سۈبھى ژۇرنىلى 2-ساننى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
ژۇرنىلىمىز توغرىسىدا ئالاھىدە بىلدۈرگۈ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سۈبھى ژۇرنىلىنىڭ سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرى.ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىككىنچى سانى مانا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى، بىرىنچى سان ژۇرنال نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى،شۇنداقلا بىز ئۇلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئاكتىپلىق بىلەن ئەسەر ئەۋەتىپ بۇ سان ژۇرنىلىمىزنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى،بىز كەلگەن تەكلىپ پىكىرلەر ۋە ئەسەرلەرگە ئاساسەن بۇ سان ژۇرنالنى ئۆزگىچە،سۈپەتلىك قىلىپ چىقىرىشقا تىرىشتۇق،لېكىن ئىنسانچىلىقتا نۇقساندىن خالىي بولماق تەس،ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ سان ژۇرنىلىمىزدا يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىك ۋە خاتالىقلارنىڭ بولىشى تەبىئىي.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز شۇنداقلا ئايىماي تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.بىز ھەممىمىز بىر ئىمارەتكە ئوخشايمىز، خۇددى ئىمارەتنىڭ قىشلىرى بىر-بىرىگە مەھكەم جىپىسلىشىپ،يېپىشىپ تۇرغاندەك، بىزمۇ ئورتاق تىرىشساق،قوللىشىپ،تۈرتكە بولۇشساق،ئىنشائاللاھ ئىشلىرىمىز تېخىمۇ ئالغا باسقۇسى.ئۆزىنى ئىمارەتنىڭ بىر تال خىشى ھېسابلايدىغان ھەر بىر قېرىندىشمىزدىن يەنە كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز،ئىلىم ئېلىش يولىدا قىزغىن بولۇپ، بىر-بىرىمىزدىن ئۆگىنىپ،ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشسەك،ياشلىق ھاياتىمىزنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزمەستىن،ئەھمىيەتلىك،ئىككى دۇنيا قىممەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلساق،ئۆزىمىزدە ئىجادچان،تەپەككۇرغا باي،ئاكتىپ روھى ھالەت يېتىلدۈرسەك. ئىجاد قىلايلى، «مەن قىلالمايمەن»،«قىلغاننىڭ پايدىسى يوق» دېگەندەك پاسسىپ روھى ھالەتلەرنى چۆرۈۋېتىپ،ئۆزىمىز قىزىققان ساھەلەردە ئىجاد قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقايلى،ئەسلى بۇ ژۇرنالنى تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي خاراكتېردىكى ئۇنىۋېرسال ژۇرنال قىلىپ چىقىش پىلانىمىز بار ئىدى،ئەپسۇس ئارىمىزدا تەبىئىي پەن جەھەتتىن ئىزدىنىپ كىچىك تېمىلاردا بولسىمۇ ئىزدىنىپ،قەلەم تەۋرىتىدىغانلارمۇ ئىنتايىن ئاز ئىكەن، بۇ قېتىممۇ تەبىئىي پەن ماقالىلىرىدىن بىرنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق،گويا بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنى پەقەت دوكتۇر،تەتقىقاتچىلارلا يېزىپ باشقىلار يازسا بولمايدىغاندەك ھېچكىمدىن سادا بولمىدى،ئەلۋەتتە بىز ئۇنچىۋالا يۇقىرى تەلەپتە يازمىساقمۇ ئاددى تېمىلاردا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشساق بولاتتىغۇ! شۇڭا ھەر يەرلەردە ئوقۇۋاتقان،ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپلىق تەبىئىي پەن ماقالىلىرىنى يېزىپ بېقىشىنى ۋە خالىغانلارنىڭ ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتىپ بىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئۈمىدلىرىمىز مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن،ئەمدى بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويساق:
ئەسەرنى ئىمكان بار رەتلىك يېزىپ ئەۋەتسەك،ئۆلچەملىك خەت باسالايدىغانلار بېسىپ ئەۋەتىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى، ئەگەر خەتنى ئۆلچەملىك باسالمايدىغانلار ياكى ۋاقتى يوقلار،ئالدى بىلەن ئەسەرنى قەغەزگە رەتلىك يازغاندىن كېيىن، سۈزۈك قىلىپ رەسىمگە تارتىپ،بىزنىڭ ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقىمىز((svbhii@163.comغا ياكى (uystudent.com) –ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدىكى مەخسۇس سەھىپىگە ئەۋەتىڭ.
سۈبھى تور ژۇرنىلىمىزنى ئىككى سان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش جەريانىدا،ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مۇئەييەن قىيىنچىلقلارغا ئۇچرىدۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇنىدىن كېيىنكى داۋاملىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلىم سۆيەر،ژۇرنىلىمىزنى قوللىغۇچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى لايىق تاپتۇق. ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلار ئېلىكترونلۇق خەت ساندۇقىمىزغا خەت قالدۇرۇڭ!ياكى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
بۇ سان مۇھەرىرلىرى:
ئابدۇسەمەت ئابدۇخالىق ، ئابلىز ئەخمەت ، مىنەۋەر تۇرسۇن
ژۇرنالنى چۈشۈرۈش
ئىختىيارى يازمىلار
- ئاۋۋال يۈزۈڭنى ئەمەس قەلبىڭنى ئورا
- چاناق قەلئە ئۇرۇشى
- مۈجمەل ئادەم ۋە زىددىيەتلىك كىملىك( زۇلپىقار بارات ئۆزباش)
- بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ
- موللا مۇسا سايرامى
- نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈش تەس ئەمەس
- پۇتبول ساداسى چاڭچۈندە
- خارۋاردنىڭ ئوچۇق دەرسى (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان)
- بىر كىتاب بىر ئالەم(3-سان)
- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئىككىنچى سان ژۇرنالنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. دەسلەپكى سانىغا قارىغاندا ئىملا ۋە بەت تۈزۈلۈشتە خېلىلا ئىلگىرىلەش كۆرۈلۈپتۇ. ياخشى ئەسەرلەر كۆپكەن. بۇنىڭدىن سۆيۈندۇم. ئەمدىكى كىچىككىنە تەكلىپىم: ئەگەر بەتنى 16 فورماتتا تۈزگەن بولساڭلار ھەر بىر بەتتە ئەڭ ئاز بولغاندا 28 – 36قۇرغىچە ئورۇنلاشتۇرساڭلار بولىدۇ. چۈنكى قەغەز ژۇرناللاردىمۇ ئادەتتە ئۆلچەملىك بولغاندا 35 -45 قۇرغىچە تىزىلىدۇ. ناۋادا 32 فورمات بولسا چوقۇم 28 قۇر تىزىڭلار. بۇنداق بولغاندا ئەڭ كۆركەم، چىرايلىق چىقىدۇ. خەت نۇسخىسىغا ئەلكاتىپ تور، ئەلكاتىپ يازما، ئەلكاتىپ كىتاب، ئەلكاتىپ ژۇرنال قاتارلىق خەت نۇسخىلىرىدىن تاللاپ كۆرۈپ بېقىڭلار.
سىزنىڭ شۇنداقلا بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ قېتىم ژۇرنالنى تۈزۈشتە ئاز تولا ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىزنى قوللاپ بەرگىنىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. رەھمەت!
ئەمدىكى مەسلە تەشۋىقات مەسلىسى ،شۇنداقلا ئادەم كۈچىمىزنىڭ يېتىشمەسلىىك مەسلىسى بولىۋاتىدۇ ، ژۇرنالنىڭ مۇھەرىرىلىكىنى ،لاھىيلەش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈچىمىز قىلغاچقا دەرستىن سىرتقى ۋاقتىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ژۇرنال ئۈچۈن سەرپ بولىۋاتىدۇ ، تەشۋىقات ئىشلىرىمىزدىمۇ ئاسقاش كۆرۈلىۋاتىدۇ.
سىز دېگەندەك بەتنىڭ فورماتىنى تەڭشەش ، بەت تىزىش جەھەتتە يەنە ئاراق تېخنىكىلىق مەسلىلەر ، خاتالىقلار ساقلاندى، بۇ مەسلىنى كېيىنكى ساندا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تۈزىتىشكە تىرىشىمىز.
ئەگەر مۇمكىن بولسا ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىدىكى رەسىمنىڭ سۈزۈكلۈكىنى يۇقرى كۆتۈرسەڭلار .ئىچىدىكى مەزمۇنلار ئىسىل ئىكەن .مۇقاۋىدىكى رەسىمنىڭ سۈزۈكلىكى ئانچە ماسلاشماي قاپتۇ .
ماقۇل، بۇ نۇقتنى بىزمۇ ھېس قىلغان ، ۋاقىت قىستاپ قىلىپ ، شۇ پېتى چىقىرىپ تۇردۇق ،كېيىنكى ساندا بۇ مەسلىنى ھەل قىلىمىز. تەكلىپىڭىز ئورۇنلۇق بوپتۇ رەھمەت!
مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم. ۋاقتىم چىقسا ئالدىرىماي بىر كۆرۈپ چىقىپ ئاندىن تەكلىپ-پىكىر بېرەي- ھە!