پۇل دېگەن نەرسە …

يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 14:49 كۆرۈلۈشى:445 قېتىم

شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ شېئىرلىرنى قاچان تۇنجى رەت ئوقۇغىنىم ئېسىمدە يوق ، لېكىن «دېھقان بولماق تەس» ناملىق شېئىرنى ئوقۇپ ئاجايىپ ھېس تۇيغۇلارغا چۆمگىنىم ئېسىمدە، قايتا-قايتا ئوقۇپ بىر نەچچە كوپلىتىنى يادقىدىمۇ ئېلۋالغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن شائىرىمىزنىڭ باشقا شېئىرلىرى بىلەن رەسمىي ئۇچراشتىم ، دېھقان دىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىنساننىڭ سىماسىنى ھەقىقى چىن ھېسياتى بىلەن ئىپادىلەپ خەلق تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەرھۇم شائىرىمىز نىڭ شېئىرلىرى بىلەن بالدۇراق ئۇچراشمىغىنىمدىن ئەپسۇسلاندىم ،مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشىنى تىلىدىم. نەچچە كۈندىن بېرى شائىرىمىزنىڭ«ئانا تىلىم-زەر تىلىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوقۇۋېتىپ ، «پۇل دېگەن نەرسە…»ناملىق مۇخەممىسىنى ئوقۇپ، شېئىردىكى پاساھەت، ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيىلەرگە ئىختىيارسىز قايىل بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بۇ 22كوبلىت شېئىر بىلەن كەڭ قېرىنداشلىرىمىزمۇ تەڭ ئورتاقلاشسۇن دېگەن ئۈمۈدتە كومپىيوتېردا بېسىپ بلوگقا يوللىدىم.
پۇل دېگەن نەرسە …
روزى سايىت
پۇل ئەجەپ نەرسە چاتاق پۇل بولمىسا،
يوق مەئىشەت، نام-ئاتاق پۇل بولمىسا،
كەڭ جاھانمۇ تار، دوزاخ، پۇل بولمىسا،
تۇتمىقىڭ تەس ئۆي-ئوتاق، پۇل بولمىسا،
كونا تاملىقتا قوناق، پۇل بولمىسا.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

«مۇھەببەت»ناملىق كىتابتىن خاتىرە

يوللانغان ۋاقتى 2013-10-06 11:46 كۆرۈلۈشى:582 قېتىم

يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچىمىىز روىمۇھەممەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ «ياشلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر »، «ياشلىقتا باھانە ئارتۇقچە »ناملىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتكە ، پاراسەتكە ئائىت پەلسەپىۋى كىتابلارغا قىزىققانلىقىمدىن بولسا كېرەك ، يازغۇچىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇشقا كىرىشتىم، بىر كۈنى كۇتۇپخانىدا كىتاب كۆرىۋېتىپ ئۇيغۇرچە كىتابلار ئازلا قالغان كىتاب جازىسىدا «مۇھەببەت» ناملىق كىتاب كۆزۈمگە چىلقىپ قالدى ۋاراقلاپ قارىسام روزىمۇھەممەت ئاكىمىزنىڭ كىتابى ئىكەن ، شۇئان ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىشتىم ،ئوقۇش جەريانىدا بۇ كىتابتىكى ئۆزۈم ياقتۇرغان سۆز جۈملىلەرنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە غېرىب كۆلبەمگە يېزىپ قالدۇردۇم . ئاپتور مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن جۈملىلەرنى مەنمۇ ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم .
يوق بىزگە ئانىدەك مېھرىبان ، كۆكرەككە قالقان ، باشقا ھايىبان(ھەكىمزادە نىيازى)
ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە ، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن .(ئۇيغۇر خەلق ماقالى)
ئېگىلىپ ئەرنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇش ، ئېگىلىپ سالام بېرىش ، ئۇنى تۆرگە ئۆتكۈزۈپ ھۆرمەتلەش بىچارىلىك ئەمەس!ئەردىن بىر قەدەم ئارقىدا يۈرۈش ، ئۆزىنى شاگىرىت ، ئېرىنى ئۇستاز ساناش قورقۇش، ئىرادىسىزلىك ئەمەس! بۇ ئېلىم شەرققە خاس ئاياللىق ئىلمى! بۇ -ئەدەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈش «گېپىڭىز توغرا »دەپ تۇرۇپ ئۆز پىكىرىنى ماقۇللىتىش ، خىزمىتىڭگە تەييار دەپ تۇرۇپ ئاينىغان بىپەرۋا ئەرلەرنى ئائىلىپەرۋەرگە ئايلاندۇرۇپ ئېلىش ئىلمىدۇر.(تۇرسۇنجان سادىقوۋا)
مېھرىنى ھەممىگە ، سۆيگۈ مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالايدىغان ئاياللار مۇھەببەتلىك ئايالدۇر.(ئاپتوردىن )
ھەم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقنى تەن ئالالايدىغان ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈكنى جارىي قىلدۇرالايدىغان ئاياللار ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايالدۇر.(ئاپتوردىن)

ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدىن تورداشلارغا سالام!!!

