ھايات شۇنداق
يازغۇچى ئەخەت تۇردى 1940-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان.1949-يىلدىن 1959-يىلغىچە باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1959-يىلى شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.1964-يىلى 8-ئايدا ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەنىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تەقسىم قىلىنىپ،<>ژۇرنىلى تەھرىر بۈلۈمىدە مۇھەرىر بولۇپ ئىشلىگەن،كېيىن ژۇرنالنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى بولغان.1989-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ كەسپى يازغۇچىلىققا تەقسىم قىلىنىپ،2000-يىلى 12-ئايدا دەم ئېلىشقا چىققۇچە شىنجاڭ يازغۇچىلار
جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولغان.ئۇ ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،مەمىلكەتلىك ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى،دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك يازغۇچى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەخىرى پىروفېسسورى.