سۈبھى تور ژۇرنىلى 1-سان، كۆرۈشكە ئالدىراڭ!

يوللانغان ۋاقتى 2013-04-06 04:53 كۆرۈلۈشى:1,106 قېتىم

22ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تورداشلار!شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ،شۇنداقلا ئىلىمخۇمار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا،ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلار بەدىلىگە سۈبھى تور ژۇرنىلىنىڭ 1-سانى رەڭلىك ۋە رەڭسىز ئىككى خىل نۇسخىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئالدى بىلەن بۇ سان ژۇرنالغا ئۆزىنىڭ ئىجادىي،يېڭىچە تېمىلىرىنى ئەۋەتىپ بىزنى قوللىغان قېرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا بۇندىن كىيىن داۋاملىق ئۆزىنىڭ تېتىملىق تېمىلىرى بىلەن ژۇرنىلىمىزنى تەمىنلەپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:بىز ۋە ئاپتورلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ، ژۇرنىلىمىزدىكى ئەسەرلەر ھەممىسى شەخسنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى بولۇپ، خالىغانچە كۆچۈرۈپ باشقا تور بېكەتلەرگە چاپلاشقا،ئۆزگەرتىپ قالايمىقان پايدىلىنىشقا بىردەك يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر بىزنى قوللاي دېسىڭىز، بۇ ژۇرنالنى تارقىتىڭ،ئەسەر ئەۋەتىڭ،تەكلىپ-پىكىر بېرىڭ،لايىھىلەش، تەھرىرلەش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىڭ.
ئەسەر ئەۋەتكۈچىلەر مۇشۇ مۇنبەردىكى ›سۈبھى تور ژۇرنىلى‹ سەھىپىسىگە ، ياكى سۈبھى ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقى (svbhii@163.com) غا ئەۋەتىڭ.



ژۇرنالنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى: رەڭلىك نۇسخىنى چۈشۈرۈش

رەڭسىز نۇسخىنى چۈشۈرۈش

بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 2 | تولۇق ئوقۇش

ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن

يوللانغان ۋاقتى 2013-03-25 04:59 كۆرۈلۈشى:665 قېتىم

ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن،
ياندىمۇ ئۆچۈرۈش بەكمۇ تەس ئىكەن.
يۈرەكۇ باغرىڭنى ئەيلەپ جاراھەت،
ھىجران چۆللىرىنى كەزدۈرەر ئىكەن،

ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دىگەن،
تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن .
ئىەگەر ئۇ تارتمىسا ھىجران ئازابى ،
يەتمەك ۋىسالغا بەس مۈشكۇل ئىكەن .

ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن ،
يۈرەكنى زەرداپقا تولدۇرار ئىكەن .
بولمىسا گەر سۆيگۈگە چاڭقىغان قەلب،
تەقدىرنىڭ قىسمەتنىڭ قۇربانى ئكەن .

ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن،
ئۆزگىلەر ئۆزگىچە نام قويار ئىكەن.
بولمىسا گەر پاك قەلب ۋىجدان ئگسى ،
پاتقاققا مىنەلگەن سېسىق چۆپ ئىكەن .

بىلنۇر شەھىرى چاڭچۈن

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا

يوللانغان ۋاقتى 2013-03-21 12:48 كۆرۈلۈشى:622 قېتىم

ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا

(ئىلھام ئەنۋەر نۇر ئوغلى)

ئورۇۋاپسەن يۈزۈڭنى بەكمۇ گۈزەل ھىجاپتا،
سىرغا تولغان رۇخسارىڭ پەرىشتىدەك كۆرۈنىدى.
نامەھرەملىك كۆزۈڭدىن خالىي ئەمدى خىيالىم،
شۇئان ئەركەك خىسلىتىم يۈرۈكىمدە تۇغۇلدى.

قوغداي دېدىم يۈرەكتىن ئوراپ سېنى ھىجابتەك،
تەڭرى بىزنى سىلەرنى قوغداش ئۈچۈن ياراتقان.
ئىپپەت سىنىڭ ۋەتىنىڭ،ۋەتەن ئەرنىڭ ئىپپىتى،
بۇ مۇقەددەس بۇرۇچنى تەڭرى بىزگە تاراتقان.

شۇ نىيەتتە ئاجىزەم يەڭنى تۈردۈم بىلەككە،
جاكارلىماق بولدۇم ھەم ئىخلاسىڭنى دۇنياغا.
لىكىن بۈگۈن ئايلاندى بارچە ئارمان كۆپۈككە،
چۈشۈپ كەتتىم نالىدە يەتكەن چاغدا قىياغا.

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 2 | تولۇق ئوقۇش

بەدۆلەت (ئۈچ قىسىم ئېلكىتابى)

يوللانغان ۋاقتى 2013-03-20 13:45 كۆرۈلۈشى:1,359 قېتىم

ئىستىداتلىق يازغۇچىمىز ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندىنىڭ ئالدىنقى قېتىم «ئاپپاق خوجا »ئېلكىتابىنى تارقاتقانىدۇق .بۇ قېتىم يازغۇچىمىزنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان تارىخى رومانىىنى يوللىدىم .بۇرۇن توردۇنياسىدا پەقەت بەدۆلەت بارسا كەلمەس يول ،بەدۆلەت يانغىن قاپلىغىن تۇپراق ،قاتارلىق ئىككىلا قىسمى تارقتىلغانىدى ،بۇ قېتىم تور ئارىلاۋېتىپ بەدۆلەت بارسا كەلمەس يول ،بەدۆلەت يانغىن قاپلىغىن تۇپراق ،بەدۆلەت ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى دىن ئىبارەت تولۇق ئۈچ قىسىمنى ئۇچرىتىپ توراشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بىلنۇر ئېلكىتاب سالونىغا يوللىدىم . چۈشۈرۈشكە قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن يەنە ئاۋالقىدەك بىرلا ۋاقىتتا ئۇچقۇر تور دېسكىسى ۋە بەيدۇ تور دېسكىىسىغا چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەدى . ئۇچقۇر تور دېسكىسى :1-قىسىم چۈشۈرۈش 2-قىسم چۈشۈرۈش 3-قىسىم چۈشۈرۈش
بەيدۇ تور دېسكىسى 1-قىسىم چۈشۈرۈش 2-قىسىم چۈشۈرۈش 3-قىسىم چۈشۈرۈش

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 6 | تولۇق ئوقۇش

ئاپپاق خوجا (ئېكىتاب سۈزۈك نۇسخىسى )

يوللانغان ۋاقتى 2013-03-17 14:45 كۆرۈلۈشى:1,110 قېتىم

ئىتىداتلىق يازغۇچىمىز ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ «ئاپپاق خوجا »ناملىق تىرولوگىيىسى توردا ئىجتىھاتجان بىر قېرىندېشىمىز تەرىپىدىن تارقىتىغان بولسىمۇ سۈزۈكلۈك دەرجىسى تۆۋەن بۇلۇپ قېلىپ سەۋەبىدىن كۆرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ ستۇدېنتلار كۇلۇبىمىز بۇ كىتابنىڭ بىر قەدەر سۈزۈك نۇسىخىسىنى تارقاتتى . كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قېلىمىز چۈشۈرۈش ئادرېسى قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن بەيدۇ تور دېسكىسى ۋە ئۇچقۇر تور دېسكىسىغا تەمىنلەندى .
1-قىسىم ئۇچقۇر تور دېسكىسىدىن :چۈشۈرۈش              2-قىسىم ئۇچقۇر تور دېسكىسىدىن :چۈشۈرۈش

1-قىسىم بەيدۇ تور دېسكىسدىن :چۈشۈرۈش              2-قىسىم بەيدۇ تور دېسكىسىدن: چۈشۈرۈش

 

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئېلكىتابخانا | ئىنكاس سانى: 2 | تولۇق ئوقۇش

ئابدۇۋەلى ئەلى

يوللانغان ۋاقتى 2013-03-17 14:24 كۆرۈلۈشى:486 قېتىم



ئىستىداتلىق يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى (ۋەلى )1948 -يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى خوشۇت ناھىيىسىنىڭ چوقو يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۇنىڭ بالىلىق ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ھازىرقى باغراش يېزىسىنىڭ بورانسۇمۇل يېزىسىدا ئۆتتى ،ئۇ 1959 يىلى يېزىلىق مەركىزى باشلاشغۇچ مەكتەپنى پۇتتۈرگەندىن كېيىن 1962 يىلغىچە خوشۇت ناھىيىسىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇدى ،1962-يىلى 9-ئايدا كورلا چىلانباغدىكى ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ توۇق 1-يىللىقىغا ئوقۇشقا كىردى .ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىگەچكە ،1963-يىلى ئائىلىسىگە قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى .1965-يىلى 12-ئايدا ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ جوڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 3-ئاتلىق پولكىدا جەڭچى ئوتدېلىنىيە كوماندىرى ،ۋوزۇت كوماندىرى ۋە ھەربىي تەرجىمان بۇلۇپ ئىشلىدى .1969-يىلى10-ئايدا جەنوبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا يۆتكىلىپ ئىشلىدى .1979-يىلى 9-ئايدا ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ،قەشقەر ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلىدى .1981-يىلى 1-ئايدا ،ئۇ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ مۇھەرىر،ئۇيغۇر سىياسى مائارىپ تەھرىرى بۆلۈمى مەدەنىيەت تارىخ تەھرىرى بۆلۈمىدە بۆلۈم مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلىدى ،1993-يىلى كاندىدات ئالىي مۇھەرىرلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشتى .
ئابدۇۋەلى ئەلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ئىشلىگەن 20 نەچچە يىل جەريانىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى »،«جوڭگو ئومۇمىي تارىخى »(13 توم )،»«خەننامە »،«كېيىنكى خەننامە»،«قۇتادغۇبىلىك ۋە قانون »،«قارخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى »،«قارخانىلارنىڭ جەمىئيەت ئەھۋالى »،«قەدىمكى جەمىئىيەت »(2توم)، «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا ».«9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» ،«شىنجاڭ تارىخىدىكى پۇللار»،«ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە دۇنيا تارىخى لوغىتى»،(5مىليون خەتلىك )،«تۇرپان ئاسار ئەتىقىلىرى »،«يەكەن خانلىقى تارىخىدىن ئومومىي بايان »،«غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى »قاتارلىق مەدەنىيەت ،تارىخقا ئائىت يۇزدىن ئارتۇق ئەسەرگە مەسئول مۇھەرىر بولدى .ئۇ مەسئول مۇھەرىر بولغان توققۇز كىتاب شىمالدىكى 15ئۆلكە ،شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 18 نەشىرياتنىڭ 1990 -يىلدىن 1997-يىلغىچە بولغان باھالاشلىرىدا مۇنەۋەر تەھرىرلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: مەشھور شەخىسلىرىمىز | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ستۇدېنتلىرىمىزىن ياردەم سورايمەن

يوللانغان ۋاقتى 2013-03-06 16:48 كۆرۈلۈشى:523 قېتىم

نۆۋەتتەتۆۋەندىكى ئۇنۋېرىستىلارنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشى ئىشلىنىپ بولدى ،
خارۋارد ئۇنۋېرىستىتى
ئوكۇسفورد ئۇنۋېرىستىتى
چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتى
بېيجىڭ ئۇنۋېرىستىتى
شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتى

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتى
ھازىر كۇلۇبىمىز ئىشكىردىكى بىر قىسىم ئالىي بىلىم يۇرتلىرنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى قىسقىچە تۇنۇتۇرۇلۇشىنىڭ بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش شۇنداقلا خەنزۇتلى ئۇقمايدىغان ئەمما ئىشكىردىكىى ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىدىغان ئاتا-ئانىىرىمىز ،شۇنداتولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقان بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ،چەت ئەلدىكى ۋە ئىشكىردىكى ئالىي ئوقۇللارنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشىنى ئىشلەپ توپلام قىلپ تارقاتماقچى 《يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس》 دېگەندەك ،بۇ ئىشىمىزنىڭ تېرەك ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن كەڭ ستۇدېتلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزغا يېقىندىن ياردەمدە بۇلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .مۇمكىن بولسا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنگىلىزتىلى ،خەنزۇتىلى سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى ستۇدېنتلار بولسا ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنۋېرىستىتىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلشىنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە ئەۋەتىپ بەرسە ، ئالەمچە شاتلىققا تولاتتۇق،مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇمۇ ئۇيغۇر مائارىپىمىز ئۈچۈن قوشقان ئاز تولا تۆھپىڭىز بولاتتى .

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: داڭلىق ئۇنۋېرىستېتلار | ئىنكاس سانى: 3 | تولۇق ئوقۇش

مەيلى كەتكىن يىراقلارغا كەت

يوللانغان ۋاقتى 2013-03-06 15:21 كۆرۈلۈشى:499 قېتىم

سېنى كۈتتۈم ئەسلا كەلمىدىڭ ،
بارچە ئازاپ ھىجرانغا قۇيۇپ .
ئۇنتۇپ ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى ،
سالماقچىمۇ سۆيگۈمگە قۇلۇپ.