يوللانغان ۋاقتى 2013-10-01 02:30 كۆرۈلۈشى:504 قېتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !ھەر بىر خەيىرلىك ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى نۇرغۇن توسالغۇلارغا ، سىناقلارغا يۈز تۇتقىنىغا ئوخشاش ستۇدېنتلىرىمىز ئۈچۈن ئەركىن مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاشنى نىشان ، ئىلىم -بىلىم تارقىتىشنى مەقسەت قىلغان ستۇدېنتلار مۇنبىرىمىز 2013-يىلى يىل بېشىدا قۇرۇلۇپ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا نەچچە قېتىم تاقالدى، مۇنبەرنىڭ تېخنىكىلق مەسلىلىرىنى ئەمدى ھەل قىلىپ بولۇپ قايتا ئېچىشىمىزغا بېكەتنىڭ icp سى ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم تاقالدى،« يېقىلغان چېلىشقا تويماس» دېگەندەك مۇنبىرىمىزنى نورماللاشتۇرۇش ئىشىدىن ھەر ۋاقىت ۋاز كەچمىدۇق. ئااللاھ نىڭ ئىرادىسى بىلەن مۇنبىرىمىز نورمالىشىشقا يۈز تۇتتى.
بىكەت نورماللاشتىيۇ تېمىلار يېڭىلانمىدى، بېكەتنىڭ تەشۋىقاتىغىمۇ كۈچىمىدىم، نىشانسىز كارۋان ئاسانلا يولدىن ئازغاندەك ،نىشان ئېنىق بولغاندىن كېيىن ھەركەتكە ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم .توغرا يول ئۈستىدە ، قايسى تەرەققىيات يۆنىلىشى بۇيىچە مۇنبەرنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئاز تولا تۆھپىسىنى قوشالايدىغان ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان تو بىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدىم. يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ بېشىدىكى ئالدىراشچىلىقلار ، دەرسىمنىڭ كۆپلۈكى مېنى خېلى ھالسىراتتى، مۇنبەر توغرىسىدا ئىزدىنىشلىرىمدىمۇ كۆرىنەرلىك ئىلگىرلەشلەر بولمىدى . مانا بۈگۈن بۇرۇنقى ئويلىرىمدىن، ئىزدىنىشلىرىمدىن يەكۈن چىقىرىپ بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن .
تور بېكەتنىڭ خاراكتىرى: مائارىپ ، ئەدەبىياتنى ئاساس قىلغان بىر قەدەر كەسپىيلەشكەن تور بېكەت . (ئەسلىي پەقەتلا مائارىپ خاراكتىردىكى پۈتۈنلەي كەسپىيلىشىش يولىنى تاللىغان لېكىن ئۆزۈمنىڭ شۇنداقلا ستۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئەدەبىيات قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مائارىپ ۋە ئەدەبىيات تېمىلىرىنى ئاساس قىلغان بىر قەدەركەسپىيلىشىش يولىنى تاللىدىم).
تور بېكەت مەقسىتى: قېرىنداشلىرىمىزگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزەلەيدىغان ، مائارىپ ماتىريال ئامبىرى ، ستۇدېنتلىرىمىز ئۈچۈن ھەقىقىي ، ئىلمىي مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاش.
تېما يوللاش ۋە تەستىقلاش : يوللانغان تېمىلار دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانونى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىملىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بولۇشى ، ئۆتكۈر سۆز ئىنكاسلار قەتئىي يوللانماسلىقى كېرەك. مائارىپ ۋە ئەدەبىيات تېمىسىدن باشقا بارلىق تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ.
تەرجىمە گۇرۇپپىسى : تەرجىمە گۇرۇپپىمىز سۈبھى تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىپى بۇيىچە داۋاملىق توردىن ئەزا قۇبۇل قىلىدۇ. تەرجىمە ئەسەرلىرىمىز مۇنبەر يۈزىدە تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتىن سىرت ياخشى چىققان تەرجىمە ئەسەرلەرنى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىدۇ، پەسىلدە يىلدا بىر قېتىم تەرجىمە گۇرۇپپىمىز ئۈچۈن تىرىشقان ، تەرجىمە مېۋىلىرى تورداشلارنىڭ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن گۇرۇپپا ئەزالىرى مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇخپىرلار گۇرۇپپىسى: سۈبھى تور ژۇرنىلىمىز تەھرىراتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان مۇخپىرلار گۇرۇپپىمىز تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈلۈپ ،ستۇدېنتلىرىمىز ئىچىدىكى ياخشى ئىش ياخشى پائاليەت ، ستۇدېنتلار ئىچىدىن چىققان ئۆگۈنۈش ئۈلگىلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن شارائىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە سىنلىق ، يازمىچە ، ئاۋازلىق تورداشلىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمىز.
