مەن سېغىندىم بلوگۇم سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟
كۈتە-كۈتە ، كۈتە -كۈتە، مانا توپتوغرا بىر ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى، icpبىجىرىمەن دېگەنگىمۇ بۇرنىمغىچە تويدۇم ، ئەمما بەل قويىۋەتمىدىم ، ئىككى قېتىملىق سەۋەبسىزلا قايتۇرۇلۇش ماڭا ھەقىقەتەن ھار كەلدى ، ئاخىرى جىلىن ئۆلكىلىك ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلفون قىلىپ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قايتۇرۇلۇش سەۋەبىنى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى ئىلتىماسنىڭ 20نەچچە كۈنگىچىمۇ تەستىقلىماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم، ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق قايتۇرۇش سەۋەبىنى« ماتىريالىڭ تولۇق ئەمەسكەن »دېدى، لېكىن ئۇ جاۋابىغا قايىل بولماستىن يەنە ئىچكىرلەپ سورىغىنىمدا ئىش بجىرگۈچى خادىم ئېنىق جاۋاب بېرەلمىدى، ئۇنداقتا بوپتۇ بۇ قېتىم ھەممە ماتېريالىم تولۇق يەنە نېمىشقا مۇشۇۋاقىتقىچە تەستىقلىمايسىلەر دەپ سورىغىنىمدا، «بىز ئۇيغۇرچە ئۇقمىساق ، سېنىڭ تور بېكىتىڭگە نېمە مەزمون قويۇلدى بىلمىسەك قانداق تەستىقلايمىز ، خەنزۇچە قۇرغان بولساق تەستىقلايتۇق»دەپ جاۋاب بەردى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقىمنى باسالمايلا قالدىم ، ئەگەر نوپۇسۇم شىنجاڭدا بولغان سىلەرنىڭ icpىڭلارنى بىجىرىمەن دەپ ئولتۇرماس ئىدىم، (بۇ يىل نوپۇسۇمنى يۆتكەپ ئەكىلۋالغان چاڭچۈنگە)مۇناسىۋەتلىك قانون نىزاملارغا ئاساسلانغاندىمۇ سىلەرنىڭ تور بېكەتنىڭ تىلى ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەستىلىمايمىز دېگىنىڭلار قانونغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دېدىم ، ئاچچىقىمدا يەنە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن« ئەمسە بىز شىنجاڭ ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقلىشىپ باقايلى تور بېتىڭنى كۆرۈپ باقسۇن » دېگەن جاۋابنى بېرىپلا تېلفوننى قويىۋەتتى. تېلفوننى قويىۋېتىپ ئويلىسام ئاچىقىمدا ۋارقىراپ دېگەندەك سۆزلەپ كېتىپتىمەن ، ئىشكىردە ھازىرغىچە ئۈچ يىل ئوقۇش جەريانىدا بۇنداق ئىشلارغا تولا ئۇچرىغاچقىمىكىن ، خېلى كۆنۈككەنىدىم. بۇ قېتىممۇ تەستىقلانمىسا بولدى بىجىرمەيلا قويۇپ بلوگنى مۇنبەرنى ئېچىۋېرەي تاقىۋەتكەندە بىر گەپ بولا دېگەن قارارغا كېلىپ بولغانىدىم. تۈنۈگۈن چۈشتن كېيىن بالىلار بىلەن پۇتبول ئوينىغىلى مەيدانغا چىقىپ ئارىلىقتىكى قىسقا دەم ئېلىشتا تېلفونىمغا قارىسام ئىككى تال ئۇچۇر تۇرىدۇ، ئېچىپ قارىسام ئىلتىماسىڭ تەستىقلاندى دېگەن ئۇچۇر . ئاللاھ غا شۈكرى ھە نېمە بولسا تەستىقلىنىپتۇ، دەپ باشقىدىن خۇشال كەيپىياتتا توپ تەپكىلى چۈشتۈم.
بلوگ يېزىۋاتقان بىر يېرىم يىل ئىچىدە ئوقۇشۇم ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن بەزىدە يازما يېڭىلانماي تۇرۇپ قالغان چاغلارمۇ بولدى، سەل-پەل بېسىم ھېس قىلغاندەك بولدۇميۇ، لېكىن بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى كەپەمدىن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باقمىدىم ، بلوگ يېزىش جەريانىدا نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، سىرداشتىم، بۇنداق ئۇچرىشىش ، سىردىشىش جەريانىدا نۇرغۇن ھايات ھەقىقەتلىرىنى تۇنۇپ يەتتىم. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، بلوگۇم مېنى پىشىپ يېتىلىشكە ، توختىماي تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەۋاتامدۇ نېمە، دەپ. قىسقىغىنە بىر يېرىم يىل ئىچىدە بلوگوگقا بولغان مېھرىمنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى بۇ قېتىمقى بىر ئايلىق تاقاشتا ھېس قىلغاندەك بولدۇم. قايسى بىر ئەدىب ئېيتقاندەك «تەپەككۇرسىز ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ»، ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەپەككۇر ئۈنچىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن.
ئىختىيارى يازمىلار
- ياپونىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە مەكتەپ تۇرمۇشى
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
- شەھەرلىكلەر ، سەھرالارغا بېرىپ كېلىڭلار
- شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتى
- ھايات شۇنداق
- بىر كىتاب بىر ئالەم(باھادىرنامە توغرىسىدا ئىشلەنگەن فىلىم)
- مەن بۇ بىر ئاينى قانداق ئۆتكۈزدۈم
- پەلسەپە زادى نېمە ئىش قىلىدۇ ؟
- سۈبھى ژۇرنىلى 2-ساننى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!
- گۈزەل دۇنيا قەلبىڭىزدە
مۇبارەك بولسۇن، بىزمۇ سېغىندۇق .
خۇيمۇ سېغىندۇق راسلا.. ھەرنىمە بولسا تەستىقلىنىپتۇ. بۇنچە تەس بولسا مەن بىجۈرمەيلا ئېچىۋىرەي موشۇنداق يايما ئاچقاندەك. باشقۇرغۇچىلار كەلسە قوينۇمغا قىستۇرۇپ قاچارمەن
شۇنى دېمەمسىز ، مەنمۇ تاسلا قالدىم ۋاز كەچكىلى ، يەنىلا شىنجاڭنىڭكىنى بېجىرسە تېزرەك چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ.
ئادەتتە بلوگقا icp بىجىرمىسىمۇ بولىدىغۇ. مۇنبەر ياكى تور بەت بولۇپ قالسا بۇنى بىجىرمىسە بولمايدىكەن.
ھەئە ، بلوگقا بىجىرمىسىمۇ بولاتتى، مەن ئىستۇدېتلار ئۈچۈن ئوقۇش ئۇچۇرلىرى ، خىزمەت ئۇچۇرلىرى تەمىنلەش مەقسىتىدە http://uystudent.com نامىدا بىر مۇنبەر ئاچقان ، بىجىرگەندىن كېيىن ئىككىلىسىگە تەڭلا بىجىرۋېتەي دېسەم بەك تەسكە چۈشتى.
بىزمۇ سىغىندۇق بۇرادەر ، بەزىدە ئىنكاس يازالمىغان بىلەن، پات-پات كىلىپ يوقلاپ تۇرىۋاتىمەن
بۇرادەر، بىلوگىڭىزنىڭ يان تەرەپتىكى دوستانە ئۇلىنىش بىر قاتارلا چىقىپتۇ، قارىسام ئۇزۇن ، سەل سەت چىقىپ قاپتۇ، بىر قىستۇرما بولىدىغان شۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىڭە، ئۇلىنىشنى ئىككى قاتار قىلىپ تەڭشىۋالسىڭىز بىلوگ تىخىمۇ كۆركەم ھەم ئىخچام چىققۇدەك ، ئۈنىمىنى بىلوگىمدىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ
ھەي،،ئوقۇش ئالدىراشچىلىقىدا بلوگنى يېڭىلاپ بولامىدىم ، مانا ئەمدى سەل قولۇم بوشىۋېدى ، مۇنبەرنى رەسمىي ئېچىۋېتەي دەپ شۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ يۈرۋاتىمەن ،ئاالاھغا شۈكرى مۇنبەرنىىڭ ئىشىمۇ يۈرۈشۈپ قالدى.
ماڭىمۇ شۇنداق سەت كۆرۈنۈپ تۇرغان شۇنداق قىستۇرما بولسا ماڭا بىر تەۋسىيە قىلمامسىز مەنمۇ بىر ئوڭشىۋالاي،،
پاسئان سىز بىلەن تور يۈزىدە سۆھبەتلەشمەكچىمەن…
پاسىئان بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسىڭىز ھېچكىم بلوگىغا كىرىڭ ، ئادرېسى :http://www.hechkim.com/