چۈشلىرىمدىن ھېچ كېتەلمەيدۇ ،
ئوماق كۈلكەڭ قاپقارا كۆزۈڭ.
توسۇشقا چۈشنى مەندە نەچارە،
كۆيدۈگەن سۆيدۈرگەن يەنىلا ئۆزۈڭ.


قىلىشقان شۇ ۋەدىلىرىمىزگە،

ئاسماندىكى يۇلتۇزلار گۇۋا .
قالدۇرۇپ سۆيگۈنىڭ مەنزىلىرىگە،
سايە تاشلاپ ئاچىق ئەسلىمە.

ئۈنسىز ئاقىدۇ كۆزلرىمدىن ياش ،
چىدالمغاچ ھىجران دەردىگە،
تاشلاپ كەتسەڭ كېتىۋەر مەيلى،
يېتىسەن ھامىنى سۆيگۈم قەدرىگە.

مەيلى كەتكىىن يىراقلارغا كەت ،
ئەسلىمىلەرنى بىللە ئېلىپ كەت.
مۇھەببەتنى توزغاق گۈل قىلىپ ،
چېكەڭگىلا مەھكەم قىسىپ كەت.

ئۆز قەلىمىم

ھالقىلىق سۆز: , | تۈرى: شېئرىيەت سالونى | ئىنكاس سانى: 2 | تولۇق ئوقۇش

تەكلىماكاندىكى «جەننەت»نىڭ ۋەيران بولۇشى(ئەسئەت سۇلايمان)

يوللانغان ۋاقتى 2013-03-06 05:54 كۆرۈلۈشى:824 قېتىم

قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلىنىڭ بايقىلىشى ۋە بەربات بۇلۇشى توغرىسىدا
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 400 يىل ئىلگىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرىۋىكىدىكى كېرىيە بوستانلىقىدا ئاھالىلەرنىڭ نىسبىتى بىلەن بوستانلىقلار سىغىمچانلىقى ئوتتۇرسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلگەنىدى، بۇنىڭ بىلەن بىرقىسىم ئاھالىلەر يېڭى ھاياتلىق ماكانى ئىزدەپ كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ.
قۇرۇم تاغلىرىنىڭ قارلىق چوققىلىرىدىن باشلىنىپ كېرىيە بوستانلىقى ئارقىلىق تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسگە قاراپ تىنماي ئاقىدىغان كېرىيە دەرياسى بۇ قۇرغاق ماكاننىڭ كېلىماتىنى ھەرۋاقىت تەڭشەپ تۇراتتى.
كېرىيە بوستانلىقى تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇق ئوتتۇرسىدىكى دېئالېكتىك بىرلىكنىڭ تىپىك كۆرۈنۈشى ئىدى.
كېرىيىلىكلەر ئەلمىساقتىن بۇيان يىراقتىكى قارلىق تاغلاردىن ئېقىپ كېلىدىغان دەريا سۈيىنى قەدىرلەپ كەلگەنىدى.
ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ماكاننىڭ بىرخىل ئىچكى تەڭپۇڭلۇق ھالىتىدە ئىكەنلىلىكىنى، بوستانلىقلار بىلەن قۇملۇقلارنىڭ بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دەريا سۈيىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى.

شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتى

يوللانغان ۋاقتى 2013-03-03 08:55 كۆرۈلۈشى:478 قېتىم

 كۇلۇبىمىز ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇنۋېرىستىتىلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ ستۇدېنتلىرىمىز شۇنداقلا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قىزىققۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى ئويلاشقان بولساقمۇ بۇ ئىشىمىز ھالا بۈگۈنگە كەلگۈچە تاشلىنىپ قالغان ئىدى ، مانا بىر نەچچە كۈنلۈك تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى بىر نەچچە ئۇنۋېرىستىتىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشى تەرجىمە قىلىندى ، ئەڭ ئالدى كەمىنە بىلنۇر ئوقۇۋاتقان ئۇنۋېرسىتىتنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشىنى قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم ،باشقلىرى داۋاملىق تورغا يوللىنىدۇ . تەرجىمىدەبىر قىسىم مەسلىلەر ساقلانغان بۇلۇشى مۇمكىن ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتى مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق 211 قۇرۇلۇشى ،111پىلانىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ بۇلۇپ .جىلىن ئۆلكسى چاڭچۈن شەھىرىگە جايلاشقان . ئىككى مەكتەپ رايونىغان بۆلۈنگەن ،ئومومىي يەر كۆلىمى 1مىليون 670مىڭ كىۋادرات مېتىر ،بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزى مەكتەپ رايونى 730 كۋادرات مېتىر ،جىڭيۆ مەكتەپ رايونى 940مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ .مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 60نەچچە يىل مابەينىدە 200مىڭدىن ئارتۇق دۆلىتىمىز سوتسىسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى .
مەكتەپ ئەسلى ئىسمى شەرقى شىمال ئۇنۋېرىستىتى 1946-يىلى ھازىرقى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق بېنشى دا قۇرۇلغان .ج ك پ شەرقى شىمال رايونىدا قۇرغان تۇنجى ئۇنۋېرسال خاراكتىرلىك ئالىي مەكتەپ .1949-يىلى چاڭچۈنگە يۆتكەلگەن ،1950-يىلى دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتىغا ئۆزگەرتىلگەن .ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقى شىمال مەمۇرىي كومىتېت مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شۆلىياڭنىڭ بىر قۇرساق ئىنىسى جاڭ رۇشىن تۇنجى نۆۋتلىك مەكتەپ مۇدىرى بولغان .داڭلىق مائارىپچىلاردىن :جاڭرۇشىن ،چىڭ فاڭۋۇ ،دىڭ خاۋچۈەن قاتارلىقلار مەكتەپنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .ھازىر شېڭ لىيەنشى پارتىيە ياچىكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى لىيۇيى چۈن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ .
مەكتەپتە ھازىر 22ئىنىستىتوت ،56 تولۇق كۇرۇس كەسپى بار .پۈتۈن كۈنلۇك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىدىن 24567 نەپىرى ئوقۇۋاتىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى 14365نەپەر ،دوكتور ،ماگىستىر ئاسپىرانت9478نەپەر ،چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار 724نەپەر ،فىزىكا ئىلمى قاتارلىق 17 پەن تۈرىدە دوكتورلۇق ئۇنىۋانى تارقىتىش سالاھىيىتىگە ئگە ،مائارىپ ئىلمى ،جوڭگو تلى ئەدەبىياتى ،تارىخ .قوللىنىشچان ئىقتىساد ئىلمى ،ماتىماتىكا، خىمىيە،بئولوگىيە ،جۇغراپىيە ،سىياسەت،ماركىسىزىم نەزىرىيىسى، مۇھىتى ئىلمى ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى ،نەزەرىيىۋى ئىقتىساد قاتارلىق ئىلمي تەتقىقات پونكىتى تەسسىس قىلىنغان ،مائارىپ ،ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش ،تەنتەربىيە،خەنزۇتىلى خەلقئارا مائارىپ قۇرۇلۇشى ،تەرجىمانلىق ،گۈزەل سەنئەت،سودا- سانائەت مەمورىي باشقۇرۇش ،قانون قاتارلىق 9ماگىستىرلىق كافىدىراسى تەسىس قىلىنغان .مائارىپ ئىلمىي ،دۇنيا تارىخى ،ھۇجەيرە جانلىقلار ئىلمىي ،ئكولوگىيە ئىلمى ،ئىدىيىۋى سىياسى مائارىپ قاتارلىق 5دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن تۇرى ،165ماگىستىرلىق نۇقتىسى ،78 دوكتورلۇق نۇقتىسى تەسىسى قىلىنغان ،3 نەپەر ئاكادىمىك بار .

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: داڭلىق ئۇنۋېرىستېتلار | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش
مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
тут мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти человека по номеру мобильного телефона телефонная база билайна москвы база данных поиск адреса по номеру телефона в спб муром телефонная база поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске телефонная казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных номеров imei украденных телефонов поиск людей в ташкенте по номеру телефона тут найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная база частных абонентов тут справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента на сайте телефонная база г самары камышин справочник телефонов учреждений ссылка телефонная база данных россии телефонная база данных ростов адрес по узнать адрес по номеру телефона казань телефонная база санкт петербург адреса ссылка борисов справочник поиск номера телефона по адресу тюмень тут домашняя телефонная база данных онлайн телефонная как калининградский справочник домашних телефонов справочник телефонов в г ташкенте Пора игра sitemap