تېخنىكا گۇرۇپپىسى: تېخنىكا گۇرۇپپىمىز ھازىرچە سىناق تەرەققىسىدە قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ چاڭچۈن شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلىرىمىزدىن ئالدىن ئەزا قوبۇل قىلىندۇ. مەقسەت ۋە تەلەپ باشقا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىنى مۇنبىرىمىزدە داۋاملىق ئاڭلىتىش بېرىمىز.
باشقۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىغا قويۇلدىغان تەلەپلەر: مۇنبىرىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان كەمىنە مۇنبەرمەسئولىدىن باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلمىدى. ئىلگىركى باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. يېڭىدىن تور دۇنياسىدىكى ئېلىم سۆيەر ستۇدېنتلىرىمىز ئىچىدىن باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. باشقۇرغۇچىلارغا قويۇلدىغان تەلەپ باشقا مۇنبەرلەردىن ئانچە مۇنچە پەرقلىندۇ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى باشقا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىغا ئوخشاش توردا مۇئەييەن ۋاقىت تۇرالىشى ، ئەڭ ئالدى بىلەن خالىس تۆھپە قۇشىدىغان ،ئەدەبىيات جەھەتتىن مۇئەييەن بىلىم ۋە مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى سەگەك كاللا، ئويغاق پىكىرگە ئىگە بولۇشى كېرەك . مۇنبەر باشقۇرۇش تەجرىبىسى بولسا ياخشى ئەگەر ئۇنداق بولمىغان ئەھۋالدا تەربىيلەش يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلدۇ. باشقا مۇنبەرلەردىن پەرقلىنىدىغان قىسمى شۇكى مۇنبەر تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا باشقۇرغۇچىلار ئايدا تېما سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا مۇئەييەن ساندا تېما يوللىشى كېرەك . (ئالاھىدە ئەھۋاللار نەزەردىن ساقىت قىلىندۇ)بۇ توغرىسىدا مۇنبەرگە ئايرىم تېما يوللىنىدۇ.
ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق: مۇنبىرىمىز ئالدى بىلەن ھەرقايسى مائارىپ تور بىكەتلىرى بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرىدۇ ۋە ھەر خىل تۈر ، تەرەققىيات يوللىرى ئۈستىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. بېكەتكە كىرىدىغان ipنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشقا قۇشۇلمىسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق …
بىر قەترە سۇمۇ ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى بولغاندەك ،مۇنبىرىمىىز ھازرىرقى بىخ ھالىتىدىن تەرەققى قىلىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشى قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىگە موھتاج، شۇ نەرسە ئېنىقكى مەقسىتىمىز پۇل تېپىش ئەمەس نوپۇزلۇق تور بېكەتكە ئايلىنىش تېخىمۇ ئەمەس پەقەتلا ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان خەلق كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىلمىي تور سورۇنى ھازىرلاش. شۇئارغا ئىشەنمەڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىشىنىڭ ! تېمىلار قەرەللىك ھالدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،مۇنبىرىمىز بۈگۈندىن باشلاپ بارلىق تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن رەسمىي ئېچىۋېتىلدى!!!
تور ئادرېسىمىز: http://uystudent.com
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ستۇدېنتلار مۇنبىرى قۇرغۇچىسى ئابلىز ئەخمەت (بىلنۇر)
2013-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ستۇدېنتلار مۇنبىرى ئاۋات تېمىلىرى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئوغۇل بالا شۇنداق ياشىسۇن

يوللانغان ۋاقتى 2013-09-02 14:12 كۆرۈلۈشى:678 قېتىم

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىم

كۆيۈش كېرەك ئوتقا ئوت بولۇپ،
بۇ ھىجراندا يەنە كۆيمەيمىز.
جىنچىراقتەك كۆيگەن ئوتلارنى ،
ھەۋەس دەيمىز ئىشقى دىمەيمىز.

قەدىرلىگىن قەدىرلىكىڭنى،
باھاسىغا ياتلار يەتمىسۇن.
ئوغۇل بالا جۈرئەتسىزلىكتىن،
بىر كۈنلىرى ئازاپ چەكمىسۇن.

كۈلۈش كېرەك زورىغا كۈلمەي،
تىلەكلەرگە تەتكەن چېغىدا.
جانغا زۇلۇم پۇشايمان ھەسرەت،
ئامەت قولدىن كەتكەن چېغىدا.

تەشنالىقلار سۇدا قانمىسا،
زۆرۈر ھەتتا ئىسسق قان بېرىش.
مۈشكۈللەرنىڭ قىيىن مۈشكۈلى،
پاكىز ياشاپ پاكىز جان بېرىش.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

سۈبھى تور ژۇرنىلى 3-سان

يوللانغان ۋاقتى 2013-06-16 08:48 كۆرۈلۈشى:1,132 قېتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۈبھى ژۇرنىلىنڭ كونا-يېڭى ئوقۇرمەنلىرى،ژۇرنىلىمىزنىڭ 3-سانى كېچىكىپ بولسىمۇ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، ۋاقتىدا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنالمىغانلىقىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز.سۈبھى ژۇرنىلى تۇنجى سان چىققاندىن باشلاپ، ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىشى،سۈبھى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتاپ مىننەتسىز خىزمەت قىلىۋاتقان گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا،بارغانسىرى مۇكەممەللىككە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، سۈپەت جەھەتتىن ئاز بولمىغان يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈردى، گەرچە قىلغانلىرىمىز ئەلنىڭ ھەقىقىي رازىلىقىدىن تېخى يىراق بولسىمۇ، لېكىن بىز تىرىشىۋاتىمىز ھەم ئاللاھ خالىسا داۋاملىق تىرىشىمىز. بىز يېقىندا سۈبھى گۇرۇپپىسى قارمىقىدا يەنە ئۈچ تارماق گۇرۇپپا تەسىس قىلدۇق.
بىرىنچى گۇرۇپپا سۈبھى تەرجىمە گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپىدا ھازىر تۆت ئادەم بار، كېيىن داۋاملىق ئەزا قوبۇل قىلىمىز،ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ،ئەمما ئەزا بولغۇچىدىن مەسئۇلىيەتچانلىق، مىننەت قىلماسلىق، ئەستايىدىللىق ۋە قىزىقىش روھى تەلەپ قىلىمىز، نىشانىمىز ھەمكارلىشىپ ئەلگە نەپ تەگكۈدەك ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش.قالغان تەپسىلاتلار يەنە بىر مەخسۇس يازمىدا بايان قىلىندى.بۇ توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىمىز.
سۈبھى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ھەر ساھە، ھەر كەسپتىكى ئۈلگىلىك شەخس ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ياكى ئەدەبىي ئاخبارات تەييارلاپ، ئەلنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، ئاز-تولا نەپكە ئېرىشتۈرۈش، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ شۇ شەخسلەردىن ئۈلگە ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش. بۇ گۇرۇپپىغىمۇ ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ، لېكىن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى، بايقاش ۋە تىل ئىقتىدارى تەلەپ قىلىمىز. بۇ گۇرۇپپىغا ئىمكانقەدەر شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردىن ئاز دېگەندە بىردىن ئەزا قوبۇل قىلىنىدۇ.
سۈبھى تېخنىكا گۇرۇپپىسى، بۇ گۇرۇپپا ئەسەر قوبۇل قىلىش، ژۇرنالنى بەتكە تىزىش،تارقىتىش،مالىيە، تەشۋىقات قاتارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، بەلكىم كېيىنچە ھەرخىل كومپىيۇتېر بىلىملىرى بويىچە تەربىيلەش، دەرسلىك ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، بۇ جەھەتتە، بىز مەلۇم تېخنىكا ئىگىلىرىنىڭ قوللىشى، ئۆز ئىقتىدارى ئارقىلىق باشقىلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىشىگە موھتاجمىز، ئوخشاشلا تەكلىپ-پىكىر، تېخنىكا ياردەملىرىنى قوبۇل قىلىمىز.
ئەگەر يۇقارقى گۇرۇپپىلارنىڭ خالىغان بىرىگە ئەزا بولماقچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قېرىنداشلار، قەلبىمىزدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش نىيتىمىز بار-يۇ،لېكىن ئىقتىدارىمىز، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى قاتارلىقلارنىڭ كەمچىللىكى، پىلانلاش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق جەھەتتە يېتەرسىزلىكلىرىمىزنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولالمىدۇق، ياكى سۈپەتلىك قىلىپ بولالمىدۇق. شۇڭا ھەر ساندا تەكرارلاۋاتىمىز، بىز قوللاشقا،تەكلىپ-پىكىر، خالىس ياردەمگە موھتاج. ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ ئىشىڭلارغا ئۇتۇق، ھاياتىڭلارغا سائادەت تىلەيمىز. بىلنۇر بلوگى: www.bilnur.comئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرى:www.uystudent.com

 سۈبھى ئېلخەت ئادرىسى:svbhii@163.com

بۇ سان مۇھەررىرلىرى : ئابدۇسەمەد ئابدۇخالىق، ئابلىز ئەخمەت، مىنەۋەر تۇرسۇن.

كامالىي ئېھتىرام بىلەن: سۈبھى گۇرۇپپىسى

بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 5 | تولۇق ئوقۇش

مەن سېغىندىم بلوگۇم سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 2013-06-15 01:12 كۆرۈلۈشى:1,302 قېتىم

كۈتە-كۈتە ، كۈتە -كۈتە، مانا توپتوغرا بىر ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى، icpبىجىرىمەن دېگەنگىمۇ بۇرنىمغىچە تويدۇم ، ئەمما بەل قويىۋەتمىدىم ، ئىككى قېتىملىق سەۋەبسىزلا قايتۇرۇلۇش ماڭا ھەقىقەتەن ھار كەلدى ، ئاخىرى جىلىن ئۆلكىلىك ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلفون قىلىپ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قايتۇرۇلۇش سەۋەبىنى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئىلتىماسنىڭ 20نەچچە كۈنگىچىمۇ تەستىقلىماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قايتۇرۇش سەۋەبىنى« ماتىريالىڭ تولۇق ئەمەسكەن »دېدى، لېكىن ئۇ جاۋابىغا قايىل بولماستىن يەنە ئىچكىرلەپ سورىغىنىمدا ئىش بجىرگۈچى خادىم ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى، ئۇنداقتا بوپتۇ بۇ قېتىم ھەممە ماتېريالىم تولۇق يەنە نېمىشقا مۇشۇۋاقىتقىچە تەستىقلىمايسىلەر دەپ سورىغىنىمدا، «بىز ئۇيغۇرچە ئۇقمىساق ، سېنىڭ تور بېكىتىڭگە نېمە مەزمون قويۇلدى بىلمىسەك قانداق تەستىقلايمىز ، خەنزۇچە قۇرغان بولساق تەستىقلايتۇق»دەپ جاۋاب بەردى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقىمنى باسالمايلا قالدىم ، ئەگەر نوپۇسۇم شىنجاڭدا بولغان سىلەرنىڭ icpىڭلارنى بىجىرىمەن دەپ ئولتۇرماس ئىدىم، (بۇ يىل نوپۇسۇمنى يۆتكەپ ئەكىلۋالغان چاڭچۈنگە)مۇناسىۋەتلىك قانون نىزاملارغا ئاساسلانغاندىمۇ سىلەرنىڭ تور بېكەتنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەستىلىمايمىز دېگىنىڭلار قانونغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دېدىم ، ئاچچىقىمدا يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن« ئەمسە بىز شىنجاڭ ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقلىشىپ باقايلى تور بېتىڭنى كۆرۈپ باقسۇن » دېگەن جاۋابنى بېرىپلا تېلفوننى قويىۋەتتى. تېلفوننى قويىۋېتىپ ئويلىسام ئاچىقىمدا ۋارقىراپ دېگەندەك سۆزلەپ كېتىپتىمەن ، ئىشكىردە ھازىرغىچە ئۈچ يىل ئوقۇش جەريانىدا بۇنداق ئىشلارغا تولا ئۇچرىغاچقىمىكىن ، خېلى كۆنۈككەنىدىم. بۇ قېتىممۇ تەستىقلانمىسا بولدى بىجىرمەيلا قويۇپ بلوگنى مۇنبەرنى ئېچىۋېرەي تاقىۋەتكەندە بىر گەپ بولا دېگەن قارارغا كېلىپ بولغانىدىم. تۈنۈگۈن چۈشتن كېيىن بالىلار بىلەن پۇتبول ئوينىغىلى مەيدانغا چىقىپ ئارىلىقتىكى قىسقا دەم ئېلىشتا تېلفونىمغا قارىسام ئىككى تال ئۇچۇر تۇرىدۇ، ئېچىپ قارىسام ئىلتىماسىڭ تەستىقلاندى دېگەن ئۇچۇر . ئاللاھ غا شۈكرى ھە نېمە بولسا تەستىقلىنىپتۇ، دەپ باشقىدىن خۇشال كەيپىياتتا توپ تەپكىلى چۈشتۈم.
بلوگ يېزىۋاتقان بىر يېرىم يىل ئىچىدە ئوقۇشۇم ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن بەزىدە يازما يېڭىلانماي تۇرۇپ قالغان چاغلارمۇ بولدى، سەل-پەل بېسىم ھېس قىلغاندەك بولدۇميۇ، لېكىن بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى كەپەمدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدىم ، بلوگ يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، سىرداشتىم، بۇنداق ئۇچرىشىش ، سىردىشىش جەريانىدا نۇرغۇن ھايات ھەقىقەتلىرىنى تۇنۇپ يەتتىم. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، بلوگۇم مېنى پىشىپ يېتىلىشكە ، توختىماي تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەۋاتامدۇ نېمە، دەپ. قىسقىغىنە بىر يېرىم يىل ئىچىدە بلوگوگقا بولغان مېھرىمنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى بۇ قېتىمقى بىر ئايلىق تاقاشتا ھېس قىلغاندەك بولدۇم. قايسى بىر ئەدىب ئېيتقاندەك «تەپەككۇرسىز ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ»، ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەپەككۇر ئۈنچىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ستۇدېنتلار مۇنبىرى ئاۋات تېمىلىرى | ئىنكاس سانى: 11 | تولۇق ئوقۇش

تىترەتتىغۇ يۈرەك تارىمنى

يوللانغان ۋاقتى 2013-05-07 17:52 كۆرۈلۈشى:1,002 قېتىم


111
كېچە ھەممە شېرىن ئۇيقۇدا،
پەقەت مەنلا يالغۇز كوچىدا.
كوچا چىرىغى ئۆچتى تۇيۇقسىز ،
پۇچىلانغان ۋىسال ئىشقىدا.

قاراڭغۇغا جۆر بولدى ھىجران،
ئەسلىمەڭنى قالدۇرۇپ چەتتە.
ئەمەسمىدى سۆيگۈم گۇناھسىز،
سېنى سۆيگەن پاك شۇ قەلبتە.

ئۇنتۇش ئۈچۈن بارچە ئازاپنى،
جىمجىتلىقنى كۆزلەپ ماڭىمەن.
تىترەتتىغۇ يۈرەك تارىمنى،
شاماللارنىڭ ئاچچىق كۈلگىنى.

بىلنۇر قەلىمى
شەھىرى چاڭچۈن

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 2 | تولۇق ئوقۇش

سۈبھى ژۇرنىلى 2-ساننى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!

يوللانغان ۋاقتى 2013-05-05 03:38 كۆرۈلۈشى:1,180 قېتىم

ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا ئالاھىدە بىلدۈرگۈ

rrrrr000ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۈبھى ژۇرنىلىنىڭ سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرى.ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىككىنچى سانى مانا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بىرىنچى سان ژۇرنال نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى،شۇنداقلا بىز ئۇلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئاكتىپلىق بىلەن ئەسەر ئەۋەتىپ بۇ سان ژۇرنىلىمىزنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى،بىز كەلگەن تەكلىپ پىكىرلەر ۋە ئەسەرلەرگە ئاساسەن بۇ سان ژۇرنالنى ئۆزگىچە،سۈپەتلىك قىلىپ چىقىرىشقا تىرىشتۇق،لېكىن ئىنسانچىلىقتا نۇقساندىن خالىي بولماق تەس،ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ سان ژۇرنىلىمىزدا يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىك ۋە خاتالىقلارنىڭ بولىشى تەبىئىي.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز شۇنداقلا ئايىماي تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.بىز ھەممىمىز بىر ئىمارەتكە ئوخشايمىز، خۇددى ئىمارەتنىڭ قىشلىرى بىر-بىرىگە مەھكەم جىپىسلىشىپ،يېپىشىپ تۇرغاندەك، بىزمۇ ئورتاق تىرىشساق،قوللىشىپ،تۈرتكە بولۇشساق،ئىنشائاللاھ ئىشلىرىمىز تېخىمۇ ئالغا باسقۇسى.ئۆزىنى ئىمارەتنىڭ بىر تال خىشى ھېسابلايدىغان ھەر بىر قېرىندىشمىزدىن يەنە كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز،ئىلىم ئېلىش يولىدا قىزغىن بولۇپ، بىر-بىرىمىزدىن ئۆگىنىپ،ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشسەك،ياشلىق ھاياتىمىزنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزمەستىن،ئەھمىيەتلىك،ئىككى دۇنيا قىممەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلساق،ئۆزىمىزدە ئىجادچان،تەپەككۇرغا باي،ئاكتىپ روھى ھالەت يېتىلدۈرسەك. ئىجاد قىلايلى، «مەن قىلالمايمەن»،«قىلغاننىڭ پايدىسى يوق» دېگەندەك پاسسىپ روھى ھالەتلەرنى چۆرۈۋېتىپ،ئۆزىمىز قىزىققان ساھەلەردە ئىجاد قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقايلى،ئەسلى بۇ ژۇرنالنى تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي خاراكتېردىكى ئۇنىۋېرسال ژۇرنال قىلىپ چىقىش پىلانىمىز بار ئىدى،ئەپسۇس ئارىمىزدا تەبىئىي پەن جەھەتتىن ئىزدىنىپ كىچىك تېمىلاردا بولسىمۇ ئىزدىنىپ،قەلەم تەۋرىتىدىغانلارمۇ ئىنتايىن ئاز ئىكەن، بۇ قېتىممۇ تەبىئىي پەن ماقالىلىرىدىن بىرنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق،گويا بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنى پەقەت دوكتۇر،تەتقىقاتچىلارلا يېزىپ باشقىلار يازسا بولمايدىغاندەك ھېچكىمدىن سادا بولمىدى،ئەلۋەتتە بىز ئۇنچىۋالا يۇقىرى تەلەپتە يازمىساقمۇ ئاددى تېمىلاردا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشساق بولاتتىغۇ! شۇڭا ھەر يەرلەردە ئوقۇۋاتقان،ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپلىق تەبىئىي پەن ماقالىلىرىنى يېزىپ بېقىشىنى ۋە خالىغانلارنىڭ ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتىپ بىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئۈمىدلىرىمىز مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن،ئەمدى بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويساق:
ئەسەرنى ئىمكان بار رەتلىك يېزىپ ئەۋەتسەك،ئۆلچەملىك خەت باسالايدىغانلار بېسىپ ئەۋەتىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى، ئەگەر خەتنى ئۆلچەملىك باسالمايدىغانلار ياكى ۋاقتى يوقلار،ئالدى بىلەن ئەسەرنى قەغەزگە رەتلىك يازغاندىن كېيىن، سۈزۈك قىلىپ رەسىمگە تارتىپ،بىزنىڭ ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقىمىز((svbhii@163.comغا ياكى (uystudent.com) –ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدىكى مەخسۇس سەھىپىگە ئەۋەتىڭ.
سۈبھى تور ژۇرنىلىمىزنى ئىككى سان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش جەريانىدا،ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مۇئەييەن قىيىنچىلقلارغا ئۇچرىدۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇنىدىن كېيىنكى داۋاملىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلىم سۆيەر،ژۇرنىلىمىزنى قوللىغۇچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى لايىق تاپتۇق. ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلار ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقىمىزغا خەت قالدۇرۇڭ!ياكى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
بۇ سان مۇھەرىرلىرى:
ئابدۇسەمەت ئابدۇخالىق ، ئابلىز ئەخمەت ، مىنەۋەر تۇرسۇن
ژۇرنالنى چۈشۈرۈش

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 6 | تولۇق ئوقۇش

ياپونلۇقلارنىڭ سالاملىشىش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقتى 2013-05-02 05:24 كۆرۈلۈشى:772 قېتىم

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ياپونىيە قايدە-يوسۇننى مۇھىم بىلدىغان دۆلەت.ياپونىيە جەمىيىتىدە سالام سالام-ساھەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ،بۇ خىلدىكى سالاملىشىش پەقەتلا ئادەتتىكى سالاملىشىش بولۇپلا قالماستىن ،ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ باشلانمىسى دەپ قارىلىدۇ. كۆرۈشكەندە ئۆز-ئارا ئەھۋال سوراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز-ئارا تەزىم قىلىندۇ،قول ئېلىشىپ ياكى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەيدۇ.
تەزىم قىلغان ۋاقىتتا بېشى تۆۋەنگە سېلىندۇ،قانچە بەكرەك ئېگىلسە قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمىتىنىڭ شۇنچە چوڭقۇرلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.ئەمما ئادەتتىكى سالاملىشىشتا ئازراق ئېگىلسىلا بولىدۇ.تەزىم قىلغان ۋاقىتتا ئەرلەرنىڭ ئىككى قولى بەدىنىنىڭ يېنىغا سېلىنغان ھالەتتە،ئاياللارنىڭ ئىككى قولى بەدەننىڭ ئالدىغا چىقىرىلىپ كېسىشكەن ھالەتتە بولىدۇ.سۇپىدا يۈكىنىپ ئولتۇرغاندا،قارشى تەرەپكە يۈزىلىنىپ ئولتۇرۇشى ،سالاملاشقاندا ئىككى قولىنى لېپىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ،بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قارشى تەرەپكە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.ياپونلۇقلارنىڭ سۇپىسىغا كۆنۈكمىگەنلەر ئوزۇن ۋاقىت ئولتۇرسا پۇتى ئۇيۇشۇپ قالىدۇ،بۇنداق ۋاقىتتا ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،ئەلەر باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرسا بولىدۇ.ئاياللار ئىككى پۇتىنى سەل يانغا سېلىپ ئولتۇرسابولىدۇ،ئەمما باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرسا بولمايدۇ.
ياپون تىلىدا ئوخشىمىغان ۋاقىت،ئوخشىمىغان سورۇن،ئوخشىمىغان سالاھىيەتكە قاراپ،سالاملىشىش تىلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ياپونلۇقلار ھاۋارايى ئەھۋالىنىمۇ سالاملىشىش سۆزى سۈپىتىدە قولىنىدۇ.مەسلەن:«بۈگۈن ھاۋا ھەقىقەتەن ياخشى ھە!»،«بۈگۈن نېمانچىۋالا ئىسسىق»،«شۇنداق يېغىپ كەتتىغۇ بۇ يامغۇر»-دېگەندەك.
ياپونلۇقلار خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندە،ئۆز ئارا ئىسىم كارتىسى ئالماشتۇرىدۇ.ئىسىم كارىتىسىدا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنى،ئادرېسى ،فاكىس،ئېلكتروونلۇق پوچتا ساندۇق نۇمۇرى شۇنداقلا كەسپى قاتارلىقلار يېزىلغان بولىدۇ.ئىسىم كارتىسىنى قارشى تەرەپكە سۇنغاندا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى دېيىش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپكە كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىز،كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قوياسىز قاتارلىق قائىدە يوسۇن سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ ،يەنە بىر تەرەپتىن ئىسىم كارتىسىنى قوش قوللاپ قارشى تەرەپكە سۇنۇپ بېرىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم كارىتىسنى ئېلىشتىمۇ قوش قوللاپ ئالىدۇ.ئىسىم كارتىسى ئۈستىگە خالىغانچە خەت يېزىش،پۈكلەش،شۇنداقلا ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەمىسى قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
يېڭى ئوقۇم ياپون تىلى «ياپونىيە مەدەنىيىتى ۋە ياپونىيە جەمىئيىتى 1»
بىلنۇر تەرجىمىسى 2013-يىل 20-ئاپرېل

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: تەرجىمە ئەسەرلەر | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر(ئېلكىتاب)

يوللانغان ۋاقتى 2013-04-17 15:42 كۆرۈلۈشى:1,385 قېتىم

مەن ئاخىر بۇنى يېزىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم،ئويلىسام تارىم،تەكلىماكان بويلىرىدىن ئايرىلىپ باقمىغان شۇنچە كۆپ يار-بۇرادەرلىرىمنىڭ،قەلەمداشلىرىمنىڭ،مېھرىبان خەلقىمنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىمدە ھەققى بار ئىكەن.كۆرمىگەنلىرىمنىى قەلىمىم بىلەن كۆرسىتەي دېدىم.كۆرگەنلىرىمنى ئاددىي دېمەي قەغەزگە پۈتەي دېدىم.بىر يىل سەككىز ئاي ئۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئەمەس،بىراق ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولغان ئادەمگە كىشى يۇرتىدا بىر كۈننى ئۆتكۈزمەكمۇ تەس.
تەلىيىمگە مەن كۆرگەن يۇرتلار-خەلقى قۇرئان تىلىدا سۆزلەيدىغان ،قەدەمدە بىر ئېگىز –ئېگىز مەسچىتلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ،ئەزان ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان ئەرەپلەرنىڭ دىيارى ئىدى .بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ قەدەملىرى تەگكەن زېمىنلاردا مۇساپىر بۇلۇشمۇ مېھمان بۇلۇشتىن چارە،سوغۇق سۇ ئېچىشمۇ زەم-زەم ئىچكەندەك خاسىيەتلىك.گەرچە كىتاب ئوقۇش بىلەن تۇرمۇش، شېئىر يېزىش بىلەن تىرىكچىلىك،ۋەتەننى سېغىنىش بىلەن غېرىپلىق ئارىسىدا كۆرگنلىرىم سودىگەرلەرنىڭكىدەك كۆپ ياكى سەيياھلارنىڭكىدەك ئاجايىپ-غارايىپ بولمىسىمۇ ئۇ يەردىكى ئۇششاق تەپسىلاتلارمۇ يۇرتداشلىرىم ئۈچۈن يېڭى تۇيۇلسا ئەجەپ ئەمەس .
نەدىن كەلدىڭ نەگە بارىسەن ؟بۇرۇن بۇ سوئال ھەققىدە تۈزۈكرەك ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن.بىر خىل مۇھىت ،بىر خىل رېتىم ،بىر دۇنيا ئىچىدە بۇ سوئالغا ئېھتىياج تۇغۇلمىسا كېرەك .قاچان چەت ئەلگە چىقماقچى بولدۇم ،شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ھارغۇچە توشتۇرغان جەدۋەللەر،ماڭغان يوللار،بارغان جايلار بۇ سوئالغا مۇناسىۋەتلىك بولدى .(1-بەت)
بەيدۇ تور دېسكىسىدىن :چۈشۈرۈش

ئۇچقۇر تور دېسكىسىدىن: چۈشۈرۈش
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ ،باشقا تور بېكەتلەرگە چاپلىسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 3 | تولۇق ئوقۇش
مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
тут мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти человека по номеру мобильного телефона телефонная база билайна москвы база данных поиск адреса по номеру телефона в спб муром телефонная база поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске телефонная казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных номеров imei украденных телефонов поиск людей в ташкенте по номеру телефона тут найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная база частных абонентов тут справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента на сайте телефонная база г самары камышин справочник телефонов учреждений ссылка телефонная база данных россии телефонная база данных ростов адрес по узнать адрес по номеру телефона казань телефонная база санкт петербург адреса ссылка борисов справочник поиск номера телефона по адресу тюмень тут домашняя телефонная база данных онлайн телефонная как калининградский справочник домашних телефонов справочник телефонов в г ташкенте Пора игра sitemap