بىز نېمىلەرنى قىلالايمىز ؟
بىز نېمىلەرنى قىلالايمىز ؟ ①
بېتراند راسسېل ②
بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە ئەتراپىمىزدىكى دۇنيا ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز ؟
نۇرغۇن كىشىلەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدۇ ، بىراق ئۇلار ھە دېگەندىلا، قايمۇقۇپ گاڭگىراپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قابىلىيىتىمۇ ناھايىتى يىتەرسىزدەكلا كۆرۈنىدۇ . ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئۇلارنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغان ، چۈنكى ئۆز كۈچىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ھېس قىلغاندا ، قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاشۇ كىشىلەر تارتىدىغان ئازاپ ئەڭ چوڭقۇر بولىدۇ ، يەنە كېلىپ ئۇلار ئاسانلا ئۈمىدسىزلىك تۈپەيلىدىن نېرۋىسى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ .
پەقەتلا بىز ئويلاپ يېتەلەيدىغان كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ، قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلار قەتئىي جىق ئەمەستەكلا . بەلكىم بىز ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرالماسلىقىمىز ، مال-مۈلۈككە بولغان شەخسىي ئېگىدارچىلىقنى بىتچىت قىلغۇدەك ھوقوققا ئېرىشەلمەسلىكىمىز، ھەم مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مائارىپقا بىر يېڭى ھاياتلىق ئېلىپ كېلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بۇ ئىشلارغا قارىتا ، گەرچە ئۇلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى كۆرۈپ يەتكەن بولساقمۇ ، بىراق بىز ئۇنى ھەرقانداق بىر ئادەتتىكى سىياسىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلالمايمىز . بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، بىز ياشاۋاتقان دۇنيا بىر خىل خاتا بولغان روھنىڭ كونتروللىقىدا تۇرىۋاتىدۇ ، ھالبۇكى ، روھنىڭ ئۆزگىرىشى بولسا بىر-ئىككى كۈنلۈك ئىش ئەمەس. بىزنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىمىز ھەرگىزمۇ ئەتىلا ئىشقا ئاشىدىغان ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس . پەقەت ھازىرقى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئويلايدىغان ئىشى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئويلايدىغان ئىشىغا ئايلانغاندىلا ئاندىن ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن . ئەگەر بىزدە جاسارەت ۋە چىدامچانلىقلا بولىدىكەن ، بىز ھامىنى كىشى كۆڭلىنى لەرزىگە سالىدىغان ئىدىيە ۋە ئۈمىدنى ئويلاپ يېتەلەيمىز، شۇ چاغدا بىزارلىق ۋە چۈشكۈنلۈكنىڭ ئورنىنى جۇشقۇنلۇق ۋە قىزغىنلىق ئالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قىلىدىغان تۇنجى ئىشىمىز، كاللىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئىنتىلىۋاتقانلىقىمىزنى، قانداق ئۆزگىرىشلەرگە موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش. داڭلىق مۇتەپەككۇرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈچى شۇ زاماندىكى سىياسەتنىڭ نامۇۋاپىق مۇئامىلىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ كۈچىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ زور بولىدۇ . ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا دىننىڭ كەڭ قوللۇقى بىر قىسىم يۈرەكلىك پەيلاسوپلارنىڭ يىگانە ھالدا خام خىيال سۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. دېموكراتىيە بىر نەزەرىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ دەسلەپتە كرومۋېل ئارمىيىسىدىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەملەر ئۇنى ئامېرىكا قىتئەسىگە ئېلىپ باردى، كېيىن مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا ئۇنىڭ مېۋىسىنى كۆردى. ۋاشىنگىتون بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان رافلېد ۋە باشقا فرانسىيەلىكلەر دېموكراتىيىنى ئامېرىكىدىن فرانسىيەگە ئېلىپ باردى ، فرانسىيەدە ئۇ روسسونىڭ ③ تەلىماتى بىلەن بىرلىشىپ ، فرانسىيە ئىنقىلابىغا ئىلھام بەردى ۋە ئۇنى قوزغاتتى. مەيلى بىز سوتسىيالىزمنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قانداقلا چۈشەنمەيلى، ئۇ ھەر ۋاقىت ئۇلۇغ ھەم زورىيىۋاتقان كۈچ. ئۇ ھازىر بۇ كۈچكە تايىنىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ . سوتسىيالىزممۇ بىر يىگانە مۇستەقىل نەزەرىيچىنىڭ نەزەرىيىسىدىن بارلىققا كەلگەن . ئاياللارنى ئىزىشكە قارشى ھەرىكەت ئاللىقاچان توسقىلى بولمىغۇدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى، شۇنداقلا غەلىبە قىلىشقىمۇ ئازلا قالدى ، بۇ ھەرىكەتمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان غايىچىلەر تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن . ئۇزۇن مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئىدىيە ۋە تەپەككۇرنىڭ كۈچى ئىنسانيەتنىڭ باشقا ھەرقانداق كۈچىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى بار بولغان ھەمدە ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن تەپەككۇر قىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەر، گەرچە ئۇلار ھايات چېغىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىسىمۇ ، لېكىن ھامىنى بىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن زور .
بىراق ئۆز ئىدىيە-تەپەككۇرى ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئاشۇ كىشىلەر ھازىرقى ئۆزى ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ھەر خىل قوللاش ۋە ياردەمدىن ئايرىلىپ قىلىشقا چوقۇم ھەرۋاقىت تەييار تۇرمىسا بولمايدۇ . مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر پۈتۈن ھاياتىدا بىرەر نەرسىدىن تۈزۈكرەك گۇمانلانمايلا بۇ جاھاندىن ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆزى بايقىغان ، ھازىرقى بار بولغان ئەقىدىسىنى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلغان ، ئەگەر ئۇلار جاھانغا قارشىي بولمىسىلا ، پۈتكۈل جاھاننىڭ ھامان ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. ۋاھالەنكى ، دۇنيادىكى ھەرخىل يېڭى ئىدىيىلەر بۇنداق ئازادە ، جانغا راھەت بولغان بويسۇنۇش بىلەن چىقىشالمايدۇ ؛ بۇ يېڭى ئىدىيىلەر كىشىلەردىن ئىدراك جەھەتتىكى مۇستەقىللىقنى ، مەلۇم بىر خىل يىگانە بولغان كۈچلۈك ئىرادە ، قەتئىي روھنى، دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئىچكى كۈچنى شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى يېڭى ھاياتقا نەزەر تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ . زېرىكىشكە ئۆزلۈكىدىن بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىرادە بولمىسا يېڭى ئىدىيە ئەسلا ھاسىل بولالمايدۇ. ئەگەر تەنھالىق بىلەن سالماقلىق بىللە كەلسە، يېڭى ئىدىيىمۇ ھېچقانداق مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل بىرىكىشكە ئىگە بولغان شەخس ياكى بولمىسا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىستىكىدە بولمايدۇ ، ياكى بولمىسا ئىدراك جەھەتتىكى مۇستەقىللىقى تۈپەيلىدىن باشقىلارنى مەنسىتمەيدۇ . تەلەپ قىلىنىدىغان روھ بەكلا ئىنچىكە ھەم قىيىن ، چۈنكى ئىدراك جەھەتتە مۇستەقىل بولۇش بىلەن زامانىسىدىكى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش ئاسان ئىش ئەمەس . كۆپ ساندىكى نەزەرىيچىلەر ياكى كونا ئەنئەنىلەرگە ئېسىلىۋالىدۇ ، ياكى بولمىسا مەززىسىز .
ئۇنداق توغرا بولغان ئىددىيە ناھايىتىمۇ كەم ئۇچرايدۇ ، ھەم چۈشەنمەكمۇ بەك تەس ، بىراق ئۇنىڭ كۈچى زور . ئەگەر دۇنياغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كېلىمىز دەيدىكەنمىز ، ئۇ ھالدا بىز قورقۇش ، ئىقتىدارسىزلىق تۈپەيلىدىن تەپەككۇر قىلىشتىن ۋاز كەچسەك بولمايدۇ .
مەلۇم دەۋرگە ئېھتىياجلىق بولغان سىياسىي نەزەرىيىنى ئىزدەش داۋامىدا ، كېرەك بولىدىغىنى ئەڭ ئاخىرقى مەلۇم بىر خىل ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان جەمئىيەت ھالىتىنى ئويلاپ چىقىش ئەمەس ، بەلكى ھازىرقىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولغان ھەرىكەت يۆنىلىشى ھەم نىشانىنى بايقاپ چىقىشتۇر .
(مەمتىمىن تەرجىمىسى)
ئىزاھات :
① بۇ ماقالە ئەنگىلىيە پەيلاسوپى بېتراند راسسېلنىڭ « ئەركىنلىك توغرىسىدا » ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىن ئېلىنغان بولۇپ ، بۇ تەرجىمە پەقەت شۇ ماقالىنىڭ قىسمەن بۆلىكىدىن ئىبارەت . سەۋىيە ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ، « بىز نېمىلەرنى قىلالايمىز ؟» دېگەن بۇ ماقالىنى پۈتۈنى بىلەن ئېلىپ تەرجىمە قىلىشقا ئىمكان بولمىدى .
② بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى بېتراند راسسېل ( Bertrand Russel ، 1872-1970 ) ئەنگىلىيىنىڭ 20-ئەسىردىكى مەشھۇر پەيلاسوپ ، ماتىماتىك ، يازغۇچى شۇنداقلا جەمئىيەت پائالىيەتچىسى . 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ تىنىچلىقنى تەشەببۇس قىلغانلقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1950-يىلى ئەدەبىيات نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن « غەرب پەلسەپە تارىخى » ، « غەربنىڭ پاراسىتى » ، « مېنىڭ پەلسەپە تەرەققىياتىم » ، « بەخت يولى » ، « ئەركىنلىك يولى » ، « پەلسەپىنىڭ مەسىلىسى » ، « ماتىماتىكا پرىنسىپى » قاتارلىقلار بار . راسسېلنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ئاددى ، چۈشىنىشلىك ، يۇمۇرىستىك ، ئەمما مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ ، پەيلاسوپلار ئارىسىدا ئۇ مۇرەككەپ ئىدىيىلەرنى ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلىيەلىگەنلىكى بىلەن مەشھۇردۇر .
③روسسو (Jean-Jacques Rousseau, 1712-1778) فرانسىيەلىك مەرىپەتچى مۇتەپەككۇر ، پەيلاسوپ ، مائارىپشۇناس . ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن « ئىنسانلار تەڭسىزلىكىنىڭ مەنبەسى » ، « جەمئىيەت پۈتۈمى » ، « تۆۋىنامە » ، « ئېمىيېر » قاتارلىقلار بار . بۇنىڭ ئىچىدە ، مىېنىڭ بىلىشىمچە ، « ئىنسانلار تەڭسىزلىكىنىڭ مەنبەسى » نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئاللىقاچان نەشىردىن چىقتى .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
بىلوگىڭىزدا ياخشى مەزمۇنلار ئېلان قىلىنىدىكەن. مىنىڭمۇ بىر بىلوگىم بار ئىدى. خالىسىڭىز ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى قۇشىۋالساق.
مىنىڭ ئادېرىسىم: http://www.mutellipiqbal.com