كەلسەڭچۇ يار …
bilnur ۋاقتى 2012-04-04 15:42 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 17 قېتىم
باھار كىتىپ يازمۇ كەلدى ، ھېچ كەلمىدىڭ،
بىلەلمىدىم سۆيگۇم قاچان ۋىسال تاپار.
كۆڭلۈم ئۇچتى سېنى ئىزلەپ يىراقلارغا،
كۆزۈم تىككەن شۇ يوللاردىن كەلسەڭچۇ يار.
سامادىكى توپ-توپ باھار قۇشلىرىدن ،
كۆپ سورىدىم؛«مەن سۆيگەن يارىم نەدە بار؟»
ھەر رەت باقسام قۇشلارغا قالدىم جاۋابسىز،
مېنى شۇنداق تاڭ قالدۇرۇپ كەلسەڭچۇ يار.
سانسىز يۇلتۇز جىمرلىغان كۆككە باقسام ،
سېنى ئەسلەپ كۆزلەرىمدىن ئويقۇ قاچار.
يۈرەكلىرىم لەختە بولۇپ بولدۇم بىمار ،
قەلىپلەرگە شىپا بېرىپ كەلسەڭچۇ يار.
ئاپتورى: گۈزەلنۇر ئابلىكىم
Related Posts
ھالقىلىق سۆز: شئېرىيەت،
بىلنۇر كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!
يەنە بىر مۇھەببەت ناخشىسى ،ياشلىق ئەنە شۇنداق بەزىدە ھاياجانلىق خۇشاللىقلىرىمىز بىلەن قوشاق قىتىپ شئېر ئوقۇشساق بەزىدە ئازابقابولغان ئۆرتىنىشىمىز ، سېغىنىشقا بولغان تەلپۇنۇشلىرىمىزگە ئاتاپ شئېر ئوقۇيمىز . ھارمىغايسىز ساۋاقدىشىم! يەنە مۇشۇنداق ھاياجانلىق مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا بىز تەشنا.