ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ

ۋاقتى 2012-02-09 05:57 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 1 قېتىم

ئەركىن سىدىق

(مەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىشنى 2011-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنىلا باشلىغان بولۇپ، ئۇنى خېلە بۇرۇنلا تورغا چىقىرىپ بولۇشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. ئەپسۇسكى، يېقىنقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەن ئىدارىدە قاتنىشىۋاتقان بىر چوڭ پروجېكت (تەتقىقات تۈرى) بىر جىددىي باسقۇچقا كىرىپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاخشاملىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئىشلىمىسەم بولمايدىغان بىر ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىم. شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر ماقالە بىر قانچە ئاي سوزۇلۇپ كەتتى. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەمدە ئالدىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن ھال-ئەھۋال سورىغان، ھەمدە مېنىڭ يېڭى ماقالەمگە بولغان تەقەززاسىنى بىلدۈرگەن قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.

ماڭا ۋەتەندىن ھازىرغا قەدەر مەسلىھەت سوراپ خەت يازغان ياشلارنىڭ ئىچىدە، كەسىپنى قانداق تاللاش توغرىسىدىكى خەتلەر ئەڭ كۆپ. دېمىسىمۇ ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياش-ئۆسمۈرلەر ئالىي مەكتەپتىكى كەسىپنى قانداق تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي، بىر خىزمەت تېپىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات سەپىرىنى باشلىماقچى بولغانلارمۇ، ئۆزى ئۈچۈن قايسى كەسىپنى قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بېشى قاتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ھازىر ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەتنى تېپىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز. شۇنداق بولسىمۇ، ئەگەر ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك، ھەممە ئىش ئۆزى ئارزۇ قىلغاندىكىدەك بولغاندا، كەسىپنى نېمىگە ئاساسلىنىپ تاللاش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، كەلگۈسىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلار، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدىكى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات يۆنىلىشىنى قانداق تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى پەرزەنتلىرى بار ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىنىڭ كەسپ تاللاش ئىشىغا ياردەم قىلىشتا بېشى قاتىدۇ. ئاللىقاچان ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھازىر بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرمۇ، ھازىر ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەت ياكى كەسىپ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت ياكى كەسىپمۇ-ئەمەسمۇ، دېگەننى بىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. ئۇنداقتا سىز كەسىپنى نېمىگە ئاساسەن تاللىسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ ئۆزىڭىزگە قايسى خىزمەت ياكى كەسىپنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى قانداق قىلغاندا توغرا ئۆلچىيەلەيسىز؟ مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇنداق قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

بەزىلەر يۇقىرىدىكى بايانلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، «مېنىڭ خىزمىتىم ياكى كەسپىم ئۆزەمنىڭ تۇغما تالانتلىرىغا توغرىلانمىسا نېمە بوپتۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ئۆز ئۆمرۈڭىزدە ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىڭىز ئېرىشەلەيدىغان نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىشنى ئىستەيدىكەنسىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ياكى خىزمىتىنى ئۆزىڭىزدىكى تۇغما تالانتلارغا توغۇرلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۆز كەسپىڭىز ياكى خىزمىتىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ئىشىغا ئايلاندۇراي دەيدىكەنسىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ئەڭ قىزىقىدىغان ئىشنى ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ياكى خىزمىتى قىلىپ تاللىشىڭىز كېرەك. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزى قىزىقىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ تۇغما تالانتىغا توغرىلانغان ئىشنى كەسپ قىلىپ تاللاش ئىمكانىيىتى بار بولۇپ، ئۇ يەردىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆز ئۆمرىنى ئەنە ئاشۇنداق ئۆتكۈزىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق ئىمكانىيەتلەر ئىنتايىن چەكلىك. شۇنداق بولسىمۇ قىزىقىش ۋە تۇغما تالانتلارنىڭ كەسپ تاللاشتىكى ئورنى، ۋە ئۇلارنىڭ سىزنىڭ ئۆز ئۆمرىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىلمىي ئاساستا چۈشىنىۋېلىش، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايمەن.

مەن بۇرۇنقى بىر يازمامدا ئۆزەمنىڭ ھايات تەجرىبىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇنداق دېگەن ئىدىم: «ئۆز-ئۆزىنى بايقاش ئۆمۈرلۈك ئىش. سىز بىر ئىشنى ياخشى قىلالىغان بىلەن، يەنە بىر ئىشنى ياخشى قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا سىز ئۆز ئالاھىدىلىكىڭىزنى تولۇق بايقاپ، ئۇنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ.» كەسىپ تاللاش مەسىلىسى ھەققىدە مەن ئۆزەمنىڭ 2007-يىلى يازغان «ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك » دېگەن ماقالىسىدىمۇ بىر ئاز توختالغان ئىدىم. يېقىندا بىر تونۇشۇمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئىنگلىزچە «سترەڭتھ فىندەر 2.0» دېگەن، ئۇيغۇرچە «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى 2.0» دېگەن مەنىدىكى توم رەس (Tom Rath) نىڭ كىتابىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. بۇ كىتاب ئامېرىكىدىكى بىر دۇنياغا داڭلىق چوڭ تەتقىقات ئورگىنىنىڭ 40 نەچچە يىللىق تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان:
1-كىشىلەر كەسىپ تاللىغاندا ئۆزلىرىنىڭ تۇغما تالانتلىرى ۋە ئەڭ كۈچلۈك قابىلىيەتلىرىنى ئاساس قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
2-ئادەملەردە بار بولىدىغان تۇغما تالانتلارنى 34 تۈرگە ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى قىسقىچە تەسۋىرلىگەن
3-ئاشۇ تالانتلارنىڭ ھەر بىرىگە بىر قانچە مىسال كەلتۈرگەن
4-ھەر بىر تالانتنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تىزىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ چىققان
5-ھەر بىر تالانتقا نىسبەتەن، ئوخشاش تالانتقا ئىگە كىشىلەر قانداق شەكىلدە ھەمكارلاشسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۆز تەكلىپلىرىنى ئوتتۈرىغا قويغان
6-لازىرلىق پلاستىنكا (CD) غا قاچىلانغان، ئۆزىدىكى تۇغما تالانتلارنى تېپىش يۇمشاق دېتالىنى كىتاب بىلەن بىللە تەمىنلىگەن

مەن مەزكۇر ماقالىدە ئاشۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بىر كىتابتىكى مەزمۇنلارنى بىر پارچە ماقالىدە تولۇق تونۇشتۇرۇپ چىقىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا مەن پەقەت يۇقىرىدىكى 1-مەزمۇن بىلەن 2-مەزمۇننىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئىنگلىزچىنى بىلىدىغان ۋە بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر ئەسلىدىكى كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چىقسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئىشىنىمەنكى، بۇ ماقالە ئۆزىدىكى ياكى ئۆز پەرزەنتىدىكى تۇغما تالانت ۋە كۈچلۈك قابىلىيەتلەرنى بىلىۋېلىشنى ئىستەيدىغان ھەر بىر ئوقۇرمەنگە ناھايىتى زور پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

1. «ئارتۇقچىلىق» (Strength) دېگەن سۆز ھەققىدە

كىتابنىڭ ئىسمىدىكى ئىنگلىزچە «finder» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «تاپقۇچى، بايقىغۇچى» بولۇپ، «strength» دېگەن سۆز يۇلغۇن لۇغىتىدە «كۈچ، قۇۋۋەت، كۈچـقۇۋۋەت، ئارتۇقچىلىق، ئالاھىدىلىك، ئەسكەر كۈچى» دەپ ئىزاھلانغان. مەن ئۆزەمنىڭ «ئارتۇقچىلىق، ئاجىزلىق، پۇرسەت، ۋە تەھدىت » دېگەن ماقالىسىدە، «strength» دېگەن سۆزنى «ئارتۇقچىلىق» دەپ ئالغان ئىدىم. مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاش جەريانىدا، مەن بۇ سۆز ھەققىدە بىر ئاز ئويلۇنۇپ قالدىم. «ئارتۇقچىلىق» دېگەن سۆز بىلەن قارىمۇ-قارشى مەنىدىكى سۆز ھەققىدە ئويلىغىنىمىزدا، ئادەتتە كاللىمىزغا ئالدى بىلەن «كەمچىلىك» دېگەن سۆز كېلىدۇ. لېكىن، مەزكۇر كىتابتا ئىنگلىزچە «strength» دېگەن سۆز «ئاجىزلىق» قا قارىمۇ قارشى مەنىدىكى سۆز ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، «كەمچىلىك» بىلەن «ئاجىزلىق» نىڭ مەنىسىدە ناھايىتى زور پەرق بار. مەسىلەن، مەكتەپلەردىكى مەۋسۇملۇق ياكى يىللىق ئوقۇغۇچىلار باھالىشىدا «مەمەت ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشچان، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ، ھەر كۈنى دەرسكە كېچىكمەي كېلىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش تەسۋىرلەر ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يەردىكى «ئۆگىنىشتە ناھايىتى تىرىشىش، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاش، دەرسكە كېچىكمەي كېلىش» قاتارلىقلار مەمەتنىڭ «ئارتۇقچىلىقلىرى» ياكى «كەمچىلىكلىرى ئەمەس» بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ «تۇغما تالانتلىرى، كۈچلۈك قابىليەتلىرى، ياكى كۈچلۈكلۈكى» ئەمەس. ئىنگلىزچە لۇغەتتە «strength» دېگەن سۆز «جىسمانىي، روھىي، ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى كۈچلۈك ھالەت ياكى كۈچلۈكلۈك؛ تەسىر، نوپۇز، بايلىق مەنبەسى ۋە سانلىق قىممەت جەھەتتىكى ھوقۇق ياكى كۈچ-قۇۋۋەت» دەپ ئىزاھلانغان. ئىنگلىزچە سۈپەت سۆزى «strong» نىڭ مەنىسى «كۈچلۈك» بولۇپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئىسىم سۆزى «strength» نىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئۇتتۇر مەنىسى «كۈچلۈكلۈك» بولىدۇ. بىراق، مەن ئىنگلىزچىدىكى «strength» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش سانى ۋە دائىرىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرچىدا «كۈچلۈكلۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن «ئارتۇقچىلىق» دېگەن سۆز كۆپ مەنىلىك سۆز بولۇپ، ئۇ «كەمچىلىك» كە قارىمۇ-قارشى مەنىدىمۇ، ھەمدە «ئاجىزلىق» قا قارىمۇ-قارشى مەنىدىمۇ ئىشلىتىلىدىكەن، دېگەن خۇلاسىغا كەلدىم. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئاشۇنداق دەپ چۈشىنىشىنى سورايمەن. يەنى يۇقىرىدىكى كىتابتا ۋە مەزكۇر ماقالىدا كۆزدە تۇتۇلغىنى ئادەملەرنىڭ تۇغما تالانتلىرى ۋە كۈچلۈك قابىلىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كۈچلۈكلۈكلىرى»، ياكى بولمىسا «ئاجىزلىق» قا قارىمۇ-قارشى بولغان ھالەتلەر بولۇپ، ئۇنى مەزكۇر ماقالىدا «ئارتۇقچىلىقلار» دەپ ئالىمەن.

مەزكۇر كىتابتا بايان قىلىنغان «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆلچەيدىغىنى تالانت بولۇپ، ئارتۇقچىلىقلار ئەمەس ئىكەن. ئاپتورنىڭ ئۇنىڭغا «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» دېگەن ئىسىمنى قويۇشىدىكى سەۋەب، بۇ يەردە ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى بولغان نەرسە ھەقىقىي ئارتۇقچىلىقلار بولۇپ، تالانت بولسا ئارتۇقچىلىقلارنىڭ پەقەت بىر تەركىبىي قىسمىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىدۇر.

2. «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» قانداق ۋۇجۇتقا كەلگەن

ئامېرىكىدا 1958-يىلى قۇرۇلغان «گاللۇپ تەشكىلاتى» (The Gallup Organization) دېگەن بىر شىركەت بار بولۇپ، ئۇنىڭ 27 ئەلدە 40 تىن ئارتۇق تارماق ئىدارىسى بار. بۇ شىركەتنىڭ قىلىدىغىنى ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا، شىركەت خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئىپادىسى ئۈستىدە مەسلىھەت بېرىش، ئىسپاتلىنىپ بولغان ئىش-ھەرىكەت ئىقتىسادى پرىنسىپلىرىدىن پايدىلىنىپ، شىركەت ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. بۇ شىركەتنىڭ باش شتابى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان. «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى توم رەس 1998-يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ شىركەتنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر كىتابنى 2007-يىلى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان.

