يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى

ۋاقتى 2012-08-10 07:16 | كىلىش مەنبەسى: | ئوقۇلۇشى 1,504 قېتىم

يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى ئەھمەد خاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، 1490 -يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا، دادىسى بىلەن بىللە تاغىسى مەھمۇد خاننىڭ ئۆزبېك خانى شاي بانىخانغا قارشى تۇرشىغا ياردام بېرىش ئۇرۇشىدا يىڭىلىپ قالدى. شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بولۇپ قاچقاندا، سۇلتان سەئىدخان ئوق تېگىپ ئەسىرگە چۈشتى ۋە زىندانغا تاشلاندى . بىر يىلدىن كىيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بەردى ،ئۇ شايبانىخانغا ئەگىشىپ سەمەرقەندكىچە ئۇرۇش قىلىپ باردى. كىيىن شايبانىخان لەشكەر تاتىپ -خارازىمگە كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاغىسى مەھمۇد خاننىڭ يىنىغا قىچىپ باردى . ئۇ ئازغىنە كۈندىن كىيىن تاغىسىنىڭ [يارامسىز ، ئەلنى ئىدارە قىلىشنى بىلمەيدىغان ، دۆلەتنىڭ غىمىنى يىمەيدىغان]پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرەر چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ تاغىسىنى تاشلاپ ، قىرغىزلار رايۇنىغا كىتىپ قالدى ، قىرغىزلار ئۇنى ھىمايە قىلىپ ، ئۆزىگە سەردار قىلىپ-تىكلىدى . بۇ مەزگىلدە مەھمۇدخان بىلەن سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان ئۇنىڭغا دائىم ھۇجۇم قىلىپ تۇردى ، ئۇمۇ ئۇلارغا قايتۇرما زەربە بىرىپ تۇردى ، بۇ ئىشلاردا بەزىدە يەڭسە ، بەزىدە يىڭىلدى . 1508 -يىلى سەئىدخان مەھمۇد خانغا ھۇجۇم قىلدى ، مەھمۇدخان شايبانىخان تەرەپكە قىچىپ بارغاندا ، شايبانىخان تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلدى . شۇ پەيىتتە ، مەنسۇرخان لەشكەرتارتىپ سەئىدخانغا ھۇجۇم قىلدى . ئاكا -ئۇكا ئىككىسى ئالمۇتا دالاسىدا قاتتىق ئۇرۇشتى ، مەنسۇرخان ئۇرۇشتا يەڭدى ، سەئىدخان 50 دەك ئادىمى بىلەن جەڭگاھتىن قىچىپ ، كۆرمىگەن كۈننى كۆرۈپ ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاران كابولغا يېتىپ باردى ، ئىمپېراتۇر  بابۇر ئۇنى ئىززەت -ئىكرام بىلەن كۈتىۋالدى ، ئۇ بۇ يەردە ئىككى يىل تۇردى .
   1511-يىلى ، شايبانىخان ئىران ئىسمائىلخان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ئۆلدى . دوغلات قەبىلىسىدىن ئەمىر سەئىد مۇھەممەد قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ -فەرغانە رايۇنىنى بىسىۋېلىپ ، ئۆزبېلەرنى قوغلاپ چىقاردى ۋە ئىمپېراتور بابۇر دىن ياردەم سورىدى . ئىمپېراتور بابۇر سەئىدخاننىڭ باشچىلىقىدا ، ئۆزىنى ھىمايە قىلىدىغان مۇڭغۇل ئەمىرلىرىنى ياردەمگە ئەۋەتتى . سەئىدخان ئۆزبېكلەرنىڭ ۋە قەشقەردىكى ئابابەكرىنىڭ ھۇجۇمىنى چىكىندۈردى .1514 -يىلى ئەتىيازدا ئۆزبېكلەر كەڭكۆلەمدە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى .سەئىدخان فەرغانىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچىراپ تۇرۋاتقانلىقىنى ،يىرىنىڭ تارلىقىنى ،بۇ يەردىن چىقىدىغان ئازغىنە ئاشلىق بىلەن بۇنچىۋالا چوڭ قىسىمنى تەمىنلەپ كىتىشنىڭ قىيىن بولغانلىقتىن ئوتتۇرا ئاسىيانى تىزگىنلەپ تۇرغۇدەك بىر ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولۇۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئىستېراگىيىلىك يۆتكۈلۇشنى يولغا قويۇپ ، بۇ رايۇندىن ئۆزلىكىدىن چىكىنىشنى ۋە مۇڭغۇل ئۇلۇسىنى باشلاپ تەڭرىتېغىدىن ئۆتۈپ ، قەشقەر رايۇنىغا كىرىشنى قارار-قىلدى. 

     1514 -يىلى يازدا ، سەئىدخاننىڭ لەشكەرلىرى ئاتۇشقا يىتىپ باردى . ئۇ بالا  - چاقىسى ۋە يۈك – تاقلىرىنى شۇ يەردە قالدۇرۇپ ، 4700  نەپەر جەڭچىنى باشلاپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى .
     سۇلتان سەئىدخان قەشقەرنىڭ شەھەرئەتىراپىدا ئاز -تولا غەلبە قازانغان بولسىمۇ لىكىن شەھەرنى ئالالمىدى ، شۇنۇڭ بىلەن ئۇدۇل بىرىپ ئابابەكرىنىڭ پايتەختى يەكەننى ئىلىش قارارىغا كەلدى .يول ئۈستىدە بىر قىسىم سىپاھ -بەگلەر قىچىشقائۇرۇنۇپ ، ئەسكەرلەرنى دىلغۇل قىلىپ قويدى . سەئىدخان ئاۋۋال يىڭسانى ئىلىپ ئەسكەرلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرمەكچى بولدى بەش كىچە – كۈندۈز قاتتىق ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن ، ئابابەكرىنىڭ يىڭسانى ساقلاپ ياتقان سەركەردىسى تەسلىم بولدى . يىڭسارنىڭ ئىلىنىشى بىلەن سەئىدخانغا غەيرەت كىردى . ئابابەكرىنىڭ قەشقەرنى ساقلاپ -ياتقان سەركەردىسى شەھەرنى تاشلاپ قىچىپ كەتتى . بۇ چاغدا يەكەننىڭ شەھەر سىرتىدا يىڭى قوبول قىلىنغان ئەسكەرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۋاتاتتى ، يىڭسارنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ۋە قەشقەرنى ساقلاۋاتقان سەركەردىنىڭ شەھەرنى تاشلاپ قىىچىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، شۇ ھامان شەھەرگە قايتتى ۋە ئوغلى جاھانگىرنى شەھەرنى ساقلاشقا قالدۇرۇپ قويۇپ ، ئۆزى ئىرىغ – ماللىرىنى يۇغۇش- تۇرۇپ قاشتى جاھانگىر يىقىن كىلىپ قالدى دىگەننى ئاڭلاپ ، ئىلىپ ماڭغىلى بولىدىغانلىكى نەرسىنى ئىلىپ مىڭىش ، ئىلىپ ماڭغىلى بولمايدىغان نەرسىنى كۆيدۈرۋىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.بۇنىڭ بىلەن گۈللەنگەن يەكەن بىر قىتىم بالايى – ئاپەتكە ئۇچۇردى . سەئىدخاننىڭ ئەسكەرلىرى ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچىرىمايلا يەكەنگە كىردى. ئۇنىڭدىن كىيىن سەئىدخان كوئىللۇن تىغىدا -ئابابەكرىنى قوغلاپ تۇتتى ۋە شۇيەردىلا  ئۆلتۈردى . 
   1514-يىلى 9 -ئاينىڭ 3 – كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسىدە خانلىق تەختىگە ئولتۇردى . يەكەننى پايتەخت قىلىپ بىكىتتى . ئۇ يارشىش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەنسۇر – خانغا  ئەلچى ئەۋەتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . مەنسۇرخان سەئىدخاننىڭ ئۆچ ئىلىشىدىن قورقۇپ تۇراتتى ، ئەلچىلەر ئىلىپ كەلگەن خەتنى كۆرۈپ خوش بولۇپ كەتتى . 1516 -يىلى ئاكا -ئۇكا ئىككەيلەن ئاقسۇ بىلەن كۇچانىڭ ئارلىقىدا كۆرۈشتى . سەئىدخان مەنسۇرخاننى بەك ئىززەتلىدى ھەمدە خۇتبىنى ئۇنىڭ نامىدا ئوقىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ نامىدا -پۇل قۇيدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئسلامىيەت قائىدىسىدە بۇ ئىككى ئىش ئەڭ يۇقىرى ئىگىلىك ھوقوقىنىڭ سىمۋولى ئىدى . بۇ قىتىمقى ئۇچىرىشىش شەكىل جەھەتتىن تارىمنىڭ بىرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي ، سەئىدخاننىڭ سىرىتقا قاراپ كىڭىيىشىگە ئىمكانىيەت بەرگۈدەك تىنىچ ئىجتىمائىي مۇھىت يارتىپ بەردى . 1517 -يىلى قىرغىزلار فەرغانىگە بىسىپ كىردى ، سەئىدخان ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لەشكەر تارتىپ ، بۇ رايۇننى قايتۇرىۋالدى . 1522 -يىلى ئۇ سىر دەرياسىنىڭ ئۈستۈنكى ئىقىنىدىكى جايلارغا لەشكەر تارتىپ بىرىپ ، بۇ رايۇننى بىسىپ ياتقان قىرغىزلار بىلەن قازاقلانى قوغلاپ چىقىرىپ ،چوڭ ئوغلى ئابدۇرىشىتنى بۇ يەرنى ساقلاشقا قالدۇردى . لىكىن كىيىن بۇ رايۇنغا قازاقلار يەنە بىسىپ كىردى . ئابدۇرىشىت تەڭ كىلەلمەي ، قەشقەرگە چىكىندى. سەئىدخان 1519 -يىلى ۋە 1530 –يىلى بەدەخشانغا ئىككى قىتىم ھۇجۇم قىلىپ ، بۇ رايۇننىڭ يىرمىنى يەكەن خانلىقىنىڭ زېمىنىغا قوشىۋالدى . سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ ئىتقاتچىسى بولغاچقا ، يات دىندىكىلەرنىڭ ئۈستىدىنمۇ غازات قوزغاپ تۇردى . كەشمىر لاداق ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرغان ئىدى سەئىدخان1533 -يىلى دالاققا قارشى غازات ئۇرشىنى قوزغىغاندا ، ئىگىز تاغنىڭ ھاۋاسى خىل كەلمەي ۋاپات بولدى . بەزى يازغۇچىلار سەئىدخاننى كەڭ قورساق ، رەھىمدىل ، مەرد ، چەۋەنداز ، قەھرىمان ، گەپتىمۇ -قەلەمدىمۇ بار ، موزىكانلىق بابىدا يىتىشكەن ، دەپ بەك چوڭ بىلىدۇ .  « تارىخى رەشىدى»دە سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ مۆمىنچىلىك قىلىۋەتكەن ئىدى .
- 1553يىلى ، ئابدۇرىشىتخان ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسىلىق قىلدى .  ئابدۇرىشىتخان دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت شەرقى_چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى ئىلياسخوجا  دۇچكەلگەن ۋەزىيەتكە ئوخشىشىپ كىتەتتى .يەنىئ ئۇنىڭ ئالدىدا دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمرىگە قورچاق بولۇپ قىلىش ، ھەتتا تەخىتنى تاتقۇزۇپ قۇيۇش خەۋپى مەۋجۇت ئىدى . لىكىن ئابدۇرىشىتخان دەھشەتلىك ئۇرۇشلادا چىنىققان جىگەرلىك ياش پادىشا بولغانلىقتىن ، ئۇ  تەخىتكە چىقىشى بىلەنلا  دوغىلات قەبىلىسىنىڭ ئەمرىنى كەسكىن باستۇردى .تارىختا دوغىلات قەبىلىسى ئەمرىنىڭ جەمەتىدە 12 خىل ئىنتىياز بولغانلىقى  تىلغا ئىلىنغان . ئۇنىڭدىن ئەدەپ -قائىد  جەھەتتىكى پەخرى ئىنتىيازلارنى  ھىساپقا ئالمىغاندا ،ماھىيەتلىك ئىمتىيازلادىن 9 خىل ئۆلۇمنى كەچۇرۇم قىلىش  ھوقوقى ، مىڭبىگىنى تەيىللەش ھوقوقى بارئىدى ؛ خاننىڭ بارلىق پەرمانلىرى خۇدايىداد ئىمزا قويغاندا .  ئاندىن كۇچكە ئىگە بولاتتى . دىمەك خانلىقنىڭ ھاكىمىيىتى . ئەملىيەتتە  دوغلات قەبىلىسى ئەمرىنىڭ قولىدا ئېدى .
    يۈنىسخان  دەۋرىدە دوغلات قەبىلىسى  ئىچىدە  جىدەل چىقىپ ،  ئابابەكرى قەشقەر رايونىنى كونتۇرول قىلىۋالدى ۋە ئۆزى بەگ بولىۋالدى . بۇجەمەتنىڭ  ئىچىكى قىسمىدىكى   كۆرەشتە  يىڭىلىپ چىگرىدىن قىچىپ چىقىپ كەتكەن سەئىدى مۇھەممەت (  ئابابەكرىنىڭ ئىنىسى ) – 1511 يىلى پەرغانە رايونىنى   ئىشخال قىلىپ ،    قىچىپ كەتكەن سەئىدخانىنىڭ قايتىدىن كىلىشىنى قارشى ئالدى ھەم ئۇنىڭ قەشقەرگە لەشكەرتارتىشىنى قوللىدى . سەئىدخان خانلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كىيىنمۇ  ھەربى – مەمۇرىي ھوقوق يەنىلا دوغلاتلارنىڭ  قولىدا ئىدى . ئابدۇرىشىتخان ھەش- پەش دىگىچە دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمرى سەئىد مۇھەممەتنى بالا-چاقىسى بىلەن قوشۇپ تۇتۇپ ئۆلتۇردى . ئۇچاغد دوغلات قەبىلىسىنىڭ  يەنە بىر ئەمرى  مۇھەممەت ھەيدەر  لەشكەر تارتىپ بىرىپ  كەشمىرنى ئىستېلا قىلىۋاتاتتى .
مۇھەممەت ھەيدەر ئابدۇرىشىتخاننىڭ دوغلات قەبىلىسىنىڭ  ئەمرىنى باستۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ ، يەكەنگە قايتىپ كىلەلمەي ، 20 نەچچە كىشىنى ھەمرا قىىلىپ ھىندىستانغا قاچتى كىين كەچمىرگە ھوكىمران بولدى . سەئىدمۇھەممەتنى ھىمايە قىىلىدىغان بىرنەچچە ئەمىر   سەئىدخاننىڭ  كىچىك ئوغلىنى خوتەنگە ئەپقىچىپ ،  ئوچقتىن – ئوچۇق .ئاسىلىق قىلدى . شۇنىڭ بىلەن دوغلات قەبىلىسى ئەمىرلىرىنىڭ جەمەتى ئابدۇرىشىتخان  تەرپىدىن ئاساسەن يوقتىلدى . سەئىدى ئابدۇ ۋاپات بولغاندىن  كىين ، مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلدى ؛  ئابدۇرىشىتخانمۇ لەشكەر باشلاپ  ئۇنىڭغا  قارشى جەڭگە ئاتلاندى .  مەنسۇرخان ھىچنىمە قىلالماي  قاچتى،  مەنسۇرخان كىيىن يەنە بىرقىتىم  ھۇجۇم قوزغىدى .  ئابۇرىشىتخان يەنە ئەسكەر باشلاپ چىقىپ جاجىسىنى بەردى ۋە نۇرغۇب ئادىمىنى ئەسىر قىلىپ غەلبە بىلەن قايتىپ كەلدى .
    ئابدۇرىشىتخان يەنە ئۆزبېك خانى شايبانىخان بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ، ئەسكەر چىقىرىپ قازاقلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، سىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنلاردىكى رايۇنلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىىقىنى قايتا تىكلىدى . -  1559 1560 -يىللىرى ( ھىجىرىيە 967 -يىلى ) ، سۇلتان ئابدۇرىشىتخان ئۆزىگە تەۋە جايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چىقىپ ، خوتەندە ۋاپات بولدى . ئابدۇرىشىتخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئىككىنجى ئوغلى ئابدۇكەرىم تەختكە ۋارىسلىق قىلدى . يەتتىنجى ئوغلى قۇرەيىش( خوتەننىڭ نائىبى ) ئاسىلىق قىلىپ ، تۇرپان رايۇىنغا بىسىپ كىردى . ئابدۇكىرىم ئىنىسى مۇھەممەد ( ئاقسۇنىڭ نائىبى ) ، سوپى ( قەشقەرنىڭ نائىبى ) ، ئەبۇسەئىد ( خوتەنگە يىڭىدىن نائىب بولغان ) لەرنى ئۇنى باستۇرۇشقا ئەۋەتتى . قۇرەيىش ئۇرۇشتا يىڭىلىپ ، ھىدىستانغا سۈرگۈن قىلىندى . شۇنىڭدىن باشلاپ تۇرپان رايۇنى بىلەن قۇمۇل رايۇنى يەكەن خانلىقىنىڭ زېمىنىغا قوشۇلدى . شەرقى چاغاتاي خانلىقى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كىيىن ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى شەرق ، غەرىپ دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن ۋەزىيەت ئاخىرى ئاياغلاشتى .
   يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن تارىخ شۇناس شاھ مۇھەممەد جۇرراسىنىڭ يىزىشىچە ، ئابدۇكېرىم ئادىل ھەم كامىل پادىشاھ ئىدى . ئۇ ھەپتىدە ئىككى كۈن پۇخرالارنى ئاشكارا قوبۇل قىلىپ ، ئەرىز شىكايەتلەرنى ئاڭلاپ ، شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم چىقىراتتى ؛  ئۇ خانلىقنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ھەمىشى ۋەزىر – سەركەردىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشەتتى . جازانىخورلارنى جازالايتتى . ئۇ نىڭ دەۋرىدە ئەل ئامان خەلق شاد -خۇرام ئىدى .  
   ئابدۇكېرىمخان 1591 – 1592 – يىللىرى ( ھىجىرىيە 1000 – يىلى ) ۋاپات بولدى . ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن تەختىگە ئىنىسى مۇھەممەت ۋارىسلىق قىلدى . بۇ دەۋىردە يەكەن ، قەشقەر ، خوتەن ،سېرىققول ( تاشقورغان ) ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، كۇچا ، چالىش ( قارا شەھەر ) ، تۇرپان ، قۇمۇللاردا خۇتبە مۇھەممەت خاننىڭ نامى بىلەن ئوقۇلاتتى ۋە  پۇل  قۇيۇلاتتى . مۇھەممەتخان پۇقرالارغا كەڭ قورساق ئىدى ، جازانىخورلارنى چەكلەيتتى . مۇھەممەتخان 18 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ، 1609 -1610 – يىللىرى (ھىجرىيە 1018 – يىلى ) ۋاپات بولدى . مۇھەممەتخان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئوغلى ئەھمەت ۋارىسلىق قىلدى . قىرغىزلار مۇھەممەتخاننىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلاپ ئەسكەر چىقىرىپ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلدى . ئەھمەتخان ئەسكەر يۆتكەپ قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىنى چىكىندۈردى . لىكىن شۇنىڭدىن باشلاپ قىرغىزلار يەكەن خانلىقى ئۈچۈن ئېغىر تەھتىد بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىمۇ مۇقىم بولماي قالدى . شېرىپدىن سۇلتان ( ئابدۇرىشىتخاننىڭ نەۋرىسى يۇنۇس سۇلتاننىڭ ئوغلى ) بەزى ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن قەشقەردە ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىدى . ئەھمەتخان ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇلارنى بېسىقتۇردى . تۇرپاننىڭ نائىبى ئابدۇرەھىم ( ئابدۇرىشىتخاننىڭ كەنجى ئوغلى) قاراشەھەرنىڭ شەرقىدىكى كەڭ رايۇنلارنى كونتۇرۇل قىلدى ھەم ئاقسۇغا لەشكەر تارتتى . ئەھمەتخان شەخسەن ئۆزى لەشكەر تارتىپ بىرىپ ، ئۇلارنىڭ كىڭىيىشىنى توستى . لېكىن شۇنىڭدىن كىيىن ئابدۇرىھىم ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىدى ، ئۇنىڭ ئەۋلادى خانلىقنىڭ شەرقىي قىسمىغا ھۆكۈمىرانلىق قىلىپ تۇردى . كىيىن ئاقسۇنىڭ نائىبى ، ئەھمەتخاننىڭ كۈيئوغلى ئىسكەندەرمۇ ئاسىلىق قىلدى،يەكەن خانلىقى بۇ ئىسيانلارنى نۇرغۇن كۈچ سەرىپ قىلىپ ئاران بېسىىقتۇردى .  
- 1618 – 1619  يىللىرى ( ھەجىرىيە 1028 -يىلى ) ئۇيۇن – تاماشىغا بىرىلىپ كەتكەن ئەھمەتخان ئوۋ ئوۋلاپ بارچۇققا بارغاندا ، توپىلاڭچى ئەمىرلەر  تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلدى . توپىلاڭچىلار قۇرەيىش ( ئابدۇرىشىتخاننىڭ ، نەۋرىسى يۇنۇس سۇلتاننىڭ ئوغلى ) نى خان قىلىپ تىكلىدى ۋە يەكەننى بىسىۋالدى . قەشقەرنىڭ ئەمىرلىرى ئەھمەتخاننىڭ ئىككىنجى ئابدۇلېتىپنى خان قىلىپ تىكلىدى ھەم يەكەنگە يۈرۈش قىلىپ ، قاتتىق جەڭ قىلىپ توپىلاڭچى قىسىملارنى يوقاتتى . فىئودال تەبرىقىچىلەرنىڭ بۇ بىر قاتار يىغىلىقلىرى ۋە خاننىق تەختتىنى تالىشىش يولىدىكى كۆرەشلىرىدە  ،ئۇرۇش قىلغۇچى ھەر ئىككى تەرەپ قىرغىز ، قازاق ، .ئويراتلارنىڭ ۋە خوجىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى .
   خوجىلار يەكەن خانلىقى دەۋرىدە تارقالغان ئىسلام تونىغا ئورنىۋالغان بىر قىسىم  بىدئەتچىلەر مەزھىبى بولۇپ ، بۇ مەزھەپ ئابدۇكېرىمخان دەۋرىدىلا يەكەن خانلىقى زېمىنىغا ئاياغ بىسىپ كىرگەن ئىدى . (قىسسە سۇلئەنبىيا ) نىڭ ئاپتۇرى ئېيتىشىچە ، ئابدۇكېرىمخان دەۋرىدە ، خوجا ئىسھاق ماۋارئۇننەھرىدىن يەكەن خانلىقىغا كىلىپ ، جاي – جايلاردا نۇرغۇن يىل مەزھەپ تارقاتقان بولسىمۇ ، ئابدۇكېرىمخان ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلمىغانلىقتىن ، ۋەزىيەت يارتالماي ، سەمەرقەندگە قايتىپ كەتكەن . لىكىن مۇھەممەتخان ئاقسۇ غا نائىب تۇرغاندا ، ئىسھاقنىڭ ئايغىغا سەجدە قىلىپ ، ئىخلاسمەن سوپىلاردىن بولۇپ قالغان . مۇھەممەت خانلىق تەختىگە ئولتۇرشى بىلەنلا ئىسھاق خوجىغا ؛ مەن بولسام ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ پەس قۇلى ، ئۆزلىرىنىڭ يولىغا بىشىمنى ئاتاپ قويدۇم ، دەپ ئەلچى ئەۋەتكەن . كىيىن ئىسھاق خوجىنىڭ ئوغلى مۇھەممەت يەھيا ( شاد خوجا دېگەن نام بىلەن مەشھۇر ) سەمەرقەند دىن يەكەن خانلىقىغا كەلگەن . مۇھەممەتخان يەكەن شەھىرىنىڭ سىرتىغا – ئىككى ئۆتەڭ يىراق يەرگە بىرىپ كۈتىۋالغان ، ئۇنىڭ ئىتىنى يىتىلەپ ئوردىغا باشلاپ كىرىپ ، چەكسىز ئىززەت – ئىكرام بىلدۈرگەن . خوجا ئىسھاقنىڭ تەسىر كۈچى شۇنۇڭدىن باشلاپ يەكەن خانلىقىنىڭ ئوردىسىغا سىڭىپ كىرىپ  ،ھۆكىمەتنىڭ قوللىشى بىلەن جاي – جايلاردا تەرەققى قىلىدۇ . خوجا ئىسھاق تەرەپ قارا تاغلىقلار دەپ ئاتالدى . كىيىن خوجا ئىسھاقنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوغلى مۇھەممەت يۈسۈپمۇ ماۋارئۇننەھرىدىن يەكەن خانلىقىغا كىلىپ ، قەشقەردە پائالىيەت ئىلىپ بارىدۇ ،  بۇ تەرەپ ئاق تاغلىقلار دەپ ئاتالدى . بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ ھەر ئىككىسى يۇقىرى بەگ – بىگاتلارغىچە يامىشىپ ، تۆۋىنى ئاددى پۇقرالار ئارسىغا تارقىلىپ ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرپىگە سىڭىپ كىرىدۇ . ئۇلار ھەددى ھىساپسىز مال – مۈلۈك جۈملىدىن ۋەخپە يەر ، دۇككان ، كارخانا ، تۈگمەنلەرگە ئىگە بولۇپلا  قالماستىن ، سۇپىزىمغا خاس ئۇسۇل بىلەن كەڭ تۈردە مۇرىت توپلاپ ، ئاتالمىش { ئېتقات} ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان قۇراللىق كۈچ تەشكىل قىلدى . شۇنداق قىلىپ ، ھاكىمىيەتنىڭ قوللۇغىچىسى بولغان خوجىلار بىر مەھەل ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئىلىۋالىدۇ . ئىككى تەرەپ خوجىلىرىنىڭ كۈچىنىڭ ئۇلغۇيىشىغا ئەگىشىپ ، مەزھەپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆرەش كۈنسىرى كەسكىنلەشتى ، قارا تاغلىقلار بىلەن ئاق تاغلىقلار بىر – بىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان سىياسى رەقىپكە ئايلاندى . ئۇلارنىڭ ئالقىنىدىكى يەكەن خانلىقىدا يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆز ئارا كۆرىشى بارغانسىرى ئۇلغىيىپ ، يىغا تۈگىمەي ، خەلققە زور بالايىئاپەت كەلتۈردى. خانلىقنىڭ كۈچىنى بەك خورتىۋەتتى . ھەتتا يەكەن خانلىقى ئۇلارنىڭ قولىدا بەربات بولغاندىن كىيىنمۇ ئۇلارنىڭ جىدىلىي يوختىمىدى .
ئابدۇلېتىپخان دەۋرىدە قىرغىزلار يەكەن خانلىقىغا بېسىپ كىرگەنىدى . ئابدۇلېتىپخان ئەمىلىيەتتە سورىغان جاي شەرقىي تەرپى كۇچادىن  غەرىبى تەرىپى بەدەخشانغىچە ئىدى . ئۇ 12 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ1630 -1631 -يىللىرى ( ھىجىرىيى 1040 -يىلى ) ۋاپات بولدى . بۇ خان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، ۋەزىرلەر بىلەن ئەمىرلەر ئادەم ئەۋەتىپ ئاقسۇدىن سۇلتان ئەھمەد ( ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى ، تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى ) نى چاقىرىپ كىلىپ ، خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى . لىكىن ئۇشۇن ئۆتمەي ، سۇلتان ئەخمەدخاننى تەختگەچىقارغان بۇ ئەمىرلەر ئوتتۇرىسىدا ھوقۇق تەڭ تەخسىم قىلىنمىغانلىقتىن جىدەل چىقتى . سۇلتان ئەخمەدخاننىڭ ئىنىسى سۇلتان مەھمۇد يەكەنگە كىلىپ ، خانلىق تەختىنى تارتىۋىلىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتتى . مەھمۇد مەزھەپ كۈچىدىن مەدەت ئىلىش ئۈچۈن خوجا لېتىپنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتتى . سۇلتان ئەھمەدخان ئۇنىڭ غەرىزىنى بىلىپ قىلىپ ، خوجالېتىپنىڭ قىزىنى نىكاھىغا ئېلىۋالىدۇ . سۇلتان مەھمۇد يەكەندىن قىچىپ بىرىپ ، ئاقسۇدا ئەمىرلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ، يەكەنگە ھەر يىلى ھۇجۇم قىلىپ تۇردى . سۇلتان ئەخمەدخان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە مەسلەھەتلىشىش ئۈچۈن يىغىن ئاچقاندا ، خوجا لېتىپ شەھەر مۇداپىيىسىنى پۇختىلاشنى تەشەببۇس قىلدى . لىكىن بەزى ئەمىرلەر ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇش بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى . مۇنازىرە نەتىجىسىدە كىيىنكى خىل پىكىردىكىلەر ئۈستۈن كىلىپ ، سۇلتان ئەخمەدخان لەشكەرتارتىپ ئۇرۇشقا ئاتلاندى . ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇنى روبىرو كەلگەندە ، خاننىڭ ئوڭ ۋە سۇل تەرپىدىكى سەپ بۇزۇلۇپ ، جەڭچىلەر ئارقىغا قاراپ قاشتى ، خانمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ قىچىپ ئاقسۇغا باردى . سۇلتان مەھمۇد غالىپلارچە يەكەنگە كىرىپ ، خانلىق تەختىدە ئولتۇردى ، خوجا لېتىپنى ۋە ئىلگىرى ئۆزىگە قارشى تۇرغان ئەمىرلەرنى بەلخ ( ھازىقى ئابغانىستاننىڭ غەربى شىمالىدا ) كە سۇرگۈن قىلدى . يۇقىرقىلار 1632 – 1633 – يىللىرى (ھىجىرىيە 1042 -يىلى ) يۈز بەرگەن ۋەقەلەردۇر .
خانلىقنىڭ غەربى قىسمىدا ئۈزۈلمەي يىغىلىقلار بولىۋاتقان چاغلاردا خانلىقنىڭ شەرقى قىسمى ئابدۇرىھىمخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر قەدەر تىنىچ ئىدى ، ئابدۇرىھىمخان بۇ يەرنى 40  يىل سوراپ ، 1635 –يىلى ۋاپات بولدى ئۇ ھايات ۋاقتىدا چوڭ ئوغلى ئابدۇلاغا قارا شەھەرنى بەخشەندە قىلغانئىدى . سۇلتان ئەھمەدخان يەكەندىن ئاقسۇغا قىچىپ كەتگەندىن كىيىن ، ئابدۇللا ئەمىرلەرنىڭ تەلىپى بىلەن ئاقسۇغالەشكەر تارتتى . شەھەر مۇھاسىردە قالغاندىن كىيىن ، ئاقسۇدىكى سوپىزىم  كاتاۋاشلاردىن قازى شاھ ، خوجا مۇھەممەد ، ناسىر ۋە بەزى ئەمىرلەر ئابدۇللا  تەرەپكە ئۆتتى . سۇلتان ئەھمەدخان يەكەنگە قىچىپ كەتتى . سۇلتان مەھمۇدخان ئۇنى سۈرگۈن قىلىشقا يارلىق چۈشۈگەندە ، شادىخوجا بىلەن خان سانىيە ئۇنى تىلىۋالغانلىقتىن ، كەچۈرۈم قىلىندى . سۇلتان مەھمۇدخان ئۇنىڭغا سىلىق مۇئامىلە قىلدى ئۈچ ئايدىن كىيىن ، سۇلتان مەھمۇدخان شادى خوجا تەرپىدىن قەسلەپ ئۆلتۈرۈلدى ، سۇلتان ئەھمەد يەنە بىر قىتىم تەختگە چىقىرىلدى . ئۇزۇن ئۆتمەي ئابدۇللا ئاقسۇدىن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى ، سۇلتان
ئەھمەدخان يەڭدى ، لىكىن ئابدۇللا شادى خوجىنىڭ ھىمايىسىدە تىنىچ – ئامان ئاقسۇغا قايتىپ كىلىۋالدى . مۇشۇنداق سىياسى ۋەزىيەتتە ، يەكەن ۋە خوتەندىكى بەزى ئەمىرلەر ئارقا -ئارقىدىن ئاقسۇغا باردى . بۇنىڭ بىلەن ئابدۇللا تىخىمۇ قۇدىرەت تىپىپ ، 1638 -1639 – يىلىرى ( ھىجىرىيە 1048 -يىلى ) قەشقەرگە يەنە بىر قىتىم ھۇجۇم قىلدى . يەكەننىڭ مەزھەپ باشلىقلىرى بىلەن كۆپ قىسىم ئەمىرلەرئابدۇللا تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى . سۇلتان ئەخمەدخان ئامەتنىڭ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ، خانلىق تەختىنى تاشلاپ ، بەلخكە قىچىپ كەتتى . ئابدۇللا يەكەنگە باردى ، شادى خوجا ، خوجا ناسىر ئاخۇنۇم ، موللا سالى ئاخۇنۇم ، ۋە ۋەزىر ئەمىرلەر ئۇنى قارشى ئىلىپ ، خانلىق تەختىگە ئولتۇرغۇشدى . شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ، يەكەننىڭ خانلىق تەختى ئابدۇرىشىتخاننىڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇللانىڭ قولىغا ئۆتتى ،
خانلىقنىڭ شەرقى قىسمى بىلەن غەربى قىسمى يەنە بىرلىككە كەلدى . لېكىن خانلىقنىڭ ئەمىلى ھوقۇقىمۇ شۇنىڭدىن ئىتىبارەن پۈتۈنلەي خوجىلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالدى . ئابدۇللاخان دەۋرىدە ، ئويراتلارنىڭ كۈچى تىخىمۇ ئۇلغايدى ، ئۇلار يەكەن خانلىقىغا بىر نەچچە قىتىم بىسىپ كىردى ، ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدى خوتەنگىچە يىتىپ باردى . ئويراتلارنىڭ قۇتۇرتىشى بىلەن كۇچامۇ ئاشكارا يۈز ئۆرىدى . بۇ قىتىمقى توپىلاڭنى ئابدۇللا ئۆزى لەشكەر تارتىپ بىرىپ باستۇردى . ئارقىدىن يەنە بولور بەدەخشانغا ئەسكەر ئەۋەتتى . ئۈچ ئاي جازا يۈرىشى قىلىش ئارقىسىدا بۇ ئىككى رايۇننى بويسۇندۇرۇپ ، بۇ يەرلەرنى خانلىقنىڭ ھۇدۇدلىقىغا قايتىدىن كىرگۈزدى . ئابدۇللاخان خانلىقنىڭ غەربى شىمالىدىكى زېمىنىنى قايتۇرۋىلىشنى نىيەت قىلىپ جايلاردىن ئەسكەر يۆتكەپ قەشقەر ئارقىلىق فەرغانە رايۇنىغا كىردى ، ئوش خەلقى شەھەردىن چىقىپ قارشى ئالدى . بۇ چاغدا قىرغىزلارنىڭ ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپانغا قوغلاپ بارغان ئەسكەرلىرىمۇ فەرغانىگە يىتىپ باردى . ئىككى تەرەپ بەش كىچە -كۈندۈز قاتتىق سوقۇشۇپ ، ئاخىرى قىرغىزلار يەڭدى ، يەكەن خانلىقىنىڭ ئەسكەرلىرى قەشقەرگە چىكىندى . بىر يىل دىن كىيىن ئابدۇللاخان ئەسكەر توپلاپ قىرغىزلارغا ھۇجۇم قىلىپ يەنە قاتتىق مەغلۇپ بولدى. بۇ قىتىمقى ئۇرۇشقا شادى خوجىمۇ قاتناشقان ئىدى . ئۇ يەكەنگە قايتىپ بىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلدى . ئابدۇللاخان مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي ، يارلىق چۈشۈرۈپ 40 مىڭ ئەسكەر توپلات-
قۇزدى . بۇ خانلىقنىڭ تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ زور قوشۇن ئىدى ، قوشۇنغا خاننىڭ چوڭ ئوغلى يولۋاس ۋە بەزى ئاتاقلىق سەركەردىلەرمۇ قاتناشتى . ئابدۇللاخان لەشكەر تارتىپ بىرىپ ئەنجان شەھىرىنى ئالدى ، كىيىن يەكەنگە قايتىپ كەتتى . ئۇنىڭ كىتىشىگىلا ئەنجانلىقلار قوزغىلاڭ كۆتۈردى . ئابدۇللاخان يەنە يىڭى باشتىن ئۇرۇشقا ئاتلاندى ، بۇ ئۇرۇشقا قىرغىزلارمۇ قاتناشتى . ئەنجانلىقلار شەھەرنى قاتتقساقلىدى ، ئابدۇللاخان شەھەرنى ئالالماي ، ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كەتتى .
ئابدۇللاخان ئىلگىركى خانلار ۋاختىدا ئىشلىگەن ئەمىرلەرگە ئشەنگۈسى كەلمەي ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزيىقىنلىرىنى ئىشلەتمەكچى بولدى . ئەمىرلەر بۇنىڭدىن بىئارام بولۇشتى ، بەزى ئەمىرلەر يولۋاسنى خان قىلىپ تىكلىدى . ئابدۇللاخان تۇيۇقسىز يېتىپ كەلدى ، يولۋاس قورقۇپ كىتىپ ، ۋەقەنىڭ ئۆتمۈشىنى دادىسىغا دەپ بەردى . شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاخان ئاسىيلىق قىلغان ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ھىندىستانغا سۈرگۈن قىلدى . قىرغىزلارنىڭ لەشكەر باشلىقلىرىمۇ دەككە -دۈككىگە چۈشۈپ ، ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ يەكەنگە كەتتى . ئابدۇللاخان ئۇلارنى قوغلاش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈردى ، بۇنىڭ بىلەن بىر قەپەس يىغا  بولدى ، قىرغىزلاردىن 10 مىڭغا يىقىن ئادەم ئۆلدى . ئابدۇللاخان ئويراتلارغا ئىككى قىتىم ئۇرۇش قىلىپ ، ھەر ئىككى قىتىمدا مەغلۇپ بولدى . ئويراتلارمۇ خوتەن رايۇنىغا ھۇجۇم  قىلدى  ، ئابدۇللاخان بىلەن يولۋاس يەكەن ۋە قەشقەرنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ بىرىپ  ئۇلارنى  قوغلاپ  چىقاردى . يولۋاس  ئاتىسىدىن تىخىمۇ چوڭ ،  تىخىمۇ كۆپ ھوقوق تەلەپ قىلدى ،  ئاتا – بالا  يىرىكلەشتى ،ئەمەلىيەتتە ، بۇ ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ قارا تاغلىق خوجىلاردىن تېخىمۇ كۆپ ھوقوق بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىدى . ئاق تاغلىق خوجىلار يەكەن ھۆكۈمرانلار گوروھىغا سىڭىپ كىرىشكە جىنىنىڭ بارىچە
ئۇرۇندى . بۇنىڭدىن ئابدۇللاخان گۇمانلىنىپ ، ئۇلارنى قاتتىق قىردى ، نۇرغۇن ئەمىرلەر ئەمىرلەر يولۋاس تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى . ھەممە كىشى بىزار بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، 1667 – يىلى ئابدۇللاخان خانلىق تەختىدىن نائىلاج ۋاز كېچىپ ، ھەرەمگە ھەج قىلغىلى كەتتى . ئابدۇللاخاننىڭ كىتىشى بىلەنلا ، قارا تاغلىق خوجىلاردىن مۇھەممەت ئابدۇللا ( شادى خوجىنىڭ ئوغلى ) كۆپ قىسىم ئەمىرلەرنى ۋە مۇرلارنى باشلاپ يەكەندىن ئاقسۇغا بىرىپ ، ئاقسۇنىڭ ئەمرى بىلەن بەرەشتى ، كىيىن بۇ سەپكە خوتەننىڭ ئەمىرىمۇ قاتناشتى . ئىشنى پۇختىلاش ئۈچۈن ، ئۇلار ئويراتلارنىڭ ھۆكۈمدارى ئالتۇن تەيجى گەئادەم ئەۋەتىپ ، ئىسمايىل ( ئابدۇلېتىپنىڭ ئوغلى ئابدۇللانىڭ ئىنىسى ) نى سوراپ ئەكەلىپ ، خان دەپ جاكارلىدى ۋە يەكەنگە يۈرۈش قىلىشنى قارار قىلدى ، ئالتۇن تەيجىمۇ ئەسكەر ئەۋەتىپ ياردەم
قىلدى . قەشقەردىكى يولۋاسمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دەرھال يەكەنگە قوشۇن تارتىپ ماڭدى . ئىككى تەرەپ يەكەنگە يىقىن بىر يەردە ئۇچىرشىپ ،  قاتتىق  سوقۇشتى . يولۋاس  مەغلۇپ  بولۇپشەھەرگە چىكىندى ، ئسمايىل شەھەرنى ئالالماي ، ئاقسۇغا قايتىپ كەتتى.  - 1668يىلى ( ھىجىرىيە 1078 – يىلى ) ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەر يولۋاسنى خان قىلىپ تىكلىدى . ئۇلار قارا تاغلىقلارغا ئەگىشىپ ئاقسۇغا بارغان مۇرتلار بىلەن ئەمىرلەرنىڭ بالا – چاقىلىرىنى پاجئەلىك تۈردە قىردى ھەم ئەسكەر ئەۋەتىپ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلدى . ئىككى تەرەپ خوجىلارنىڭ چاڭگىلىدىكى يەكەن خانلىقىنىڭ تەختىنى تالىشىش كۆرشىگە جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلار گوروھىدىكى قارمۇ – قارشى ئىككى تەرەپمۇ ئاكتىپ قاتناشتى . ئالتۇن تەيجى ئىسمايىلخاننى داۋاملىق قوللىدى ، زەڭگى تەيجى يولۋاسنى قوللىدى . بۇ يىغىدا يولۋاسخان يەڭگەن بولسىمۇ ، لېكىن قەشقەر زەڭگى تەيجىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى . يولۋاسخان ھۆكىمىرانلىق ھوقۇقى ۋە خانلىق ھوقۇقىنىڭ سىمۋۇلى ( تۇغ – سۇتۇق ، تامغا دەستەكنى ) زەڭگى تەيجىگە تاپشۇرۇپ بىرىپ ، ئۆزى يەكەنگە قايتىپ كىتىشكە مەجبۇر بولدى .زەڭگى تەيجى يولۋاسخاننىڭ كىچىك ئوغلىنى خانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقاردى ھەم قورچاققا ھامىي تەيىنلىدى .
يولۋاس يەكەنگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن ، زەڭگى تەيجىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سەركەردىسى ئەرك بەگمۇ ئۇ يەرگە يىتىپ باردى . ئۇ ئۇزۇنغا قالمايلا خەلقنىڭ نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ ، ئەمىرلەرنى قۇتىرتىپ ئسيان كۆتۈرگۈزدى ، ئسيانچىلار ئوردىغا بېسىپ كىرىپ ، يولۋاسخاننى ئۆلتۈردى ، خاننىڭ يەنە بىر گۈدەك ئوغلى ئابدۇلېتىپنى خان دەپ جاكارلىدى . ئۇزۇن ئۆتمەيئ ئابدۇلېتىپ ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ، توپىلاڭ كۆتۈرگەن ئەمىرلەرنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىدى . ئەرك بەگ قەشقەرگە قىچىپ كەتتى . ئۇ يول ئۈستىدە ئاقسۇدىكى ئىسمايىلغا ئادەم ئاقىلىق خەت ئەۋەتىپ ، ئۇنى يەكەنگە لەشكەر تارتىشقادەۋەت قىلدى . ئىسمايىل لەشكەر چىقىرىشقا قارار قىلدى . يەھيا خوجا مۇرتلىرى بىلەن ئۇرۇشقا قاتناشقاندىن ، باشقا ئالتۇن تەيجىمۇ چوڭ ئوغلى چۇجىچىننى قوشۇن باشلاپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئەۋەتتى   ،ئىسمايىلنىڭ ئەسكەرلىرى يول بويى نۇرغۇن قىتىم جەڭ قىلىپ ، يەكەن شەھىرىگە قىستاپ كەلگەندە ، ئابدۇلېتىپخان قەشقەرگە قىچىپ كەتتى . 1670 – يىلى 4 -ئاينىڭ 2 – كۈنى ئسمايىلخان قارا تاغلىقلارنىڭخوجا مۇھەممەت ئابدۇل بىلەن يەكەن شەھىرىگە كىردى . ئىسمايىلخان ئەنئەنە بويىچە تەختكە چىقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزىنى خانلىقنىڭ شاھى دەپ جاكارلىدى . ئۇ يەنە يەھيا خوجا بىلەن غىياسىدىن بەگنى قەشقەرگە ئەۋەتىپ ، يولۋاسنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈدى . ئاق تاغلىقلارنى بېسىقتۇردى .
ئاق تاغلىقلارنىڭ سەردارى ئاپپاق خوجا قەشقەردىن قىچىپ كەتكەن دىن كىيىن ، ئوغۇرلۇقچە كەشمىرگە بىرىپ ، ئۇ يەردىن تىبەتكە ئۆتۈپ كەتتى . ئۇ دالاي لاما 5 بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ  بۇددىستلار گېگەنىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى . دالاي لاما 5 ئۇنى خەت بىلەن جۇڭغارلارنىڭ قۇنتەيجىسى غالدانغا ئەۋەتتى . 1678 -يىلى غالدان 12 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر چىقاردى . بۇ ئەسكەرلەر مۇزرات ئارقىلىق تەڭرى تاغدىن ئۆتۈپ ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، قەشقەرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ يەكەنگە يېتىپ باردى . ئاق تاغلىق خوجلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىشى ئارقىسىدا ، قاتتىق جەڭلەر نەتىجىسىدە ، يەكەننى مۇداپىيە قىلىپ تۇرغان سەركەردە ئىۋەز بەگ جەڭدە ئۆلدى ، شەھەر يىمىرىلدى ئسمايىلخان بالا – چاقىسى بىلەن ئەسىرگە چۈشۈپ ، ئىلىغا ئەۋەتىلدى . شۇنىڭ بىلەن نەچچە يۇزيىل ھۆكۈم سۇرگەن يەكەن سەئىديە سەلتەنىتى مۇنقەر بولدى ، ۋە يەنە شۇنۇڭدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تارىخى باشلاندى .تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايۇنلار جۇڭغارلارنىڭ زېمىنىغا ئايلاندى
 مەنبە: ئەجداد مۇنبىرى

يازما ئاپتورى:

ھالقىلىق سۆز:
بىلنۇر ستۇدېنتلار كۇلۇبى نىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟قىنى ئۇنداقتا RSS Feed ئۇنىڭ يازمىلىرىغا مۇشتەرى بولۇڭ!

ئەمدى 1 ئىنكاس چۈشۈپتۇ

  1. لوپنۇرى مۇنداق دىدى:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەمىنە لوپنۇرىدىن سىزگە ئايەملىك سالام! تېنىڭىز سالامەت، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن!لوپنۇرى بلوگىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!

مەنمۇ ئىنكاس يازىمەن

*ئىسمىڭىز

*ئىلخەت ئاشكارلانمايدۇ

تور ئادرىسىڭىز


مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
ئۈستىگە قايتىش
база данных номеров московского мегафона мобильный поиск абонента телефонная база велком онлайн поиск найти телефонная база билайна москвы база данных петербурга телефонов на сайте муром поиск оператора мобильной связи по номеру телефона справочник телефонов в северодвинске здесь казань справочник сотовых телефонов сша справочник телефонов база данных поиск людей в ташкенте по номеру телефона программа определяющая по номеру телефона местоположение найти телефон по адресу петербург телефонная база москвы частные лиц найти месторасположение телефона по номеру телефона база данных телефонная справочник домашних телефонов ташкента справочник домашних телефонов уральска поиск телефонного абонента телефон по адресу реутов ссылка справочник телефонов г кузнецк справочник домашних телефонов в ташкенте тут таганрог база данных мегафона северо-запад вологда как удалить смс перехватчик здесь дайте программу перехвата смс воронеж билайн база данных справочник телефонов в г ташкенте ссылка на сайте справочник номера домашних телефонов справочник адрес по номеру телефона в перми база телефонная 2012 мтс GTA 5 на сайте sitemap