تورداشلىرىمىزدا بلوگقا بولغان تۇنۇش توغرا ئەمەسمۇ قانداق ؟
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى قۇرۇلۇپ ئۈچ ئاي بۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ بۇ جەرياندا مۇنبەردىكى ئاتامانلانىڭ ياردىمىدە تېخنىكا جەھەتتىن نۇرغۇن توسالغۇلارنى يېڭىپ ، بلوگ ئاساسى جەھەتتىىن نورماللاشتى ،بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى تورداشلىرىمىز نىڭ بلوگقا بولغان تۇنۇشى يېتەرلىك ئەمەسكەن ،بلوگلارغا كىرگۈسىمۇ كەلمەيدىكەن ،ئۇچۇرلارغا قارايدىغان بولساق چەت ئەللەردە بلوگلارنىڭ زىيارەت مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرىكەن ھەتتا بەزى بلوگلار نىڭ زىيارەت مىقدارى خېلى چوڭ مۇنبەرلەرنىڭ زىيارەت مىقدارىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن ،بىزنڭ بلوگچىلرىمىزنىڭ ئچىدە زىيارەت مىقدارى يۇقىرلىرى ئىنتايىن ئاز بار دىيىلسىمۇ بىرى مەخسوسلاشقان كەسپى بلوگلار ،يەنە بىرى بلوگچىلار ئۈچۈن تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بلوگلا ر،ئەمما ئەدىبى يازمىلار نى ئاساس قىلغان شۇنداقلا باشقا تۈردىكى بلوگلارغا قارايدىغان بولساق زىيارەت مىقدارى 50 كە ئاران ئۇلىشىدۇ ،شۇڭا مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم بلوگلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى شەرت قىغان ئاساستا تورداشلار ئىدىيىسىدىكى بلوگقا بولغان تۇنۇشنى قانداق قىلساق يۇقىر كۆتۈرۈش ،بلوگقا بولغان توغرا قاراش مەسلىسى.
قارايدىغان بولساق بلوگلىرىمىز جەمىيىتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلار ،ئەدىبىياتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئىستىتىك قىممىتى يۇقىرى ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئېتىپ كېلىۋاتىدۇ لېكىن بۇنى ئوقۇيدىغان ئادەم يوق ئۇ مۇنبەر بۇ مۇنبەردە قۇرۇق مۇنازىرىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇشقا ،بىر-بىرىنى سېسىتىشىپ گەپ سېتىشقا ،كوت كوتتا بىكار پاراڭلىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا رازىكى بلوگلارغا كىرىپ بىرەر يازمىغا ئىنكاس يېزىشقا ئېرىنىدۇ ،،بلوگچىلار دىن باشقا تور ئابونتىلىرىنىڭ بلوگلارغا كىرىپ ئىنكاس يېزىش زىيارەت قىلىش ئاز بۇلۇش تىن ئىبارەت ھازىرقى بلوگچىلىقىمىزدىكى ناتۇرال ھالەتتىكى تەرەقىيات بلوگچىلىرىمىزغا ھارغىنلىق شۇنداقلا بلوگ يېزىشقا بولغان سۇزلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇڭا بىز بلوگچىلار باشقا تور ئابونتلىرىنى جەلىب قىلىش ئوسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقايلى .