توۋا!
كۆيىمەن دىسەڭ ساڭا ئىشىنىپتىمەن توۋا،
سېنى ئۆزۈمدەك ساددا چۈشىنىپتىمەن توۋا.
ئالداپ قويساڭ شادلىنىپ مەن يۈرۈپتىمەن توۋا،
ئەمدى بىلسەم ئەسلىدە خاتا قىپتىمەن توۋا.
يۈرىكىڭدىن چىقماسمۇ ماڭا لايىق جاي توۋا؟،
قوش قوللاپ ئالارسەنمۇ تۇتسامساڭا چاي توۋا؟.
ئەس قاتارمۇ ئېيتقىنا ساڭا تۇلۇنئاي توۋا؟،
ئاشۇ ئايلار يۈزۈڭگە ئاتمىسىدى لاي توۋا.
شېرىن ئەسلىك چاغلىرىم بەربات بولارمۇ توۋا؟،
دەرت-ئەلەمدە يۈرىكىم قانغا تولارمۇ توۋا.
سەن بەرگەن ئەتىرگۈللەر ئەمدى سۇلارمۇ توۋا،
سەنسىز ماڭا بۇ دۇنيا قاراپ كۈلەرمۇ توۋا.
سەنسىز ياشاپ كۆنەي دەپ كۆنەلمىدىمغۇ توۋا،
يۈرەي دەپمۇ سېنىڭسىز يۈرەلمىدىمغۇ توۋا.
سېغىنىشقا بەرداشلىق بېرەلمىدىمغۇ توۋا،
بۇ زادى قانداق تەقدىر بىلەلمىدىمغۇ توۋا.
مەنبەسى:
مۇھەببەت خاتىرەم.