لېيىغان بۇلاق رومانىنىڭ تولۇق 7قىسىم ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ
جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق -چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى.شۇڭا ، جالالىدىن بەھرام : «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەننەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۇرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن…..» دەيدۇ.
جالالىدىن بەھرام 1950-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954-يىلدىن 1957-يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. «رەسىم كۇرژۇكى»، «ئەدەبىيات كۇرژۇكى» قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. جالالىدىن بەھرام 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ،1958-يىلغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇدى.1958 -يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ، 1958-يىلدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇدى.
جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتنەشقاندىن كېيىن،1961-يىلدىن 1976-يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.1976-يىلدىن 1981 -يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلدى.1981-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۆلۇمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ…
جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پا ئالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان . لېكىن،1966 -يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلەرى »، «ئۆمۈر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتاپلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۇلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا،ئۈششۇك تەگكەن » ۋە «قوشكۆل» لەردە ئىشلەشكە سۈرگۇن قىلىندى.
دەرت – ئەلەم ، ئازاپ -ئوقۇبەتكە تولغان ئۈچ قېتىملىق » ….ناملىق ساتېرىك»……قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە «مېھرىگىياھ»، «ناتىۋانلار»، «كۆمۇر ساتقۇچى بالا»….. ناملىق رومانلارنى ئېلان قىلغان…..
جالالىدىن بەھرام ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى، تالانتلىق رەسسامدۇر. ئۇ ھازىر كاندىدات ئالى مۇھەررىر بولۇپ، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى.
ئاخىرىدا يازغۇچىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىـىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرەگە تىنننىڭ ساغلام بۇلۇشىنى تىلەيمىز ، ستۇدېنتلار كۇلۇبىمىزنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا يېڭى يىلدا لېيىغان بۇلاق رومانىنىڭ ئالدىنقى 3قىسمىنىڭ ئېلكىتابىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىپ چىقتى ، كەڭ تورداشلارنىڭ تور بېتىمىزنى تەشۋىق قىلىپ قۇيۇشىنى ئەمگىگىمىز يارىغان بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ،كامالىي ئېھتىرام بىلەن ئۇيغۇر ستۇدېنتلار تور گۇرۇپپىسى چۈشۈرۈشكە قۇلايلىق بۇلۇشىنى كۆزدەتۇتۇپ بىلنۇر بلوگى ،بىلنۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىhttp://bbs.bilnur.com ، ئۇيغۇر ستۇدېنتلار ئۇنۋېرسال تورwww.uystudent.comى دا تەمنىلەندى .
2-قىسىم ئۈششۈك تەگكەن ياپراقلا
6-قىسىم يۈگەنسىز ئۆتمىگەن يىللار
ئىختىيارى يازمىلار
- ئابدۇۋەلى ئەلى
- پەلسەپە زادى نېمە ئىش قىلىدۇ ؟
- شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان
- چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتى
- كىتابخۇمار دوستلار ئۈچۈن خوش خەۋەر!!!
- نوقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈش تەس ئەمەس
- جوڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بېكىتى
- تورداشلىرىمىزدا بلوگقا بولغان تۇنۇش توغرا ئەمەسمۇ قانداق ؟
- ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ
- ئاپپاق خوجا (ئېكىتاب سۈزۈك نۇسخىسى )
7 قىسىم ئىدىغۇ؟ قالدى قىسمى نەدىدۇ؟
شۇ 7قىسىم ئىدى ،ھازىر ئېلكىتابى ئىشلەنگىنى 4-،5-،6-،7-،قىسملىرى ئىكەن،1-،2- 3-قىسىملىرى ھازىر ئىشلىنۋېتىپتۇ .ئەگەر قالغان قىسىملىرى يوللىنىپ قالسا سىزگە ئۇچۇرىنى بېرەي.
چۇشۇرگەندىن كىيىن كۈرەلمدىمغۇ قېرىندىشىم. ئىلكىتاپ كۈرۈدىغان بىرەر دىتال بارمۇ يا؟
شۇنداق دىتال بولسا چۇشۇرۇش ئادىرسىنى يوللاپ بىرىڭە
بولىدۇ مەن يوللاپ بېرەي .
ئېلكىتاب كۆرگۈچ(pdfئوقۇغۇچ)نى چۈشۈرگەندىن كېيىن نورمال كۆرەلەيسىز ،مەن سىزگە يوللىۋېتەي !
رەخمەت قېرىدىشم چۇشۇر ۋالدىم مەن مۇ ئىزلەپ تاپالمغان
بىلوگىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم، سىزمۇ ماڭا ئوخشاش سىتۇدېنت ئىكەنسىز، ئەدەبىياتقا بولغان ھىرىسمەنلىكىمىزمۇ ئوخشىشىپ قالىدىكەن… بىلوگىڭىزنى تور خاتىرەمگە ئۇلىنىش قىلىۋالدىم ئەمسە! http://www.teshnayi.com/
رھمەت! مەنمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم ،ھەمكارلىقىمىز ئۈزۈلمىسۇن!
كىتابنى چۈشۈرۈشتىن مەسلىھەت بەرسەڭلار
مۇشۇ كىتابنى بىر ۋاقىتلاردا شۇنداق قىزىقىپ ئۇقۇپ كەتكەن،دەسلەپكى ئۈچ قىسمىنى ئۇقۇپ بولغانتىم.ھەجەپ ياخشى يوللاپسىز،مەنمۇ چۇشۇرۋېلىپ ساقلاپ قويسام بولغۇدەك.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر، ئۇزۇن زامان بوپتۇ ، ھال-ئەھۋال سوراپ كەلدىم
بۇرادەر تورسودا بىلوگى دوستانە ئۇلىنىش قاتارىدا كۆرۈنمەيدىغۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! ئالدىراشچىلىقتا بلوگۇم چۆلدەرەپ قالدى ، ئاللا خالىسا داۋاملىق يېزىپ تۇرىمەن .
سەت بوپتۇ بۇرادەر ، قوشۇپ قويدۇم ، بوشلۇق كۆچۈش جەريانىدا چۈشۈپ قاپتۇ .