«مۇھەببەت»ناملىق كىتابتىن خاتىرە

ۋاقتى 2013-10-06 11:46 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 866 قېتىم

يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچىمىىز روىمۇھەممەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ «ياشلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر »، «ياشلىقتا باھانە ئارتۇقچە »ناملىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتكە ، پاراسەتكە ئائىت پەلسەپىۋى كىتابلارغا قىزىققانلىقىمدىن بولسا كېرەك ، يازغۇچىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇشقا كىرىشتىم، بىر كۈنى كۇتۇپخانىدا كىتاب كۆرىۋېتىپ ئۇيغۇرچە كىتابلار ئازلا قالغان كىتاب جازىسىدا «مۇھەببەت» ناملىق كىتاب كۆزۈمگە چىلقىپ قالدى ۋاراقلاپ قارىسام روزىمۇھەممەت ئاكىمىزنىڭ كىتابى ئىكەن ، شۇئان ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىشتىم ،ئوقۇش جەريانىدا بۇ كىتابتىكى ئۆزۈم ياقتۇرغان سۆز جۈملىلەرنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە غېرىب كۆلبەمگە يېزىپ قالدۇردۇم . ئاپتور مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن جۈملىلەرنى مەنمۇ ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم .
يوق بىزگە ئانىدەك مېھرىبان ، كۆكرەككە قالقان ، باشقا ھايىبان(ھەكىمزادە نىيازى)
ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە ، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن .(ئۇيغۇر خەلق ماقالى)
ئېگىلىپ ئەرنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇش ، ئېگىلىپ سالام بېرىش ، ئۇنى تۆرگە ئۆتكۈزۈپ ھۆرمەتلەش بىچارىلىك ئەمەس!ئەردىن بىر قەدەم ئارقىدا يۈرۈش ، ئۆزىنى شاگىرىت ، ئېرىنى ئۇستاز ساناش قورقۇش، ئىرادىسىزلىك ئەمەس! بۇ ئېلىم شەرققە خاس ئاياللىق ئىلمى! بۇ -ئەدەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈش «گېپىڭىز توغرا »دەپ تۇرۇپ ئۆز پىكىرىنى ماقۇللىتىش ، خىزمىتىڭگە تەييار دەپ تۇرۇپ ئاينىغان بىپەرۋا ئەرلەرنى ئائىلىپەرۋەرگە ئايلاندۇرۇپ ئېلىش ئىلمىدۇر.(تۇرسۇنجان سادىقوۋا)
مېھرىنى ھەممىگە ، سۆيگۈ مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالايدىغان ئاياللار مۇھەببەتلىك ئايالدۇر.(ئاپتوردىن )
ھەم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقنى تەن ئالالايدىغان ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈكنى جارىي قىلدۇرالايدىغان ئاياللار ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايالدۇر.(ئاپتوردىن)
دىل ئارام ياخشى بولسا گەر خوتۇن ،
يامان بولسا ئۇندىن خۇدا ساقلىسۇن. (سەئىد شىرازىي)
قىز ئانىدىن ، ئوغۇل ئاتىدىن ئۈلگە ئالىدۇ(ئەرەپ خەلق ماقالى)
ئەر كىشى تىكلىگەن ئۆينى ئايال ۋەيران قىلالايدۇ.ئەمما ئايال تىكلىگەن ئۆينى شەيتانمۇ ۋەيران قىلالمايدۇ(گورجىستان خەلق ماقالى)
ئۇ ئەركەك قانداق ئەركەك ، يۈزىدە يۈز خىل رەڭ بولسا ،
ئۇ ئەر قانداق قانداق ئەر ، ھالى ئايال بىلەن تەڭ بولسا.(ئاپتوردىن)
ئاتا مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى ، ئاڭلىق ۋە ۋىجدانلىق ئەركەك مىللەتكە، جەمئىيەتكە ، تەرەققىياتقا كەينىنى قىلۋالغان ئەر بولماستىن ، ئۇ ئائىلە ھۈجەيرىسىدە جەمئىيەت بەختىنى ، پەرزەنت گەۋدىسىدە مىللەت كېلەچىكىنى ئۆستۈرگۈچى باغۋەندۇر.(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)
ياتنى تۇغقان قىلاي دىسەڭ ،
ئوتتۇرغا تۇز قوي.
تۇغقاننى يات قىلاي دېسەڭ،
ئوتتۇرغا قىز قوي . (ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدىن)
پۇل تاپقۇچە دوست تاپ (ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدىن)
نەپسىنى يىغمايدىغانلار ، يىيىش-ئېچىش ۋە سۆيگۈ لەززىتىنى سۆيۈشتە ئۆلچەمنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ھوزۇر ھالاۋىتى ئۇزاققا بارمايدۇ. ئۇلار پەقەت يېيىش ياكى ئېچىش ۋاقتىدىلا راھەتلىنىدۇ. ئەمما ئۆزىنى تۇتۇش قابىليىتىدە تارتىدىغان ئازابلىرى ھېسابسىز ۋە چەكسىز بولىدۇ. (دىمۇكرىت)
ئاشناڭغا ئىشەنگۈچە ئاقچاڭغا ئىشەن،
ئاقچاڭغا ئىشەنگۈچە ئەقلىڭگە ئىشەن(ئۇيغۇر خەلق ماقالى)
ئارتۇقچە تارتىنچاقلىق ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتنىڭ سۇسلىقىدىندۇر.(دانالار تىلىدىن)
ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى بويسۇنۇشنى ۋە قارارلىرىغا ئىتائەت قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك(تىستېسرون)
ئۇيقۇ جاي تاللىماس ،مۇھەببەت چىراي.
ئائىلە قۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان مۇھەببەت ، مەيلى قانچىلىك باھانە كۆرسەتمەڭ ، شەھۋانىي ئىنتىلىشتۇر خالاس . دىمەك مۇھەببەت تەگ مەنىسىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن ئائىلىگە لايىق قىز-خوتۇن بولۇشى كېرەك. ھايات بىر ئايلىق بىر يىللىق ئەمەس ، ئەللىك يىللاپ سەكسەن يىللاپ بىر يەردە ياشايدىغان جۈپتىڭىزدىن كۆڭلىڭىز سۇ ئىچمىسە ، مەيلى سىز قانچىلىك چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتمەڭ ، بەختسىز كەتكەن بولىسىز .(ئاپتوردىن)
ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا، ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغىنىدۇر. (سوقرات)
مۇھەببەت ئەھلى بولمىغان كۆپ كىشىلەر مۇھەببەت دەۋاسى قىلىدۇ. ئەمىليەتتە ئۇلار مۇھەببەتتىن بەكمۇ يىراق(ئابدۇقادىر داموللام)
ئاي جامالى نە كېرەك ، شەرم ھاياسى بولمىسا .(ئاپتوردىن)
باشقىلارغا بېقىنىپ ياشاپ كۆنگەن ئادەمنىڭ مۇستەقىل تاللىشى بولمايدۇ.(ئاپتوردىن)
ئىلىم بابىدا نېمىنى ئىشىتكەن بولساڭ يېزىپ قوي ، قەغەز بولمىسا تامغا بولسىمۇ يېزىو قوي! چۈنكى يادلىۋېلىنغان نەرسە ئۇنتۇلدۇ، يېزىلغان نەرسە مەڭگۈ قالىدۇ.(شەئىبىي)
ھۈنىرى يوق ئادەم ئەمەس ، مال ئالتۇن بولغاندىمۇ،
بولمىغاي ئېشەك ئادەم ئاڭا لىباس ياپقاندىمۇ. (مۇھەممەت جەۋھەر)
پۈتكۈل جاھان ئۇيغۇقا چۆمگەن دەمدە ، بورانلار جىمىپ ، توپانلار توختىغان دەمدىمۇ ۋاقىت زېرەك تۇرىدۇ، ئۇ ھەمىشە ئويغاق تۇرىدۇ.(ئاپتوردىن)
كەمىنىنىڭ بۇ كىتابتىن ئۆزۈم ياقتۇرغان سۆز جۈملىلىرىنى يېزىۋالغان جايلىرىم مۇشۇنچىلىك ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا يازغۇچىمىزنىڭ بۇ كىتابى ياخشى يېزىلىپتۇ، ھەر بىر تېمىنىىڭ مەزمونىنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئېلىنغان مىساللىرىمۇ ياخشى تاللىنىپتۇ، نۇقسانسىز ئەسەر بولمىغىنىدەك ئاز تولا نۇقسانلارمۇ ساقلىنىپتۇ، ئەسەر ئومۇمىي قۇرۇلمىسىغا نىسبەتەن ھېس قىلغىنىم ، بەزى تېمىلارنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئېلىنغان باشقىلارنىڭ سۆزلىرى ، دانالار ھېكمەتلىرى كۆپ بولۇپ كەتكەندەك ، ئاپتورنىڭ ئۆز ھېسياتىنى ، ئۆز كۆز قارىشىنى سىڭدۈرۈشى تازا يېتەرلىك بولمىغاندەك ھېس قىلدىم . لېكىن بۇ نۇقسانلار ئەسەرنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىگە ئانچە كۆپ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن .ئاخىرىدا يازغۇچىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتگە ئۇتۇق ، تېنىگە سالامەتلىك تېلەيمەن، ئاللاھ خالىسا «ياشلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر» ،«باھارىڭىزنىڭ بەرگى سۇلمىسۇن»قاتارلىق ئەسەرلىردىن ئالغان تەسىراتىمنىمۇ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap