ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ

ۋاقتى 2012-01-24 16:44 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 1 قېتىم

ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ،شۇنداقلا بىزنىڭ يۈرگۈنىمىزگە دەلمۇ-دەل بىر يىل بولغان كۈن.دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقامىكىن ۋاققىچىلىك ئورنۇمدىن تۇرمىدىم.خىيال قۇشلىرىم ئىككەيلەن بىرگە ئۆتكەن ئاشۇ گۈزەل دەقىقىلەرگە قايتقانىدى،نېمىشقا كىن سەن كۆز ئالدىمدىن كەتمەيۋاتاتتڭ،كەلگۈسىمىز ،مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى توغرىسىدا قىلىشقان بەس مۇنازىرىلىرىمىنى ئويلاپ كۆڭلۈم تەسۋىرلىگۈچىسىز شادلىققا تولدى.نېمىدىگەن ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن كۈنلەر ھە!
تۇيۇقسىز ئەڭ مۇھىم ئىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم دە-،دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىشنىڭ تەرەدۇتىنى قىلدىم.ھايال بولمايلا تەييارلىقىمنى پۈتكۈزۈپ ياتاقتىن چىقتىم،ئەمدىكى خىيالىم ئۇنىڭ ئەتىكى تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن نېمە سوۋغا ئېلىشتا قالدى.تەگسىز خىياللار ئېلىكىدە مەكتەپ تۈرلۈك ماللار ماگزىنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغىنىمنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن،نېمە ئالسام بۇلار دىگەن ئوي ئىچىدە تۈرلۈك ماللار ماگزىنىڭ ئىچىگە كىردىم،نېمىشقىكىن نېمە سوۋغا ئېلىش كېرەكلىكنى ئوقالماي قالدىم ،ھەش-پەش دېگۈچە يېگگىرمە نەچچە ئېغىزلىق دۇكاننىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك كىرىپ بوپتىمەن.تۇيۇقسىز كۆزۈم بازارنىڭ بۇلۇڭىدىكى سوۋغات بۇيۇملىرى دۇكىنىغا چۈشتى،قەدەملىرىمنى شۇ تەرەپكە قاراپ يۆتكىدىم،بېزىلىشىمۇ باشقا دۇكانلارغا قارىغاندا ئېسىل بولغان بۇ دۇكاندا ھەقىقەتەن كۆزنى قاماشتۇردىغان ئېسىل سوۋغات بۇيۇملىرى تېزىلغانىدى،ئادەم بىلەن بوي تالىشىپ تۇردىغان ھەرخىل ئېسىل قونچاقلار ،خىلمۇ-خىل ئېلىكتۇرۇنلۇق مۇزىكا قۇتىلرى ئادەمىنى ئۆزىگە جەلىب قىلاتتى. بۇرۇنمۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ قىز دوستلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مۇشۇ ماگزىندىن نەچچە يۈز سوملۇق ئېسىل قونچاقلارنى سوۋغا قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم،ئۇ ۋاقىتتا نەچچە يۈز سومغىمۇ ئاشۇنداق ئەرزىمەس قونچاقلارنى سېتۋالامدىغاندۇ ؟دەپ مەنسىتمىگەنىدىم ،بۈگۈن مەنمۇ ئاشۇندق سوۋغات ئېلىش ئۈچۈن تۇرغىنىمدىن كۆڭل- ۈم باشقىچىلا بۇلۇپ قالدى.نېمىشقىكىن مۇشۇنداق ئېسىل ماگزىننىڭ ئىچىدىكى سوۋغات بۇيۇملىرىنىڭ بىرىمۇ كۆڭلۈمگە ياقمىدى،ئۈن-تىنسىز دۇكان سىر تىغا قاراپ ماڭدىم. تۇيۇقسىز يادىمغا بىر ئوي كەلدى دە-،قەدەملىرىمنى يەنە تىزلىتىپ مەكتەپ سىرتىغا قاراپ ماڭدىم تېزلا مەكتەپنىڭ يېنىدىكى ئىنتىلىش كىتاپخانىسىغا يېتىپ كەلدىم.كىتاب ئوقۇشقا ئامراقلىقىمدىنمىكىن كىتاپخانا ئىچىگە كىرىپ ئالدى بىلەن كىتابلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم،بىرەر قۇر كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن يېقىندىلا نەشىردىن چىققان ‹باھادىرنامە›ناملىق تارىخى روماننى قولۇمغا ئالدىم .قۇلۇمغا ئېلىپ بىر ھازا ئۆرۈپ چۆرۈپ كۆرگەندىن كېيىن بىر يەرلىرىم بۇ كىتابنى ئىلىشقا ئۈندەشكە باشلىدى ،بۇنى ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى سۈپىتىدە بەرسەم ئۇ ياقتۇرماي قالسا قانداقمۇ قىلارمەن دېگەنلەرنى ئويلىغاچ كىتابنى سېتىۋىلىپ چىرايلىق ئورالغان قەغەز ساندۇققا سېلىپ ياتاققا قايتتىم.
چۈش ۋاقتى بۇلۇپ قالغاچقىمىكىن ياتاقداشلىرىم ھەممسى تاماققا چىقىشقا تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ،ياتاققا كىرىشىم-گە چىرايلىق ئورالغان قەغەز ساندۇقنى كۆرۈپ ھەممىسى تەڭلا قانداق سوۋغاتلىقىنى سوراشقا باشلىدى ،مەن نەرسىلەرنى قۇ-يۇپ بۇلۇپ دېگۈچە ئۇلار بەس-بەستە پەرەزلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا باشلىدى،ئۇلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ھازىرقى ياشلىرىمىز ئارىسىدا مودا بولىۋاتقان ھەرەڭ-سەرەڭ سوۋغات بۇيۇملىرى ئىدى.مەنمۇ ئۇ لارنىڭ قانداق سوۋغات ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تەقەززابولۋاتقانلىقىنى كۆرۈرۈپ يېڭى نەشىردىن چىققان ‹باھادىرنامە›ناملىق تارىخى رومانلىقىنى ئېيتتىم.ياتاق ئىچى شۇئان جىمجىتلىققا چۆمدى ،بۇنداق جىمجىتلىققا چىدىمىدىمىكىن بىر ساۋاقدىشىم مەنسىتمىگەن تەلەپپۇزدا‹ھەي…كىتاب سارىڭى ھازىر دېگەن قانداق چاغ كىم سۆيگۈنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە كىتاب سوۋغا قىلىدۇ ›دەۋەتتى .باشقىلارمۇ ئۇنىڭ بۇ نېمە قىلغىنى دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشىپ غۇدىراشقىلى تۇردى.
لېكىن مەن ئۇلارغا بىر ئېغىزمۇ ئىنكاس قايتۇرمىدىم.ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمايلا ئشىكنى گۈپپدە ياپتىم دە-،سىرتقا قاراپ مەڭدىم.نەدىندۇر بىر خىل بىر خىل ساداكېلىپ ‹ سېنىڭ سوۋغىتىڭ ئەڭ قىممەتلىك سوغات!›دەۋاتاتتى.
ئۆز

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئەمدى 1 ئىنكاس چۈشۈپتۇ

  1. بىلنۇر مۇنداق دىدى:

    تۇنجى قېتىم ھېكايە ژانىرىدا قەلەم تەۋرىتىشىم ،قالماشمىغان يەرلىرى بولسا يول كۆرستەسىلەر!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap