گۈزەل دۇنيا قەلبىڭىزدە
گۈزەل دۇنيا قەلبىڭىزدە
بىر ياش ئۆزى تۇرىۋاتقان جايدىن باشقا جايغا كۆچۈپ بېرىپتۇ. ئۇ شۇ جايدىكى بىرىدىن:
-بۇ شەھەر قانداقراق؟ كىشىلەر ئۆز ئارا دوستانە مۇئامىلە قىلىشامدۇ؟-دەپ سوراپتۇ. بۇ ياشنىڭ سوئالىغا جاۋاب
بېرىشتىن ئاۋۋال، ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن قايتىلاپ سوئال سوراپتۇ.
-قېنى دەپ بېقىڭە؟ سىز بۇرۇن تۇرغان جاي قانداقراق ئىدى؟ كىشىلەر كىشىلەر ئۆز ئارا دوستانە مۇئامىلە قىلىشامتى؟
-بولدى دېمەيلا قويۇڭ، ئۇ جاي خۇددى دوزاخنىڭ ئۆزى ئىدى. كوچىلىرى مەينەت، قالايمىقان، ئادەملىرى خۇددى دۈشمەندەك مۇئامىلە قىلىشاتتى. بۇ ئۆمرۈمدە ئەمدى ئۇ يەرگە ئىككىنچى ئاياغ دەسسىگۈم يوق،-دەپتۇ ئۇ ياش. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئادەم ئۇ ياشقا:
-ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن سىزگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ جايمۇ ئوخشاش. بۇ جاي ھەرگىزمۇ جەننەتتەك گۈزەل ئەمەس،-دەپتۇ.
شۇ شەھەرگە يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن يەنە بىر ياشمۇ ئۇ كىشىدىن ئوخشاش سوئالنى سورىغانىكەن، ئۇ كىشى يەنىلا ئوخشاش سوئالنى قايتۇرۇپ سوراپتۇ.
-مەن تۇرغان جاينىڭ مۇھىتى گۈزەل، ئادەملىرى مېھماندوست ئىدى. ئوقۇشۇمنى دېمىگەن بولسام، يۇرتۇمدىن زادى ئايرىلمايتتىم،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ ياش. بۇگەپنى ئاڭلىغان ئۇ ئادەم كۈلۈمسىرىگىنىچە:
-يىگىت سىز بۇجايغا كۆچۈپ كېلىپ توغرا قىپسىز. بۇ جايمۇ ئۆز يۇرتىڭىزغا ئوخشاش سىزگە مۇھەببەت بېرەلەيدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇنى ھېس قىلىپ قالىسىز،-دەپتۇ.
ئوخشاش سوئالغا ئىككى جاۋاب قايتۇرغانلىقىغا ھەيران قالغان كىشىلەر ئۇ كىشىدىن سوراپتۇ:
-بىر ئادەم كۆرگەن دۇنيا ئۇ ئادەمنىڭ قەلب دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. قەلبى قاراڭغۇ ئادەم مەيلى قەيەردە بولمىسۇن مەڭگۈ يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيدۇ،-دەپتۇ ئۇ كىشى مەنىلىك قىلىپ. پەقەت قەلبىڭىزگە گۈزەللىك ئۇرۇقىنى تېرىغان ۋاقتىڭىزدىلا پۈتۈن دۇنيا سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.
ئىختىيارى يازمىلار
- ‹قۇتادغۇبىلىك›نىڭ ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
- ئوغۇل بالا شۇنداق ياشىسۇن
- مەن بۇ بىر ئاينى قانداق ئۆتكۈزدۈم
- ئۇيغۇر شائىرى دولقۇن ياسىن ئۇچقۇن
- نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈش تەس ئەمەس
- پىنھاندىكى سۆيگۈ
- لېيىغان بۇلاق رومانىنىڭ تولۇق 7قىسىم ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
- تورداشلىرىمىزدا بلوگقا بولغان تۇنۇش توغرا ئەمەسمۇ قانداق ؟
- بېيجىڭ خان ئوردىسىنى كىم لايىھىلىگەن؟
- قەدىرلىگىن قەدىرلىگەننى