سۈبھى تور ژۇرنىلى 4-ساننى كۆرۈشكە ئالدىراڭ!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ژۇرنىلىمىزنىڭ سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرى. ژۇرنىلىمىز 4-سانى ئاخىر سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. تۆت سان ژۇرنال نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى، تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشى بىلەن، ساندىن-سانغا سۈپەت جەھەتتىن ياخشىلىنىپ، مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىنى قولغا كەلتۈردى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى يېقىندىن قوللاپ ياردەم بەرگەن ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ،بىزنى ئەسەر بىلەن تەمىنلىگەن ئاپتورلارغا ئالاھىدە تەشەككۈر بىلدۈرىمىز .بىز مەنىۋىي جەھەتتىكى تەشەككۈر بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ماددىي جەھەتتىنمۇ بۇ ساندىن باشلاپ ئالدىنقى ئايلىق ژۇرنالدىكى ئەسەرلەرگە قارىتا مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارىمىز. كونكىرىت مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە:
1. ئالدى بىلەن ژۇرنىلىمىز تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئون كىشىلىك باھالاش گۇرۇپپىسى ھەر بىر سان ژۇرنالغا ئۈچ پارچە ئەسەرنى نامزات قىلىپ كۆرسىتىدۇ،ئەسەرلەر تىزىملىكى ژۇرنالدا ۋە ئۇيغۇر ستۇدېنتلار مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ. ۋە بۇ ئەسەرلەرگە قارىتا مۇنبەردە،ئۈندىدار سۇپىسىدا بېلەت تاشلاش بېرىلىدۇ.
2.كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلاردىن بىر ياكى ئىككىسى تەكلىپ قىلىنىپ ئەسەرلەر ئۇلارنىڭ باھالىشىغا سۇنىلىدۇ.
3.ئاخىرىدا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرگە قويغان نۇمۇرىنىڭ 60پىرسەنتى، بېلەت تاشلاش نەتىجىسنىڭ 40پىرسەنتى ئېلىنىپ، ئومۇمىي نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ.
4.مۇكاپاتلاش ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1-دەرىجىگە بىر پارچە ،2-دەرىجىگە 2پارچە، 3-دەرىجىگە 1پارچە ئەسەر تاللاپ چىقىلىدۇ.
5.مۇكاپات بۇيۇمى: 1-دەرىجىلىك ئەسەرگە 50يۈەن ئەتراپىدىكى كىتاب ياكى 50يۈەن سۆزلىشىش ھەققى، 2-دەرىجىلىك ئەسەرگە 25يۈەن ئەتراپىدىكى كىتاب ياكى 25يۈەن سۆزلىشىش ھەققى، 3-دەرىجىلىك ئەسەرگە 20يۈەن سۆزلىشىش ھەققى سوۋغات قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىم 1-ساندىن 4-سانغىچە بولغان ئەسەرلەردىن 5پارچە تاللىنىپ مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. نەتىجىسى 5-ساندا ئېلان قىلىنىدۇ.
ئەگەر ژۇرنىلىمىزنى ماددىي جەھەتتىن قوللاشنى خالايدىغانلار بولسا، مۇكاپات سوممىسى ۋە ئەسەرلەرنىڭ سانى كۆپەيتىلىدۇ.
بۇ سان مۇھەرىرلىرى: ئابدۇسەمەد ئابدۇخالىق ، ئابلىز ئەخمەت.
رەخمەت .مەن بەك ياقتۇرمەن