搜索到符合 تىل ئۆگۈنۈش ، 标签的相关文章
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-04-07 13:05 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
دۇنيادا نۇرغۇنلىغان تىللار مەۋجۇت، بەزى تىللار دۇنياۋى تىللارغا ئايلانغان بولسا بەزى تىللار ئاسسىمىلاتسىيە بولۇش گىردابىغا قاراپ ماڭماقتا. بەزى تىللار ئاللا بۇرۇن يوقالغان. بۇ تېمىدا سىز ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان 100دىن ئارتۇق تىللارنىڭ 320 دىن ئارتۇق تىل ئۆگىنىش تور بېتى تەمىنلەندى. بۇ تىللارنىڭ بەزىلىرى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولسا بەزىلىرى ئاڭلاپمۇ باقمىغان تىللار، بەزى تىللارنىڭ ھازىرقى زامان ۋە قەدىمكى زامان تىللىرىنى ئۆگىنىش تور بېتىمۇ بېرىلگەن. سىز ئۆزىڭىز قىززىقىدىغان تىللارغا مۇناسىۋەتلىك توربەتلەردىن رازى بولغىدەك بىلىملەرگە ئىگە بولالىشىڭىز مۇمكىن.داۋامىغا قىزىقسىڭىز،،،،
bilnur يوللانغان ۋاقتى 2012-03-17 02:05 كۆرۈلۈشى:1 قېتىم
سۇئال ئىنگلىز تىلىنى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟ئىنگلىز تىلى گىرامماتىكىسىنىڭچۇ؟
جاۋاب: بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئۆگىنش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىرادە بىلەن مۇستەھكەم بەل باغلىماي تۇرۇپ، بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنش ھېچكىم ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. شۇڭا باشتىن تارتىپ بۇ توغرىلىق مۇستەھكەم ئدىيۋىي تەييارلق بولۇشى كېرەك. مەن شنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان ۋاقتىمدا، 1-يىلى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنپ، ئۇنىڭدىن كېينكى 2 يىلنىڭ ئىچدە ئىنگلىز تىلىنى قوشۇمچە ئۆگىنىپ، تەبئىي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلرىنىڭ 3 يىللىق دەرسلىكىنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئىنگلىزچىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئىمتھانغا قاتنشپ، يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئەڭ ئاخىرقى 2 يىل جەريانىدا ياپون تىلنىمۇ ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ بولدۇم.