«مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك »
«مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك »
مايۈننىڭ ئگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە بەرگەن 24سائەتلىك دەرسى
نېمە ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمدىن ئايرىمايدىغان سۆزۈم «مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك »؟چۈنكى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ زور مەغلۇبىيەت ۋاز كېچىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ئوڭۇشىسىزلىقلارغا تولغان بولىدۇ ،پەقەت مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇل تېشى.
كىرىش سۆز
بۈگۈنكى مايۈن ئاللىقاچان ھەممە بىلىدىغان كارخانىچى ۋە ئىسىمى جىسمىغا لايىق «ئىگىلىك تىكلەش پىشۋاسى». شۇنداقلا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ قوغلىشىش نىشانى ھەم ئۈلگىسى.
مايۈن كېلىشكەن ئەمەس ،ھەم باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان پاراسەتكىمۇ ئىگە ئەمەس،ئۈچ قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك ئۇنى ناھايىتى كۆپ قايغۇغا مۇپتىلا قىلغان ئىدى، لېكىن مانا مۇشۇنداق ئادەم جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئېلىكترون سودا ئىشلىرى مۇستەملىكىسى ــــ ئەلى با با نىڭ قۇرغۇچىسى.بۇ پەقەتلا ئەلى بابا نىڭ رىۋايىتى ئەمەس ، مايۈننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمۇ گۈزەل بىر رىۋايەت.
مايۈننىڭ ئوخشىمىغان سورۇنلاردىكى نۇتۇقلىرى قىزغىن ،يۇمۇرلۇق ، قىزىق سۆز جۈملىلىرى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پەيدا بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارغا جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلىپلا قالماستىن ،بىلىم ۋە ئىلھام ئاتا قىلىدۇ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن سۆزسىز ئەسقاتىدۇ،ئۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە :مۇۋەپپەقىيەتنىڭ چوقۇم تەجرىبىگە ئىگە بولدىغانلىقىنى، مەغلۇبىيەتنىڭ چوقۇم ساۋاققا ئىگە بولدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
بۇ تەجرىبە ساۋاقلار كارخانىچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى گەپ –سۆزلىرى ئىچىدە.
ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر دائىم كارخانىچىلارنىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جاسارىتىدىن خۇرسىنىدۇ، شۇنداقلا دائىم پۇرسەتنى تۇتالماسلىق سەۋەبىدىن چۈشكۈنلىشىدۇ، ھەتتا ئۆىنىڭ نەس باسقان بىر ئادەملىكىدىن ئاھ ئۇرىدۇ. داڭلىق ھەيكەلتاراش رودان مۇنداق دەپ ئېيتقان :«بۇ دۇنيادا گۈزەللىك كەم ئەمەس، كەم بولغىنى گۈزەللىكنى بايقايدىغان كۆز». ئەمەلىيەتتە ، پۇرسەت سىزنىڭ يېنىڭىزدا ،ئۇنىڭ كېلىشىمۇ تېز كېتىشىمۇ تېز بولىدۇ،دەل ۋاقتىدا ئۇنى تۇتىۋالالامسىز يوق،مايۈن بۇ كىتابتا دەل مۇشۇنى چىقىش نۇقتا قىلدى، بولۇپمۇ دەسلەپكى ئىگىلىك تىكىلىگۈچىلەر نىسبەتەن نىسبەتەن تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە.
فىزىكا ئالىمى نىيۇتۇننىڭ مۇنداق بىر گېپى بار:«ئەگەر مەن باشقىلاردىن يىراقنى كۆرەلىدىم دىيىلسە ،ئۇنداقتا مەن گىگانت ئادەمنىڭ مۈرىسىدە تۇرغان بولىمەن». ھەقىقەتەن دۇنيادا تالانتلىقلار ئىنتايىن ئاز ، ھەقىقىي تالانتلىقلار ھامىنى گىگات ئادەمنىڭ مۈرىسىدە تۇرۇپ، نۇرغۇن بىلىم ،ئىقتىدار قوبۇل قىلىش ئارقىلىق تاۋلىنىپ چىققان . جۇڭگودىكى سانسىزلىغان يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە كىلاسسىك ھېكايىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش ، شۈبھىسىزكى ئۇلارنىمۇ جۇڭگو سودا ساھەسىدىكى گىگانتلارنىڭ مۈرىسىدە تۇرۇپ تېخىمۇ يىراقنى ، تېخمۇ ئۇزۇننى كۆرگۈزىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ ئاپروى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، مېنىڭ ۋەزىپەم ھەقىقەتنى ، ئەمەمەليەتنى ئىزدەپ، مايۈننىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئەينەن ئىپادىلەپ چىقىشقا تىرىشتىم، ئوقۇرمەن ئورنىدا تەپەككۇر قىلىشتىن ساقلاندىم. ئەمەلىيەتتە، مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش سىرلىق چۈمبىلى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە بەرگەن تەسىرى ۋە مۇلاھىزلىرى، ھەتتا ئۇنىڭ ھاياتى ، تەلىم-تەربىيە ،نەسىھەتلىرىنىڭ ھەممسى ئوقۇرمەنلەرنى مايۈننىڭ دۇنياسىغا كىرىشكە ئالدىرىتىدۇ، ھالبۇكى بۇ كىتاب ياشلىرىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى .
بۇ كىتاب نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ ، مايۈننىڭ كىلاسسىك نەقىللىرىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ ،مېغىزلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ، ئۆزى ۋە سودا ئىشلىرىدىكى ئەمەلىي مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈدى. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئاچقۇچلۇق مەسلىلەر، مەسلەن :ئىگىلىك تىكلەش روھى ، بازار مىخانىزىمى، بازار ئىستىراتىگىيىسى ، بازار ماركىتىڭى، كارخانا مەدەنىيىتى، رەھبەرلىك قىلىش كۈچى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تاكتىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە 24سائەت ئىگىلىك تىكلەش دەرسى ئۆتۈپ ، مەيلى مەزمۇن شەكىل جەھەتتىن بولسۇن يېڭىلىق تۇيغۇسى بەخىش ئېتىپ، سىزنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ قۇرۇلمىسى مۇۋپىق ، مەزمۇنى ئاددىي ، سۆز جۇملىلىرى راۋان ،مىساللار كۆپ بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىق قوللىنشچانلىق ئالاھىدىلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. ئىگىلىك تىكلەشنى ئىرادە قىلغان ، ھەم ئىگىلىك تىكلەپ بولغان ياشلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ جۇڭگودىكى سانسىزلىغان ئىگىلىك تىكلەش سەپىرىگە ئاتلانغان ياشلار ئۈچۈن جانلىق ئىگىلىك تىكلەش ماتېريالى بولالىشىنى ، ئاللىقاچان تىجارەت باشقۇرۇش يولىغا ماڭغان دېرىكتورلار ئۈچۈن باشقۇرۇش ئىلمى لۇغىتى، باشقا كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بىلىم ، ئىدىيە ، پەلسەپە ، ئىشەنچ دەرسى بولۇشىنى ئۈمىدى قىلىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەرگە بىر جۈملە سوۋغا قىلاي:«مۇقەددەس ئەسەرلەر ئەزەلدىن ئىخلاس بىلەن چۈشىنىپ ئوقۇش ئارقىلىقلا بايلىققا بايلىنىدۇ. ئىجادىيەتمۇ شۇنداق ،ئوقۇشمۇ ھەم شۇنداق».
كىتابتىكى ماقالىلەر داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا داۋاملىق تورغا يوللىنىپ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدىن : بىلنۇر تەرجىمىسى
رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.