چۈشنىڭ بېشارىتى
دۇكېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پسىخولوگلار بېشارەت ھادىسىلىرىنى تەجرىبىخانىدا تەتقىق قىلىپ كەلمەكتە. بېشارەت توغرىسىدىكى تىپىك تەجرىبىلەرنىڭ بىرىـ ھەر قېتىم بىر دانە ئوشۇقنى ئېتىشتىن ئىلگىرى، سىناق قىلىنغۇچىغا ئوشۇقنىڭ قايسى بەلگىلىك يۈزى يۇقىرىغا قاراپ چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقۇزۇش بولدى.
دۇكېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى سىناق قىلىنغۇچىنىڭ بېشارەىتىنىڭ توغرىلىقىغا ئېھتىماللىق ستاتىستىكىسى بىلەن باھا بەرگەن. بۇ ئۇسۇل ئىلگىرىكىدەك تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان رەقەملىك ئاساسلارغا قاراپلا باھا بېرىدىغان ئۇسۇلغا زادىلا ئوخشىمايدۇ، بۇ سىناقلاردا “ توغرا چىقتى “ بىلەن “ توغرا چىقمىدى“ نىڭ نىسىبىتى ستاتىستىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئىتىلسون جەمەتى فوند جەمئىيىتى بىلەن سېلىشتۇرما پەلسەپە جەمئىيىتى 1962- يىلى دۇكېر ئۇنىۋېرسىتېتىغا چۈش تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ بەردى. بۇ تەجرىبىخانىنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى ئالىم ئېلمان ئىدى.كېيىن ئۇ باشقا ئىشلار بىلەن بەند بولۇپ قالغانلىقتىن مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىستانىل كىرىپنا ئۈستىگە ئالدى. ئۇلار قوللانغان ئۇسۇللارنى، بولۇپمۇ بېشارەتكە ئائىت تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئېلمان كەشىپ قىلغان.داۋامىغا قىزىقسىڭىز ….