موللا مۇسا سايرامى

ۋاقتى 2012-07-04 05:38 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 998 قېتىم

موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى مىلادى 1836 – يىلى 23 – ئاۋغۇستتا باي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئاناقىز يېزىسىدا (ھازىرقى باي ناھىيە توقسۇ يېزىسى ئاناقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسىدە) دۇنياغا كەلگەن. موللا مۇسا سايرامىنىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى زاماندا باي ناھىيىسى تەۋەسىگە تونۇلغان ئىلمىي ۋە دىنىي زات بولۇپ، ئوغلى مۇسانىڭ (مۇسۇر ئاخۇننىڭ) ئىلىم ۋە دىنىي جەھەتتىكى تەربىيىسىگە ئۇنىڭ گۆدەك ۋاقتىدىن باشلاپلا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنى يەتتە يېشىدىلا ئۆزى مۇدەرىسىلىك قىلغان سايرام مەدرىسىدە ئوقوتۇپ باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە قىلغان ۋە 11 يېشىدا كۇچادىكى «ساقساق» مەدرىسىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن. بۇ مەدرىسىنىڭ ئاساسلىق مۇدەررىسى موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپە دېگەن تونۇلغان زات بولۇپ، ئۇ موللا مۇسانىڭ دادىسى بىلەن ھەمسۆھبەت ئىدى. موللا مۇسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە موللا ئوسما ئاخۇن خەلىپەتنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا، تارىخ، ئەدەبىيات، تەقۋىم (كالىندارشۇناسلىق)، ئىلمى نۇجۇم، ناباتات (ئاگرو بىئولوگىيە)، جۇغراپىيە، ئەرەب ۋە پارس تىلى قاتارلىقلاردىن ناھايىتى يۇقىرى نەتىجە قازىنىپ، تېزلا «موللا مۇسا»، «بالا موللا»، «موللا ئەبجەدخان» دېگەن ناملار بىلەن شۆھرەت قازىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا موللا ئوسمان ئاخۇن خەلىپەتنىڭ ئىلىمىنى ئۆگىنىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ خەلقپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىمۇ ئۆگىنىدۇ. مىلادى 1854 – يىلى موللا مۇسا«ساقساق» مەدرىسىنى تۈگىتىپ ئۆز ئانا مەكتىپى – سايرام مەدرىسىگە كېلىپ مۇدەرىسىلىك قىلىدۇ.

مىلادى 1864 – يىلى 6 – ئىيۇندا كۇچا رايونىدا ئۇيغۇر، خۇيزۇ دېھقانلىرى بىلەن قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك فېئوداللارنىڭ زۇلىمغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى پارتلايدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇنلار سايرامغا يېقىنلاشقاندا، موللا مۇسا بۇ قوزغىلاڭنى قىزغىن قوللاش بىلەن تەڭ، ئۆزىنىڭ بارلىق تالىپلىرىنى ھەمدە بىر قانچە يۈز نەپەر سايراملىق يىگىتلەرنى باشلاپ قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنى قارشى ئالىدۇ. ئۇ قوزغىلاڭچى قوشۇن سېپىدە قىزىل، سايرام، باي، ياقېرىق، ئاراشۇر قاتارلىق جايلادىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، يەرلىك فېئوداللارنى باستۇرۇش كۈرەشلىرىگە پائال قاتنىشىدۇ.

غەربكە يۈرۈش قىلغان قوزغىلاڭچى قوشۇنلار قارا يۇلغۇن، جام، ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ قەشقەر ۋە يەكەننى ئېلىشقا تەييارلانغاندا موللا مۇسا سايرامى غەربكە يۈرۈش قىلغان قوشۇنلارنىڭ ئۈچتۈرپاندا تۇرۇشلۇق سەركەردىلىرىدىن بىرى بولغان مەھمۇددىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ۋە ئىشىك ئاغىسى بولىدۇ.
1867 – يىلى مۇھەممەد ياقۇپ بەگ (بەدەۋلەت) قوقان خانلىقىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغان كېيىن، ئاقسۇغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلايدۇ. كۇچا قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى سەركەردىلىرى ئۇرۇشمايلا تەسلىم بولىدۇ. موللا مۇسا سايرامى ئۈچتۇرپاندىكى تەسلىم بولغان سەركەردىلەر بىلەن بىللە ئاقسۇغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزا بابابەك ھىسارى موللا مۇسا سايرامىنىڭ قابىلىيەتلىك ۋە ئۇستا خەتتات ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە مەخسۇس مىرزا قىلىپ تەيىنلەيدۇ. موللا مۇسا سايرامى بۇ ۋەزىپىنى تاكى 1877 – يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنى يوق قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى قايتۇرۇپ ئالغانغا قەدەر ئۆتەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن موللا مۇسا سايرامى كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ھەققىدە بىرەر تارىخىي ئەسەر يېزىش مەقىسىتىدە غەربتە قەشقەر، شەرقتە تۇرپانغىچە بولغان جايلارنى بىر قانچە يىل ساياھەت قىلىپ، مۇھىم تارىخىي ھۈججەتلەرنى توپلايدۇ، ئاخىرى يەنە ئاقسۇغا قايتىپ، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئاقسۇدا يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان 40 يىلغا يېقىن ھاياتى تولىمۇ نامراتلىق، پېقىرلىق ئىچىدە ئۆتتى. مىلادى 1917 – يىلى موللا مۇسا سايرامى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، قايتىشنى تەلەپ قىلىپ يۇرتىغا خەت يازىدۇ. تۇغقانلىرى ئۇنى سايرامغا ھارۋا بىلەن ئېلىپ قايتىدۇ. شۇ يىلى 4 – ئايدا ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى، ئەدىب موللا مۇسا سايرامى يورۇق دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.
موللا مۇسا سايرامى تۇرغان مەزگىلىدە «تەزكىرە تۇل ئەۋلىيا» (1885 – يىل)، «دەربايان ئەسھابۇل كەھب» (1895 – يىل)، «تارىخىي ئەمىنىيە» (1903 – يىلى 2 – ئۆكتەبردە تاماملانغان)، «دىۋان مەسنەۋى» ( 1907 – يىل)، «تارىخى ھەمىدى» (1908 – يىلى 10 – ئىيۇلدا تاماملانغان)، «سالامنامە» (1906 – يىل سېنتەبر) قاتارلىق تارىخىي، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياراتتى. ھازىر ئۇنىڭ يەنە پارس تىلىدا يازغان بىر مۇنچە شېئىرلىرى ساقلانماقتا. (يۇقىرىقى مەلۇماتلار ئەنۋەر بايتۇر نەشىرگە تەييارلىغان«تارىخى ھەمىدى» نىڭ كىرىش سۆزى – «موللا مۇساس سايرامى ۋە » )ئە. بايتۇر ئۆزى يازغان( دىن ئېلىندى.) نېم شېھىت ئارمىيە داموللامنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يەنە «تەزكىرەئى خوجا ئافاق»، «فەرھاد ۋە شېرىن» ناملىق تارىخىي، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغانلىقىمۇ مەلۇم.
«تارىخى ھەمىدى» موللا مۇسا سايرامىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى مۇھىم تارىخىي ئەسىرى بولۇپ، خاراكېتر جەھەتتىن تارىخىي – ئەدەبىي تەزكىرە تۈرىگە ياتىدۇ. ئاپتور بۇ ئەسەرنى ئۆزى ئىلگىرى يازغان «تارىخىي ئەمىنىيە» دېگەن ئەسىرى ئاساسىدا، «تارىخىي ئەمىنىيە» نىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى، بەزى مەسىلىلەرنىڭ خاتا بايان قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنى تېخىمۇ توغرىلاش ۋە تولۇقلاش مەقسىتىدە يېزىپ چىققان. ئەسەر دىباچە، «مۇقەددىمە»،«ئاۋۋالقى داستان»، «ئىككىنچى داستان»، «خاتىمە»دىن ئىبارەت ئالتە قىسىمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «مۇقەددىمە» قىسمىدا ئالەم ۋە ئادەمنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى دىنىي رىۋايەتلەردىن تارتىپ، 19 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىغىچە بولغان تارىخىي ۋەقەلەر ئۆزى ئاڭلىغان، ئۆگەنگەن، تەتقىق قىلغانلىرى ئاساسىدا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىنغان. «ئاۋۋالقى داستان» قىسمىدا 1864 – يىلدىن باشلاپ قوزغالغان خەلق قوزغىلاڭلىرى، بولۇپمۇ كۇچا قوزغىلىڭى، كۇچا، يەكەن، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ياقۇپبەگ باسقۇنچىلىقىغا قارشى كۈرەشلىرى ئالاھىدە ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان، «ئىككىنچى داستان» قىسمىدا ياقۇپبەگنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت ئىگىلەش جەريانى ۋە باشقىلار بايان قىلىنغان. «خاتىمە» قىسمىدا ئاساسەن قەشقەر، يەكەن، ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان، كۇچا، كورلا قاتارلىق يەتتە شەھەر ۋە تۇرپان، لوپنورنىڭ تارىخىي، جۇغراپىيىسى، تىل ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەمدە تۇرپاندىكى ئەسھابۇل كەئب ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ۋە ئاپتۇرنىڭ كۆز قاراشلىرى بايان قىلىنغان. قىسقىسى، «تارىخى ھەمىدى» «تارىخىي ئەمىنىيە» گە قارىغاندا، مەزمۇن جەھەتتىن تولۇق، ماتېرىيال جەھەتتىن خېلى زور بولۇپ، ئۇسلۇب جەھەتتىن خېلى گۈزەل، ھەجىم جەھەتتىن خېلى زور بولۇپ، مۇھىم تارىخىي ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
«دىۋان مەسنەۋى» بىلەن «سالامنامە» ئاپتورنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەرلەر بولۇپ، «دىۋان مەسنەۋى» ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھەم كىشلىك ئەخلاق ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان شېئىرلاردىن (ئۇنىڭ ئاخىرىغا «قەسىدەئى سىدىق» ناملىق شېئىرىمۇ قوشۇپ تۈپلەنگەن)، «سالامنامە» ۋەسىيەت خاراكتېرىدىكى شېئىرىي مەكتۇپتىن ئىبارەت. بولۇپمۇ «سالامنامە» دە شائىرنىڭ پەلسەپىۋى قاراش جەھەتتىكى مەلۇم ئىلغارلىقى، بەدىئىي جەھەتتىكى ماھارىتى روشەن كۆرۈلىدۇ.
موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن بولسۇن ياكى ئۇنىڭ تارىخىي – ئەدەبىي تەزكىرىلىرى ۋە ئۇلارغا قوشۇپ بېرىلگەن شېئىر، رىۋايەت، لەتىپە، قىسىلەردىن بولسۇن، ئۇنىڭ تىل – ئەدەبىيات ۋە بەدىئىي ئىقتىدار جەھەتتىن يۇقىرى كامالەت ئىگىسى، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە ئىستېداتلىق شائىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش مۇمكىن.
مەشھۇر تارىخچى، شائىر موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ئەمىنىيە» ناملىق ئەسىرى 1904 – يىلى ن . پانتوسوۋنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن قازاندا، «تارىخى ھەمىدى» 1986 – يىلى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن بېيجىڭدا نەشىر قىلىندى.

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئاللىقىچان4 ئىنكاس چۈشۈپ بوپتۇ

  1. مۇزات مۇنداق دىدى:

    بىزنىڭ بايلىق ئادەمنى مەندىن بۇرۇن تۇنۇشتۇرۇپ بوپسىزدە!ھى ھى!!!
    مېنىڭ بلوگىم ئۇزۇن بولدى،ھېچ ئېچىلاي دېمەيدا؟ نېمە بولغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە مەنمۇ سەل ئادىراش بۇلۇپ قالدىم،ۋاقىت يوق .ئىزدىنىپ باقاي دېسەم.

  2. بىلنۇر مۇنداق دىدى:

    مەنمۇ شۇ دائىم كىرىپ تۇرىۋاتىمەن ، بلوگىڭىزغا قارىسام ئىچىلمايدۇ، قارىغاندا يەنە شۇ بوشلۇقتىن چىققان مەسلىدەك تۇرىدۇ ،،،،،

  3. تەشنايى مۇنداق دىدى:

    «باھادىرنامە» ناملىق روماندا بۇ شەخىسنىڭ بالىلىق دەۋرى خىلى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بابۇر، سەئىدىيە قاتارلىق جاھان سەركىلىرىنىڭ ھوزۇرىدا ئالىي شەرەپلەرگە ئىرىسشىدىكەن.

  4. تەشنايى مۇنداق دىدى:

    لىكىن تارىخىي ۋاقىتلىرى ئوخشىمايۋاتىدۇ… مەن خاتا ئەستە تۇتىۋالدىممۇ يا!؟

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap