پەلسەپە ۋە ئىلاھشۇناسلىق
پەلسەپە ۋە ئىلاھشۇناسلىق ( تېئولوگىيە ) زادى قانداق مۇناسىۋەتتە ؟
پەلسەپە بىلەن ئىلاھشۇناسلىقنىڭ ئەڭ نىگىزلىك تەتقىق قىلىش ئوبىيېكتى بىردەك بولۇپ ، ئىككىلىسى « زادى پۈتكۈل كائىنات نېمىشقا ھازىرقىدەك مۇشۇنداق ھالەتتە ؟ كائىناتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى زادى نېمە ؟ ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنى زادى نېمە ؟ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى كىم بىلىدۇ ؟ ھاياتلىقنىڭ بىرەر مەقسىتى بارمۇ ، ئەگەر بار بولسا ، ئۇ نېمىدىن ئىبارەت ؟ » دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدۇ ( ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ، پەلسەپە بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدۇ ، ئىلاھشۇناسلىق ياكى دىن بولسا بۇ سوئاللارغا جاۋاب بىرىدۇ ). ھالبۇكى ، پەلسەپە بىلەن ئىلاھشۇناسلىقنىڭ جاۋاب ئىزدەش جەريانىدا قوللىنىدىغان ئۇسۇلى كۆپلىگەن پەرقلەرگە ئىگە : پەلسەپە ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-ئىدراكىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ ، ئىلاھشۇناسلىق بولسا ھەرخىل بېشارەت ، ۋەھىي ۋە مۆجىزىلەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ . پەلسەپە بىلەن ئىلاھشۇناسلىقنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبىيېكتى ئوخشاش ئەمما قوللانغان ئۇسۇل ئوخشىمىغانلىقتىن ، مۇنداقلا قارىماققا بۇ ئىككىسىنىڭ تاپقان جاۋابىنىڭ ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ ، ۋاھالەنكى ، پەلسەپە تارىخىدىن قارىغاندا ( بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى غەرب پەلسەپە تارىخىنى كۆرسىتىدۇ ، بەلكىم بەزى ئوقۇرمەن دوستلار ‹ غەرب – غەربلا دەيدىكەن ما گۇي › دەپ ئاچچىقلاپ قىلىشى مۇمكىن ،بىراق مېنىڭ بۇ يەردە غەرب پەلسەپىسى ۋە ئىلاھشۇناسلىقىدىكى بەزىبىر مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشىم ھەرگىزمۇ مۇشۇ نەرسىلەرنى ئۆزىمىزنىڭكىگە دەسسىتىش بىلەن باراۋەر ئەمەس ، پەقەتلا ئۇلارنىڭ تەپەككۇر جەريانىدىن زوق ئىلىش خالاس ؛ ئۇيغۇر ۋە ئىسلام پەلسەپىسىنى تىخى دېگۈدەك تەتقىق قىلغۇچى بولمىدىم ، ئاللا خالىسا ئۆلمەي ھايات بولساق ئۇنىمۇ قىلىۋالارمىز ، ھازىر ۋاقتىنچە قىلماسلىقىمىز ھەرگىزمۇ مەڭگۈ قىلماسلىقىمىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ ) ، ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس .
گەرچە پەلسەپە بىلەن دىن ئىككىلىسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر پەن بولسىمۇ ، بىراق ئىككىلىسى جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر تەرىپىدىن ئىگىلىنىدىغان ھەم تەرەققىي قىلدۇرىلىدىغان بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئەزەلدىن ھەممىنى قايىل قىلىدىغان ئاخىرقى مۇتلەق جاۋاب بىلەن تەمىنلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان بولغاچقا ، ئوخشىمىغان تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا پەلسەپە بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئوخشىمىغان ھالەتتە بولدى . غەرب ئوتتۇرا ئەسىر دۇنياسىدا ھاكىمىيەت بىلەن دىن يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن ، ھەتتا بەزىدە دىن ھاكىمىيەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بولغاچقا ، دىن پەلسەپىگە نىسبەتەن ھۆكۈمران ئورۇندا تۇردى ، پەيلاسوپلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولسا ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكىغا تايىنىپ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ، ئۇنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان ھەممىگە قادىر ، چەكسىز مېھرىبان بولغان سۈپەتلىرىنى ئىسپاتلاپ چىقىش بولدى ؛ ماھىيەتتە بولسا ، پەيلاسوپلار ئۆزىنىڭ بارچە ھۈنىرىنى چىقىرىپ دىنىي ھۆكۈمدار (پاپا ) لارنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئۇلارغا تاپشۇرۇلغانلىقنى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھوقوقىنىڭ دەخلىسىز ھەم مۇقەددەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىشتى ؛ بۇنداق ئەھۋالدا ، جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنىڭ پاپالار قولىدا ئىكەنلىكى قىل سىغماس ھەقىقەت دەپ قارىلىپ ، پاپالار ۋە پوپلارنىڭ جازانىخور ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە ھەتتا كۆڭلىدە بولسىمۇ گۇمان قىلىشقىمۇ ھېچكىم پىتىنالمىدى . ئەلۋەتتە ، ئىنسانىيەت تارىخى ھامان ئالدىغا قاراپ مېڭىشنى ئۇنۇتمايدۇ ، ھازىرقى ئەھۋال تارىختىكىگە ئوخشىمايدۇ .
