ئۇنۋېرىستىتقا كىرگەندىن بۇيان
ئۇنۋېرىستىىتقا كىرگەندىن بۇيان ،
نى گۈزەل ئازۇلىرىم يوقالدى قايان.
ۋاقتىمنى ئۆتكۈزدۈم ئەزمىلىك بىلەن،
ئەمەسمىدى ئوقۇشۇم گۈزەل بىر جەريان.
كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ چىقمىسام تورغا،
چىقتىممۇ ئۆتىدۇ ۋاقتىم بىكارغا.
شۇ كوت-كوتتا كوت-كوت قىلىشىپ،
يېتىمەن دېيىش مۇمكىنمۇ بۈيۈك ئارزۇغا.
قانداق يەركىن دەپتىمەن ktvدېسە،
ھەيرانلىقتا ئويناپتىمەن پۈتۈن بىر كېچە.
ۋقتىمنى تېگىشىپ ۋال_ۋۇل چىراغقا،
ياشلىقىم خازان بولمامدۇ مۇشۇنداق ئۆتسە.
ئۈچ-تۆتەيلەن بىر بۇلۇپ قۇرۇپ بەزمىنى ،
بىلمەيلا ئىچىپتىمەن ئۈچ-تۆت روكىنى .
ۋىجدانىمنى سېسىتپ ئاشۇ ھاراقتا،
بۇلغاپتىمەن ئوقۇغۇچىلىق نامىمنى.
ئېچىنىمەن ئۆتكەن ۋاقتىمغا ،
يۈز كېلەلەمدىن يېگەن ئىچكەنگە.
ئۆتسە ئۆمرۈم سۇدەك مۇشۇنداق ،
ھامىنى قالمامدىم پۇشايمان دەرتكە.
ئەمدى يول قويمايمەن بۇنداق ياشاشقا ،
ئۈمىد بىلەن باقىمەن گۈزەل تۇرمۇشقا .
غەيرەتنى مەقسەتكە قانات رول قىلىپ ،
يول ئالىمەن ئەتىكى پارلاق ھاياتقا.