مەمتىمىن يوللانغان ۋاقتى 2014-02-04 07:10 كۆرۈلۈشى:1,112 قېتىم
بىز نېمىلەرنى قىلالايمىز ؟ ①
بېتراند راسسېل ②
بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە ئەتراپىمىزدىكى دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز ؟
نۇرغۇن كىشىلەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدۇ ، بىراق ئۇلار ھە دېگەندىلا، قايمۇقۇپ گاڭگىراپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قابىلىيىتىمۇ ناھايىتى يىتەرسىزدەكلا كۆرۈنىدۇ . ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئۇلارنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغان ، چۈنكى ئۆز كۈچىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ھېس قىلغاندا ، قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاشۇ كىشىلەر تارتىدىغان ئازاپ ئەڭ چوڭقۇر بولىدۇ ، يەنە كېلىپ ئۇلار ئاسانلا ئۈمىدسىزلىك تۈپەيلىدىن نېرۋىسى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ .
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
تەرجىمە ئەسەرلەر | ئىنكاس سانى:
1 |
تولۇق ئوقۇش
مەمتىمىن يوللانغان ۋاقتى 2014-02-04 07:05 كۆرۈلۈشى:1,145 قېتىم
مېنىڭ بۇ ماقالىدا دىمەكچى بولغانلىرىم ھەرگىزمۇ ئەخلاقىي پەند-نەسىھەتلەر ئەمەس ، بەلكى ئاشۇ پەند-نەسىھەتلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ــــــــــ مېنىڭ دەۋاتقىنىم ئەخلاق پەلسەپىسى ، يەنى ئېتىكا .
ئېتىكا بولسا زادى نېمىنىڭ ئەخلاق ئىكەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىشقا ئالاقىدار بىر ئىلىم . ئەخلاقىي ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلگەندە ، بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ يىتەرلىك ئۆلچىمى باردەك ھېس قىلىمىز : كېچىكىمىزدىن تارتىپ بىز ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا پەند-نەسىھەت ئاڭلاپ چوڭ بولغان . ئاق كۆڭۈللۈك ، ۋاپادارلىق ، باتۇرلۇق ، راستچىللىق ، ياخشىلىق ، كەمتەرلىك ، ساداقەتمەنلىك ، كەڭ قورساقلىق ، مەردانىلىك…
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
تەرجىمە ئەسەرلەر | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
مەمتىمىن يوللانغان ۋاقتى 2014-02-04 07:02 كۆرۈلۈشى:894 قېتىم
يالغۇز ئادەم
فرېدرىك نىچشېي
1. ھەقىقەتنىڭ دۈشمىنى. چوڭقۇر ئەقىدە ھەقىقەتنىڭ يالغانچىلىقتىنمۇ كۈچلۈكرەك بولغان دۈشمىنى .
2.ئاستىن-ئۈستۈن قىلىنغان دۇنيا. مەلۇم بىر مۇتەپەككۇرنىڭ ئەقىدىسى ئۆزىمىزنىڭكىگە ئوخشىمىغان چاغدا بىز ئۇنى بەكرەك ئەيىپلەپ كېتىمىز؛بىراق، ئۇنىڭ ئەقىدىسى ئۆزىمىزنىڭكىگە ئوخشاپ قالغاندا ئاندىن ئۇنى ئەيىبلىسەك تېخىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن بولار ئىدى.
3.خاراكتېرى كۈچلۈك ئادەم. بىر ئادەمنىڭ پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈشى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز مىجەزى بويىچە ئىش كۆرۈشى ئۇ ئادەمنى ئۆزىگە خاس خاراكتېرگە ئىگىدەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ .
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
تەرجىمە ئەسەرلەر | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
مەمتىمىن يوللانغان ۋاقتى 2014-02-04 06:56 كۆرۈلۈشى:899 قېتىم
مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دىگەن نېمە ؟①
ئىممەنىيۇئېل كانت②
مەرىپەتچىلىك بولسا كىشىلەرنىڭ ئۆزى ئۆزىگە ئارتىۋالغان پىشمىغان ھالىتىدىن قول ئۈزۈش دېمەكتۇر . پىشمىغان ھالەت دىگىنىمىز ، باشقىلارنىڭ يىتەكلەپ يول كۆرسىتىشى بولمىسا ئۆزىنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئىشلىتەلمەيدىغان قابىليەتسىزلىكنى كۆرسىتىدۇ . بۇنداق پىشماسلىق ئەقىلنىڭ كەمتۈكلۈكى سەۋەبلىك ئەمەس ، بەلكى باشقا بىراۋنىڭ يول باشلىشىسىز شۇ ئەقىلنى ئىشلىتىدىغان جۈرئەت ۋە قەتئىيلىكنىڭ كەمتۈكلۈكى سەۋەبىدىن بولغاندا ، مانا شۇ چاغدا كىشىلەر بۇ خىلدىكى پىشماسلىقنى ئۆزىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ . « بىلىشكە جۈرئەت قىل ! » ، « ئۆزۈڭنىڭ ئەقلىنى ئىشقا سالىدىغان جاسارەت بولسۇن ! » مانا بۇلار مەرىپەتچىلىكنىڭ شۇئارلىرىدۇر .
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
تەرجىمە ئەسەرلەر | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
مەمتىمىن يوللانغان ۋاقتى 2014-02-04 06:52 كۆرۈلۈشى:916 قېتىم
پەلسەپە ۋە ئىلاھشۇناسلىق ( تېئولوگىيە ) زادى قانداق مۇناسىۋەتتە ؟
پەلسەپە بىلەن ئىلاھشۇناسلىقنىڭ ئەڭ نىگىزلىك تەتقىق قىلىش ئوبىيېكتى بىردەك بولۇپ ، ئىككىلىسى « زادى پۈتكۈل كائىنات نېمىشقا ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ھالەتتە ؟ كائىناتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى زادى نېمە ؟ ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنى زادى نېمە ؟ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى كىم بىلىدۇ ؟ ھاياتلىقنىڭ بىرەر مەقسىتى بارمۇ ، ئەگەر بار بولسا ، ئۇ نېمىدىن ئىبارەت ؟ » دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدۇ ( ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ، پەلسەپە بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدۇ ، ئىلاھشۇناسلىق ياكى دىن بولسا بۇ سوئاللارغا جاۋاب بىرىدۇ ).
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
تەرجىمە ئەسەرلەر | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
مەمتىمىن يوللانغان ۋاقتى 2014-02-04 06:49 كۆرۈلۈشى:596 قېتىم
«پەلسەپە » دىگەن سۆز ئەڭ دەسلىپىدە گرېكچىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ مەنىسى « ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش » دېگەنلىك بولىدىكەن . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، پەلسەپىنىڭ ئېنىقلىمىسى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ : بىرى « ئەقىل- پاراسەت » ، يەنە بىرى « سۆيۈش » . پەقەت ۋە پەقەت بۇ ئىككى ئۇقۇم بىرىكىپ بىر سۆز بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلغاندىلا ، پەلسەپىنىڭ ئېنىقلىمىسى ئاندىن شەكىللىنىدۇ ، « ئەقىل-پاراسەتنى سۆيىدىغان » كىشىلەرلا پەيلاسوپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئەگەر ئەقىل-پاراسەتلا بولۇپ ، ئەقىل-پاراسەتنى سۆيۈش بولمىسا ، بۇنداق كىشىنى پەيلاسوپ دېگىلى بولمايدۇ .
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
تەرجىمە ئەسەرلەر | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش
مەمتىمىن يوللانغان ۋاقتى 2014-02-04 06:28 كۆرۈلۈشى:479 قېتىم
كىتاب ۋە ئوقۇش
ئارتۇر شوپېنخائۇر①
بىلىمسىزلىك مال-دۇنيا بىلەن بىرىكىپ بىللە كەلگەندىلا ئاندىن كىشىنى نومۇس قىلدۇرىدۇ . چۈنكى نامرات كىشىلەر ئۆزىنىڭ كەمبەغەللىكى ۋە ھەر خىل ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ : جىسمانىي ئەمگەك ئۇلارنىڭ بارلىق ئوي-خىيال ، تەپەككۇرىنى ئىگىلىۋالغان ، شۇنداقلا بىلىمنىڭ ئورنىنى ئالغان . بىراق بىلىمسىز پۇلدارلار پەقەت ئۆزىنىڭ بالاخور نەپسى ئۈچۈنلا ياشايدۇ ، شۇڭا ئۇلار باياۋاندىكى ھايۋانلارغىلا ئوخشايدۇ ، بۇنداقلارنى كۆپ كۆردۇق . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇلار ئۆزىنىڭ پۇل-مال-دۇنياسى ۋە بىكار ۋاقتىنى جايىدا ئىشلەتمەي، بۇلار يارىتالايدىغان ئەڭ ياخشى قىممەتنى يارىتالمىغانلىقى ئۈچۈن سوراققا تارتىلىشى كېرەك .
ھالقىلىق سۆز: | تۈرى:
تەرجىمە ئەسەرلەر | ئىنكاس سانى:
0 |
تولۇق ئوقۇش