ئابدۇۋەلى ئەلى
ئىستىداتلىق يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئەلى (ۋەلى )1948 -يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى خوشۇت ناھىيىسىنىڭ چوقو يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ،ئۇنىڭ بالىلىق ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ھازىرقى باغراش يېزىسىنىڭ بورانسۇمۇل يېزىسىدا ئۆتتى ،ئۇ 1959 يىلى يېزىلىق مەركىزى باشلاشغۇچ مەكتەپنى پۇتتۈرگەندىن كېيىن 1962 يىلغىچە خوشۇت ناھىيىسىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇدى ،1962-يىلى 9-ئايدا كورلا چىلانباغدىكى ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ توۇق 1-يىللىقىغا ئوقۇشقا كىردى .ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىگەچكە ،1963-يىلى ئائىلىسىگە قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى .1965-يىلى 12-ئايدا ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ جوڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 3-ئاتلىق پولكىدا جەڭچى ئوتدېلىنىيە كوماندىرى ،ۋوزۇت كوماندىرى ۋە ھەربىي تەرجىمان بۇلۇپ ئىشلىدى .1969-يىلى10-ئايدا جەنوبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا يۆتكىلىپ ئىشلىدى .1979-يىلى 9-ئايدا ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ،قەشقەر ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلىدى .1981-يىلى 1-ئايدا ،ئۇ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ مۇھەرىر،ئۇيغۇر سىياسى مائارىپ تەھرىرى بۆلۈمى مەدەنىيەت تارىخ تەھرىرى بۆلۈمىدە بۆلۈم مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلىدى ،1993-يىلى كاندىدات ئالىي مۇھەرىرلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشتى .
ئابدۇۋەلى ئەلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ئىشلىگەن 20 نەچچە يىل جەريانىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى »،«جوڭگو ئومۇمىي تارىخى »(13 توم )،»«خەننامە »،«كېيىنكى خەننامە»،«قۇتادغۇبىلىك ۋە قانون »،«قارخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى »،«قارخانىلارنىڭ جەمىئيەت ئەھۋالى »،«قەدىمكى جەمىئىيەت »(2توم)، «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا ».«9-12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» ،«شىنجاڭ تارىخىدىكى پۇللار»،«ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە دۇنيا تارىخى لوغىتى»،(5مىليون خەتلىك )،«تۇرپان ئاسار ئەتىقىلىرى »،«يەكەن خانلىقى تارىخىدىن ئومومىي بايان »،«غەربىي يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى »قاتارلىق مەدەنىيەت ،تارىخقا ئائىت يۇزدىن ئارتۇق ئەسەرگە مەسئول مۇھەرىر بولدى .ئۇ مەسئول مۇھەرىر بولغان توققۇز كىتاب شىمالدىكى 15ئۆلكە ،شەھەر ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 18 نەشىرياتنىڭ 1990 -يىلدىن 1997-يىلغىچە بولغان باھالاشلىرىدا مۇنەۋەر تەھرىرلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
ئاپتورنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بۇلۇپ «قارىخانىلارنىڭ ھاكىمىيەتچىلىك قارىشىغا بىر نەزەر »،«ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك پەلسەپە ئېدئولوگىيىسىنىڭ شەكىلىنىشىدە ئينىغان رولى »،«يىپەك يولى قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى ۋەباشقىلار »«موللا موسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ ‹تارىخى ئەمىنىيە ›ناملىق كىتابى »،«ئۇيغۇرلار ، يىپەك يولى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئېچىۋىتىش »«پارلاق مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھارماس كۈيچىسى »،قاتارلىق ماقالىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى .ئۇ 1977-يىلى مەشھور كىلاسسىك ئەسەر «سۇ بۇيىدا »رومانىنىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشتى .1983 – يىلى ئۇنىڭ «ياىشى ئەسكەر شوك »،«ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمھالى »،قاتارلىق تۆت پارچە تەرجىمە ئەسىرى نەشىر قىلىندى .
1977-يىلى ئاپتورنىڭ «بەدۆلەت »ناملىق تارىخى تىرولوگىيىسى نەشىردىن چىققاندىن كېيىن ،كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ خېلى ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆتۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇشلۇقىغا ئايلاندى .
ئاپتورنىڭ قەشقەر خوجىلىرى ھەققىدە يازغان »، «مەخدوم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى »،«ئاپپاق خوجا »،«تۇرغاق خوجىلار »ناملىق ئۈچ تارىخى رومانى ‹بەدۆلەت›تىرولوگىيىسىدىن كېيىن يېزىپ پۈتتۈرگەن يەنە بىر تىرولوگىيىسى ھېسابلىنىدۇ ،ئاپتور ھازىرقى تارىخى تېمىدىكى «قازا يولى »،«پىغانلىق تەلۋىچۈك »ۋە ھازىرقى زامان تېمىسىدىكى «باغراش قارا ئەۋلادلىرىڭغا » قاتارلىق يېرىك ئەسەرلىرى ئۈستىدە جىددىي ئىشلىمەكتە .
ئاپتورنىڭ تەرجىمھالىي«ئاپپاق خوجا » ناملىق كىتابتى ئېلىىندى .
ئىختىيارى يازمىلار
- ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ
- بېيجىڭ خان ئوردىسىنى كىم لايىھىلىگەن؟
- ھەجەپ بىر ئوت ئىكەن مۇھەببەت دېگەن
- دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق تىللار ۋە ئۆگىنىش توربەتلىرى - [تىل ئۆگىنىش]
- مەن بۇ بىر ئاينى قانداق ئۆتكۈزدۈم
- مۈشۈكنىڭ ھايات پەلسەپىسى
- پۇتبول ساداسى چاڭچۈندە
- مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دىگەن نېمە ؟
- خىيالچان تىلەك
- چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتى