bilnur يوللانغان ۋاقتى 2014-04-02 04:59 كۆرۈلۈشى:1,121 قېتىم
ياشاش قەۋەت خاسىيەتلىك بىر ئىش. لېكىن كىتابسىز ياشاش ياشىمىغان بىلەن باراۋەر. ھېچبولمىغاندا كىتاب ئوقۇپ ياشىغىنىڭ پۈتۈن ياشىغىنىڭ، كىتاب ئوقۇماي ياشىغىنىڭ كەم دېگەندە ھاياتىڭنىڭ يېرىمىنى ياشىماي قويغىنىڭ بىلەن باراۋەر.
باتۇر روزى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزىز ئوقۇرمەنلىرى،كەڭ كىتابخۇمار دوستلارنىڭ كىتابقا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مۇنبىرىمىز بىر تۈركۈم نادىر كىتابلارنى ئەكەلدۇردۇق. سېتىۋېلىشنى خالايدىغان دوستلار تۆۋەندىكىلەر بىلەن ئالاقلاشساڭلار بولىدۇ.
ئۈندىدار: 2464607616 (شاڭخەي)
ئۈندىدار:1054406403(چاڭچۈن)
ئەسكەرتىش
1. 100يۈەندىن ئاشسا كىتاب باھاسىدا %10ئېتىبار قىلىنىدۇ.
2. پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مال سېلىنىدۇ.
3. كىتاب نەشىرياتتىن چىققان قانۇنلۇق بېسىلغان كىتابلار،تىزىملىكتىكى كىتابلارلا سېتىلىدۇ.
4. كىتاب قولىڭىزغا تەگمىسە پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
5.دىننىي كىتابلار سېتىلمايدۇ.
6.يۇقارقى ئەسكەرتىشنى تولۇق ئوقۇغاندىن كېيىن ئۈندىدارنى قوشۇڭ
سېتىلدىغان كىتابلار تىزىملىكى باھاسى
ھايۋانلار قورۇقى 11يۈەن
تەڭرىتاغ پالۋانلىرى 22 يۈەن
جوڭگولۇقلار ھەققىدە پاراڭ 28يۈەن
باھادىرنامە يۈەن 270
پۇل ئۇرۇشى يۈەن 45
بىلىنمىگەن ئىچكى ئاسىيا يۈەن 35
ئازغان كۆڭۈل 30 يۈەن
بۈيۈك شاھمات تاختىسى 20يۈەن
پارىژ رىشتىسى 18 يۈەن
باھار دانىش 20يۈەن
مۇستاپا كامالنىڭ ھاياتىغا دائىر ھېكايىلەر 30يۈەن
ئەدلىيە ئىمتىھانى تېزىسلىرى2013 22يۈەن
ئافىنا قىزى 45يۈەن
بابۇرنامە 45يۈەن
ئىز 33يۈەن
ئويغانغان زېمىن 2قىسىم 76 يۈەن
ئانايۇرت 3قىسىم 129يۈەن
ئابرال شاماللىرى 50يۈەن
يازغۇچى بولماق تەس 32يۈەن
ئامەت ۋە ئاپەت 2قىسىم 65يۈەن
ئاھ رەھىمسىز دەريا 40يۈەن
يىگانە ئارال 24يۈەن
جاللات خېنىم 2قىسىم 72 يۈەن
بالدۇرئويغانغان ئادەم 30يۈەن
ئەنجان باي 44 يۈەن
مەمەت ئاۋاق 4قىسىم 246 يۈەن
ئىزدىنىش 2قىسىم 104يۈەن
ئۆتكەن كۈنلەر 39يۈەن
ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر 25يۈەن
مېھىرىگىياھ 36يۈەن
تاغ جۇدۇنلىرى 47 يۈەن
شەرەنداز ئايال 35يۈەن
كۈمۈرچى بالا 44يۈەن
بابۇرنامە 45 يۈەن
غۇرۇرنامە 60يۈەن
بۆرە قىز 25يۈەن
قۇڭۇر ئاتلىق مەپە 29يۈەن
ھالقىلىق سۆز:
كىتاب | تۈرى:
ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2014-01-27 04:30 كۆرۈلۈشى:414 قېتىم
ئارزۇلار قالدىغۇ ئازرۇلار پېتى،
ئارقىدىن قوغلاپمۇ يېتەلمەي ئەسلا.
بىلمىسەڭ بەزىدە ۋاز كېچىشنى گەر،
خەق سېنى دېمەمدۇ جايىل بىر بەزلا.
ئارزۇلار بولغاچقا پارلاق بۇ ھايات،
تولار ھەم تۇرمۇشمۇ يېڭى مەنىگە.
مۇرادقا يېتىشچۈن تۈگۈلگەن مۇشتلار،
يول ئالار ئات سېلىپ پارلاق ئەتىگە،
داۋانلار ساناقسىز، يوللار بەك ئۇزۇن،
ئىز بېسىپ ماڭىمىز ئارزۇلار ئۈچۈن.
قەلبتە ئويغىنار شاتلىق جىلۋىسى،
يەتكەندە ئارزۇغا ئاخىرى بىر كۈن.
2014-يىل 12-يانۋار
ھالقىلىق سۆز:
شئېرىيەت | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2014-01-10 23:42 كۆرۈلۈشى:557 قېتىم
مانا كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلغا قدەم قويغىلىمۇ 10كۈن بوپتۇ. مۇنبەرنى دەپ بلوگ يېزىپ باقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزاق ۋاقىتلار بوپتۇ، بىر ۋاقىتلار ئۆتكەن بىر كۈن بلوگ يازمىسام ، يېڭى تېما يوللىمىسام كۈنۈم ئۆتمىگەندەك ھېس تۇيغۇلاردا بولدىغان. قاچانلاردا مۇنبەر ماڭغۇزۇشقا ئاتلاندىم بلوگ تاشلنىپ قالدى. بالىلىقنى ئەسلەپ دېگەننى ئاڭلاۋېتىپ شۇنىڭغا يانداشقان بىر كوپلېت يېزىپ قويدۇم….
تۈنۈگۈنلا بلوگ يېزىپ يۈرۈشمىگەنمۇ ،
يازمىلارنى بارچە تورداش ئوقۇشمىغانمۇ،
دوست يارەنلەر ھەۋەس بىلەن قاراشمىغانمۇ ،
بلوگ يازغان شۇ چاغلارنى سېغىندىم بۈگۈن .
ئۇنى دەيمىز، بۇنى دەيمىز ئايىغى ئۈزۈلمەس ئالدىراشچىلىق، ئىلىم سەپىرىمدىكى تۈگىمەس ئىمتىھانلار ئۈچۈن يېتىشەلمەي ، قەلەم تەۋرىتىش يا خۇشياقماي دېگەندەك بىر يىلنى ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئاللاھ خالىسا 2014-يىلىدا ئۆز ئىجادىي يازمىلىرىم بىلەن كۆپچىلىكنى ئۇچراشتۇرۇشقا تىرىشىمەن. تۆۋەندە يېڭى يىل ھارپىسىدا يازغان ئۈچ كوپلىت شېئىرىمنى تورداشلار ھوزۇرىغا سۇندۇم.
قەدىرلىگەن قەدىرلىگەننى
بىلنۇر
سېنى مەڭگۈ سۆيەلمەي ئۆتۈپ،
ۋىسالىڭغا يېتەلمىسىمۇ .
كېچەلمەستىن سېنىڭدىن ئەبەد،
يۈرەكلىرى دەرتكە تولسىمۇ.
قەدىرلىگىن قەدىرلىگەنىنى،
بىرگە ئوتتا كۆيەلىگەننى.
باشقىلارنى ھەۋەستە قويۇپ،
مەڭگۈ بىرنى سۆيەلىگەننى.
شەرمى ھايا ئەخلاقى بىلەن،
گۈل ھۆسنىگە ھۆسن قوشقاننى.
بارچە سۆيگۈ مۇھەببىتىنى،
مەڭگۈ بىرگە ئاتا قىلغاننى.
2013-12-ئاينىڭ 31-كۈنى
شەھىرى چاڭچۈن
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2014-01-10 12:01 كۆرۈلۈشى:612 قېتىم

ياپونىيىنىڭ يولغا قويىۋاتقان مائارىپ تۈزۈمى 6،3،3،4لىك تۈزۈم بولۇپ توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويغان. مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشى %100گە يېتىدۇ. ساۋاتسىزلىق نىسبىتى نۆل. بۇ سانلاردىن ياپونىيە مائارىپىنىڭ دۇنيانى ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
گەرچە تولۇق ئوتتۇرا مەجبۇرىي مائارىپ دائىرىسى ئىچىدە بولمىسىمۇ، لېكىن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %98كە يېتىدۇ. 2006-يىلى ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپ ئومۇمىي سانى 744بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 87سى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى، 568ى شەخىسلەر ئىگىدارلىقىدىكى مەكتەپ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە نۇرغۇنلىغان قىسقا مەزگىللىك ئۇنىۋېرسىتېتلار بار.
ياپونىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرلىشىچە «ئاز پەرزەنتلىشىش»نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، 2007-يىلى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %100كە يېتىشتەك «ئالتۇن دەۋر»نى كۈتىۋالغان. (ئەمەلىيەتتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى داڭلىق مەكتەپلەرگە تىزىملىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەممە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتەلىشى مۇمكىن ئەمەس.)
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
تەرجىمە ئەسەرلەر | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-12-04 11:43 كۆرۈلۈشى:769 قېتىم
گۈزەل دۇنيا قەلبىڭىزدە

بىر ياش ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدىن باشقا جايغا كۆچۈپ بېرىپتۇ. ئۇ شۇ جايدىكى بىرىدىن:
-بۇ شەھەر قانداقراق؟ كىشىلەر ئۆز ئارا دوستانە مۇئامىلە قىلىشامدۇ؟-دەپ سوراپتۇ. بۇ ياشنىڭ سوئالىغا جاۋاب
بېرىشتىن ئاۋۋال، ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن قايتىلاپ سوئال سوراپتۇ.
-قېنى دەپ بېقىڭە؟ سىز بۇرۇن تۇرغان جاي قانداقراق ئىدى؟ كىشىلەر كىشىلەر ئۆز ئارا دوستانە مۇئامىلە قىلىشامتى؟
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-21 15:35 كۆرۈلۈشى:919 قېتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ژۇرنىلىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرى. ژۇرنىلىمىز 4-سانى ئاخىر سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. تۆت سان ژۇرنال نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى، تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشى بىلەن، ساندىن-سانغا سۈپەت جەھەتتىن ياخشىلىنىپ، مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىنى قولغا كەلتۈردى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى يېقىندىن قوللاپ ياردەم بەرگەن ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ،بىزنى ئەسەر بىلەن تەمىنلىگەن ئاپتورلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرىمىز .بىز مەنىۋىي جەھەتتىكى تەشەككۈر بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ماددىي جەھەتتىنمۇ بۇ ساندىن باشلاپ ئالدىنقى ئايلىق ژۇرنالدىكى ئەسەرلەرگە قارىتا مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارىمىز. كونكىرىت مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:
1. ئالدى بىلەن ژۇرنىلىمىز تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئون كىشىلىك باھالاش گۇرۇپپىسى ھەر بىر سان ژۇرنالغا ئۈچ پارچە ئەسەرنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىدۇ،ئەسەرلەر تىزىملىكى ژۇرنالدا ۋە ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ. ۋە بۇ ئەسەرلەرگە قارىتا مۇنبەردە،ئۈندىدار سۇپىسىدا بېلەت تاشلاش بېرىلىدۇ.
2.كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلاردىن بىر ياكى ئىككىسى تەكلىپ قىلىنىپ ئەسەرلەر ئۇلارنىڭ باھالىشىغا سۇنىلىدۇ.
3.ئاخىرىدا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرگە قويغان نۇمۇرىنىڭ 60پىرسەنتى، بېلەت تاشلاش نەتىجىسنىڭ 40پىرسەنتى ئېلىنىپ، ئومۇمىي نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ.
4.مۇكاپاتلاش ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1-دەرىجىگە بىر پارچە ،2-دەرىجىگە 2پارچە، 3-دەرىجىگە 1پارچە ئەسەر تاللاپ چىقىلىدۇ.
5.مۇكاپات بۇيۇمى: 1-دەرىجىلىك ئەسەرگە 50يۈەن ئەتراپىدىكى كىتاب ياكى 50يۈەن سۆزلىشىش ھەققى، 2-دەرىجىلىك ئەسەرگە 25يۈەن ئەتراپىدىكى كىتاب ياكى 25يۈەن سۆزلىشىش ھەققى، 3-دەرىجىلىك ئەسەرگە 20يۈەن سۆزلىشىش ھەققى سوۋغات قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىم 1-ساندىن 4-سانغىچە بولغان ئەسەرلەردىن 5پارچە تاللىنىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. نەتىجىسى 5-ساندا ئېلان قىلىنىدۇ.
ئەگەر ژۇرنىلىمىزنى ماددىي جەھەتتىن قوللاشنى خالايدىغانلار بولسا، مۇكاپات سوممىسى ۋە ئەسەرلەرنىڭ سانى كۆپەيتىلىدۇ.
بۇ سان مۇھەرىرلىرى: ئابدۇسەمەد ئابدۇخالىق ، ئابلىز ئەخمەت.
سۈبھى تور ژۇرنىلى 4-سانىنى چۈشۈرۈڭ
ھالقىلىق سۆز:
سۈبھى تور ژۇرنىلى | تۈرى:
ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى:
1 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-18 03:26 كۆرۈلۈشى:787 قېتىم
|
|
|
|
|
![]() |
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چاڭچۈن شەھىرىدىكى پۇتبولخۇمار ستۇدېنتلىرىمىز ئۈچۈن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق كۈن بولدى، كونىلاردا:« ئەلنىڭ دۇئاسى بىلەن ئەر كۆكلەيدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار ، چاڭچۈن شەھىرى ئەلى با با ئاشخانىسىنى ئاچقۇچى ساخاۋاتچى ياش ئادىلجان ئەپەندىمنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى ، چاڭچۈن شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئوت يۈرەك ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن «تۇنجى قېتىملىق ئەلى با با لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى » مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى.
|
|
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-15 09:50 كۆرۈلۈشى:925 قېتىم
«مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك »
![]()
مايۈننىڭ ئگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە بەرگەن 24سائەتلىك دەرسى
نېمە ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمدىن ئايرىمايدىغان سۆزۈم «مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك »؟چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور مەغلۇبىيەت ۋاز كېچىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ئوڭۇشىسىزلىقلارغا تولغان بولىدۇ ،پەقەت مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇل تېشى.
كىرىش سۆز
بۈگۈنكى مايۈن ئاللىقاچان ھەممە بىلىدىغان كارخانىچى ۋە ئىسىمى جىسمىغا لايىق «ئىگىلىك تىكلەش پىشۋاسى». شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قوغلىشىش نىشانى ھەم ئۈلگىسى.
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
تەرجىمە ئەسەرلەر | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-08 11:26 كۆرۈلۈشى:661 قېتىم
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
تېڭىرقىمايمەن ، دوستلار ، تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى ،
چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.
مەرد باغۋەن غازاڭ قىلمايدۇ ۋاقىتسىز باغنى،
تەربىيىسىز سۇلدۇرۇپ گۈل-چىچەكلەرنى.
خىيالىم تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،
ئېمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.
لەززەتلىك خىيال ئارىسىدا بېقىپ ئاسمانلارغا،
تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.
جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈك تولغانماس؟!
ئاشىقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى.
نېمىشقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،
سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە يۈرەكلەرنى.
ئەزەلدىنلا خىيالچان مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،
تېڭشىغاچ مومام ئاغزىدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى.
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 09:35 كۆرۈلۈشى:843 قېتىم

شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق،«211قۇرۇلۇشى»، « 985قۇرۇلۇشى» دىكى نۇقتىلىق، يۇقىرى سەۋىيىدىكى تەتقىقات خاراكتىرلىك ئالىي مەكتەپ ، شۇنداقلا، «111پىلانى» ۋە «چاڭجىياڭ ئۈچ بۇرجەك رايونى ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق بىرلەشمىسى»نىڭ مۇھىم ئەزاسى. مەكتەپ مۇھىتى ئازادە، كۆركەم بۇلۇپ «شەرقتىكى ئەڭ گۈزەل مەكتەپ دەپ تەرىپى» بار.
شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى 1951-يىلى 10-ئاينىڭ 16- كۈنى ئەسلىدىكى داشىيا ئۇنىۋېرستېتى(1924-يىلى)، گۇاڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى (1925-يىلى) نى ئاساس قىلىپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، سانت جون ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر قىسىم فاكولتىت ۋە كەسىپلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئەسلىدىكى داشىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان.