ئىزگۈلۈك مالائىكىسى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

ۋاقتى 2012-11-24 03:35 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 1,291 قېتىم

ئىزگۈلۈك مالائىكىسى (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مۇھەببەت كەچمىشلىرى)

ئىلاۋە: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تالانتلىق ئەدىبى، تۆھپىكار باغۋىنى، مول مېۋىلىك پروفېسسورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933 ــ يىلى 9 ــ ئاينىڭ 28 ــ كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئېرىق كەنتىدىكى ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 1995 ــ يىلى 2 ــ ئاينىڭ 27 ــ كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ھاياتىدا «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى»،«ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «قارلىق تاغ شەجەرىسى»، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، «سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «ئائىلە» … قاتارلىق بىباھا ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، «ئىزگۈلۈك مالائىكىسى» ناملىق بۇ ئەسىرىمۇ ئالىمنىڭ يەنە بىر كاتتا ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر ئالىمنىڭ ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئىككى ئەسىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالىم ئايالى رەنا مەخسۇت بىلەن تونۇشۇش ۋە ئائىلە قۇرۇش، شۇ جەرياندا بىر ــ بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ئورتاق ئىزدىنىش، خەلقنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى قېزىش جەريانىدىكى سەمىمىي قوللاشلارنى ئەڭ تىپىك مىساللار ئارقىلىق بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسەرنى يېزىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ:مەن، مېنىڭدىن يەتتە ياش كىچىك ۋە ماڭا 37 يىلدىن بېرى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشى بولۇپ كېلىۋاتقان ئاجايىپ ئايال جىنس ئۈستىدە يېشىم 60 قا كىرگەندىن كېيىنلا بىر قىسسە يېزىش قارارىغا كەلدىم. دەرۋەقە، مەن ئۇنىڭ نۇرانە گۈل ھۆسنىنى دەسلەپ كۆرگىنىمدىن كېيىنلا ئۇ ھەقتە لىرىكىلار، ھۆرمەت خاتىرىلىرى، كېيىنچە رۇبائىيلار ۋە ئېپىزوتلۇق ئەسلىمىلەر يازغانىدىم. 20 ياشتىن كېيىنكى ئوتلۇق ياشلىق لىرىكىلىرى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھېكمەتلىك ئوتتۇرا ياشلىق رۇبائىيلىرى بىلەن بۇ قىسسە يىلتىزداش بولسىمۇ، ئەمما يېشىم 60 قا كىرگەندىن كېيىنكى بۇ قىسسە ئۆز مەنىۋى خەزىنىسىنىڭ تاۋلانغانلىقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرسا كېرەك. كىشىلەر ھەمىشە قانداقتۇر 18 ــ 20 ياش بىلەن 30 ياشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەرنى ئىشىق ــ مۇھەببەت دەۋرى دېيىشىپ كۆنگەن، ئەمەلىيەتتە ياشانغاندىن كېيىنكى يىللاردىكى مۇھەببەتكە ئۇنى تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ‹قاپقارا قۇندۇز چاچلار› بىلەن ‹ئەتىر بەرگىدەك يۇمران يۈزلەر› ئورنىغا ئاقارغان چاچ ۋە ئەجىر قورۇقلىرى چۈشكەن يۈز ئالماشقان. ئەمما، بۇ ئاقارغان چاچ ۋە قورۇق چۈشكەن يۈز ئىنسان قەلبى، خاراكتېرى، ئەجرى ۋە قىممىتىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك باھا نامىسى بىلەن تامغىلانغان. مەن ‹ ئىزگۈلۈك مالائىكىسى›نى يېزىشقا تۇتۇندۇم. بۇ مەن ئۈچۈن ئۆز ــ ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىنىم، ئۆزۈمنىڭ ئىنساننى چۈشىنىش، ئىزگۈلۈك جاۋاھىراتلىق بىلەن تولغان خەزىنە قەلب، ئۈلگىلىك ئايال جىنسنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىنىمنىڭ ئۇچقۇنى بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە مېنىڭ بۇ قىسسىدە تەسۋىرلىگەن ئالىيجاناب روھىيەت نامايەندىسىگە بولغان ئىنسانىي مىننەتدارلىق، مەجبۇرىيەت ــ بۇرچۇمنىڭ بىر ئاز بولسىمۇ ئىپادىلىنىشىدىن يانغان يالقۇن!
دەرۋەقە، ئۇ پەرزەنتلىرىمنىڭ، ئەسىرلەر داۋامىدا ئالەمگە كۆز ئاچىدىغان نەۋرە ــ چەۋرىلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ چەۋرە ــ ئەۋرىلىرىنىڭ پاك نەسەبتىن ئىلھاملىنىپ، پاك نەسەبتىن پەخىرلىنىپ، پاك نەسەبنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مىراس!»
ئالىمنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ھايات سەرگۈزەشتلىرى گەرچە نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھامان ئۈمىدۋار ياشىغان. چۈنكى، ئۇنىڭغا مەدەت ــ ئىلھام بېرىپ تۇرغان پاك قەلب ئىگىسى، بالىلىرىنىڭ ئانىسى، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولغان رەنا مەخسۇت ھاياتقا، مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈنسايىن ئاشۇرۇپ بارغان.
قايسىدۇر بىر ئەدىب «مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەر بىر ئەرنىڭ كەينىدە ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان جاپاكەش ئايالى بولىدۇ» دېگەنىكەن. دەرۋەقە، ئالىمنىڭ «ئىزگۈلۈك مالائىكىسى» دېگەن بۇ ئەسىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇنىڭ قىسقىغىنا ئىجادىيەت ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى روياپقا چىقىرالىشى بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئايالىنىڭ قوللىشىدىن، ئەمەلىي شارائىت يارىتىپ بېرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

«ئىزگۈلۈك مالائىكىسى»دە ئالىمنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى ناھايىتى پاساھەتلىك بىلەن بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن ئالىمنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھەببەت ــ نىكاھ ئىشلىرىغا بولغان قارىشىنى بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىش بىلەن بىللە مۇھەببەت سەۋەبلىك يارىتىلغان ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ قىممىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرالايمىز. ئالىم مۇھەببەت سەۋەبلىك چوڭ تاللاشقا، يەنى بۇ يەردە قېلىپ ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ۋە بۇ يەرنىڭ جاپالىرىنى تارتىش؛ يەنە بىرى ئانىسى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ باياشاتلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئەنە شۇنداق تاللاش ئالدىدا ئالىم ئانىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ خاتىرجەم ھايات يولىنى تاللىماستىن، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي تۇيغۇسىنى قەدىرلەشنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، «كۈسەن قىزى» رەنا مەخسۇت بىلەن توي قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە قېلىشنى قارار قىلىدۇ. ئانىسى ئىلاجسىز 1962 ــ يىلى 4 ــ ئايدا بۇ «ئەنسىز يىللاردىكى ئاشىق ــ مەشۇقلار»نىڭ تويىنى قىلىپ قويۇپ، دۇنيالىقتىكى يالغۇز ئوغلىنى تەقدىرگە تاپشۇرۇپ، بىشەككە قايتىپ كېتىدۇ ۋە ئوغلى بىلەن ئىزچىل خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرىدۇ … كىم بىلسۇن، ئالىمنىڭ ئاشۇ تاللىشى ئاخىرقى ھېسابتا بۇ ئىككى ئاشىق ــ مەشۇق ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى پۈتۈن خەلق ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولدى. مۇبادا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ رەنا مەخسۇتقا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئورنىنى چەت ئەلگە چىقىشقا بولغان ھېرىسمەنلىك ئىگىلەپ كەتكەن بولسا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىممەتلىك ئەسەرلەر يېزىلمىغان، يېزىلسىمۇ ھازىرقىدەك چوڭقۇرلۇققا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننى ئۆز مۇھەببىتى ئارقىلىق ئانا ۋەتەندە چىڭ تۇتۇپ قالالىغان رەنا مەخسۇتقىمۇ قايىل، ئەلۋەتتە!

قېنى «ئىزگۈلۈك مالائىكىسى» ناملىق بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ باققايسىلەر:ئېلكىتابىنى چۈشۈرۋېلىڭ

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئەمدى 1 ئىنكاس چۈشۈپتۇ

  1. مۇئەللىم مۇنداق دىدى:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، تېنىڭىزنىڭ سالامەت ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك ، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن ، يىڭى يىلدا ۋە بۇندىن كېيىن بەخىت-ئامەت ، خاتىرجەملىك ، ئاسايىشلىق ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىلەر ۋە ياخشى دوستلار سىزگە بىر ئۆمۈر يار بولغاي ، بىلوگىڭىز تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىسۇن !…..

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap