شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتى
كۇلۇبىمىز ئۇزۇندىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم ئۇنۋېرىستىتىلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ ستۇدېنتلىرىمىز شۇنداقلا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قىزىققۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى ئويلاشقان بولساقمۇ بۇ ئىشىمىز ھالا بۈگۈنگە كەلگۈچە تاشلىنىپ قالغان ئىدى ، مانا بىر نەچچە كۈنلۈك تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى بىر نەچچە ئۇنۋېرىستىتىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشى تەرجىمە قىلىندى ، ئەڭ ئالدى كەمىنە بىلنۇر ئوقۇۋاتقان ئۇنۋېرسىتىتنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشىنى قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم ،باشقلىرى داۋاملىق تورغا يوللىنىدۇ . تەرجىمىدەبىر قىسىم مەسلىلەر ساقلانغان بۇلۇشى مۇمكىن ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتى مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق 211 قۇرۇلۇشى ،111پىلانىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ بۇلۇپ .جىلىن ئۆلكسى چاڭچۈن شەھىرىگە جايلاشقان . ئىككى مەكتەپ رايونىغان بۆلۈنگەن ،ئومومىي يەر كۆلىمى 1مىليون 670مىڭ كىۋادرات مېتىر ،بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزى مەكتەپ رايونى 730 كۋادرات مېتىر ،جىڭيۆ مەكتەپ رايونى 940مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ .مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 60نەچچە يىل مابەينىدە 200مىڭدىن ئارتۇق دۆلىتىمىز سوتسىسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىقتىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى .
مەكتەپ ئەسلى ئىسمى شەرقى شىمال ئۇنۋېرىستىتى 1946-يىلى ھازىرقى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق بېنشى دا قۇرۇلغان .ج ك پ شەرقى شىمال رايونىدا قۇرغان تۇنجى ئۇنۋېرسال خاراكتىرلىك ئالىي مەكتەپ .1949-يىلى چاڭچۈنگە يۆتكەلگەن ،1950-يىلى دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن شەرقى شىمال پىداگوكىكا ئۇنۋېرىستىتىغا ئۆزگەرتىلگەن .ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقى شىمال مەمۇرىي كومىتېت مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شۆلىياڭنىڭ بىر قۇرساق ئىنىسى جاڭ رۇشىن تۇنجى نۆۋتلىك مەكتەپ مۇدىرى بولغان .داڭلىق مائارىپچىلاردىن :جاڭرۇشىن ،چىڭ فاڭۋۇ ،دىڭ خاۋچۈەن قاتارلىقلار مەكتەپنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن .ھازىر شېڭ لىيەنشى پارتىيە ياچىكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى لىيۇيى چۈن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ .
مەكتەپتە ھازىر 22ئىنىستىتوت ،56 تولۇق كۇرۇس كەسپى بار .پۈتۈن كۈنلۇك تۈزۈمدىكى ئوقۇغۇچىدىن 24567 نەپىرى ئوقۇۋاتىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى 14365نەپەر ،دوكتور ،ماگىستىر ئاسپىرانت9478نەپەر ،چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار 724نەپەر ،فىزىكا ئىلمى قاتارلىق 17 پەن تۈرىدە دوكتورلۇق ئۇنىۋانى تارقىتىش سالاھىيىتىگە ئگە ،مائارىپ ئىلمى ،جوڭگو تلى ئەدەبىياتى ،تارىخ .قوللىنىشچان ئىقتىساد ئىلمى ،ماتىماتىكا، خىمىيە،بئولوگىيە ،جۇغراپىيە ،سىياسەت،ماركىسىزىم نەزىرىيىسى، مۇھىتى ئىلمى ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى ،نەزەرىيىۋى ئىقتىساد قاتارلىق ئىلمي تەتقىقات پونكىتى تەسسىس قىلىنغان ،مائارىپ ،ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش ،تەنتەربىيە،خەنزۇتىلى خەلقئارا مائارىپ قۇرۇلۇشى ،تەرجىمانلىق ،گۈزەل سەنئەت،سودا- سانائەت مەمورىي باشقۇرۇش ،قانون قاتارلىق 9ماگىستىرلىق كافىدىراسى تەسىس قىلىنغان .مائارىپ ئىلمىي ،دۇنيا تارىخى ،ھۇجەيرە جانلىقلار ئىلمىي ،ئكولوگىيە ئىلمى ،ئىدىيىۋى سىياسى مائارىپ قاتارلىق 5دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن تۇرى ،165ماگىستىرلىق نۇقتىسى ،78 دوكتورلۇق نۇقتىسى تەسىسى قىلىنغان ،3 نەپەر ئاكادىمىك بار .
ئىختىيارى يازمىلار
- يالغۇز ئادەم
- جوڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بېكىتى
- يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى
- ئاھ ، مىنىڭ مىللىتىم(روزى سايىت)
- گۈزەل دۇنيا قەلبىڭىزدە
- چىن سۆيگۈمگە قىلدىڭ خىيانەت
- خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى
- بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ
- ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ
- ئانا يۇرت ئوغلى مەرھۇم زوردۇن سابىرنى ئەسلەش خاتىرىسى