پەلسەپە زادى نېمە ئىش قىلىدۇ ؟
«پەلسەپە » دىگەن سۆز ئەڭ دەسلىپىدە گرېكچىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ مەنىسى « ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش » دېگەنلىك بولىدىكەن . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، پەلسەپىنىڭ ئېنىقلىمىسى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ : بىرى « ئەقىل- پاراسەت » ، يەنە بىرى « سۆيۈش » . پەقەت ۋە پەقەت بۇ ئىككى ئۇقۇم بىرىكىپ بىر سۆز بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلغاندىلا ، پەلسەپىنىڭ ئېنىقلىمىسى ئاندىن شەكىللىنىدۇ ، « ئەقىل-پاراسەتنى سۆيىدىغان » كىشىلەرلا پەيلاسوپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر ئەقىل-پاراسەتلا بولۇپ ، ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش بولمىسا ، بۇنداق كىشىنى پەيلاسوپ دېگىلى بولمايدۇ . پەلسەپە دېمەكلىك نۇرغۇن ئەقىل-پاراسەت ، ھۈنەر-تېخنىكىنىڭ بىر كىشىدە جۇغلانغان تۇرغۇن ھالىتىنى ئەمەس ، بەلكى شۇ ئەقىل-پاراسەتكە بولغان سۆيۈش ، بىر خىل ئىنتىلىش تەرىقىسىدىكى مەڭگۈ توختىماس ھەرىكەتچان جەرياندۇر . ئادەتتە ، پەيلاسوپ دېسە ، بەلكىم بىزنىڭ كاللىمىزغا مەلۇم بىر دانىشمەن كىلىشى مۇمكىن ، بۇ دانىشمەن ھاياتنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكەن ، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەر قانداق سوئالىغا ئاللىقاچان ئېنىق جاۋاب تېپىپ بولغان بولىدۇ . بىراق ، ھەقىقىي پەلسەپىنىڭ تۈپكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، بۇ دانىشمەن ھەرگىزمۇ پەيلاسوپ ئەمەس ، ئۇ پەقەتلا ئۇستاز بولۇشقا لايىق بىر دانىشمەن خالاس ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىزدىنىشى ئاللىقاچان توختىغان ، ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بار ، لىكىن ئۇ ئەقىل-پاراسەتنى ئەمدى قايتا سۆيمەيدۇ . ھەر قانداق سوئالغا جاۋاپ تېپىپ بولغان شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شۇ جاۋابىدىن ئىنتايىن قانائەت ھېس قىلىدىغان كىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى پەيلاسوپنى ئاللىقاچان ئۆلتۈرېۋەتكەن بولىدۇ . ئۇنىڭ ئاشۇ ئۆزگەرمەس جاۋابلىرى ئۇنى ھەر خىل ئەركىن ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ خېيىم-خەتىرىدىن قوغداپ ئۇنى گۇماندىن ساقىت قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەركىن نەپەس ئېلىشىغا يول قويمايدۇ : دېمەك ئۇ خۇددى بىر دۈم كۆمتۈرۈپ قويغان قازاننىڭ ئاستىدا ياشىغانغا ئوخشايدۇ ، گەرچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ، ئاللىقاچان بار بولغان جاۋابلىرى بىلەن قازاننىڭ ئىچىنى يورۇتقاندەك قىلسىمۇ ، بىراق قازاننىڭ سىرتىدىكى قۇياشنىڭ نۇرىنى ئۇ بەرىبىر مەڭگۈ كۆرەلمەيدۇ ، ھەم ئۇنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدۇ . ئۆزىچە « جاھاننىڭ ھەممە ئىشلىرىنى كۆرۈپ ، ھەممىنى بىلىپ بولغان ، شۇنىڭلىق بىلەن ھەممىدىن بىزار بولۇپ جېنىدىن جاق تويغان » بەزىبىر ھاكاۋۇر دانىشمەنلەر ، بەئەينى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنى ئىلاھ ھېسابلايدىغان مىسىر پادىشاھى فىرئەۋىننىڭ ئۆزىدۇر ، ئۇنداقلارغا ئېچىنماي ئامال يوق .
مانا بۇلار پەلسەپىنىڭ ئېنىقلىمىسى بولغان « ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش » تىكى « ئەقىل-پاراسەت » توغرىسىدىكى قىسقىچە باياندىن ئىبارەت . ئەمدى « ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش » تىكى « سۆيۈش » كە كەلسەك ، كىشى ھاياتىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆيۈپ ئۆتىدۇ ، ئەمما ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈپ ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ . ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەن ئادەم شۇنى بايقايدۇكى ، ئەقىل پاراسەتنى سۆيمىگەن ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، نېمىشقا مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلمىغان ئىنسان ھاياتى بىر چۈمۈلىنىڭ ياكى بىر ئېشەكنىڭ ھاياتىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ . مەن نېمىشقا بۇنداق دەيمەن ؟ مەن شۇنىڭلىق ئۈچۈن بۇنداق دەيمەن : بەلكىم بىزلەر يات جىنىستىكىلەرنى سۆيىدىغاندىمىز ، ئاتا-ئانىمىزنى سۆيىدىغاندىمىز ، دوست-بۇرادەرلىرىمىزنى سۆيىدىغاندىمىز ، نازۇ-نېمەتلەرنى سۆيىدىغاندىمىز ، ئۆزىمىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت-ماكاننى سۆيىدىغاندىمىز ، ئۆزىمىز تەۋە بولغان مىللىتىمىزنى سۆيىدىغاندىمىز ، پۇل-پۈچەك ، مال دۇنيانى سۆيىدىغاندىمىز … شۇنىسىكى ئېنىقكى ، ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن بولسىمۇ شۇنى دېمەي تۇرالمايمەنكى ، بۇ خىلدىكى سۆيگۈ-ئىنتىلىشلەرنىڭ ھەممىسى پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ بىئولوگىيە نۇقتىسىدىكى بىر جانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبئىي ھالدا بار بولغان ھاياتلىقنىڭ ياشاش ئىرادىسى ئۇلارغا « مەجبۇرىي چۈشۈرگەن سۆيگۈ » بولۇپ ، بۇ خىلدىكى سۆيگۈ بىلەن بىر قوينىڭ بولۇق ھەم يۇمشاق ئۆسكەن ئوتنى تاللاپ يىيىشى ياكى ھاڭگېنىڭ مادىنى كۆرگەندە ھاڭراپ كېتىشى قاتارلىق ھايۋانىي ھەۋەس-ئىنتىلىشلەر ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلەنمەيدۇ ، پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئىپادە قىلىش شەكلى مۇرەككەپرەك ، ئەسلى تەبئىيىتىدىن بەكرەك يىراق خالاس . ئېنىقكى ، بىزنى ئىنسانىي سالاھىيەتكە ئىگە قىلىدىغىنى بۇ خىلدىكى سۆيگۈ ئەمەس ، ئەكسىچە ، بۇ خىلدىكى سۆيگۈ بىزنى ھايۋانىيلىققا بەكرەك يىقىنلاشتۇرىدۇ . ئەلۋەتتە ، مەن بۇ يەردە مۇھەببەتنى « ھەممىدىن مۇھىم » دەپ بىلىدىغان ھېسياتچان ئوغۇل-قىزلارنى ، « يۇرتۇم ! » ، « مىللىتىم ! » دەپ قىلىچ ئوينىتىشقا تەييار تۇرىدىغان قېنى قايناق شىر يۈرەك پالۋانلارنى ، ئاتا-ئانىغا ۋاپادارلىقنى ئەڭ مۇھىم ئىنسانىي بۇرچ دەپ ھېسابلايدىغان ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنى ، بازار ئىگىلىكىنىڭ چۈشىدىمۇ پۇل ساناپ چىقىدىغان سادىق قوللىغۇچىلىرىنى… « ھايۋان » دەۋاتقىنىم يوق ، پەقەت شۇ ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىۋاتىمەن ، ھېچكىممۇ بۇ ئىشلاردىن تامامەن مۇستەسنا بولالمايدۇ ، ئەگەر ئىنسانلار ھايۋانىي خۇسۇسىيىتى ۋە ماھىيىتىدىن پۈتۈنلەي قول ئۈزەلىسە ئىدى ، ئۇلار ئىنسان ئەمەس ئىلاھ بولغان بولار ئىدى . شۇڭلاشقا ، يۇقىردىكى بايانلاردىن ئاچچىقلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق .
پەقەت ۋە پەقەت ئەقىل پاراسەتنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈلا بىزنى ئىنسانىيلىققا ، ئىنسانىيلىقتىن ھالقىپ ئىلاھىيەتكە يىقىنلاشتۇرىدۇ . مەن شۇنىڭغا ئىشىنىشنى خالايمەنكى ، ئەگەر ئىلاھ مەۋجۇت بولسا ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھايۋانىيلىقتىكى ئاجىزلىقىدىن ، بىر-بىرىگە بولغان دۈشمەنلىكى ۋە غەزەپ نەپرىتىدىن ، جىنايەت-گۇناھىدىن پۈتۈنلەي ئازاد بولغاندىكى ھالىتىنىڭ دەل ئۆزى بولۇشى كېرەككى ، ئۇ ھەرگىزمۇ كىشىلەرنى مەڭگۈلۈك ئازاپ-ئوقۇبەت ، قىيىن-قىستاق ئارقىلىق قورقۇتۇش يولى ياكى مەڭگۈلۈك راھەت-پاراغەت بىلەن كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا قېنىپ بولالمىغان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ۋەدە قىلىپ قىزىقتۇرۇش يولى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىشىنىشنى مەجبۇرلايدىغان بولماسلىقى ، كىشىلەرنى ئۆچ-ئاداۋەتكە كۈشكۈرتمەسلىكى كېرەك . « ئەقىل پاراسەتنىڭ ئۆزىگە بولغان سۆيگۈ » دەپ نېمىنى ئېيتىمىز ؟ ئەگەر ئەقىل-پاراسەتكە بولغان سۆيگۈ ئەقىل-پاراسەتتىن باشقا نەرسىلەرنى ئۆزىگە مەقسەت قىلسا ، يەنى ئەقىل پاراسەتكە بولغان سۆيگۈنى باشقا نەرسىلەرگە ئېرىشىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالسا ، بۇنداق سۆيگۈ يەنىلا تەبئىي ھايۋانىي ئىھتىياجدىن ھالقىپ چىقمىغان بولىدۇ .
دېمەك ، پەلسەپە دېمەكلىك ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش دېمەكلىك بولۇپ ، بۇ مەڭگۈ تىنچلانمايدىغان ، مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدىغان بىلىمگە بولغان ئىنتىلىش ؛ ئۇ بىر خىل ھاياتلىق ھەرىكىتى ، پەرۋانىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆيۈپ تۈگىشىگە رازى ھالدىكى ئۆزىنى شام نۇرىغا ئېتىشى . مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردىلا ، سوقرات « تەپەككۇرسىز ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ » دېگەنىدى ، چۈنكى ، تەپەككۇرسىز ھايات ئادەمنىڭ ھاياتى ئەمەس ئىدى . ئەلۋەتتە ، « ئەقىل-پاراسەتنى پايدا-مەنپەئەت سەۋەبىدىن ئەمەس ، بەلكى ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىنلا ئۇنى سۆيسەك ، ئۇنداقتا بىز قورساققا نېمە يەيمىز ؟ » دېگەن سوئالنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ ، بىراق ئەنسىرەپ كەتمىگۈلۈك . ئەگەر ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئۆزىدىن سەۋەبىدىنلا سۆيۈپ پايدا مەنپەئەت قوغلاشمىغانغا قورساق ئاچ قالىدىغان ئىش بولسا ، پەلسەپە مەۋجۇت بولمايتتى ، پەلسەپە تارىخىدا بىرەرسىنىڭ ئاچ قىلىپ ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئاڭلىمىدۇق ، بەزى پەيلاسوپلار جاھاندىن شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىدىن بىزار بولۇپ ئاشلىق ئېلان قىلىپ ئۆلۈۋالسا ئۇ باشقا گەپ . يۇقىرقى سوئالنىڭ ئەڭ ياخشى جاۋابى شۇكى ، پەلسەپە تارىخىدىن قارىغاندا ، گەرچە پەيلاسوپلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ، ھەقىقەت ، ياخشىلىق ، گۈزەللىك توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشى قانداقتۇر پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن بولمىسىمۇ ، بىراق ، بۇ خىلدىكى تەپەككۇر ئاخىرىغا كېلىپ دەرۋەقە پايدا-مەنپەئەت يارىتالايدۇ . بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى ، پايدا-مەنپەئەت بولسا پەلسەپىۋى تەپەككۇرنىڭ مەقسىتى ئەمەس ، بەلكى نەتىجىسى .
پەلسەپىنىڭ پايدا-زىيىنى توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا ، مۇنداق بىر ھېكايەتنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ ، بۇ ھېكايە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى پەيلاسوپ تالېس ھەققىدە بولۇپ ، ئارىستوتېلنىڭ « سىياسىيشۇناسلىق » دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق بايان قىلىنغان : « كىشىلەر ئۇنى ( تالېسنى ) نامرات دەپ كايىشتى ، شۇنىڭلىق بىلەن ‹ پەلسەپە ھىچنېمىگە كارغا كەلمەيدىكەن › دەپ ھېسابلىدى . بۇ ھېكايىنىڭ دېيىشىچە ، تالېس ئاسترونومىيىگە پىششىق بولغانلىقتىن ، قىش پەسلىدىلا كېلەر يىلدا زەيتۇندىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغانىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىدە بارىنىڭ ھەممىسى بولغان ئازغىنە پۇلىنى رەنىگە قويۇپ ، مىلېزىئان ۋە كىئوستىكى زەيتۇن مېيى تارتىدىغان بارلىق جۇۋازنى ئىجارىگە ئېلىۋالدى ، ئەينى چاغدا بىرسى ئۇنىڭ بىلەن بازار تالاشمىغانلىقتىن ، ئىجارە ھەققى ناھايىتىمۇ ئەرزان بولدى . مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلگەندە ، كۆپچىلىك بىردىنلا ئىنتايىن كۆپ جۇۋازغا ئىھتىياجلىق بولدى ، بۇ چاغدا ئۇ باھانى خالىغىنىچە ئۆستۈرۈپ ، نۇرغۇن پۇل تاپتى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ جاھان ئەھلىگە شۇنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتتىكى : پەيلاسوپلار خالايدىغانلا بولسا ، ئۇلار ئاسانلا بېيىپ كېتەلەيدۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى باشقا ياقتا . »
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، پەلسەپە ھەقىقەتنى ئىزدەيدۇ : بۇ دۇنيادا زادى نېمە راست ؟ راست-يالغاننى ، توغرا-خاتانى قانداق بىلىمىز ؟بىلگەن بۇ بىلىملەرنى نېمىگە ئىشلىتىپ قانداق ياشايمىز ؟ … دېگەن بۇ سوئاللار پەيلاسوپلارنىڭ كاللىسىدا چۆرگىلەپ ئۇماچ بولۇپ قاينايدىغان سوئاللاردۇر . تارىختىن بىرى نۇرغۇن پەيلاسوپلار ، ئەۋلىيا-ئەنبىيالار ۋە ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئەلچىلىرى بۇ سوئاللارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇتلەق توغرا ھەمدە مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولغان جاۋابىنى تېپىپ چىققانلىقىنى جاكارلاشتى-يۇ ، بۇ سوئاللار بۈگۈنمۇ يەنىلا كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا چۆرگىلەپ كىتەلمەيۋاتىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئاخىرقى مۇتلەق جاۋاب ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىك تەبىئىيتىگە خىلاپتۇر . تۆۋەندە بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن .
ھاياتلىقنىڭ مەنىسى دەل ئەركىن ھەرىكەتتە ، دەسلەپكى ھاياتلىق شەكىللەنگەندىن تارتىپ ، ھاياتلىق دەل مۇشۇنداق ئەركىن ھەرىكەتتە . بۇ يەردىكى « ئەركىن ھەرىكەت » دېگىنىمىزنى « ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنىش » دەپ چۈشىنىپ تۇرۇشقا بولىدۇ . بىر تاش يەنە بىر تاشنىڭ سوقۇلۇشى سەۋەبىدىن ھەرىكەتلەنسە ، گەرچە ئۇ ھەرىكەتلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ ھاياتلىققا ئىگە ئەمەس ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۆز-ئۆزىدىن ئەمەس ، بەلكى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن كەلگەن ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىر چۈمۈلىنىڭ ھەرىكىتىدىن ماھىيەت جەھەتتە تۈپتىن پەرقلىنىدۇ . ھاياتلىقنىڭ بۇنداق ئەركىن ھەرىكەتلىنىش تەبئىيتىنى بىز ھەممىمىز ئۆگىنىپ ئۆتكەن « ئۇرۇقنىڭ كۈچى » دىگەن تېكىستنى مىسال ئېلىپمۇ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن . ئەمدى بايىقى « ئاخىرقى جاۋاب » قا كەلسەك ، ئەگەر ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ماھىيىتى بولىدىكەن ، ئۇ ھالدا ئۇ بىز بايا ئېيتىپ ئۆتكەن ھاياتلىقنڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنىش ئىرادىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ، ئۇنى بىر يەرگە باغلاپ قويۇش ياكى بوغۇپ قويۇش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك تۇرغۇنلۇققا بەنت قىلىش ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ ماھىيەتلىك تەبئىيىتىگە خىلاپ بولۇپ ، بۇ مۇمكىن ئەمەس : ئۇ ياكى شۇ باغلانچۇقتىن يېشىنىپ داۋاملىق ھالدا ئەركىن تەپەككۇرىنى باشلايدۇ ، ياكى شۇ باغلانچۇقتىن يېشىنىپ چىقىش جەريانىدىكى تىرىشىش-تىرمىشىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئاندىن تنىچلىنىپ توختايدۇ ، چۈنكى ھاياتلىق بىلەن قۇللۇق ماھىيىتىدىن باشلاپلا بىر بىرىگە زىت . ئەركىنلىككە تەشنا بولىشىمىز ئۈچۈن بىرسنىڭ بىزگە قۇللۇقنىڭ رەزىللىكى توغرىسىدىكى تەلىمى كەتمەيدۇ ، چۈنكى بىزنىڭ تەبئىي ماھىيىتىمىزنىڭ ئۆزىلا ئەركىنلىكنى ئىنسان ھاياتى بىلەن شەرتسىز ھالدا بىرىكتۈرگەن . ئەركىن بىر قۇشنى تۇتۇۋىلىپ قەپەسكە سولاپ قويسىمۇ ، ئۇ ئەركىنلىككە تەلپۈنگىنىدىن قەپەسكە ئۆزىنى ئۇرۇپ ئۆلۈپ قىلىشنى راۋا كۆرىدۇكى ، ھايات تۇرۇپ قۇللۇقتا ياشىمايدۇ . ئەلۋەتتە ، بىز ھەممىمىز ھايات تۇرۇپ قۇللۇقتا ياشايدىغان نۇرغۇن جانلىقنى ئۇچرىتىمىز ، ھالبۇكى ، بۇ بىزنىڭ ھازىرقى ماقالىمىزنىڭ ئاساسلىق تىمىسى ئەمەس . بايا قىلىپ قالغان مەسىلىنى يەنە قولىمىزغا ئالايلى : « ئەڭ ئاخىرقى مۇتلەق جاۋاب » مەيلى ئۇ قانداق جاۋاب ، كىمنىڭ جاۋابى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئەگەر ئۇ « مۇتلەق توغرا » دەپ جاكارلىنىپ ، كىشىلەرنىڭ ئىددىيە-ئوي پىكىرىنىڭ ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشى ، شۇ بويىچە تەپەككۇر قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن ، ئۇنداقتا بۇ خىلدىكى ئاخىرقى جاۋاب كىشىلەرنىڭ روھىغا ، ئەقلىي-ئىدراكىي تەپەككۇرىغا سىلىنغان بويۇنتۇرۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ۋاھالەنكى ، ئىنسان ماھىيەت جەھەتتىن ئەركىن مەخلۇق بولغانلىقتىن ، ئەقلىي تەپەككۇر قىلىش بولسا ئىنساننى ئىنسان قىلغان ماھىيىتى بولغانلىقتىن ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسانلار بىر بويۇنتۇرۇقنىڭ كەينىدىن يەنە بىر بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ دىگۈدەك ئاساستا ئۆزىنىڭ تەپەككۇردىكى ئەركىن ھاياتلىق ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ كەلگەن . شۇڭلاشقا ، « دۇنيادا زادى نېمە راست ، نېمە يالغان ؟ نېمە توغرا، نېمە خاتا ؟ بۇلارنى قانداق بىلىمىز ؟ » دىگەندەك سوئاللارنىڭ ئاخىرقى جاۋابى بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدەك بۇ خىل ھالەت بىزنىڭ پەلسەپىگە چاپان قېقىشىمىزغا سەۋەپ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك ، چۈنكى دەل مۇشۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدىنىش جەريانىدىلا ، ئۆزىمىزگە سىلىنغان بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ تاشلاش جەريانىدىلا ، بىز ئاندىن ئۆزىمىزنى مەۋجۇت قىلىمىز .
ئەمدىكى مەسىلە ، بىز ئەركىن پەرۋاز قىلىمىز دەيدىكەنمىز ، چوقۇم ئاۋال قانىتىمىزنى بوغۇۋالغان بوغقۇچنى چۈشىنىشىمىز كىرەك ، شۇندىلا تىخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۇنى قانداق يېشىش توغرىسىدا ئىزدىنەلەيمىز . ئەيھانناس ! بۇ دۇنيادا بوغقۇچ شۇ قەدەر كۆپ ئىكەنكى ، بەزىبىر بوغقۇچلار تۇغۇلىشىمىزدىنلا بىز بىلەن بىللە كىلىدىكەن : ئاتا ئانىمىز ، مىللىي سالاھىيىتىمىز ، ئېتقاد قىلىشقا تېگىشلىك دىنىمىز ، يۇرتىمىز ، تەۋە بولغان ۋەتىنىمىز ، ئۆرپ-ئادىتىمىز ، تارىختىن قىلىپ قالغان ئۆچ-ئاداۋەتلىرىمىز ، پەيلاسوپ-ئىلاھشۇناسلار بىكىتىپ قويغان دوگمىلىق ئەقىدىلەر … بىز تۇغۇلىشمىزدىنلا ئەركىن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە مۇشۇنچە كۆپ بوغقۇچلار بىلەن بىللە تۇغۇلىدىكەنمىز . دەرھەقىقەت ، « مەن نېمىشقا بۇنچىۋالا كۆپ بوغقۇچ بىلەن بىللە تۇغۇلىمەن ، ماڭا نېمىشقا تۇغۇلغاندا ئۆز ئاتا-ئانامنى ، ۋەتىنىمنى ، يۇرتۇمنى ، مىللىتىمنى ، دىنىمنى تاللاش پۇرسىتى بىرىلمىگەن ؟! » دەپ نالە قىلىپ ، ئاچچىقلاپ يۈرۈش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك بولىدۇ ، ھالبۇكى ، بىز شۇنى ئويلىنىشىمىز كېرەككى : مۇشۇ بوغقۇچلارنىڭ زادى قايسىبىرلىرى تەبئىي ھەم مۇقەررەر بولۇپ ، يوق قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، يەنە قايسىبىرلىرى ئۆزىمىز ياكى ئەجدادلىرىمىز زورىسىغا چىگىۋالغان بولۇپ ، يوق قىلىشقا تامامەن مۇمكىن ؟ ماقالىنىڭ تىمىسىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانىم مۇشۇ يەردە توختايدۇ . مېنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىم ، كىشىلەرنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ سوئالغا ــــــــــ دۇنيادا ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنى زادى نېمە ؟ بىز بۇنى قانداق بىلىمىز ، زادى بىلەلەيمىزمۇ-يوق ؟ بىز بۇ دۇنيادا قانداق ياشىشىمىز كېرەك ؟ ـــــــــ بەرگەن ھەر خىل جاۋابىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈش ئارقىلىق ، شۇ جاۋابلار ھاسىل قىلغان بوغقۇچنىڭ ماھىيىتىنى ئازراق بولسىمۇ ئىچىپ بىرىش . « شۇ بوغقۇچنى قانداق يېشىمىز ؟ زادى يېشىشىمىز كېرەكمۇ-ئەمەسمۇ ؟ » دېگەن مەسىلىنىڭ جاۋابىنى ۋاقتىنچە ئوقۇرمەن دوستلارغا قالدۇرۇشنى پىلان قىلدىم .
بىرىنچى سوئال : « دۇنيادا ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنى زادى نېمە ؟ » گە جاۋاب بېرىدىغىنى مېتافىزىكىدىن ئىبارەت ، « مېتافىزىكا » نىڭ تەتقىق قىلىش ئوبىيېكتى بەزىدە ئونتولوگىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ . « مېتافىزىكا » دىگەن بۇ سۆزمۇ ئوخشاشلا گېرىكچىدىن كەلگەن ، سۆز مەنىسى « فېزىكىدىن كىيىن » دىگەنلىك بولۇپ ، ئەينى چاغدا كىشىلەر ئارىستوتىلنىڭ ئەسەرلىرىنى رەتلەش جەريانىدا ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگىلى ، تۇتقىلى ، ئاڭلىغىلى بولىدىغان ، سەزگۈ ئەزاغا تايىنىپ تەتقىق قىلىدىغان تەبئىي پەنلەردىن سىرىت ، يەنە تەجرىبىدىن ھالقىغان بەزىبىر بىلىملەر ، يەنى مەۋجۇتلۇق ، روھ ، ئىلاھ قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بىلىملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بايقايدۇ ، شۇنداق قىلىپ ، كىشىلەر ئۇنىڭ كىيىنكى خىلدىكى ئەسەرلىرىگە ، يەنى سەزگۈ ئەزالار سىزەلەيدىغان رەڭگارەڭ دۇنيادىن ھالقىپ كەتكەن شەيئىلەرگەئالاقىدار ئەسەرلىرىگە « مېتافىزىكا » ، يەنى « فىزىكىدىن كىيىنكىسى » دەپ نام بەرگەن . « فىزىكىدىن كىيىنكىسى » دېگەنلىك ھەرگىزمۇ « فىزىكىدىن مۇھىم ئەمەس » دېگەنلىك ئەمەس ، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ، « مېتافىزىكا » رەڭگارەڭ فىزىكىلىق دۇنيانىڭ ئارقىسىدا يوشۇرنۇپ ياتقان ھەقىقىي مەۋجۇدىيەتكە ئالاقىدار ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆزىنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتى قىلغان .ئۇنداقتا ،« ھەقىقىي مەۋجۇدىيەتكە ئالاقىدار ماھىيەتلىك مەسىلىلەر » زادى قايسى مەسىلنى كۆرسىتىدۇ ، بۇ مەسىلە زادى قانداق كىلىپ چىققان ؟
بىزگە ئايانكى ، ھەقىقەت ئۆزلىكىدىن سەكرەپ چىقىپ « مېنى تونۇۋال » دېمەيدۇ ، كۆز بىلەن كۆرگەن ، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغاننىڭ ، قولى بىلەن سىيلاپ بېقىپ بىلگەننىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىقەت بولۇشى ناتايىن . ئېزىتقۇنى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلىشىمىز مۇمكىن ، بىراق ئۇ ھەقىقىي مەۋجۇت ئەمەس ، ئۇ پەقەت بىزنى ئازدۇرىدۇ ، خالاس . كۆز بىلەن كۆرگەن رەڭلەرگە كەلسەك ، جاھاندا « رەڭ » دەپ بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ بولمايدۇ ، بىلگىنىمىز : رەڭ بولسا ئېلېكتىروماگنىت دولقۇنى . بىز قولىمىز بىلەن ئۈستەلنى سىيلاپ باقساق ، ئۇنىڭ سىيلىق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىشىمىز مۇمكىن ، بىراق ، ئەگەر قولىمىز ئىنتايىن كىچىك بولسا ئىدى ، ئۇ چاغدا بىزنىڭ قولىمىز «سىيلاش » دىگەن بۇ ھەرىكەتنى ئىشلەش جەريانىدا قاتمۇ-قات تاغ تىزمىسىغا دۇچ كىلەر ئىدى ، چۈنكى مكروسكوپ بىلەن كۆزەتكەندە ، بىز ئىھتىمال ئۈستەل يۈزىنىڭ ئويداڭ-چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ ، ئوخشاش بىر كىشىنىڭ ئوخشىمىغان چاغدىكى سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئېرىشىدىغىنىمۇ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن . ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تال ئالما بولسا ، بىرسى ئۇنى قىزىل رەڭلىك دېسە ، يەنە بىرسى ئۇنى يىشىل رەڭلىك دېسە ، ئۇ چاغدا « بۇ ئالما ئەسلىدە زادى قايسى رەڭلىك ئىدى ؟ » دېگەن سوئال كىلىپ چىقىدۇ . بىزنىڭ ھىچقايسىمىز كۋادرات كۆرۈپ باققان ئەمەس ، چۈنكى بىز ھەرخىل نۇقتىدا تۇرۇپ كۆزەتكىنىمىزدە ، « يىراقتىكى نەرسە كىچىك ، يېقىندىكى نەرسە چوڭ كۆرۈنىدىغان » نۇر ئىلىمى قانۇنىيتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ، مەيلى بىز قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ كۆزەتمەيلى ، كۆزىمىزگە مۇنتىزىم بولغان ، يەنى تۆتىلا تەرىپى تەڭ ، ھەر بىر بۇلۇڭى 90 گىرادۇس بولغان شەكىلنى كۆرەلىشىمىز مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس ، يەنى ، بىز كۆرۈش سىزىمىمىزغا تايىنىپ كۋادراتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە دائىر بىلىملەرگە ئېرىشەلمەيمىز . ھالبۇكى ، كۋادراتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە دائىر شۇ بىلىملەر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا « ھەقىقەت» دەپ قارىلىدۇ . ئۇنداقتا ، بۇ بىلىم نەدىن كەلگەن ؟ ياكى ، كۋادرات دېگەن شەكىل زادى مەۋجۇتمۇ بۇ جاھاندا ؟ مانا بۇنىڭ ئۆزى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى . « بەزى نەرسىلەرنى سەزگۈ ئەزا سىزەلمىگەن تەقدىردىمۇ بىز ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلەلەيمىز » دېگەن بۇ قىياسقا بولغان ئەقىدە كىشىلەرنىڭ روھ ، تەڭرى دېگەنلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا يۈرەكلىك ھالدا تەپەككۇر قىلىشىغا ئىشىك ئېچىپ بەردى . روھ مەۋجۇتمۇ ؟ تەڭرىچۇ ؟ ئەگەر مەۋجۇت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ قەيەردە ، قايسى ۋاقىتتا ؟ ئەەەر ئۇ بىر ئورۇنغا ئىگە بولمىسا ، مەلۇم ۋاقىت داۋام قىلمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ يەنىلا مەۋجۇت دەپ ھېسابلىنامدۇ ؟ ئۆلگەندىن كىيىنكى ھاياتلىق مەۋجۇتمۇ ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ « قۇتادغۇبىلىك » داستانىدا ئۆلگەندىن كېيىن بەدەننىڭ چىرىپ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ، ئۆلۈمنىڭ مۇقەررەر ، تىرىلمەكنىڭ مۇقەررەر ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېگەنىدى :
« نەچچە مىڭ ياشىسا ئۆز ئۆلگۈچىدۇر ،
ئۇلانغان ئەزالار ئۈزۈلگۈچىدۇر. »
« ئىشىم تامام ، ئۆلۈمدىن كېيىنلا يانا ،
قارا يەر تېگىدە چىرىمەك مانا . »
«ئۇ قايتىپ كەلگۈچى ئەمەستۇر يانا ،
سەن ھەم بىزمۇ قايتىپ كېتەرمىز ئاڭا . »
ھازىر ئارىمىزدىن پىكىر-تەپەككۇر قىلىشتا بولسىمۇ مۇشۇنچىلىك ئۆپكىسى بارلاردىن قانچىلىك قالغانلىقى نامەلۇم . بولدى بەس . دېمەكچى بولغىنىم، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى . ئادەمنى مىسالغا ئېلىپ قاراپ باقايلى : ئەمەتنى ئەمەت قىلغان زادى نېمە ؟ يەنى ، ئەمەت ئۆزىدىكى قايسى نەرسىلەرگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ساقلاپ قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مەمەتكە ئايلىنىپ قىلشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ؟ ئۇنىڭ چىرايى ، بەدەن شەكلىمۇ ؟ ئۇنداقتا ، ئەگەر ئۇ ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرسا ياكى يۈزى ئوتتا كۆيۈپ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتسە ، ئۇ ئەمدى ئەسلىدىكى ئەمەتنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ ؟ ئۇ شۇنىڭلىق بىلەن باشقا بىرىگە ئايلىنىپ قالامدۇ ؟ ئۇنداق ئەمەستۇ . ياكى ، ئۇنىڭ بىر قولىنى ئۈزۈپ چۆرىۋەتسەك ، ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئەمەت شۇ ؛ ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە ئىككى پۇتىنىمۇ ئۈزۈپ چۆرىۋەتسەك ، ئۇ يەنىلا ئۆزى شۇ ؛ ئۇنىڭ بىر بۆرىكىنى ئالماشتۇرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئۆزى شۇ . ئۇنداقتا ، ئەمەتنى مەمەت ئەمەس ئەمەت قىلغان زادى نېمە ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ تىنىدىكى بەزى ماددىيىۋى ئەزالار يوقالسا ياكى ئالماشتۇرىۋىتىلسە ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ ؟ ياكى ، ئۇ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالالامدۇ-يوق ؟ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئەزالىرىنى ئالماشتۇرۇپ قايسى باسقۇچقا يەتكەندە ، ئۇ ئۆزى بولماي قالىدۇ ؟ يۈرىكىنى ئالماشتۇرىۋەتكەندىمۇ ؟ مېڭىسىنى ئالماشتۇرىۋەتكەندىمۇ ؟ بەلكىم بىز « ئۇ ئادەمنىڭ مېڭىسىنى ئالماشتۇرىۋەتكەندىلا ، ئۇ ئاندىن ئۆزى بولماي قالىدۇ » دىگەن جاۋابنى قوللىشىمىز مۇمكىن . بۇجاۋاب بىزنى نەگە ئىلىپ بارىدۇ ؟ « بىر ئادەمنىڭ سالاھىيىتى پەقەت ۋە پەقەت شۇ كىشى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە مېڭىسىدە ساقلىنىپ قالغان ئەسلىمىلەر تەرىپىدىنلا بەلگىلىنىدۇ .» دېگەن يەرگە ئىلىپ بارىدۇ . بۇ بىر ۋەھىمىلىك يەر بولۇپ ، ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ۋە مېڭىمىزدە ساقلىنىپ قالغان ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسى بىز سىرتقى دۇنيادىن سەزگۈ ئەزايىمىزغا تايىنىپ ئىرىشكەن ، ھالبۇكى ، سەزگۈ ئەزايىمىز بەزىدە بىزنى كولدۇرلىتىدۇ . ئەگەر مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى راست بولسا ، « بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز نىڭ ئۆزى سەزگۈ ئەزالىرىمىزنىڭ مەھسۇلى » دېگەنلىك بولىدۇ . بۇ چاغدا ، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ .
مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتلۇق مەسىلىلىرى بولۇپ ،« بۇ دۇنيادا زادى نېمە مەۋجۇت ؟ » دېگەن سوئالنىڭ بىكاردىن-بىكارغا سورالمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . مەۋجۇتلۇققا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەش جەريانىدا ، پەلسەپە ھەمىشە دىن بىلەن ئورۇن تالىشىپ ، پۇت تېپىشىپ قالىدۇ . ئېھتىمال دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ، پەلسەپە بىزدە ئانچە قارشى ئېلىنمىسا كېرەك . ئەلۋەتتە ، ئوتتۇرا ئەسىر غەرب دۇنياسىدىكىگە ئوخشاش ، پەلسەپىنى دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ ، ئەقلىي تەپەككۇر ئارقىلىق تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ، ئۇنىڭ ھەممىگە قادىرلىقىنى ، ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئەڭ مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ،پەلسەپىنى ئىلاھشۇناسلىقنىڭ دىدىكىگە ئايلاندۇرىۋىتىش مۇمكىن ، لىكىن ئۇ ھالدا پەلسەپە ئاللىقاچان سالاھىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق دىدەككە ئايلىنىدۇ .
پەلسەپىنىڭ جاۋابىنى « چۈشىنىش تەس » دىگەندىن كۆرە ،« چاك-چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن » دېگەن تۈزۈك . «زادى نېمە ھەقىقىي مەۋجۇت ؟ » دىگەن بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ، پەيلاسوپلار بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ . بىر مەنبەچىلىك قارىشىدىكىلەر ، پۈتكۈل كائىناتتا پەقەت ۋە پەقەت بىرلا نەرسە مەۋجۇت دەپ قارايدۇ . بىر مەنبەچىلىكنىڭمۇ ھەر خىل ھەر ياڭزا ئىپادىلىنىش شەكىللىرى بولىدۇ ، بىز بۇ يەردە پەقەت بىر قانچە خىلىنى سۆزلەپ ئۆتسەكلا كۇپايە . ماتېرىيالىزمچە بىر مەنبەچىلىكنىڭ قارىشىچە ، كائىناتتىكى پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق پەقەت ئاتومدىنلا ئىبارەت . نۇرغۇنلىغان ئاتوملار ھەر خىل ئۇسۇلدا بىرىكىپ رەڭگارەڭ دۇنيانى ھاسىل قىلىدۇ ، بىز ھەممىمىز ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن ، بۇنى چۈشىنىش تەسكە توختىمايدۇ . ئۇلار شۇنداق دەپ قارايدۇكى ، ئاتومدىن باشقا دۇنيادا ئىككىنجى بىر مەۋجۇداتنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس . مۇشۇ ئالدىنقى شەرتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، ئۇلار مەۋجۇتلۇقنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرىگە جاۋاب ئىزدەشتى . گەرچە نۇرغۇن ماتېرىيالىزىمچىلار روھنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنكار قىلسىمۇ ، لىكىن بەزى ماتېرىيالىزىمچى پەيلاسوپلار ئېيتتىكى ،روھ مەۋجۇت ،بىراق روھمۇ ئاتومدىن تۈزۈلگەن . بۇنداق قاراش تىكلەنگەندىن كىيىن ، ئۇلارغا نىسبەتەن نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەل بولدى . ئالدى بىلەن روھنىڭ ئۆلمەسلىكى ۋە ئۇ دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك ھايات يوققا چىقتى : ئەگەر ئادەم پۈتۈنلەي ئاتومدىن تۈزۈلگەن بولسا ،روھمۇ شۇنداق بولسا ، ئۆلگەندىن كىيىن بۇ ئاتوملارنىڭ نەگە بارىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم ، بۇ ئاتوملار تۇپراققا قوشۇلۇپ ، چېچىلىپ كېتەتتى ، روھمۇ شۇنىڭ بىلەن تۈگەيتتى . ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆلۈم ھەممىنىڭ بەربات بولغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى . ئۇنىڭدىن كىيىن تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار مەسىلىسىمۇ ھەل بولدى : ئەگەر تەڭرى مەۋجۇت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ پەقەت ۋە پەقەت ئاتومدىنلا تۈزۈلەلەيدۇ ، چۈنكى ئاتوم بىردىنبىر مەۋجۇتلۇق ، شۇنداقلا ئاتومنى كۆزىگە تايىنىپ كۆرۈشكە بولىدۇ . بىراق ھازىرغىچە ھېچكىم ئاتومدىن تۈزۈلگەن تەڭرىنى كۆرۈپ باققان ئەمەس ، شۇڭا تەڭرى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان ئەمەس .
ۋاھالەنكى ، مېنىڭ قارىشىمچە ، ئۇلار كەم دېگەندە مۇنۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى ، ئۇ بولسىمۇ ، ھاياتلىقنىڭ ئەركىن ھەرىكىتىنىڭ كىلىش مەنبەسى . ئەگەر ھەممە نەرسە ئاتومدىن تۈزۈلگەن بولسا ، ئۇنداقتا ئاتوم قانداقمۇ ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتلىنەلىسۇن ؟ ئاتوم قانداقسىگە ئوي-تەپەككۇر پەيدا قىلالىسۇن ؟ ماتېرىيالىزمچىلار ئۇنى-بۇنى دەپ باقتى-يۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى پەقەت ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ ،خالاس . تەلتۆكۈس ماتېرىيالىزمچىلارنىڭ قارىشىچە ، ھەرىكەتنىڭ مەنبەسىنى باشقا ياقتىن ئىزدەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ، ماددىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنىش ماھىيىتى بولىدۇ . مەن بۇنى ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ تەپەككۇرىغا تاپشۇرىمەن .
بىر مەنبەچىلىكنىڭ يەنە بىر خىل شەكىلىنى پانتېئىزم دەپ قاراشقا بولىدۇ . پانتېئىزملىق ئىددىيە ، يەنى پانئىلاھچىلىق ئىددىيەسى « شەرقنىڭ ئارىستوتېلى » ، « ئىككىنچى ئۇستاز » دەپ تەرپلىنىدىغان فارابىدىن باشلىنىپ ،يېقىنقى زامان گوللاندىيە پەيلاسوپى سىپنوزادا ۋايىغا يېتىدۇ . پانتېئىزمنىڭ قارىشىچە ، كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى پەقەت بىدىنبىر مۇتلەق بولغان مەۋجۇداتنىڭ ، يەنى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ شۇ شەيئىلەردە ئۆزىنى ئىپادە قىلىشى ئىدى . ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق پەقەت بىرلا ، يەنى بىردىنبىر تەڭرى ئىدى . تەڭرى جاھاننىڭ سىرتىدا كائىناتتىن خالىي ھالدا ئۇنى باشقۇرۇپ كونترول قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماستىن ، بەلكى كائىناتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان شۇ بارلىق جىسىم ، روھلار ئۈستىدە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادە قىلاتتى . بۇ دېگىنىغۇ ياخشى ، لىكىن بۇ پەقەتلا ئەقلىي تەپەككۇر جەريانىدىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ يەردە « نېمىشقا ؟ » دەپ سوراشقا، « قانداقسىگە ؟ » دەپ ئەجەبلىنىشكە توغرا كېلىدۇ . ئەگەر مەن « مۇنداق بىر مۇتلەق ئالۋاستى مەۋجۇت ، ئەمما ئۇنى كۆرگىلى ، تۇتقىلى ، ئاڭلىغىلى بولمايدۇ . بىز ئىنسانلار ئۇنىڭ ‹ھەپ-شۈ!› دەپ چۈشكۈرىشىدىن ئاپىرىدە بولغان ، ئۇ ئالۋاستى ھەر خىل شەيئىلەردە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادە قىلىدۇ .» دېسەم ، پانتېئىزىمچىلار نېمە دەر ؟
ئەلۋەتتە ، بىر مەنبەچىلىك بار يەردە جەزمەن ئىككى مەنبەچىلىك ياكى كۆپ مەنبەچىلىك مەۋجۇتلۇق كۆز قاراشلىرى بولىدۇ . ئىككى مەنبەچىلەر « كائىناتتا ئىككى خىل نەرسە مەۋجۇت ، بىرى ماددا، يەنە بىرى روھ ، روھ ماددىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ » دەپ قارايدۇ . بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى بولسا فرانسىيە مۇتەپەككۇرى دېكارت . بىراق « روھ زادى قەيەردە ، ئۇ قانداق قىلىپ ماددى تەنگە تەسىر قىلىپ ھەرىكەتنى ھاسىل قىلىدۇ ؟ » دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە ، ئۇلار يا بولمىسا دۇدۇقلاشقا باشلايدۇ ، يا بولمىسا بىمەنە سەپسەتىلىرى بىلەن كىشىنى گوللايدۇ . ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى دەپ يۈرسەم ، ماقالە بەكلا ئۇزىراپ كەتكۈدەك . مۇھىمى ، روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق قىلىپ سۆزلەپ بىرىش دېگەن ئاسان ئىش ئەمەس ، بىز دېكارتنى شۇنداق قىلالمىدى ، دەپ ئەيىپلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ تىلى گۈزەل ئەسەرلىرىنى رەت قىلساق ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ .
ئىككى مەنبەچىلەردىن باشقا ، يەنە كۆپ مەنبەچىلەرمۇ بار ، ئۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ كۆپچىلىك پەرەز قىلالايدۇ ، دەپ ئويلايمەن .
پەلسەپىنىڭ ئىككىنچى چوڭ سوئالى « بىز قانداق بىلىمىز ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىدىغىنى پەلسەپىدىكى بىلىش نەزەرىيىسى ، يەنى ئېپىستېموگىيەدۇر . جاھاندا زادى نېمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىز زادى قانداق بىلىمىز ؟ سەزگۈ ئەزايىمىزغا تايىنىپ ، يەنى كۆرۈپ ، ئاڭلاپ ، تۇتۇپ بېقىپ بىلىمىزمۇ ياكى تەجرىبە ئارىلاشمىغان ساپ ئەقلىي تەپەككۇرغا تايىنىپ بىلىمىزمۇ ؟ ياكى ، بىز زادى بىرەر نەرسىنى بىلەلەيمىزمۇ ؟ بىلىش نەزەرىيىسىمۇ چوڭ جەھەتتىن ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتتى . بىرىنچىسى تەجرىبىچىلىك بولۇپ ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، ئىنسانلارنىڭ بارلىق بىلىمى تەجرىبە ئارقىلىق ، يەنى سەزگۈ ئەزالارغا تايىنىپ ئېرىشىلىدۇ ، ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىشتە بۇنىڭدىن باشقا يول يوق . كىشىلەرنىڭ روھىيىتى خۇددى ھىچنېمە يىزىلمىغان بىر ئاق قەغەزنىڭ ئۆزى بولۇپ ، پەقەت بىرەر شەيئىنى بەش ئەزاسىغا تايىنىپ بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققاندىلا ئاندىن شۇ شەيئىي توغرىسىدا مەلۇم بىلمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ . بۇنداق باشتىن ئۆتكۈزۈش ئۆزىنىڭ بىشىدىن ئۆتكۈزۈش بولسىمۇ بولىدۇ ، باشقىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ بولىدۇ ، ئىشقىلىپ چوقۇم بىرەر ئىنساننىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك ، باشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ، تەپەككۇرغىلا تايىنىپ بىلىمگە ئىرىشىش مۇمكىن ئەمەس . بۇنى چۈشىنىش ھەممىدىن ئوڭاي ، كۆپچىلىك بەلكىم مۇشۇ قاراشنى بەكرەك ياقىلىشى مۇمكىن ، نېمىلا دېمىگەن بىلەن ، بىر ئادەم ھىچقانداق ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن بولسا ، ياكى ۋاستىلىك يول بىلەن باشقا بىرەرسىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىلىملىرىگىمۇ ئېرىشەلمىسە ، ياكى ئۇنىڭ بەش ئەزاسى قەتئىي ئىشلىمىسە ، ئۇنىڭ ھەر قانداق بىلىمگە ئېرىشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ قېيىنغا توختايدۇ . بىراق تەجرىبىچىلەرنىڭ تەلىماتىدا مەسىلە يوقمۇ ئەمەس . ئەگەر بىلىم پەقەت بەش ئەزاغىلا تايانسا ، ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەقىقىتىنى بىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ . بىز ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ، ھىچكىم كۋادراتنى بەش ئەزاسىغا تايىنىپ تەجرىبىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ . ئوخشاش بىر جىسىمنى ئوخشىمىغان ئادەم ئوخشىمىغان يوسۇندا كۆرىدۇ . ئەگەر بۇ خىلدىكى بىلىش نەزەرىيىسى ئەخلاق ساھەسىگە كېڭەيسە ، ئەخلاق جەھەتتىكى نىسبىيچىلىككە يول بىرىدۇ : ھەر كىمنىڭ سەزگۈ ئەزاسى ئوخشىمىغانلىقتىن ، ئەخلاق پرىنسىپىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ ؛ ھەر بىر شەخىسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپى بولغاچقا ، بىزنىڭ باشقا بىرەرسىنىڭ ھەر قانداق قىلمىش-ئەتمىشىنى ئەخلاقسىزلىق دېيىشمىز پۈتۈنلەي ئالجىغانلىق بولىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ، بەزى بىلىملەرنى تەجرىبىگىلا تايىنىپ بىلىش مۇمكىن ئەمەس ، مەسىلەن ، « كۋادراتنىڭ تۆت تەرىپى بىر-بىرىگە تەڭ ، ھەر بىر بۇلۇڭى 90 گرادۇس » دېگەن بۇ بىلىمنىڭ يالغۇز تەجرىبىگىلا تايانغاندا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىز ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق . بۇ خىل بىلىمگە تەجرىبە بىلەن ئەقلىي تەپەككۇرنى بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن ئېرىشكىلى بولىدۇ .
بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئىككىنچى خىلدىكىسى بولسا ئەقىلچىلىك . ئەقىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ، ئادەمنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ سەزگۈسى دائىم ئادەمنى ئالدايدۇ ، شۇڭا ئۇلارغا تايىنىپ ئېرىشلگەن بىلىم ھەقىقىي بولمايدۇ . ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىمەن دېگۈچى چوقۇم بەش ئەزاسنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم تاقىۋىلىپ ، پەقەت ۋە پەقەت ساپ ئەقلىي تەپەككۇرغىلا تايىنىپ جاھاننىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشى كىرەك . ئۇلار مەنتىقىي يول بىلەن ئومومىي قائىدە-تېئورىمىلار ئاساسىدا باشقا بىلىملەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەقىلچىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئاشۇ ئومومىي قائىدە-تېئورىمىنى ، يەنى باشقا بارلىق بىلىملەر ئاساسلىنىدىغان بىرىنچى پرىنسىپنى ئىزدەپ تېپىشتۇر . دېكارت باشقا ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىپ يۈرۈپ ، ئاخىرى « مەن ئويلايمەن ، شۇڭا مەن مەۋجۇت » دىگەن ئەڭ ئالىي پرىنسىپنى ئۆزىگە تىكلىدى . ئۇ ئاى بىلەن ئۆزىنىڭ بەش ئەزاسىغا تايىنىپ ئېرىشكەن سەزگۈ ماتېرىياللېرىنىڭ چىنلىقىدىن گۇمان قىلىدى :بەزىدە كۆزىمىزگە ئىزىتقۇ كۆرۈنۈشى مۇمكىن ، قۇياشقا قارىغىنىمىزدا بەزىدە چوڭ ، بەزىدە كىچىك ، بەزىدە قىزىل،بەزىدە سىرىق كۆرۈنىدۇ ، سەزگۈ ئەزاغا تايىنىپ قۇياشنىڭ ئۆزى زادى قانداق رەڭدە ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلىپ بولمايدۇ ، بەلكىم سىرىتقا دۇنياغا ئالاقىدار سەزگۈ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى يالغاندۇر . ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆز بەدىنىمگە ، ھېس-تۇيغۇمغا كەلسەم ، ئېھتىمال بۇمۇ يالغان ، چۈنكى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەن چۈش كۆرۈۋاتقان بولۇشۇم تامامەن مۇمكىن ، بۇنىمۇ گۇماندىن ساقىت قىلمىغۇلۇق . ئۇنداقتا ، « ئىككىگە ئۈچنى قوشساق بەش بولىدۇ » دېگەندەك مۇشۇنداق مۇتلەق توغرا بولغان جاۋابتىنمۇ گۇمان قىلغىلى بولامدۇ ؟ دېكارت ئېيتتى : گۇمان قىلىش كېرەك . كۆڭلۈمدە مۇشۇنى « مۇتلەق توغرا » دەپ ئويلىغىلى سېلىپ مېنى دائىم كولدۇرلىتىدىغان رەزىل بىر جىن بۇ جاھاندا يوق دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ . دېمەك ، ھەممە نەرسىدىن گۇمان قىلىش كېرەك . ئۇنداقتا ، زادى گۇمان قىلىشقا بولمايدىغان ، جەزمەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان نەرسە بارمۇ بۇ جاھاندا ؟ دېكارت ئېيتتى : يەنىلا بار . ئېھتىمال مەن ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنالايدىغاندىمەن ، بىراق « مەن گۇمانلىنىمەن » دېگەن بۇ ھەقىقەتتىن گۇمانلىنىشقا ئامال يوق . مەيلى مەن نېمىدىن گۇمانلانماي ،« گۇمان » نىڭ ئۆزى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . « گۇمان » ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانىكەن ، چوقۇم بىراۋ گۇمانلىنىۋاتقان گەپ ، ئۇ «بىراۋ » ئەلۋەتتە مەن شۇ . گۇماننىڭ ئۆزى ئويلاش ، تەپەككۇر قىلىشتىن دېرەك بىرىدۇ ، شۇنداق قىلىپ ئۇ « مەن ئويلايمەن ، شۇڭا مەن مەۋجۇت » دېگەن بۇ ھۆكۈمنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بۇ ھۆكۈمگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ، ئۇ باشقا بارلىق بىلىمنى ئىسپات ئارقىلىق بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن كەلتۈرۈپ چىقاردى . مانا بۇ ئەقىلچىلەرنىڭ ئاساسلىق تەپەككۇر يولىنىڭ بىر ئۆرنىكى . ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ ناھايىتى ئېنىق : تەلتۆكۈس ئەقىلچىلەر دائىم جاھاندىن ئۈزۈل-كېسىل خەۋەرسىز ھالدا ئۆزىنڭ ھەر خىل ھەر ياڭزا پىكىر-تەپەككۇرىنىڭ ئارىسىدا ئېشەك ئېغىنىغاندەك ئۇياندىن بۇيانغا دومىلايدۇ .
ئىممەنىيئېل كانتنىڭ مەشھۇر ئەسىرى « ساپ ئىدراك تەنقىدى » ئەقىلچىلەر بىلەن تەجرىبىچىلەرنى كېلىشتۈرۈشنى ئۆزىگە نىشان قىلغانىدى . كانتنىڭ ئىددىيىسى توغرىسىدا ئايرىم توختىلىشنى پىلان قىلغان بولغاچقا ، بۇ يەردە جىق بايان قىلماي .
بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئۈچىنچى خىل مەزھىپى گۇمانىزملىقتۇر . گۇمانىزمچىلارنىڭ قارىشىچە ، ئىنسانلار بۇ دۇنيادا تۇغۇلۇپ ، ياشاپ ، بىرەر ھەقىقەتنى بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس . ئۇلار پەقەت ياشايدۇ ، خالاس . ئۆزىچە بىر نەرسىلەرنى بىلگەندەك قىلىشىدۇ-يۇ ، بىلگەنلىرى يا بولمىسا ئادەت كۈچىدىن كەلگەن تەجرىبە ، يا بولمىسا ئەنئەنىگە ئاساسلانغان بىر تەرەپلىمە قاراش . ھىيۇم يېقىنقى زامان گۇمانىزمچى پەيلاسوپلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ ، ئۇ ھەتتا ئەقلىي تەپەككۇردىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىمۇ « پەقەتلا ئادەت كۈچىدىنچىدىنلا ئىبارەتلا ،خالاس . » دەپ بارلىق ئەقلىي تەپەككۇرنى يوققا چىقىرىدۇ . ھىيۇم گۇمانىزمچى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە تەجرىبىچى بولۇپ ، ئۇ « مېنىڭ كۆرگىنىم : بىر بىليارت دومىلاپ ماڭدى ، ئىككىچى بىليارتقا سوقۇلدى ، ئىككىنچى بىليارت دومىلاپ ماڭدى ، مۇشۇلا . مەن بۇ ئىككى بىليارت ئارىسىدا سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى دەيدىغان نەرسىنى كۆرمىدىم . » دەپ ، بىرىنچى بىليارتنىڭ ئىككىنچى بىليارتقا سوقۇلۇشى بۇ ئىككىنچى بىليارتنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئېنكار قىلدى . ئۇ دىدىكى : بارلىق سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى پەقەتلا ئادەت كۈچىدىنلا ئىبارەت . كىشىلەر ھەمىشە ئىككى ئىشنىڭ بىرىنىڭ ئارقىسىدىن يەنە بىرى يۈز بىرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئادەتلىنىپ قالغاچقا ، ئۆزىچە ئۇنىڭ ئالدىنقىسى كىيىنكىسىنىڭ سەۋەبى ، كىيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ نەتىجىسى دەپ ئويلاپ ، « ئوبىيېكتىپ دۇنيادا ھەقىقەتەنمۇ سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئىكەن » دېگەن ئويغا كەلگەن ، ئەمەلىيەتتە بولسا ، ھىچكىم « سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى » دېگەن نەرسىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئەمەس ، بارلىق سەۋەب-نەتىجە پەقەتلا ئادەتتۇر . كېيىن كىشىلەر « ھەر كۈنى تۈندىن كېيىن تاڭ كېلىدۇ ، بىراق شۇنچە يىللاردىن كېيىنمۇ ھىچكىم تۈننى تاڭنىڭ سەۋەبى ، تاڭنى تۈننىڭ نەتىجىسى دېمەيدۇ ، ساراڭ بولسا قانداق بولاركىن » دېيىش ئارقىلىق ، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى « ئادەت كۈچى » دېيىشكە قارشى تۇرۇپ ، ھىيۇمغا رەددىيە بەردى . بىراق پەلسەپىدىكى مەسىلىلەر بىرەرسىنىڭ يەنە بىرسىگە رەددىيە بېرىشى بىلەنلا يوق بولۇپ كەتمەيدۇ . باشقا نۇرغۇن ئىشلارمۇ شۇنداق .
ئەمدى ، پەلسەپىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ مەسىلىسى : « قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟ » كە جاۋاب بېرىدىغىنى ئېتىكا ( ئەخلاق پەلسەپىسى ) نىڭ مەسىلىسىدۇر . ئەخلاق پەلسەپىسى زادى نېمىنىڭ توغرا ، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە جاۋاب ۋە پرىنسىپ ئىزدەيدۇ .
ئەخلاق پەلسەپىسىدىكى پرىنسىپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ بىرسى مۇتلەقچىلىك ، يەنە بىرسى نىسپىيچىلىك . ئىسمىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ، مۇتلەقچىلەرنىڭ قارىشىچە ، ئەخلاق پرىنسىپى بېكىتىلگەن ھامان ، ئۇ مۇتلەق بولىدۇ ، زامان ، ماكانغا قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ . نىسپىيچىلەرنىڭ قارىشى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە . ئەخلاق پەلسەپىسى توغرىسىدا باشقا يەردە ئاللىقاچان توختىلىپ ئۆتكەچكە ، بۇ يەردە جىق سۆزلىمەسلىكنى ئويلاپ قالدىم .
ئاپتورى : مەمتىمىن
2014-يىل 1-ئاي كۈنمىڭ