ياپونلۇقلارنىڭ سالاملىشىش ئۇسۇلى
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ياپونىيە قايدە-يوسۇننى مۇھىم بىلدىغان دۆلەت.ياپونىيە جەمىيىتىدە سالام سالام-ساھەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ،بۇ خىلدىكى سالاملىشىش پەقەتلا ئادەتتىكى سالاملىشىش بولۇپلا قالماستىن ،ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ باشلانمىسى دەپ قارىلىدۇ. كۆرۈشكەندە ئۆز-ئارا ئەھۋال سوراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز-ئارا تەزىم قىلىندۇ،قول ئېلىشىپ ياكى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەيدۇ.
تەزىم قىلغان ۋاقىتتا بېشى تۆۋەنگە سېلىندۇ،قانچە بەكرەك ئېگىلسە قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمىتىنىڭ شۇنچە چوڭقۇرلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.ئەمما ئادەتتىكى سالاملىشىشتا ئازراق ئېگىلسىلا بولىدۇ.تەزىم قىلغان ۋاقىتتا ئەرلەرنىڭ ئىككى قولى بەدىنىنىڭ يېنىغا سېلىنغان ھالەتتە،ئاياللارنىڭ ئىككى قولى بەدەننىڭ ئالدىغا چىقىرىلىپ كېسىشكەن ھالەتتە بولىدۇ.سۇپىدا يۈكىنىپ ئولتۇرغاندا،قارشى تەرەپكە يۈزىلىنىپ ئولتۇرۇشى ،سالاملاشقاندا ئىككى قولىنى لېپىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ،بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قارشى تەرەپكە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.ياپونلۇقلارنىڭ سۇپىسىغا كۆنۈكمىگەنلەر ئوزۇن ۋاقىت ئولتۇرسا پۇتى ئۇيۇشۇپ قالىدۇ،بۇنداق ۋاقىتتا ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،ئەلەر باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرسا بولىدۇ.ئاياللار ئىككى پۇتىنى سەل يانغا سېلىپ ئولتۇرسابولىدۇ،ئەمما باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرسا بولمايدۇ.
ياپون تىلىدا ئوخشىمىغان ۋاقىت،ئوخشىمىغان سورۇن،ئوخشىمىغان سالاھىيەتكە قاراپ،سالاملىشىش تىلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ياپونلۇقلار ھاۋارايى ئەھۋالىنىمۇ سالاملىشىش سۆزى سۈپىتىدە قولىنىدۇ.مەسلەن:«بۈگۈن ھاۋا ھەقىقەتەن ياخشى ھە!»،«بۈگۈن نېمانچىۋالا ئىسسىق»،«شۇنداق يېغىپ كەتتىغۇ بۇ يامغۇر»-دېگەندەك.
ياپونلۇقلار خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندە،ئۆز ئارا ئىسىم كارتىسى ئالماشتۇرىدۇ.ئىسىم كارىتىسىدا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنى،ئادرېسى ،فاكىس،ئېلكتروونلۇق پوچتا ساندۇق نۇمۇرى شۇنداقلا كەسپى قاتارلىقلار يېزىلغان بولىدۇ.ئىسىم كارتىسىنى قارشى تەرەپكە سۇنغاندا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى دېيىش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپكە كۆپرەك ئاتىدارچىلىق قىلارسىز،كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ قوياسىز قاتارلىق قائىدە يوسۇن سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ ،يەنە بىر تەرەپتىن ئىسىم كارتىسىنى قوش قوللاپ قارشى تەرەپكە سۇنۇپ بېرىدۇ.قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم كارىتىسنى ئېلىشتىمۇ قوش قوللاپ ئالىدۇ.ئىسىم كارتىسى ئۈستىگە خالىغانچە خەت يېزىش،پۈكلەش،شۇنداقلا ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەمىسى قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
يېڭى ئوقۇم ياپون تىلى «ياپونىيە مەدەنىيىتى ۋە ياپونىيە جەمىئيىتى 1»
بىلنۇر تەرجىمىسى 2013-يىل 20-ئاپرېل
تۆۋەندىكى يازمىلار تېخىمۇ سەرخل
ئىختىيارى يازمىلار
- پەلسەپە زادى نېمە ئىش قىلىدۇ ؟
- ئانا يۇرت ئوغلى مەرھۇم زوردۇن سابىرنى ئەسلەش خاتىرىسى
- چۈشنىڭ بېشارىتى
- ئورخۇندﯨن جەۋھەرلەر(2قىسىم)
- سۈبھى ژۇرنىلى 2-ساننى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
- تورداشلىرىمىزدا بلوگقا بولغان تۇنۇش توغرا ئەمەسمۇ قانداق ؟
- مىراج تائاملار ئوردىسىدا نورۇز
- خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
- شەھەرلىكلەر ، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار
- تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