بۇ شىركەتتىكى بىر توپ ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر كىشىلەرنىڭ تۇغما تالانتلىرى ئۈستىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. 100،000 قېتىمدىن كۆپرەك تالانت ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. كىشىلىك ئارتۇقچىلىقلار تۈرىدىن 5،000 دىن كۆپرەكىنى تاپقان. نەتىجىدە ئۇلار ئەگەر كىشىلەر ئۆز ئېنېرگىيىسىنى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تولدۇرۇشقا ئەمەس، ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە كۈچلۈك قابىلىيەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاجرىتىدىكەن، ئۇلارنىڭ يۇقىرىلاپ ئۆسۈش ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى نەچچە ھەسسە ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئىنسانلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ھەققىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، گاللۇپ تەشكىلاتىدىكىلەر ئىنسانلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تالانتلارنى 34 تۈرگە ئايرىپ، «كلىفتون ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نى ئىشلەپ چىققان. بۇ يەردىكى «كلىفتون» ئارتۇقچىلىقلار پىسخولوگىيىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان دونالد كلىفتون (دونالد ئو. كلىفتون) نىڭ ئىسىم پەمىلىسىدۇر. گاللۇپ تەشكىلاتى «كلىفتون ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نى 2001-يىلى «ھازىر ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايقىۋېلىڭ» (نوۋ، دىسكوۋەر يوئۇر سترەڭتھس) دېگەن كىتابقا كىرگۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ 20 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، 100 دىن ئارتۇق ئەللەردىكى شىركەت، مەكتەپ ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردا قوللىنىلىشقا باشلىغان. ھازىرقى كىتابتا بايان قىلىنغىنى « ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» نىڭ 2-نۇسخىسىدۇر. بۇ كىتابنى گاللۇپ تەشكىلاتى ھازىرمۇ ھەر خىل شىركەت، مەكتەپ، ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ خادىملىرىنى تەربىيىلەشكە ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ كىتابتىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە مەخسۇس تەييارلانغان بىر تور بېتى، تۇغما تالانتلارنى باھالاش يۇمشاق دېتالى، ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى يېتىلدۈرۈش قوللانمىسى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

گاللۇپ تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا راي سىناشمۇ ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئېرىشكەن راي سىناش نەتىجىلىرى ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن ئەللەردە ناھايىتى يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە.

ماڭا مەزكۇر كىتابنى تەۋسىيە قىلغان تونۇشۇممۇ مەلۇم بىر چوڭ شىركەتنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ شىركىتى ئۆز تارمىقىدىكى ھەممە كەسپىي خادىملارنى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى تېپىش ھەققىدىكى بىر قانچە كۈنلۈك مەخسۇس كۇرسقا قاتناشتۇرۇپ، ئۇ كۇرستا بىر مۇتەخەسسىسنىڭ يېتەكلىشىدە ئۆزلىرىدىكى تۇغما تالانتلارنى باھالاتقۇزغان. ھەمدە مەزكۇر كىتابنى ھەممە تەربىيىلەنگۈچىلەرگە بىردىن تارقىتىپ بەرگەن. بىر شىركەت ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم خادىملىرىنى بىر قانچە كۈن ئىشتىن ئايرىپ، مۇشۇنداق بىر ئىشنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قانچىلىك ئىقتىسادىي چىقىم تارتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش ئانچە قىيىن ئەمەس. ئۇلار پەقەت مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئاخىرىدا ناھايىتى زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن بۇنداق بىلىملەرگە ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقىنى، كىشىلىك تەرەققىيات ساھەسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھازىرقى زامان بىلىملىرىدىن ئۆزلىرىنى تولۇق قوراللاندۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىركەت قۇرغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن بۇ بىلىملەر تېخىمۇ مۇھىم. شىركەت خادىملىرىنى مۇشۇنداق بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سېلىنغان بىر قىممەتلىك مەبلەغ بولۇپ، بۇنداق ئىش ئۇزۇنغىچە ناھايىتى يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم بېرىدۇ. شۇڭلاشقا شىركەت قۇرغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئىشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

3. تۇغما تالانتلارنى كۈچلەندۈرۈش ئاجىزلىقلارنى تولدۇرۇشتىن مىڭ ئەلا

«ئەگەر سىز يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشسىڭىز، ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغاندەك ھەر قانداق بىر ئادەم بولۇپ چىقالايسىز» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز ھەممەيلەنگە ئايان. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئاشۇ ھېكمەتلىك سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆز پەرزەنتىنىڭ تەبىئىي ياكى تۇغما تالانتلىرىغا ھېچ قانداق ئېتىبار بەرمىگەن ھالدا، ئۇلار ئۈچۈن مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللاپ بېرىدۇ. مەن ئوقۇتقۇچىلىققا ئازراقمۇ قىزىقمايدىغان ياشلارنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. تەبىئىي پەنگە ۋە ئىنجىنىرلىككە (قولى بىلەن بىر نەرسە ياساشقا) ناھايىتى قىزىقىدىغان ۋە ئۇنى ياخشى قىلالايدىغان ياشلارنىڭ بىر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياكى تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم. ئىجتىمائىي پەنگە قىزىقىدىغان ياشلاردىن تەبىئىي پەنگە كىرىپ قالغانلىرىنى كۆردۈم. نۇرغۇن ياش ئۆسمۈرلەرمۇ ئۆزىدىكى تەبىئىي ياكى تۇغما تالانتلارنى ھېچ قانداق چۈشەنمىگەن، چۈشەنسىمۇ ئۇنىڭغا ھېچ قانداق ئېتىبار بەرمىگەن ھالدا، مەلۇم بىر كەسىپنى تاللاپ، ئاشۇ كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماقچى بولىدۇ. يېشى خېلە بىر يەرگە بېرىپ، كەسىپ ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتى يوق بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ياكى بولمىسا خىزمەت ئالمىشىش ئىمكانىيىتى يوق بىر خىزمەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئۇ كەسىپكە قىلچە قىزىقمايدىغانلىقىنى، ياكى بولمىسا ئۇ كەسىپنى ھەرگىزمۇ ياخشى قىلالمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر كۈننى ھەسىرەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. ماڭا ئاشۇنداق تەقدىرگە دۇچ كەلگەن ياشلاردىن نۇرغۇنلىرىدن خەت كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتا-ئانىسىغا قاتتىق نارازى بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما، گاللۇپ تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدىغان مەلۇم بىر ساھە بار بولۇپ، كىشىلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ياكى تۇغما تالانتلىرىغا توغرىلاپ تۇرۇپ تاللاشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا يۇقىرىدىكى ھېكمەتلىك سۆزنىڭ توغرىسى مۇنداق بولىشى كېرەك: «سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئايلىنالمايسىز، ئەمما سىز ئۆزۈڭىزدىكى تۇغما تالانتلار ئاساسىدا ھازىرقىدىن كۆپ كۈچلۈك بىر ئادەم بولالايسىز (You cannot be anything you want to be—but you can be a lot more of who you already are).

4. تۇغما تالانتلار ئادەملەرنىڭ كىچىك يېشىدىلا نامايان بولىدۇ

ھەقىقەتەنمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادەملەر ئۆزگىرىدۇ. بىزنىڭ مىجەزىمىز ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتقا ماسلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ئەمما، ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئادەم مىجەزىدىكى يادرولۇق ئورۇندا تۈرىدىغان ئالاھىدىلىكلەر، ئادەمنىڭ يۈكسەك قىزغىنلىقى ۋە قىزىقىشى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئانچە كۆپ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك مىجەزىنىڭ يىلتىزلىرى ئىنتايىن كىچىك يېشىدىلا نامايان بولۇشقا باشلايدۇ. يېڭى زىللاندىيىدە 1،000 نەپەر بالىلار ئۈستىدە ئۇدا 23 يىل ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئىپادىلىگەن خۇلقى-مىجەزلەر بىلەن ئۇلار 26 ياشقا كىرگەندىكى خۇلقى-مىجەزلىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوخشاشلىق بايقالغان. شۇڭلاشقا، «ئارتۇقچىلىقلارنى تاپقۇچى» كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولغان كىشىلىك مىجەز ئېلېمېنتلىرىنى، يەنى تۇغما تالانتلىرىنى، ئۆلچەيدىغان قىلىپ تەييارلانغان.

ئارتۇقچىلىق تەڭلىمىسىدە بىلىم، ماھارەت ۋە پراكتىكا (ئەمەلىي مەشىق) لەرمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر كۆڭلىڭىزدە ئاساسىي ئېلېمېنتلار ۋە قولىڭىزدا زۆرۈر بولغان ماھارەتلەر بولمايدىكەن، سىزدىكى تالانتلارمۇ ئېچىلماي كۆمۈلۈپ قېلىۋېرىدۇ. تەلىيىمىزگە يارىشا، ئۆز ئارتۇقچىلىرىمىزغا بىلىم بىلەن ماھارەتلەرنى يېڭىدىن قوشۇۋالالايمىز. مەسىلەن، بىر كۇرسقا قاتنىشىش ياكى بىر كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق، بىز بىر يېڭى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنى ئۆگىنىۋالالايمىز. ئەمما، ئۆزىڭىزنىڭ تالانتلىرىنى ھەقىقىي ئارتۇقچىلىقلارغا ئايلاندۇرۇش سىزدىن پراكتىكا قىلىشنى ۋە قاتتىق تىرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خۇددى سىز ئۆزىڭىزنىڭ جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتىڭىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق چېنىقمىسىڭىز بولمىغانغا ئوخشاش. مەسىلەن، ئەگەر سىز مۇسكۇللىرى ناھايىتى يوغىنايدىغان ئادەم بولۇپ تۇغۇلغان بولسىڭىزمۇ، ئەگەر سىز ئۆز مۇسكۇللىرىڭىزنى داۋاملىق چېنىقتۇرۇپ تۇرمايدىكەنسىز، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەسلىدە بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن پروگراممىلانغاندەك يوغىنىمايدۇ. ئەمما سىز باشقا بىر بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن سىزدەك پروگراممىلانمىغان ئادەم بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە چېنىقسىڭىز، سىزنىڭ مۇسكۇللىرىڭىز ئۇنىڭكىدىن جىق كۆپ يوغىنايدۇ.

گاللۇپ تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىر ئادەم ئۆزىدە بۇرۇن مەۋجۇت بولمىغان بىر تالانتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى بولىدىكەن، بەزىدە يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تالانتلارنى جارى قىلدۇرۇشتىن باشلاپ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىلىم، ماھارەت ۋە پراكتىكىلارنى قوشقان. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى تۇغما تالانتلىرى «ھەسسىلەپ كۆپەيتكۈچى» بولۇش رولىنى ئوينىغان.

تۆۋەندىكىسى ئەسلىدىكى كىتابتا بايان قىلىنغان ئارتۇقچىلىق تەڭلىمىسىدۇر:

(تالانت) x (مەبلەغ) = ئارتۇقچىلىق

تالانت: تەپەككۇر قىلىش، تۇيۇش ۋە ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ تەبىئىي شەكلى ياكى ئۇسۇلى
مەبلەغ: پراكتىكا قىلىشقا، ئۆزىڭىزنىڭ ماھارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم ئاساسىنى قۇرۇشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىز
ئارتۇقچىلىق: قىلغان ئىشىڭىزنى دائىم ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللىككە يەتكۈزۈش قابىلىيىتىڭىز

5. 34 تۈرلۈك تالانت

تۆۋەندە مەن ئادەملەردە بار بولىدىغان 34 تۈرلۈك تالانتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. سىز ئۇلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىزدە بار بولغان ئەڭ كۈچلۈك تالانتلاردىن بەشنى تېپىپ چىقىڭ. بۇنداق قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى، ھەر بىر تالانتنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىزدىكى ئاشۇ تالانتقا نۆلدىن 10 غىچە نومۇر قويۇپ مېڭىش. ئەگەر سىزدە بىر تالانت زادىلا بولمىسا ئۇنىڭغا نۆل قويۇڭ. ئەگەر سىزدە مەلۇم بىر تالانت تولۇق بولسا، ئۇنىڭغا 10 قويۇڭ. ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن 5 تالانتلارنى يۇقىرى نومۇرلۇقتىن تۆۋەن نومۇرلۇققىچە تىزىپ چىقىڭ. ئاشۇنداق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىر ئوقۇۋاتقان ياكى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىڭىز، ياكى خىزمىتىڭىزنىڭ سىزدىكى ئاشۇ 5 تالانتلارنىڭ بىرەرسى ياكى بىر قانچىسىغا توغرىلانغان-توغرىلانمىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بېقىڭ. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بېرىدىكەن، سىز ئۆزۈڭىزنىڭ كەسپى بىلەن خىزمىتىنى ئۆزىڭىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك تالانتقا توغرىلاشقا تىرىشىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز بۇرۇن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىڭىزنى نېمىگە سەرپ قىلىشنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز، ئەمدى ئۇنى ئۆزۈڭىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك تالانتنى جارى قىلدۇرالايدىغان ۋە سىز ئەڭ قىزىقىدىغان بىر ئىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشىپ بېقىڭ.

ئەسلىدىكى كىتابتا بۇ 34 تۈرلۈك تالانتلار ئۇلارنىڭ باش ھەرىپىنىڭ ئىنگلىزچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە بايان قىلىنغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇلارنى ئاشۇ تەرتىپ بويىچە تونۇشتۇرىمەن.

(1) نەتىجە چىقارغۇچى (Achiever)

سىزدىكى قىلغان ئىشتىن نەتىجە چىقىرىش تالانتى سىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. نەتىجە چىقارغۇچى نەتىجىگە بولغان بىر ئۆزلۈكسىز ئېھتىياجنى نامايان قىلىدۇ. ئەگەر سىز بىر نەتىجە چىقارغۇچى بولىدىكەنسىز، سىز ھەر بىر كۈن نۆلدىن باشلىنىدىغاندەك ھېسسىياتتا بولىسىز. ھەر بىر كۈن ئۆتۈپ بولغاندا، سىز پەقەت مەلۇم ئۆلچىگىلى بولىدىغان نەتىجىگە ئېرىشكەندىلا ئاندىن ئۆزىڭىز توغرىسىدا بىر ياخشى تۇيغۇغا كېلەلەيسىز. بۇ يەردىكى «ھەر بىر كۈن» دېگىنىمىز خىزمەت كۈنلىرى، دەم ئېلىش كۈنلىرى، ۋە تەتىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز بىر كۈن دەم ئېلىشقا قانچىلىك دەرىجىدە ھوقۇقلۇق بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر مەلۇم بىر كۈننىڭ ئىچىدە سىز مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ئازراق نەتىجىگە ئېرىشمەيدىكەنسىز، سىز ئۆز-ئۆزىڭىزگە رازى بولمايسىز. بىر ئىچكىي ئوت سىزنىڭ ئىچىڭىزدە داۋاملىق كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سىزنى تېخىمۇ كۆپرەك ئىش قىلىشقا، تېخىمۇ كۆپرەك نەتىجە يارىتىشقا ئۈندەيدۇ. ھەر بىر نەتىجىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ئوت بىر ئاز پەسلەيدۇ. ئەمما بىر دەمدىن كېيىنلا ئۇ ئوت يەنە كۈچىيىپ، سىزنى كېيىنكى نەتىجىگە ئۈندەيدۇ. سىزنىڭ نەتىجىگە بولغان قاتتىق ئېھتىياجىڭىز لوگىكىلىق بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇ ھەتتا مەركەزلەشكەن بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھەر ۋاقىت سىزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. سىز بىر نەتىجە چىقارغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئاشۇ نارازىلىق ياكى رازى بولماسلىق ئاۋازى بىلەن بىللە ياشاشقا كۆنمىسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ سىزگە كۆپ پايدىسى بار. ئۇ سىزنى ھارغىنلىق ھېس قىلماي تۇرۇپ ھەر كۈنى 8 سائەتتىن كۆپ ئىشلەشكە كېتىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر دائىم سىزنى يېڭى ۋەزىپە ۋە يېڭى قىيىن ئۆتكەللەرنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا ئۈندەيدۇ. سىزنى ئىش قىلىش سۈرئىتىڭىز بىلەن خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئۇ سىزنى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىتىغان تالانتتۇر.

(2) قوزغاتقۇچى (Activator)

«بىز قاچان باشلايمىز؟» دېگەن سوئال سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا قايتا-قايتا سورۇلۇپ تۇرىدۇ. سىز بىر ئىش باشلاشقا ئالدىرايسىز. ئانالىز قىلىشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى ياكى بەس-مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرىنىڭ بەزىدە پايدىلىق ئىدىيىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما يۇرىكىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا پەقەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتنىڭلا ھەقىقىي ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى، پەقەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلا بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغانلىقىنى، پەقەت ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلا نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىنى بىلىسىز. بىر ئىش توغرىسىدا قارار چىقارغان ھامان، سىز ئىش باشلىماي تۇرالمايسىز. باشقىلار «بىز تېخى چۈشىنىپ بولالمىغان بىر قىسىم ئىشلار بار» دەپ ئەنسىرىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنداق ئەندىشىلەر سىزنى ئاستىلىتىپ قويالمايدۇ. بىر شەھەرنىڭ بۇ بېشىدىن يەنە بىر بېشىغىچە بېرىش قارار قىلىنغان بولسا، سىز ئۇ يەرگە ئەڭ تېز بېرىشنىڭ ئۇسۇلى بىر تۆت-كوچا چىرىغىدىن يەنە بىر تۆت-كوچا چىرىغىغا بېرىش، ھەمدە بۇنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. سىز ھەرگىزمۇ بىر جايدا تۇرۇپ، ھەممە تۆت-كوچا چىراغلىرىنىڭ يېشىلغا ئۆزگىرىشىنى كۈتۈپ تۇرمايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئەمەلىي ئىش قوللۇنۇش بىلەن ئويلىنىش بىر-بىرىگە زىد ئىشلار ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، سىزنىڭ قۆزغاتقۇچى تالانتىڭىزنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش قورالى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسىز. سىز بىر قارار ئېلىپ، ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىسىز. بۇ ئۆگىنىش جەريانى سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ كېيىنكى پىلانى ۋە باسىدىغان قەدەملىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئىنكاس قايتۇرىدىغان بىرەر ئىش بولمايدىكەن، سىز ھەرگىزمۇ تەرەققىي قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىسىز. شۇڭا سىز چوقۇم ئەمەلىي ئىش قىلىشىڭىز كېرەك. كېيىنكى قەدەمنى ئېلىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ يېڭى-يېڭى ئىشلارنى ئويلاپ تېپىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى. سىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىسىزكى، كىشىلەر ھەرگىزمۇ سىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭىزگە، ۋە نېمىنى ئويلىغانلىقىڭىزغا قاراپ باھا بەرمەيدۇ، بەلكى سىزنىڭ نېمە ئىشنى قىلالىغانلىقىڭىزغا قاراپ باھا بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ھەرگىزمۇ سىزنى قورقۇتالمايدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ سىزنى شاتلاندۇرىدۇ.

(3) ماسلىشىشچانلىق (Adaptability)

سىز ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاكتىپ ياكى ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇرىسىز. «كەلگۈسى دېگەن بىر مۇقىم مەنزىل» دەپ قارىمايسىز. ئۇنىڭ ئورنىغا كەلگۈسى سىز ھازىر ئېلىپ بارغان تاللاشلارنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزىڭىز ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان بىر نەرسە، دەپ قارايسىز. شۇنىڭ بىلەن سىز بىر قېتىمدا كەلگۈسى توغرىسىدىكى تاللاشلاردىن پەقەت بىرنىلا تاپىسىز. بۇ ھەرگىز سىزنىڭ پىلانسىز ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. سىزنىڭ پىلانىڭىزمۇ بار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، سىزنىڭ ماسلىشىشچانلىق تالانتىڭىز سىزنى باشقا پىلانلىرىڭىزدىن ۋاز كەچۈرۈشكە توغرا كەلگەندىمۇ، سىزنى ھەر بىر پەيتنىڭ ئۆزىدىكى ئېھتىياجغا ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ. بەزى كىشىلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا، سىز تۇيۇقسىز تەلەپلەرگە نارازى بولمايسىز. سىز ئۇنداق ئىشلارنى ئالدىن مۆلچەرلەيسىز. ئۇنداق ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىز. مەلۇم دەرىجىدە سىز ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە تەقەززا بولىسىز. سىز كۆڭلىڭىزدە ناھايىتى ماسلىشىشچان بىر ئادەم بولۇپ، خىزمىتىڭىزنىڭ ئېھتىياجى سىزنى بىرلا ۋاقىتتا نۇرغۇن باشقا-باشقا يۆنىلىشلەرگە تارتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ يۇقىرى ئىش ئۈنۈمىنى ساقلىيالايسىز.

(4) ئانالىتىك (Analytical)

ئۆزىڭىزنى ئوبيېكتىپ (ياكى چىن) ۋە ئاسان ھاياجانلىنىپ كەتمەيدىغان بىر ئادەم، دەپ چۈشىنىسىز. باشقىلار سىزگە بىرەر ئىدىيىنى ئېيتقاندا، ئۇلارغا «ماڭا ئۇنى ئىسپاتلاپ بېرىڭ. سىزنىڭ دېگىنىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغىنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭ»، دەپ تەلەپ قويىسىز. بەزىلەر مۇشۇنداق سوئالغا يولۇققاندا، ئۇلارنىڭ نەزەرىيىسى سۇلىشىپ نابۇت بولىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى مۇشۇنداق قىلىپ ۋەيران قىلىشنى ئىستىمەيسىز، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ بىر ساغلام ئىدىيە بولۇشىدا چىڭ تۇرىسىز. سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقىي نەرسىلەر بولغاچقا، ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقىچە مەقسىتى بولمىغاچقا، سىز سانلىق مەلۇماتلارنى ياخشى كۆرۈسىز. سىز ئاشۇنداق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئۆزىڭىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەندىزە ۋە باغلىنىشلارنى ئىزدەيسىز. بەزى شەكىللەرنىڭ ئۆز-ئارا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشنى ئىستەيسىز. ئۇلار قانداق بىرلىشىدۇ؟ بىرلىشىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ ئاشۇنداق نەتىجە ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان نەزەرىيىگە ياكى دۇچ كەلگەن ئەھۋالغا ماس كېلەمدۇ؟ مانا بۇلار سىز سورايدىغان سوئاللاردۇر. سىز بىر ئىشنىڭ تېگىگە يەتمىگۈچە، ئۇنىڭ پوستىلىرىنى سويۇپ ئىچىنى ئېچىشنى توختاتمايسىز. باشقىلار سىزگە «لوگىكىلىق ۋە تەلتۆكۈس ئادەم»، دەپ قارايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار سىزنىڭ قېشىڭىزغا باشقىلارنىڭ تاتلىق ئويلىرى ياكى كېلەڭسىز ئويلىرىغا سىزنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈن كېلىدىغان بولىدۇ. سىز ئۆز ئانالىزىڭىزنى باشقىلارغا ھەرگىزمۇ قوپاللىق بىلەن ئېيتمايسىز. ئۇنداق قىلمايدىكەنسىز، ھېلىقىدەك «كېلەڭسىز ئويلار» ئۆزلىرىنىڭ بولغان كىشىلەر سىزنىڭ قېشىڭىزغا كېلىشكە پېتىنالمايدىغانلىقىنى بىلىسىز.

(5) ئورۇنلاشتۇرغۇچى (Arranger)

ئىنگلىزچە «ئارراڭە» دېگەن سۆزنىڭ يۇلغۇن لۇغىتىدىكى مەنىسى «رەتلىمەك، تەرتىپكە سالماق، ئورۇنلاشتۇرماق، تەييارلىق كۆرمەك، تۈزەشتۈرمەك» بولۇپ، بۇ يەردە مەن «ئارراڭەر» (ئاشۇ ئىشنى قىلغۇچى ئادەم) نى «ئورۇنلاشتۇرغۇچى» دەپ ئالدىم. ئەگەر سىزدە مەزكۇر تالانت بار بولىدىكەن، سىز بىر دىرىژور (conductor) بولۇپ ھېسابلىنىسىز. نۇرغۇن ئامىللارغا چېتىشلىق بولغان بىر مۇرەككەپ ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، سىز ھەممە ئۆزگىرىشچان ئامىللارنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇلارنى ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغىچە ئۇلارنى رەتلەپ بىر تەرەپ قىلىشنى توختاتمايسىز. كۆڭلىڭىزدە سىز قىلىۋاتقان بۇ ئىشلار ئۇنچىۋالا ئالاھىدە ئىشلارمۇ ئەمەس. سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز پەقەتلا ئاشۇ ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشتىنلا ئىبارەت. بۇ تالانتقا ئىگە ئەمەس باشقا كىشىلەر بولسا، سىزنىڭ بۇ تالانتىڭىزدىن ھېيىقىدۇ. ئۇلار سىزدىن «سىز بىرلا ۋاقىتتا بۇنچىۋالا كۆپ ئىشلارنى كاللىڭىزدا قانداقمۇ ساقلاپ بولالايسىز؟»، دەپ سورايدۇ. بىراق، سىز ئۈچۈن ئىش قىلىشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يولى يوق. ئاددىي ئىشلاردىن تارتىپ مۇرەككەپ ئىشلارغىچە سىز چوقۇم ئەڭ مۇكەممەل قۇرۇلمىنى ئىزدەيسىز. دىنامىكىلىق (ھەرىكەتچان، ئۆزگىرىشچان) ئەھۋاللاردا سىز ئۆز قابىلىيىتىڭىزنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايسىز. كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، بەزىلەر بۇرۇن تۈزۈپ چىققان پىلانلارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا ھازىر مەۋجۇت بولغان قائىدە ياكى رەسمىيەتلەرنىڭ ئىچىدىلا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما سىز ئۇنداق قىلمايسىز. سىز قالايمىقانچىلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ، يېڭى چارىلەرنى ئويلاپ چىقىپ، قارشىلىق ئەڭ كىچىك بولغان يولنى ئىزدەپ، يېڭى ھەمكارلىقنى بارلىققا كەلتۈرىسىز. چۈنكى، سىز ئۈچۈن، ئىش بېجىرىشنىڭ چوقۇم بىر ياخشىراق ئۇسۇلى بار. سىز ئەتىراپىڭىزدىكىلەرنىڭ تالانتلىرى، ماھارەتلىرى ۋە بىلىملىرىنى ئوبدان بىلىسىز. شۇڭلاشقا ئۇلارنى مۇۋاپىق ئىشقا قويالايسىز.

ئىش تاللىغاندا قائىدە-رەسمىيەتلىرى ئاز بولغان مۇرەككەپ ۋە دىنامىكىلىق ئىشلارنى قوغلىشىڭ. چوڭ يىغىن، چوڭ يىغىلىش، ياكى شىركەتنىڭ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ. مۇقىم قائىدە-تۈزۈم بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدىغان مۇھىت سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆز شىركەت ياكى ئىدارىڭىزدىكى ئەڭ دىنامىكىلىق ساھەدە ئىشلەشنى قولغا كەلتۈرۈڭ.

(6) ئېتىقاد (Belief)

ئەگەر سىزدە بىر كۈچلۈك ئېتىقاد تالانتى بار بولىدىكەن، سىزدە مەلۇم مىقداردىكى يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى بار بولىدۇ. بۇ قىممەت قاراشلىرى ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، بىراق سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز سىزنىڭ ئائىلىنى مەركەز قىلىدىغان، خەلقپەرۋەر، ۋە دىنلىق بىر ئادەم بولۇشىڭىزنى، ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەخلاقلىقىنى قەدىرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە كۆپ تەرەپتىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا مەنە ۋە قانائەتچانلىق ئاتا قىلىدۇ. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە، مۇۋەپپەقىيەت دېگەن پۇل ۋە نام-شۆھرەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نەرسە. ئۇلار سىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھەمدە سىزنى تۇرمۇشنىڭ قايمۇقتۇرۇشلىرى ۋە دىققەتنى چېچىشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، ئۆزلۈكسىز ھالدا مۇھىم ئىشلار تەرەپكە يېتەكلەيدۇ. مۇشۇ ئۈزلۈكسىزلىك سىزنىڭ بارلىق مۇناسىۋەتلىرىڭىزنىڭ ئاساسى بولىدۇ. دوستلىرىڭىز سىزگە «بەك ئىشەنچىلىك» دەپ قارايدۇ. ئۇلار سىزگە «مەن سېنىڭ مەيدانىڭنى چۈشىنىمەن» دەيدۇ. سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز سىزنى ئاسانلا ئىشەنگىلى بولىدىغان بىر ئادەم قىلىدۇ. ئۇ سىزدىن ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشىغا ماس كېلىدىغان خىزمەتنى تېپىشنى تەلەپ قىلىدۇ. سىزنىڭ خىزمىتىڭىز مەنىلىك بولۇشى، سىز ئۈچۈن مۇھىم بولىشى كېرەك. ئېتىقاد تالانتىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن سىز تەلەپ قىلىدىغان بىردىن-بىر نەرسە ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ياشاش بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەر سىزدە مۇشۇ تالانت بار بولسا، سىز ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قارىشىغا ماس كېلىدىغان روللارنى تاللاڭ. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى جەمئىيەتكە قوشىدىغان تۆھپىسىگە ئاساسەن بېكىتىدىغان بىر ئورۇندا ئىشلەشكە تىرىشىڭ. ۋاقتىڭىزنى خىزمىتىڭىزنىڭ تەلەپلىرى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىڭىزنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇڭ. سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى ئۆز كەسپىڭىزگە بېغىشلىشىڭىز ئۆز ئائىلىڭىزگە بولغان كۈچلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلمىسۇن.

(7) قوماندانلىق قىلىش (Command)

قوماندانلىق قىلىش تالانتى سىزنى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا ئۈندەيدۇ. بەزى كىشىلەر بىلەن ئوخشىمىغان ھالدا، سىز ئۆز كۆز-قاراشلىرىڭىزنى باشقىلارغا تاڭسىڭىزمۇ ھەرگىز راھەتسىزلىك ھېس قىلمايسىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە، سىزدە بىرەر كۆز-قاراش شەكىللەنگەن ھامان، سىز ئۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئالدىرايسىز. ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر نىشاننى تىكلىگەن ھامان، باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىزگە توغرىلاپ بولمىغىچە جىم تۇرالمايسىز. سىز باشقىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىدىن قورقۇپ قالمايسىز. ئۇنىڭ ئەكسىچە، قارشىلىق كۆرسىتىش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. باشقىلار تۇرمۇشنىڭ راھەتسىزلىكلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ساقلانسىمۇ، پاكىت ياكى ئىسپاتلارنىڭ ئادەمنى قانچىلىك بىئارام قىلىدىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، سىز ئۇلارنى چوقۇم ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقارمىسا بولمايدۇ، دەپ ئويلايسىز. سىز ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشلار ئېنىق بولۇشى شەرت بولۇپ، باشقىلارنى ئېنىق ۋە سەمىمىي بولۇشقا قىستايسىز. ئۇلارنى تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا زورلايسىز. ھەتتا ئۇلارنى قورقۇتىسىز. بەزىلەر سىزنى «ئۆزىنىڭكىنىلا راس دەيدۇ» دەپ سىزگە نارازى بولسىمۇ، كۆپۈنچە ۋاقىتتا ئۇلار ئۆز رازىلىقى بىلەن ھوقۇقنى سىزگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ. كىشىلەر مەيدانى بار ۋە باشقىلاردىن مەلۇم بىر يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا سىز كىشىلەرنى ئۆزىڭىزگە جەلب قىلالايسىز. سىز كىشىلەر ئارىسىدا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىسىز. سىز كىشىلەرگە قوماندانلىق قىلىسىز.

بىرەر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولۇشقا، سىزنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ناھايىتى ئېنىق ئىدىيىلىرىڭىز بار بولۇپ، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ سىزگە ئەگىشىشىگە تەبىئىي ھالدا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز. سىزدىن باشقىلارنى قايىل قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان رولنى ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، بىر شىركەتنىڭ ماللىرىنى خېرىدار ئورۇنلارغا تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا سېتىش.

(8) ئالاقىلىشىش (Communication)

ئىنگلىزچە «كوممۇنىكاتىئون» دېگەن سۆزنىڭ يۇلغۇن لۇغىتىدىكى مەنىسى «ئالاقە، يەتكۈزۈش، تارقىتىش، ئالاقىلىشىش، خەۋەرلىشىش، قاتناش» بولۇپ، بۇ تالانت بىر ئادەمنىڭ باشقا بىر ئادەم ياكى باشقا بىر ئادەم توپى بىلەن ئاغزاكى ۋە يازما شەكىلدە ئالاقە ياكى مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىدە، بۇ ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش ۋە كۈچەيتىشكە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. خىزمەتكە ئادەم ئېلىشتىمۇ، بۇ ئىقتىدارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشۇ تالانتنىڭ بولىشىنى نۇرغۇن ئەھۋالدا بىر شەرتمۇ قىلىدۇ. لېكىن، مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، ۋە بۇ ئۇقۇم ئانچە ئومۇملاشمىغان. بۇنى مەن مەندىن مەسلىھەت سوراپ ئېلخەت يازىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلخەتلىرىدە داۋاملىق كۆرۈپ تۇرىمەن. يەنى، نۇرغۇن ياشلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى توغرا ئىپادىلەشتە ئىنتايىن ئاجىز. مېنىڭ ئىنتايىن ھەيران قالىدىغىنىم، مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىم «ئەركىنسىدىق@gmail.com» بولسىمۇ، يەنى مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىمدا ئىسمىمنىڭ توغرا يېزىلىشى بار بولسىمۇ، مەندىن مەسلىھەت سوراپ ئېلخەت يازىدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تەڭدىن تولىسى مېنىڭ ئىسمىمنى خاتا يازىدۇ. ئۇلار ئىشلەتكەن ئىسمىمنىڭ يېزىلىش شەكلىدە ئاركىن، ئاركەن، ئەركەن، سىدىك، سەدىك، سىدەك دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بار. بۇ بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكى بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۇچىغا چىققان بىپەرۋالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ بىر مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتكە خاس ئىش ئەمەس بولۇپ، بۇنداق ئىشلارغا غەرب ئەللىرىدە ھەرگىزمۇ يول قويۇلمايدۇ. ئەمدى ئەسلى تېمىنى داۋاملاشتۇراي.

سىز باشقىلار بىر نەرسىنى چۈشەندۈرۈشنى، تەسۋىرلەشنى، يىغىلىشلارنى باشقۇرۇشنى، ئاممىۋى سورۇنلاردا نۇتۇق سۆزلەشنى، ھەمدە يېزىشنى ياخشى كۆرىسىز. سىزنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئىشقا سالىدىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئالاقىلىشىش تالانتىدىن ئىبارەت. ئىدىيىلەر قۇرۇق بولىدۇ. ۋەقەلەر ستاتىك (تۇراقلىق) بولىدۇ. سىز ئۇلارغا جان بېرىشنى، ئۇلارغا ئېنېرگىيە بېرىشنى، ئۇلارنى ھاياجانلىنارلىق ۋە جانلىق قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىسىز. شۇڭا سىز ۋەقەلەرنى ھېكايىلەرگە ئايلاندۈرۈپ، ئۇلارنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرىشنى پراكتىكا قىلىسىز. سىز قۇرۇق ئىدىيىلەرگە ھەر خىل ئوبراز، مىسال ۋە ئوخشىتىشلارنى قوشۇپ، ئۇلارنى جانلاندۇرىسىز. سىزنىڭ چۈشەنچىڭىزدە، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بىر ئىشقا بولغان دىققىتىنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ. ئۇلار ھەر تەرەپتىن يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىلا ھايات قالىدۇ. سىز ئۆزىڭىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرنىڭ، يەنى بىر ئىدىيە، بىر ۋەقە، بىر مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە پايدىلىرى، ھەمدە بىر بايقاش ياكى بىر تەجرىبە-ساۋاقنىڭ ھايات قېلىشىنى ئىستەيسىز. سىز باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە قارىتىش، جەلب قىلىش ۋە باغلاپ قويۇشنى ئىستەيسىز. مانا بۇ سىزنى ئەڭ مۇكەممەل سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەپ تېپىشقا ئۈندەيدۇ. سىزنى دراماتىك (ئالەمشۇمۇل) سۆزلەرنى ۋە ناھايىتى كۈچلۈك سۆز بىرىكمىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئۈندەيدۇ. كىشىلەرنىڭ سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلاشقا ئامراق بولۇشىنىڭ سەۋەبى مانا شۇ. سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ دۇنياسىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ، ھەمدە ئۇلارنى بىر ئەمەلىي ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

سىز باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە جەلب قىلىدىغان ئىشلارنى ياخشى قىلالايسىز. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلىق، سودا-سېتىق، بازارلاشتۇرۇش (مەھسۇلاتلارنى خېرىدارلارغا تەشۋىق قىلىش ياكى بىلدۈرۈش)، دىنىي نۇتۇقچى بولۇش ياكى ئاخبارات ساھەسىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە تىرىشىپ بېقىڭ. يېزىقچىلىقنى ياخشى كۆرسىڭىز، ماقالە ئېلان قىلىش ياكى كىتاب چىقىرىشنى ئويلىشىپ بېقىڭ.

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان2 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. بوغلان مۇنداق دىدى:

    ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ يازمىلىرى ھەقىقەتەن ئادەمگە ئىلھام، غەيرەت ئاتا قىلىدۇ، تېنىنى ساق، ئىشلىرىنى ئوڭ قىلسۇن ئالىمىمىزنىڭ

  2. بىلنۇر مۇنداق دىدى:

    ئالىمىمىز تەبئىې پەندىن يېتىشىپ چىققان ئىلىم ئگىسى بولسىمۇ لېكىن يىقىنقى يىللاردىن بۇيان پەلسىەپىۋىلىككە ،سىز دېگەندەك ئىلھاملاندۇرۇش كۈچىگە ،كۈچلۈك دەلىلى ئاساسقا ئىگە بولغان بىر قاتار ماقالىلىرى بىلەن مىللىتمىزنىڭ روھىيەت پىسخىكىسى ئۈستىدە تەتقىق قىلۋاتقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشۋاتىدۇ .ئالىممىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار تېلەيمەن .

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap