ئەخلاق ھەققىدە تەرمىلەر
1 . ھەقىقى ئەقىدە نىمىلەرنى قىلىش ، نىمىلەرنى قىلماسلىقنى ئوبدان بىلىشتۇر .
2 . ۋىجدان ئادەم قەلبىدىكى سودىيە .
3 . سىز گۇناھقا ئادەتلىنىپ قالغاندا ، ئۇ مېھماندىن خوجايىنغا ئايلىنىدۇ .
4 . باشقىلارغا غەزەپلىنىش ھامان قەلبنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر .
5 . دۇنيادىكى ئەڭ يامان ئىچىملىك يۇتۇۋېتىلگەن يامان سۆزدۇر .
6 . ھاكاۋۇرلۇق ھەممىنى چەتكە قاقىدىغان مىجەزدۇر .
7 . قوپال تەربىيە كۆرمىگەن ئادەملەر زورلۇققا مۇراجەت قىلىدۇ .
8 . ئۆزىڭىزنىڭ ياخشىلىققا يۈزلەنگەن تەبىئى تالانتىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرۇڭ .
9 . بىزنىڭ بىر خىللا مايىللىققا پېتىپ قالماسلىقىمىزدىكى سەۋەب ، باشقا يامان ئادەتلەرنىڭمۇ بولغانلىقىدۇر .
10 . سۈكۈت قىلىش _ ئىشەنچىسى يېتەرسىزلەرنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى
11. سۈكۈت قىلىشقا قارىغاندا ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئازاپلىرىنى سۆزلەشكە بەكرەك خۇشتار .
12 . ھورۇنلۇق بارلىق نۇقسانلىرىمىز ئىچىدىكى بىز ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ۋە خاتىرجەم بىللە تۇرالايدىغان نەرسە .
13 . ھەسەتخورلۇقنى تۈگەتمەك ، ئۆچمەنلىكنى تۈگەتمەكتىنمۇ قىيىن .
14 . گۈزەل ئەخلاقلىق دىگەن نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەقىقى گۈزەل ئەخلاقلىق ئادەم بولۇش كېرەك .
15 .تەربىيىلەشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىدى قائىدە – غەرەز ئۇقىدىغانلارنى يېتىلدۈرۈش بولۇشى كېرەك .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەقىقەتەن ياخشى ھېكمەتلەركەن.
ھەقىقەتەن ئېسىل تەرمىلەر ئىكەن!