توۋا؟،
ئاشۇ ئايلار يۈزۈڭگە ئاتمىسىدى لاي توۋا.
ھالقىلىق سۆز:
مۇھەببەت، | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
بىلنۇر يوللانغان ۋاقتى 2012-02-14 05:52 كۆرۈلۈشى:18 views
ئەركىن سىدىق
ئېلكىتابىنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز رەسىمنى چىكىڭ
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، لىدېرلىقنىڭ مۇنداق ئىككى تەرىپى بار. ئۇنىڭ بىرى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە قارىتىلغان لىدېرلىق ئىقتىدارى. يەنە بىرى بولسا باشقىلارغا قارىتىلغان لىدېرلىق ئىقتىدارى.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان ساندىكى گۈزەل ئارزۇلىرى، نىشانلىرى ۋە غايىلىرى بار بولىدۇ. شۇنداقلاكۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەپەككۈر دۇنياسىدا ئاشۇ گۈزەل ئارزۇ، نىشان ۋە غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋاقىتتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇشقا، ئاشۇ چاغدىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا خىيال قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. ئۇنداقتا ئۆزىڭىز بىلەن سىزنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرغان نەرسەنېمە بىلەمسىز؟ ئۇ سىزنىڭ لىدېرلىق ئىقتىدارىڭىز. لىدېرلىق ئىقتىدارى سىزنىڭ باشقىلارنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ مېڭىشىڭىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.
ھالقىلىق سۆز:
كىتاب,
لېدىر | تۈرى:
ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
بىلنۇر يوللانغان ۋاقتى 2012-02-13 16:05 كۆرۈلۈشى:23 views
زۇلپىقار باراتنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە ئىشلىگەن ئەمگەكلىرى
1. «مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتلىكى»(2- تومى)، ئاپتورى: خودا؛
2.«ئۆلۈم كۆلەڭگىسى»، رومان، ئاپتورى مىچىل زۇھا، «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئۇلاپ ئېلان قىلىنغان.
ھالقىلىق سۆز:
كىملىك | تۈرى:
ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
بىلنۇر يوللانغان ۋاقتى 2012-02-13 15:52 كۆرۈلۈشى:14 views
زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتور ئاسپرانتى. 1975- يىلى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1992- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ تەرجىمە باشقارمىسىدا تەرجىمان، سابىق «شىنجاڭ باج ئىشلىرى» ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە مەزكۇر ئىدارىنىڭ «باج كادىرلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن.
ھالقىلىق سۆز:
نەزەرىۋىي تەپەككۇر | تۈرى:
ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
بىلنۇر يوللانغان ۋاقتى 2012-02-12 11:33 كۆرۈلۈشى:16 views
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن
زېمىغا تۇنجى بولۇپ ئاپرىدە قىلىنغان ئىنسان- ئادەمئاتا، يەنى ئەر بولدى. ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى زاتى ئىنساننىڭ بىردىنبىر ئاتا يىلتىزى قىلىپ ئەزگۈ، كامىل سۈپەتلەر ئاساسىدا يارىتىشىدا ۋە ھەتتا پۈتكۈل پەرىشتىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇرىشىدا، زېمىننى مەنپەتلىك يوسۇندا پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالقىنىغا تۇتقۇزىشىدا كارامەت ھېكمەت مۇجەسسەم. دېمەككى، ئەر ياراتقۇچىنىڭ ئۈمىد، ئىشەنچ تىمسالىغا ئايلاندى، ئادەمئاتا- ئەر ئەڭ كامىل ئىنسان سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا كەلدى. ئۇنىڭغا چەكسىز ئىمان- ئىستەك بېرىلدى، شۇنداقلا شىللىسىگە يەنە يىتەرلىك دەرىجىدە قەرز-پەرزلەر يۈكلەندى.
ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
ھالقىلىق سۆز:
ئەر، | تۈرى:
ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
بىلنۇر يوللانغان ۋاقتى 2012-02-10 06:12 كۆرۈلۈشى:16 views
يازغۇچىمىز تۇرسۇن غوجابدۇللانىڭ ‹رەڭدار ھايات›رومانىىڭ ئېلكتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
مۇقەددىمە
زەڭگەر ئاسمان بېتىدە يېڭى ئېتىلغان پاختىدەك سۇس چېچىلىپ تۇرغان ئاپئاق بۇلۇتلار قۇياش نۇرىدا قاش تېشىدەك چاقناۋاتاتتى . قۇياشنىڭ كۈچلۈك تەپتىدىن زېمىننىڭ باغرى ئوت بولۇپ يېنىۋاتقاندەك بىلىنەتتى . تونۇردەك قىزىرىپ كەتكەن بۇ زېمىننىڭ ئاسمىنىدا نە بىرەر قۇش ، تۇپرىقىدا نە بىرەر ئادەمزات كۆرۈنمەيتتى . پايانسىز تاش ساينىڭ چېتىدىكى قۇمتاش دۆڭلۈكنىڭ باغرىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرغان دەريانىڭ سۈيى ئىسسىقنىڭ تەپتىدىن ھارغان ئادەمدەك جىمجىتلا ئېقىۋاتاتتى . مۇشۇ شاۋقۇنسىز دەريالار بۇ سايلىققا ھاياتلىقنىڭ نام – نىشانىدىن خەۋەر بېرىۋاتقان بىردىن – بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزىدەكلا بىلىنەتتى . دەرياغا پاراللېل يانداشقان ئەگرى – بۈگرى ساي يولىدا يىراقتىن بىر ئاق مىنىبۇس كېلىۋاتاتتى . دەريانىڭ بۇيىدا تۇرۇپ يىراقتىن قارىغاندا ، بۇ مىنىبۇس تاقىرباش سايلىقنىڭ ئۈچەيدە تارچۇق يولىدا قوڭغۇزدەك كۆرۈنەتتى . ھارغىن ئادەمنىڭ قەدەملىرىدەك ئاستا كېلىۋاتقان مىنىبۇس ئېگىز – پەس كاتاڭ يۇلىدىن قېيىپ چېقىپ ، كۈنچىقىش تەرەپتىكى تارام – تارامغا ئاشۇ دەريا بۇيىغا كېلىپ توختىدى . مىنىبۇسنىڭ توختىشى بىلەن كابىنكىنىڭ سول تەرەپ ئىشىكىدىن كۆتمەك بۇرۇتلۇق سېمىز شوپۇر يەرگە چۈشتى ۋە مىنىبۇسنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكى ئالدىغا ئۆتتى . مىنىبۇسنىڭ چوڭ ئىشىكىمۇ ئىچىلدى .
ئېلكتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
ھالقىلىق سۆز:
كىتاب | تۈرى:
ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
بىلنۇر يوللانغان ۋاقتى 2012-02-10 03:15 كۆرۈلۈشى:15 views
نەزىرە مۇھەممەت سالېھ نىڭ‹ ئەقىلدىن باشقاكۆز ›ناملىق كىتابى ھازىر نەشىر قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئىچىدە مەزمونى شۇنداقلا كىشىگە مەنىۋى زوق بېغىشلاش جەھەتتە تۇرتكىلىك رول ئوينايدىغان ياخشى كىتابلارنىڭ بىرى .بۇ كىتابنڭ بىر بۆلىكى بولغان ‹ئەقىلدىن باشقا كۆز ›قىسمىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋالغايسىلەر .
ئېلكىتابىنى چۈشۈرۈش
ھالقىلىق سۆز:
ئەقىل، كۆز | تۈرى:
ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
بىلنۇر يوللانغان ۋاقتى 2012-02-10 02:59 كۆرۈلۈشى:16 views
ئۆز تارىخىنى بىلىش ھەرقانداق كىشىگە ئىنتايىن مۇھىم .شۇڭا ئۆز تارىخىنى بىلمەسلىك ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ دەيمىز.شۇڭا تارىخنى ئەكىس ئەتتۇرگەن ئۇرۇش ‹چاناق قەلئە ئۇرۇشى›نىڭ ئېلكىتابىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .
ئېلكتابىنى چۈشۈرۈش
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش