ئۇيۇشمىمىزۋە ئۇيۇشمىمىزغا ئەزا بولغۇچىلارغا قۇيۇلدىغان شەرتلەر
ئۇيۇشمىمىزنىڭ خاراكتىرى : مېھىر -شەپقەت، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش
ئۇيۇشمىمىزنىڭ مەقسىتى: ئاساسلىقى ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان ،شۇنداقلا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشغا ئامالسىز قېلىۋاتقان ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم قىلىش ، ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن داۋالىنىشتا قىينىلۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش . جەمىيەتنىڭ ئىللىقلىقنى يەتكۈزۈش .
نىشانى : ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا تىجەشلىك بۇلۇش ئىدىيىسىنى ئورنىتىپ ،مېھىر-شەپقەت ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ،مېھرىبان ئوقۇغۇچىلار توپىمىزنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ ھەر قايسى مەكتەپلىرىمىزدە ئومۇملاشتۇرۇش .
ياردەمنى يەتكۈزۈش:ھەر ئايلىق يىغىلغان بەدەل پۇلى شۇنداقلا ياردەم قىلىنغان پۇل ئاشكارا ئېلان قىلىندۇ
ئەزالار ئوبىكتى: كەڭ ئوقۇغۇچىلار (ھازىرچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ)