مەيلى كەتكىن يىراقلارغا كەت
سېنى كۈتتۈم ئەسلا كەلمىدىڭ ،
بارچە ئازاپ ھىجرانغا قۇيۇپ .
ئۇنتۇپ ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى ،
سالماقچىمۇ سۆيگۈمگە قۇلۇپ.
چۈشلىرىمدىن ھېچ كېتەلمەيدۇ ،
ئوماق كۈلكەڭ قاپقارا كۆزۈڭ.
توسۇشقا چۈشنى مەندە نەچارە،
كۆيدۈگەن سۆيدۈرگەن يەنىلا ئۆزۈڭ.
قىلىشقان شۇ ۋەدىلىرىمىزگە،
ئاسماندىكى يۇلتۇزلار گۇۋا .
قالدۇرۇپ سۆيگۈنىڭ مەنزىلىرىگە،
سايە تاشلاپ ئاچىق ئەسلىمە.
ئۈنسىز ئاقىدۇ كۆزلرىمدىن ياش ،
چىدالمغاچ ھىجران دەردىگە،
تاشلاپ كەتسەڭ كېتىۋەر مەيلى،
يېتىسەن ھامىنى سۆيگۈم قەدرىگە.
مەيلى كەتكىىن يىراقلارغا كەت ،
ئەسلىمىلەرنى بىللە ئېلىپ كەت.
مۇھەببەتنى توزغاق گۈل قىلىپ ،
چېكەڭگىلا مەھكەم قىسىپ كەت.
ئۆز قەلىمىم
ئىختىيارى يازمىلار
- موللا مۇسا سايرامى
- گۈزەل دۇنيا قەلبىڭىزدە
- مودا پەن نانوتېخنولوگىيەسى
- ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ
- مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دىگەن نېمە ؟
- ‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
- چاناق قەلئە ئۇرۇشى
- ئۇيۇشمىمىزۋە ئۇيۇشمىمىزغا ئەزا بولغۇچىلارغا قۇيۇلدىغان شەرتلەر
- بىر كىتاب بىر ئالەم(3-سان)
- دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ
ئەسسالام، بىلنۇر.
شېئىرلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرسىڭىز بولغۇدەك. ئۆزگىچە پۇراق باركەن مىسرالىرىڭىزدا.
ئالدى بىلەن كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!رەھمەت مەنمۇ ئەمدى شئېر يېزىشقا كىرىكەشمىكىن يازغانلىرىم ئۆزۈمگە تازا يېقىپ كەتمەيدۇ،رەھمەت ئاللاھ خالىسا داۋاملىق يېزىپ تۇرىمەن.