ئوتتۇرا ئەسىر پەيلاسوپلىرىنىڭ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق ئىسپاتلىغانلىقى مېنىڭ بۇ ماقالەمنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ . پەلسەپە بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە نازۇك بولغاچقا ، مەن بۇ يەردە ئالاھىدە تەپسىلىي توختىلىپمۇ كەتمەي ، پەقەت بىر قانچە خىل ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي .
تەڭرى مەۋجۇتمۇ ؟ بىز ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىكى پەيلاسوپلارنىڭ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى زادى قانداق ئىسپاتلىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى ، ئاندىن « بىز قانداق ئويلايمىز ؟ » بۇنىمۇ كۆزىتىپ باقايلى . بۇنى قىلىشتىن ئاۋال ، ئەينى چاغدىكى پەيلاسوپلارنىڭ كۆڭلىدە تەڭرى زادى نېمىدىن دىرەك بىرىدۇ ، بۇنى بىلىۋىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ تەڭرىگە بەرگەن تەبىرى « قۇرئان كەرىم » دىكىدىن جىق پەرقلىنىپمۇ كەتمەيدۇ : تەڭرى بولسا « ناھايىتى شەپقەتلىك ، مېھرىبان ….. ئۇلۇغ ، ھەممىگە قادىر ، ھەممىنى بىلگۈچى …. » مۇتلەق ، مۇكەممەل ھەم مۇستەقىل بولغان بىردىنبىر مەۋجۇداتتۇر . پەلسەپە نۇقتىسىدا تۇرغاندا ، بۇ يەردىكى بىر قانچە سۆزنى تىخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ . بۇ يەردىكى « ھەممىگە قادىر » دېگەنلىك « تەڭرىنىڭ قىلالمايدىغان ھېچ ئىشى يوق » دېگەنلىك ؛ « مۇكەممەل » دېمەكلىك « تەڭرى بولسا ئاللىقاچان مۇكەممەللىككە يەتكەن كەم-كۈتىسىز زاتتۇر ، ئۇ ھەر قانداق ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەيدۇ ؛ چۈنكى بىر كەم-كۈتىسىز زات ئۆزگىرىپلا قالسا ، مەيلى ئۇ قايسى نېشانغا قاراپ ئۆزگەرمىسۇن ، بۇ خىل ئۆزگىرىش ھامان كەم-كۈتىسىزلىكتىن يېراقلىشىشقا قاراپ ماڭغان ئۆزگىرىشتۇر ، باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ـــــــــ شۇڭا تەڭرى ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەيدۇ » دېگەنلىك ؛ « مۇستەقىل » دېگەنلىك بولسا « تەڭرى تەبىئەتنىڭ ھەر قانداق قانۇنىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ ، ئىنسانلارنىڭ ئوي-خىيال ، ئىدىسىنىڭ سىرتىدا ئوبىيېكتىپ ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ » دېگەنلىكتۇر . بۇ ئېھتىمال ئەينى چاغدا بەزى كىشىلەرنىڭ « تەڭرى مېنىڭ دىلىمدا » دەيدىغان « سەپسەتىسى » گە رەددىيە بىرىش مەقسىتىدە ئېيتىلغان بولسا كېرەك .
ئەمدى ، بىز تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار بىر قانچە ئىسپاتنى كۆرۈپ ئۆتەيلى . ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە ئېيىتقاندا ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تۆت خىل ئۇسۇلدا ئىسپاتلىنىدۇ ، ئۇلار : ئونتولوگىيىلىك ئىسپاتلاش ، ئالەم نەزەرىيىسى بويىچە ئىسپاتلاش ، مەقسەتچىلىك نەزەرىيىسى بويىچە ئىسپاتلاش ۋە ئەخلاقىي ئىسپاتلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
بىز ئونتولوگىيىلىك ئىسپاتلاشتىن باشلاپ سۆزلەيلى . ئالدى بىلەن « ئونتولوگىيە » دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئېنىقكى ، « ئونتولوگىيە » دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس . سۆز يىلتىزى « ئون » گرېكچە ، ئەمما « ئونتولوگىيە » دېگەن سۆزمۇ گرېكچىمۇ-ئەمەس ، بۇنى ئۇقمىدىم ؛ مېنىڭ ئۇقىدىغىنىم ، « ئونتولوگىيە » دېگەن سۆز ئىنگلىزچىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ، ئۇمۇ گرېكچىدىن ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا كەلگەن . پەلسەپىنىڭ مەۋجۇتلۇققا ئالاقىدار قىسمى ئونتولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ ، يەنى پەلسەپىنىڭ « بۇ دۇنيادا زادى نېمە ھەقىقىي مەۋجۇت ؟ » دېگەن مەسىلىنى تەتقىق قىلىدىغان قىسمى ئونتولوگىيە دەپ ئاتىلىدۇ . ئەمدى تەڭرى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئونتولوگىيىلىك ئىسپاتىغا كەلسەك ، بۇ خىل ئىسپاتنى مىلادىيە 11-ئەسىردە ياشىغان ئەنسېلېم دېگەن كىشى ئوتتۇرىغا قويغان ، گەرچە ئۇ بۇ خىل ئىسپاتلاشنى كۆتۈرۈپ چىققان بىردىنبىر كىشى بولمىسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئىسپاتى ئونتولوگىيىلىك ئىسپاتنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولالايدۇ . « ئونتولوگىيىلىك ئىسپات » دېگەن بۇ ئىسىمنى ئەنسېلېم ئۆزى قويمىغان ، بەلكى كىيىن كانت ئەنسېلېمنىڭ ئىسپاتىغا رەددىيە بىرىش جەريانىدا قوللانغان . ئەنسېلېمنىڭ ئىسپاتى مۇنداق ئېلىپ بىرىلىدۇ : « تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى تەڭرىنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن كەلگەن » ، يەنى تەڭرىنىڭ تەبىرى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىز بۇ خىل ئىسپاتقا ئىنچىكىرەك قاراپ باقايلى . ئەنسېلېم ئېيتتىكى : « تەڭرى بولسا ئىنسانلار ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئەڭ بۈيۈك مەۋجۇداتتۇر .» سىز ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك ، ئەڭ مۇكەممەل ، ئەڭ مېھرىبان ، ھەممىنى بىلىدىغان ، ھەممىگە قادىر مۇتلەق مەۋجۇدات بولسا دەل تەڭرىنىڭ ئۆزى . ئىنسانلار بۇ دۇنيادا ياشاش جەريانىدا ، ھەر قانداق شەيئىنىڭ ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى ، يېتەرلىك گۈزەل ئەمەسلىكىنى ، دىگۈدەك ھەقىقىي ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ ؛ ئەگەر ئىنسانلار ئەڭ ھەقىقىي ، ئەڭ مېھرىبان ، ئەڭ گۈزەل بولىدىغان مۇتلەق مۇكەممەل مەۋجۇداتنى ئويلاپ يېتەلمىگىنىدە ، ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەر قانداق شەيئىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتەلىشىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، بىزنىڭ مەلۇم شەيئىنى « دېگۈدەك مۇكەممەل ئەمەس » ، دەپ ھۆكۈم قىلالىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى ، بىز ئۇنىڭدىنمۇ مۇكەممەلراق بىر مەۋجۇتلۇقنى ئويلاپ يەتتۇق ؛ئوخشاش قائىدە بويىچە : ھازىر بىز « پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەر قانداق شەيئى مۇكەممەل ئەمەس » دەپ ئويلايمىز ، شۇڭلاشقا ، بىز چوقۇم كائىناتنىڭ سىرتىدا بىزنىڭ تەجرىبە دۇنيايىمىزدىن ھالقىغان بىر مۇتلەق ، ھەممىدىن مۇكەممەل ، ھەممىدىن بۈيۈك بىر مەۋجۇداتنى ئويلاۋاتىمىز ، بۇ مەۋجۇداتنىڭ ئۆزى تەڭرى شۇ . ئەنسېلېم دەيدۇكى ، ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىدە مۇشۇنداق بۈيۈك ئەمەلىي گەۋدە ( سۇبستانسىيە ) نى ئويلاپ يېتەلىشى دەل شۇ گەۋدىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتى .
بۇنىڭغا قارىتا ، بەزى كىشىلەر ئېنكار قىلىپ مۇنداق دىيىشتى : « مېنىڭ مۇتلەق گۈزەل ، مۇتلەق ھەقىقىي بولغان گەۋدىنى ئويلاپ يېتەلىشىم ئۇ گەۋدىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىلا ئىسپاتلىيالايدۇ ، ھەرگىزمۇ شۇ گەۋدىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىيەتتە ئوبىيېكتىپ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ . بۇ خۇددى گەرچە مەن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قان ئوتتۇرىسىدىكى بىر مۇكەممەل ئارالنى ئويلاپ يېتەلىسەممۇ ، بىراق ، مېنىڭ ئۇ ئارالنى ئويلاپ يېتەلىشىم بىلەن ئۇ ئارالنىڭ ئەمەلىي مەۋجۇتلۇقى ئىككىسى ئىككى ئىش . » بۇنىڭغا قارىتا ، ئەنسېلېم جاۋاب بىرىپ دېدى : « سىز ‹ ئەڭ بۈيۈك مەۋجۇدات بولغان تەڭرى ئېھتىمال مېنىڭ ئوي-خىيالىم ۋە تەسەۋۇرۇمدىلا مەۋجۇت بولۇشى ، ئەمەلىيەتتە بولسا مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن › دەپ ئويلىغنىڭىزدا ، سىزنىڭ ئويلىغنىڭىز ھەرگىزمۇ تەلەپ قېلىنغىنىدەك ئۇنچىۋالا بۈيۈك ھەم مۇكەممەل گەۋدە ئەمەس ، سىز مۇتلەق بۈيۈكلۈكنى ئويلاپ يېتەلمەپسىز . ‹ مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدىلا ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىيەتتىمۇ ھەقىقىي تۈردە مەۋجۇت › دەپ ئويلىغىنىڭىزدىلا ، ئاندىن سىز مۇتلەق بۈيۈكلۈكنى ئويلاپ يېتەلىگەن بولىسىز . تەسەۋۇرىڭىزدىلا مەۋجۇت بولۇپ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان گەۋدە ھەرگىزمۇ ئەڭ بۈيۈك گەۋدە ھېسابلانمايدۇ . شۇڭلاشقا ، ئەڭ بۈيۈك گەۋدىنى ئويلاۋاتقىنىڭىزدا ، سىزنىڭ ئۇنى ‹ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولماي قالارمۇ ؟ › دەپ تەشۋىشلىنىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس . » چۈشىنىشكە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار بۇ خىلدىكى ئىسپاتنى ئارىستوتېلنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق فورمۇلىسى ( سىللوگىزىم ) بويىچە تۆۋەندىكىدەك يېزىشقا بولىدۇ :
چوڭ ئالدىنقى شەرت : تەڭرى بولسا بىز ئويلاپ يېتەلەيدىغان ئەڭ قۇدرەتلىك ، ئەڭ مېھرىبان ، ئەڭ گۈزەل ، ھەممىگە قادىر ، مۇتلەق ھەقىقىي بولغان ئەڭ بۈيۈك زاتتۇر ؛
كىچىك ئالدىنقى شەرت : « ھەم تەسەۋۇرۇمدا ، ھەم ئەمەلىيەتتە ئوبىيېكتىپ مەۋجۇت » بولغان زات بولسا « پەقەت مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدىلا مەۋجۇت » بولغان زاتتىن بەكرەك قۇدرەتلىك ، بەكرەك مېھرىبان ، بەكرەك گۈزەل ، ھەممىگە بەكرەك قادىر ، بەكرەك ھەقىقىي ؛
يەكۈن : تەڭرى تەسەۋۇرىمىزدا مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئەمەلىيەتتىمۇ ئوبىيېكتىپ ھالدا ھەقىقىي مەۋجۇت .
بۇ دېگىنى ، سىز ئويلاپ يەتكەن تەڭرى ھەم تەسەۋۇرىڭىزدا ، ھەم ئەمەلىيەتتە ئوبىيېكتىپ مەۋجۇت بولغاندىلا ، ئاندىن سىز ئويلاپ يەتكەن تەڭرى ئەڭ بۈيۈك . ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ، سىز ئويلاپ يەتكەن مەۋجۇتلۇق بىز دەسلەپتە تەڭرىگە بەرگەن ئېنىقلىما بىلەن زىت . بۇ يەردە تايىنىلغىنى لوگىكېدىكى « بىردەكلىك قانۇنى » بولۇپ ، تەڭرىنىڭ ئېنىقلىمىسى لوگىكىلىق ھۆكۈمنىڭ باش-ئاخىدا چوقۇم ئوخشاشلىقنى ساقلىشى كېرەك .
بۇ خىل ئىسپات ئالاھەزەل مۇشۇ يەردە ئاياغلىشىدۇ . ئەلۋەتتە ، كىشىلەر بۇ خىل ئىسپاتتىن ئانچە رازى بولمىدى . بولۇپمۇ كانت ، ئۆزىنىڭ « ساپ ئىدراك تەنقىدى » دېگەن بۈيۈك ئەسىرىدە ، « مەن يانچۇقۇمدا 100 يۈەن پۇلنىڭ بارلىقىنى پۈتۈنلەي تەسەۋۇر قىلالايمەن ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ يانچۇقۇمدا ھەقىقەتەنمۇ 100 يۈەن پۇلنىڭ بارلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ » دەپ ئونتولوگىيىلىك ئىسپاتقا قارشى چىقتى . بۇ توغرىسىدا مېنىڭ كۆپ پىكىر بايان قىلىشىممۇ ئەپسىز ، شۇڭا بۇ مەسىلىنىڭ مۇھاكىمە قىسمىنى ئوقۇرمەن دوستلارغا تاپشۇردۇم .
تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىككىنچى خىل ئىسپاتى بولسا ئالەم نەزەرىيىسى بويىچە ئىسپاتلاش . ئوتتۇرا ئەسىردىكى پەيلاسوپلارنىڭ بىرى بولغان توماس ئاكىۋنا مۇشۇ خىلدىكى ئىسپاتنى كۆتۈرۈپ چىقتى . ئۇ دىدىكى ، كائىناتتىكى بارلىق تاسادىپىي مەۋجۇت بولغان شەيئىلەرنى چوقۇم مەلۇم بىر تاسادىپىي بولمىغان ، يەنى مۇقەررەر بولغان مەۋجۇدات كەلتۈرۈپ چىقارغان . بۇ خىل ئىسپاتنىڭ نۇقتىنەزىرى بولسا : « ئالەمدىكى تاسادىپىي ۋە خالىغانچە مەۋجۇت بولغان شەيئىلەرنى پەقەت ۋە پەقەت مۇقەررەر ھەم زۆرۈر بولغان بىر مەۋجۇدات ، يەنى تەڭرىگە تايانغاندىلا ئاندىن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ . » دىيىلىۋاتقان « تاسادىپىي ۋە خالىغانچە مەۋجۇت بولغان شەيئىلەر» بولسا مەۋجۇتلۇقى باشقا بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزىگە شەرت قىلغان شەيئىلەرنى كۆرسىتىدۇ . بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىدۇر . ھەر بىر تاسادىپىي شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقى چوقۇم باشقا بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تايىنىدىكەن ، كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر چوقۇم مەلۇم بىر باشقا شەيئى سەۋەبىدىن مەۋجۇت بولىدۇ ، يەنى ، ھەر بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ چوقۇم مەلۇم بىر سەۋەبى بولىدۇ ، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق بىلىمىنىڭ ئاساسى ، شەيئىلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش جەريانىدىلا ، ئىنسانىيەت ئاندىن بىلىمگە ئېرىشىدۇ . ئاتالمىش « ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ » ، « شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ » دىگەنلەر مۇشۇنى كۆرسەتسە كىرەك . شۇنداق قىلىپ ، بىز سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ سەۋەبىنى چەكسىز ھالدا سۈرۈشتۈرۈپ كەينىگە ياندۇرساق ، بۇ سەۋەب-نەتىجە ھالقىسىنىڭ چوقۇم بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ ( ئەمدى «سەۋەب-نەتىجە ھالقىسىنىڭ چوقۇم بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولىدۇ » دېگەن بۇ ھۆكۆمنىڭ ئاساسى زادى نەدە دېگەن سوئالغا كەلسەك ، ئىنسانلار ئۇنىڭغا جاۋاب بىرەلمەيدۇ ، ئوخشاشلا توماس ئاكىۋنامۇ جاۋاب بىرەلمەيدۇ ، كېيىنكىلەر دەل مۇشۇ يەرنى تۇتۇۋىلىپ ئۇنىڭ ئىسپاتىغا رەددىيە بىرىشتى ) ، بۇ نۇقتىدىكى شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇقى باشقا ھەر قانداق شەيئىگە تايانمايدۇ ، ئەكسىچە ، كائىناتتىكى بارلىق باشقا شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇشۇ نۇقتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تايىنىدۇ ؛ كائىناتتىكى بارلىق باشقا شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇشۇ يەردىن ، يەنى مۇقەرررەر ھەم زۆزۈر بولغان مەۋجۇدىيەت ـــــــــ تەڭرىدىن باشلىنىدۇ . تەڭرىنىڭ ئۆزى بولسا ھېچنىمىگە تايانماي ، بارچىدىن مۇستەقىل ھالدا ئۆز-ئۆزىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ .
تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بۇ خىلدىكى ئىسپاتى « ئالەم نەزەرىيىسى ئىسپاتى » دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى ، بىزنىڭ تاسادىپىيلىقتىن مۇقەررەرلىككە بولغان كەلتۈرۈپ چىقىرىش جەريانىمىز دەل ئالەملىك سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئېلىپ بىرىلغان . بىز « مەن نەدىن كەلگەن ؟ » دېگەن بۇ سوئالنى بىر مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئويلىنىپ باقساق ، ئېھتىمال بۇ خىلدىكى ئىسپاتنى تىخىمۇ ئوبدان چۈشىنەلىشىمىز مۇمكىن .
تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۈچىنچى خىل ئىسپاتى بولسا مەقسەتچىلىك نەزەرىيىسى ئىسپاتى . بۇ خىل ئىسپات ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولۇشى مۇمكىن . مەقسەتچىلىك نەزەرىيىسى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ مۇنداق دەيدۇ : پۈتكۈل كائىنات مەلۇم بىر گارمونىيە ئاساسىدا تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، بۇ خىل گارمونىيە پەقەت ۋە پەقەت مەلۇم بىر پاراسەتلىك ئەقىل ئىگىسىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا لاھىيلەپ ياساپ چىقىشى ئاستىدىلا ئاندىن مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن . ئادەمگە قاراپ باقايلى ، شۇنچە يارىشىملىق قاش-كۆز ، بەدەن ، ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقان روھ … مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىكىدىن پەيدا بولۇپ شەكىللىنەلمەيدۇ ، چوقۇم بىرەر پاراسەتلىك ئەقىل ئىگىسى مەقسەتلىك ھالدا لاھىيلەپ ياساپ چىققان گەپ . ئۇنداقتا كائىناتنى كىم لاھىيلىگەن ؟ ئەلۋەتتە ئەڭ ئۇستا لاھىيلىگۈچى بولغان تەڭرى-دە . ئەمدى بۇ يەردە « گارمونىيىلىك ۋە قانۇنيەتلىك كائىناتنىڭ نېمىشقا چوقۇم بىر لاھىيلىگۈچىسى بولمىسا بولمايدۇ ؟ » دېگەن سوئالنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ .
تەڭرى مەۋجۇتلۇقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى بولسا ئەخلاقىي ئىسپات . بۇ ئىسپاتنىڭ قارىشىچە ، ئەخلاقىي پرىنسىپلار بايان خاراكتىرلىك بولماستىن ، بەلكى ئۆلچەم خاراكتىرلىك . ئۇ كىشىلەرگە شەيئىلەرنىڭ « نېمە » لىكىنى ئېيتىپ بەرمەستىن ، « مۇنداق بولۇشى كېرەك » لىكىنى ئېيتىپ بىرىدۇ . ئەخلاقىي ئۆلچەم-پرىنسىپلار باشقا فىزىكىلىق شەيئىلەرگە ئوخشىمايدۇ ، باشقا فىزىكىلىق شەيئىلەرنى سەزگۈ ئەزا ۋە ئەقىل-ئىدراكقا تايىنىپ بىلىشكە بولىدۇ ، بىراق بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ ئەخلاقىي ئۆلچەم-پرىنسىپلارنى تەجرىبە شەكىلىدە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزەلمەيمىز ، ئۇنى سەزگۈ ئەزاغا تايىنىپ بىلەلمەيمىز . دىمەك ، ئەخلاقىي ئۆلچەم-پرىنسىپلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىلىپ بولمايدۇ . ھالبۇكى ، بىز بىلىمىزكى ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا « توغرا » ، « خاتا » دەيدىغان ئەخلاق ئۆلچەملىرى مەۋجۇت ، « ئەخلاق » نىڭ ئۆزىمۇ مەۋجۇت . ئۇنداقتا بۇ ئەخلاق پرىنسىپلىرى نەدىن كېلىدۇ ؟ پەقەت ۋە پەقەت فىزىكىلىق ماددا دۇنياسىنىڭ سىرتىدا يىگانە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىردىنبىر مۇتلەق مەۋجۇتلۇق ــــــــ تەڭرىدىن كېلىدۇ ، ئەخلاق پرىنسىپلىرى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىن كەلمەيدۇ . چۈنكى ئەخلاق ئۇقۇمى ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى ھە دېسىلا ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ئارزۇ-ھەۋەس ، نەپسگە خىلاپ كېلىدۇ ، ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بەرسە ، ھېچگەپتىن-ھېچگەپ يوق ئۆزىچىلا ئەخلاق پرىنسىپىغا ئىگە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس . شۇڭا ئەخلاق ئۇقۇمى ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭرىدىن كېلىدۇ . بۇ خىلدىكى ئىسپاتتىن شۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇكى ، ئاتېئىزمچىلار ( خۇداسىزلار ) نىڭ ئەخلاقلىق بولالىشى مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس . بىراق ئېنىقكى ، ئەخلاق تېئىزمچىلار ( دىنغا ئىشەنگۈچىلەر ) غىلا مەنسۇپ بولماستن ، بەلكى ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەنسۇپ . شۇڭا بۇ خىلدىكى ئىسپاتمۇ ئاسانلا رەت قىلىنىشقا ئۇچرىشى مۇمكىن .
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەنلىرىم ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەقىل- ئىدراكىغا تايىنىپ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر قانچە مىسال ، كىشىنى قايىل قىلامدۇ-يوق ، بۇنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېگىنى ھېساب . ئەلۋەتتە ، نۇرغۇن كىشىلەر تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىسپاتلاشقا قارشى تۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى تەڭرىگە شەك كەلتۈرگەن بىلەن باراۋەر بولۇپ ، بۇ كەچۈرگىسىز گۇناھتۇر . بۇنى مۇشۇ يەردە توختىتاي .
نىھايەت ، پەيلاسوپلار ئەزەلدىن قاپ يۈرەك كېلىدۇ . ئىممەنىيۇئىل كانت تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنمىدى ، بەلكى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بارلىق ئىسپاتىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇندى ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، دەرۋەقە يوققا چىقاردى . ئېھتىمال ، كانت ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى « ساپ ئىدراك تەنقىدى » دېگەن ئەسىرىدە ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەقلىي-ئىدراكىي ئىسپاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇمكىنچىلىكىنىمۇ يوققا چىقارغىنىدا ، ئىككىلى تەرەپتىكىلەر ، ئاتېئىزمچىلار ۋە تېئىزمچىلار كۆڭلىدە شادلانغان بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى كانتنىڭ قارىشىچە ، تەڭرىگە دائىر ئەقلى ئىسپاتلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن جاڭجاللىشىپ يۈرۈشى پۈتۈنلەي بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىدى . چۈنكى تەڭرىگە ئالاقىدار ھەر قانداق بىلىم پۈتۈنلەي ئىنسانلارنىڭ بىلىش دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ ، تەڭرىنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى ئىنسانلارنىڭ بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . دائىرسى ئىنسانلارنىڭ تەجرىبە دائىرسىدىن ھالقىپ كەتكەن ھالدا ئىشلىتىلگەن ئەقلىي تەپەككۇرغا تايىنىپ ئېرىشىلگەن ھەر قانداق ھۆكۈمنىڭ ھەر ۋاقىت ئوخشاشلا ئەقلىي تەپەككۇرغا تايىنىپ ئېرىشىلگەن قارىمۇ-قارشى ھككۈمىنى تېپىشقا بولاتتى . يەنى ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەقلى-ئىدراكىي تەپەككۇرىغا تايىنىپ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتمىگەن ، شۇنداقلا مەڭگۈ بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن بولمايدىغان شەيئىلەر توغرىسىدا خۇلاسە چىقىرىشقىنىدا ، ئۇلار ئوخشاش بىر شەيئى توغرىسىدا پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى بولغان ئىككى خىل ھۆكۈمگە ئېرىشىپ زىددىيەتكە پېتىپ قالاتتى . بۇ خىلدىكى شەيئىلەر تەڭرىدىن باشقا يەنە روھ ، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ، ئالەمنىڭ باشلىنىشى ، مۇتلەق ئەركىنلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . تەڭرى ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ بېشىدىن ئۆتمىگەن شۇنىڭلىق بىلەن تەجرىبىسىگىمۇ ئايلانمىغان ، شۇنداقلا ھەر قانداق كىشىنىڭ تەجرىبىسىگە ئايلىنىشىمۇ مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغان بولغاچقا ، ئەقلى تەپەككۇرغا تايىنىپ ئېرىشىلگەن تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر ئىسپات بار يەردە ، چوقۇم تەڭرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە دائىر ئىسپاتمۇ بار ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرى بىلەن تالاش تارتىش قىلىشى مۇمكىن ، بىراق ئۇلار ھەممىسى ئۆزى بىلمەيدىغان نەرسە ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ ، ھەم ئەزەلدىن بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە قايىل بولمايدۇ . شۇڭا كانتنىڭ قارىشىچە ، تەڭرىگە ئالاقىدار ئىسپات ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان دە-تالاشلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە خالاس . تەڭرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىز بىلەلمەيمىز ، بىراق ئەخلاق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلغاندا ، تەڭرىنى « بار » دەپ تۇرۇشمۇ بىر خىل زۆرۈرىيەت بولۇشى مۇمكىن ، بىراق بۇ خىل پەرەز بىلەن « تەڭرى ھەقىقەتەنمۇ باركەن » دەپ كىسىپ ئېيتىش پۈتۈنلەي باشقا-باشقا ئىككى ئىش .
كېيىن كانت ئۆزىنىڭ « ساپ ئىدراك دائىرسىدىكى دىن » دېگەن كىتابىدا بۇ توغرىسىدا كەڭرى پىكىر يۈرگۈزدى . كانتنىڭ قارىشىچە ، ئەخلاق دىندىن كېلىپ چىقمايدۇ ، بەلكى دىن ئەخلاقتىن كېلىپ چىقىدۇ . ئىنسانلارنىڭ ئىنسان بولۇش سۈپىتىدىكى ساپ ئىدراكى ۋە ئەركىن ئىرادىسى ئىنسانلارغا ئۇلار شەرتسىز بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان ئەخلاق پرىنسىپى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، بۇ ئىنسانلارنى ئىنسان قىلىدىغان تۈپ ماھىيىتى . بىراق ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھايۋانىيلىقىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقىدىن ، ئاچكۆزلۈك ، نەپسانىيەتچىلىك ، شەخسىيەتچىلىك ، ھۇرۇنلۇق ، ئاجىزلىق دېگەنلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ بولالمىغان . دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ماھىيىتى ئۇلارغا بۇيرۇق قىلغان ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا ئۆزلۈكىدىن رىئايە قىلالمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەممىگە قادىر بولغان تەڭرىنى ئۆزىگە تىكلەپ ، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى نازارەتچىسى ۋە دەۋەتچسى قىلىۋالىدۇ . يەنە كېلىپ ، بۇ تەڭرى ھەممىگە قادىر ، ھەممىدىن مېھرىبان ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك ، چۈنكى ئىنسانلار رەزىللىكنىڭ ھەممىگە قادىر بىر مەۋجۇدات تەرىپىدىن جازالىنىشىنى ، ئۆزى ئۆزىنىڭ ھايۋانىيلىقىدىن قۇتۇلالماي ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىنىڭ ھەممىدىن مېھرىبان بىر مەۋجۇدات تەرىپىدىن كەچۈرۈمگە ئېرىشىشىنى ، ئۆزى قىلغان ياخشىلىقلارنىڭ بولسا ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان بىر مەۋجۇدات تەرىپىدىن بىلىنىپ ، مۇكاپاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئنسانلارنىڭ ھايۋانىيلىقتىن قۇتۇلغان ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ياخشىلىق ، گۈزەللىك ۋە ھەقىقەتكە مايىل بولغانلىقتىن ۋە ھەر ۋاقىت مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ھەمدە مۇكەممەل بولغان ياخشىلىق ، گۈزەللىك ۋە ھەقىقەتكە بۇ دۇنيادا ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن ، مۇكەممەل ھەم مۇتلەق بولغان ياخشىلىق ، گۈزەللىك ۋە ھەقىقەت دېگەندەك سۈپەتلەرنى تەڭرىگە يۈكلەپ ، ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن شۇلارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . دىمەك ، تەڭرىنىڭ بارلىق گۈزەل سۈپەتلىرى پەقەت ۋە پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەس ، ئىنتىلىشلىرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، تەڭرى ئىنسانلارنى ئەمەس ، بەلكى ئىنسانلار تەڭرىنى ياراتتى . كانتنىڭ بۇ بايانلىرىنى كۆرۈپ ، ئادەمنىڭ شۇنداق دېگۈسى كېلىدۇ : « تەڭرى بولسا ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقى ، قورقۇنچاقلىقى ،رەزىللىكى ، ئاچكۆزلۈكى ، تەمەخورلۇقى شۇنداقلا ھۇرۇنلۇقىنىڭ مەھسۇلى . »
ئەمدى ماركىسقا كەلسەك ، ئۇ دىننىڭ « ئىنسان ماھىيىتىنىڭ ئۆزىدىن ياتلىشىشىنىڭ نەتىجىسى » دېگەننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ بۇ خىل ياتلىشىشنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىدى . ماركىسنىڭ دىن توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلغاندا ، ئۇنىڭ « دىن بولسا خەلقنىڭ ئەپيۈنى » دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتسەك ھازىرچە يېتەرلىك . گەرچە كۆپچىلىكىمىز ئەپيۈن چېكىپ باقمىغان بولساقمۇ ، ئەپيۈننىڭ ئادەم بەدىنىگە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋەردار . ئالدى بىلەن ، ئەپيۇن قىسقا مەزگىلدە ئەدەمنى مەست قىلىپ ، ھۇزۇرلاندۇرىدۇ ، رېئاللىقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزدۈرۈپ ، ئادەمنى « مەڭگۈلۈك » بەخت ئىچىدە ئەللەيلەيدۇ . ئارقىدىن ، ئۇنىڭ زەھىرى ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ ، ئۇزۇن مەزگىل ئەپيۈن چېكىش بەدەنگە ئىنتايىن زىيانلىق . كىشىلەر نېمىشقا ئۇ دۇنيادىكى بەختكە شۇنچە ئىنتىلىدۇ ؟ چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ھايات ئۇنچە بەختلىك ئەمەس ؛ بەخىتلىك بولمايلا قالماستىن ، بەلكى ئازاپ ئوقۇبەتكە تولغان . كىشىلەر دىنغا ئېتقاد قىلىش جەريانىدا ، ئۆزى ياشاۋاتقان رېئال دۇنيادىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈپ ، ئۇ دۇنياغا بولغان ئۈمىد ئىچىدە جەننەتكە كېرىشنى ساقلاپ ئۆتۈشى مۇمكىن . بۇ ھالدا ، ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى ياخشىلاشنى ، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ غورۇرى بىلەن بۇ دۇنيادا ياشاشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەسلىكى مۇمكىن ، چۈنكى ئۇلارنىڭ غورۇرى دەل ئۇلارنىڭ ئېتقادىدا ، ئۇ دۇنيادا ، جەننەتتە .
مانا بۇلار مېنىڭ دىن ۋە پەلسەپە توغرىسىدىكى قىسقىچە بايانلىرىم . پەيلاسوپلارنىڭ ئىديسىنى پۈتۈنلەي توغرا بايان قىلدىم ، دەپ ئېيتالمايمەن ، ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ مېنىڭ بايانلىرىمىنى ياقتۇرۇش-ياقتۇرماسلىقىغىمۇ بىر نېمە دىيەلمەيمەن . بىراق ، مەيلى بىز قانداقلا ئويلىمايلى ، چوقۇم ئاتېئىزمنى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى بويىچە ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىشىمىز كېرەك ، چۈنكى « ماركىسىزملىق ئاتېئىزم تەربىيىسى » بىز كېچىكىمىزدىن باشلاپلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ئۇقۇمدۇر ، ماركىسمۇ ئەينى چاغدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى توغرىسىدا بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىشنى ئۆزىگە نېشان قىلغان .
ئاپتورى : مەمتىمىن