شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان

ۋاقتى 2013-02-26 09:13 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 1,140 قېتىم

تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى

 

ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 38كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 61-تۇەن مەيدانى تەۋەسىدە بىر ھەيۋەتلىك مازار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇ دەل تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىدۇر. مازار چاسا شەكلىدە،ئۈستىدە گۈمبەز بار، توغرا لىمى يوق بولۇپ، ئېگىزلىكى 14مېتىر، كەڭلىكى 11مېتىر، ئىچىنىڭ ئېگىزلىكى 15مېتىر كېلىدۇ. مازاردا قەبرىدىن باشقا ھېچنىمە يوق بولۇپ، پەلەمپەي ئارقىلىق چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ. مازارنىڭ ئىشىكى شەرققە قارىتىلغان بولۇپ، كەڭلىكى تۆت مېتىر، ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، ئۈستىگە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى، ئىككى يېنىغا ئەرەپچە مەدھىيىلەر ئويۇلغان، تاملىرى بىنەپشە،كۆك،ئاق ئۈچ خىل رەڭنى ئاساس قىلغان 26خىل نۇسخىدىكى گېئومېتىرىيىلىك ۋە ئۆسۈملۈك نەقىش چۈشۈرۈلگەن كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن بولۇپ، مازارنى خېلىلا ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەن. جەنۇب تەرىپىدە بىر كىچىكرەك قەبرە بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ سىڭلىسى دەپنە قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ، ئۇمۇ خېلى مۇكەممەل ساقلانغان. ئۇنداقتا، تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇڭغۇل خانى تۇرسا،مازىرى نېمىشقا ئىسلام ئۇسلۇبىدا ياسالغان؟ ئەسلىدە ئۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغان مۇڭغۇل خانىدۇر.

قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى پەقەت قەشقەر ۋە خوتەن ئەتراپلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن،كۇچا،تۇرپان رايونى ۋە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا يەنىلا بۇددا دىنى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. مىلادىيە 1219-يىلىدىن باشلاپ چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان، 1225-يىلى ئوغۇللىرىغا زېمىن بۆلۈپ بەرگەندە، شىنجاڭ ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونى ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاي قۇرغان چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. چىڭگىزخان ۋە مۇڭغۇل خانلىرى ھۆكۈمرانلىقنى قوغداش ئۈچۈن دىنىي كەڭچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، كۆپ دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە تۈركىي تىللىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم مۇڭغۇل خانلىىرى، ئالايلۇق مۇبارەكشاھ ۋە ئەڭ ئاخىرقى خان دارماشىرى تەدرىجىي ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.

1347-يىلى چاغاتاي خانلىقى پارچىلانغان. غەربىي چاغاتاي خانلىقى ماۋەرائۇننەھر رايونىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ھوقۇق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مۇڭغۇل ئاڭسۆڭەكلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قەشقەردىكى دوغلات مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى چىڭگىزخاننىڭ 7-ئەۋلادى، ئەمدىلا 18ياشقا كىرگەن تۇغلۇق تۆمۈرنى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى قىلىپ تىكلەپ، ئالمالىق(ھازىرقى قورغاس ناھىيىسىنىڭ غەربىدە)نى پايتەخت قىلغان. بۇ ھاكىمىيەت ئۈچچ ئەسىر داۋام قىلىپ، مۇسۇلمان تارىخنامىلىرىدە «موغۇلىستان» دەپ ئاتالغان، خەنزۇچە تارىخىي كىتاپلاردا «بەشبالىق» دېيىلگەن.
تۇغلۇق تۆمۈر دوغلات ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە خانلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغاندىن باشقا، يەنە بىر زور تەدبىر سۈپىتىدە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. 16-ئەسىردىكى قەشقەرلىك تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر يازغان «تارىخي رەشىدىي» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۇفىزىمنىڭ تارقاتقۇچىسى بولغان شەيخ جالالىدىن ۋە ئەرشىدىن خوجا ئاتا-بالا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ دالالىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما، «خانلىق تەختكە ئولتۇرۇپ ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە بولغان» دىن كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خانلىق تەختكە چىققاندىن كېيىن ئەرشىدىن خوجا ئاتىسىنىڭ ۋەزىيىتىگە بىنائەن ئالمالىققا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانچە ئەبۇبەكر مۇھەممەد دەپ ئات قويۇپ ئۇنى مۇسۇلمان قىلغان. ئەينى چاغدا شىنجاڭدا تارقالغان دىنلار ئىچىدە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىسلام دىنىنى تاللىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بىرىنچىدىن، ئىسلام دىنى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدە ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەم كۈچى ئەڭ كۆپ، كۈچى ئەڭ زور دىن بولۇپلا قالماستىن، داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دىن ئىدى. ئىككىنچىدىن، ئىسلام دىنىنىڭ مۇخلىسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ئىنتايىن زور بولۇپ، تەشكىللىك ئىجتىمائىي كۈچلەرنى شەكىللەندۈرۈش ئوڭاي ئىدى. ئۈچىنچىدىن، ئىسلام دىنىدىكى «غازات» ھەم ئاسانلا دىنىي ئەسەبىيلىك قوزغايتتى، ھەم ئىچكى جەھەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە، تاشقى جەھەتتە كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا پايدىلىق ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان دىننى ئەمەس، بەلكى سىياسىينى چىقىش قىلىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن دەرھال ئەرشىدىن خوجا بىلەن دىننى قانداق تارقىتىشنى مەسلىھەتلەشكەن، ئۇلار بارلىق خان، بەگ-ئاقسۆڭەكلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ بېسىمىدا بارلىق خان، بەگ ئاڭسۆڭەكلەر ئىختىيارلىقى بىلەن ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئارقىدىنلا ئۇ ھەرقايسى جايلارغا موللىلارنى ئەۋەتىپ، مۇڭغۇللارنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە قىستىغان. ئۇنىڭ بېسىمى بىلەن 1354-1353-يىللاردا (ھىجىرىيە 754-يىلى) ئالمالىقتىكى 160مىڭ مۇڭغۇل ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان.

مازارنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى

بۇ دەۋردە، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەرشىدىن خوجىنىڭ كۇچادا ئىسلام دىنىنى بۇددا دىنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشىنى قوللىغان، سەمەرقەندكە يۈرۈش قىلغان، قايتىپ كېلىپ يەنە ئالمالىقتىكى خىرىستىئان مۇخلىسلىرى ۋە كۇچادىكى بۇددىستلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرغان. 1363-1364-يىللىرى(ھىجىرىيە 766-يىلى) ئالمالىقتا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. چوڭ ئوغلى ئىلياس خوجا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە مۇشۇ مازارنى بىنا قىلدۇرغان.

1388-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ كەنجى ئوغلى خىزىر خوجا خان بولغان، 1392-يىلى شەخسەن ئۆزى قوشۇن تارتىپ تۇرپاننى بويسۇندۇرۇپ،ئۇنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. 1399-يىلى قومۇلغا ھۇجۇم قىلغان، ئاقىۋەتتە ئۇ ۋە ئەرشىدىن جەمەتىدىن ئەبۇنەسىردىن خوجا ئۆلتۈرۈلۈپ ھۇجۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان. مىڭ سۇلالىسى كۈچىنىڭ قومۇلدىن كۆچۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، قومۇلدا بۇددادىنىنىڭ تەسىرىمۇ يوقالغان. ئىسلام دىنى بەش ئەسىر تارقىلىش ئارقىلىق ئاخىر بۇددا دىنىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق دىنغا ئايلانغان

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap